ھەي ئۆزبىك ئەپەندىمدەك ئادەممۇ بۇلىدىكەن دىسە؟
مىللەتنىڭ دوببىسىنى كەيسە،شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىپ قويسا مۇسۇلمان بۇلىدىكەندە،توۋا سىزدىكى ئىمان قارشىنى،تېخى ساھابىلەردىن سوزلەيسىزغۇ؟ ئۇلاردىن نەچچىسى شۇشاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتقاندىن كىيىنلا، تەلەپ قىلىدىغان شەرتلىرىنى ئادا قىلالماسلىقتن ئەنسىرەپ ،ئىسلامغا كىرىشتە ئۇزاق-ئۇزاق ئويلۇنۇپ ،رەسۇل ئەكرەم(س،ئە،ۋ) ئىجازەت سورىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدىڭىزمۇ؟ ئۇلار مۇبارەك كەلىمىنى ئېيتىش بىلەن «تىرىك قۇر ئان» ئاتالغان ئەمەسمۇ؟....
ئەمدى سىز بىلەن بىزچۇ؟ شۇ شاھادەت كەلىمىسىنىڭ مەنىسى نىمە؟ ئېيتقاندىن كىيىنلا نىمىنى تەقەززا قىلىدۇ؟ دىگەنلەرنى ئويلىمايلام ،ئالدىراقسانلىق بىلەن ئېيتىپ ،شۇمۇبارەك كەلىمە بىر تەرەپتە قېلىپ،بىز يەنە بىر تەرەپتە داۋايىمىز مۇسۇلمان ،شەكلىمىز مۇسۇلمان........................بۇلۇپ قېلىۋاتمايمىز مۇ؟.......
شۇنى ئۇنتۇپ قالماڭكى «قەلەم قۇرۇپ بولدى،سەھىپە توشۇپ بولدى.».«دىنغا كىرىشتە مەجبۇرلۇق يوق،كىرگەندىن كىيىن ئىختىيارلىق يوق.» شۇڭا مەيلى مللەتداشلىرىمىز ۋەياكى دىنداشلىرىمىز خاتالىق سادىر قىلسۇن ،سىز ئېيتقاندەك سىزبىزلەرنىڭ ئەلبەتتە مەسئۇلىيتىمىز بار.لىكىن مەسئۇلىيتىمىز بار دەپ ناچار ئىشلارنى ئۇچىراتساق،سىزدەك قوللاپ ئالقىشلاپ چاۋاك چېلىش كىرەكمۇ؟ سىز سۈكىتتە تۇرۇشنىڭ ئاجىز ئىمان ،زەرىچە ئىمان ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىز؟ بىزگە «كىمكى ئەسكى ئىشتىن بىرنى كۆرسە قولى بىلەن تۈزەتسۇن ،ئۇنىڭغا قادىر بۇلالمىسا تىلى بىلەن تۈزەتسۇن ،ئۇنىڭغىمۇ قادىر بۇلالمىسا قەلبىدە بولسىمۇ نارازى بولسۇن. قەلىپتە نارازى بۇلغانلىق ئاجىز ئىمان » دىگەن ،بۇئۇممەت ئالاھىدىلىكى بولغان مۇنكەر نى توسۇش پىروگىراممىسى يىتىپ كەلمىدىمۇ؟ سىز غەيۋەت دەپ چۈشەنگەن غەيۋەت بولسا ،ئالتە تۇرلۇك ئەھۋالدا غەيۋەت بولمايدۇ.
شۇڭا بۇرادىرىم ناماز ئوقۇيدىغان مۇسۇلمان كەنسىز،بەك كۈچەپ قايناپ كەتمەڭ،سەۋىر قىلىڭ،بۇراددەرلىرىڭىز نىڭ ئازراق كايىشلىرىغا ،چىچچاڭشىپ كەتمەڭ.ئىسلامنىڭ ،مۇسۇلمان بولسىلام ئېرقى،جىنسى ،مىللەت ،دولەت چەكلىمىسى يوق ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز.قىسقىسى ئىمان دىگەن نىمە؟ دىگەنگە ساغلام ئەقىدىدىن بىر جاۋاپ ئىزلەپ قويۇڭ.يۇقارقى سوزلىرىمنى بۇرادەرلىك ھەققىدە يەڭگىللىك قىلماي ،ئوبدانراق ئولاپ بېقىڭ؟
ھەراست ماڭا ئىنكاس يېزىپمۇ ئولتۇرماڭ.گەپدانلىق ئاقمايدۇ.بۇندىن كىيىن پەيغەمبەر كەلمەيدۇ،تالاش -تارتىش، ئىختىلاپ بولسا،ئايەت-ھەدىسكە قايتۇرايلى.
