باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 4739 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: تۈركىيىدىكى تۇرپاندىن تېپىلغان ھۆججەت
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 108
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 134
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە134دانە
ئۆسۈش: 1330 %
مۇنبەر پۇلى: 1935 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-02
ئاخىرقى: 2011-11-29
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-20 12:07

تۈركىيىدىكى تۇرپاندىن تېپىلغان ھۆججەت

تۈركىيىدىكى تۇرپاندىن تېپىلغان ھۆججەت
                         [ئۇيغۇر تارىخى]
تۇرپاندىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە ھۆججەت تۈركىيە كۈتۈپخانىلىرىغا قانداق كېلىپ قالغان؟ 


ئوسمان فىكرى سەرتكايا 

تۈركىيىدىكى بىرقانچە كۈتۈپخانىدا ئىسلامىيەت دەۋرىدە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان ھۆججەتلەر ۋە بەزى ئۆرنەكلەر ساقلىنۋاتىدۇ. ئىسلامىيەت دەۋرىدە يېزىلغان بۇ ھۆججەتلەرنىڭ تىلى قەدىمكى ئۇيغۇرچە ئەمەس، بەلكى شەرق تۈركچىسى (ئۇيغۇر چاغاتايچە) ۋە شىمال تۈركچىسى (قىپچاقچە) ئالاھىدىلىككە ئىگە.

تۈركىيىدىكى كۈتۈپخانلاردا ئىسلامىيەت دەۋرىدە يېزىلغان ھۆججەتلەردىن باشقا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئالاھىدىلككە ئىگە تۇرپاندىن تېپىلغان ھۆججەتلەرمۇ بار. بۇ ھۆججەتلەرنى ئۈچ گۇرۇپپىغا ئايرىشقا بولىدۇ.

             1. «بۇددا ۋاجراچېدىكا-پراجناپارامىتا سۇترا» دىن ئوسمان ھەمدى بەيگە ھەدىيە قىلىنغان بىر ۋاراق (ئىستانبول، ئارخېئولوگىيە كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان نۇسخا).            
2. ئىستانبول ئۇنىۋېرسىتېتى كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان نۇسخىلار.
         
   3.ئەنقەرە ئېتنوگروپىيە موزېيىدا ساقلىنىۋاتقان نۇسخىلار.

         
   4.ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، گېرمانىيە ئالىملىرى 1903-1914-يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيادا تۆت قېتىم زور كۆلەملىك قېدىرىپ-تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە قېزىۋالغان ئاسار-ئەتىقىلەر بېرلىن، پارىژ، لوندون، سىتوھكولىم، ھىلىسىنكى، يېڭى دېھلى، سانكىت پېتربورگ، بېيجىڭ ۋە سېئول، كيوتودىكى كۈتۈپخانىلارغا توشوپ كېتىلگەن.بۇ قېدىرىپ تەكشۈرۈشتە تېپىلغان يادىكارلىقلاردىن ئاران %25 نەشىر قىلىنغان.

         
   گىرمانىيە ئالىملىرىنىڭ تۆت قېتىملىق قېدىرىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا باشقىلارغا يازغان خەتلىرى 16 توپلام ھالىتىدە بېرلىندا ساقلىنۋاتىدۇ. 1_15 گىچە بولغان توپلاملارغا 1899-يىلىدىن 1918-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا يازغان خەتلەر كىرگۈزۈلگەن.16-توپلام بولسا يېزىلغان ۋاقتى خاتىرلەنمىگەن بولۇپ، 1918-يىلىدىن كېيىن يېزىلغان خەتلەر كىرگۈزۈلگەن.

            5.توپلامدا فون.لېكوكنىڭ ئىمزاسى بار بىر پارچە خەت بىلەن بىر پارچە قەدىمكى ئۇيغۇرچە ھۆججەتنىڭ فوتو سۈرىتى بار بولۇپ، خەتتە: «تۇرپان ئويمانلىقى 59-نۇمۇرلۇق، ئىستانبولدىكى جانابى ھەمدى بەيگە ھەدىيە قىلىش ئۈچۈن قىزىل ۋە قارا سىياھتا يېزىلغان گۈزەل قەدىمكى ئۇيغۇر كىتابىنىڭ بىر بېتى، 1908-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى بىرلىن، ئالبېرت لېكوك».  


         
   بۇ خەتتە لېكوكنىڭ قولى بىلەن،ئەشۇ قەدىمكى ئۇيغۇرچە تېكىستنىڭ كۆچۈرۈپ يېزىلغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز.

            ئوسمان ھەمدى بەيگە ھەدىيە قىلىپ ئەۋەتلىگەن قەدىمكى ئۇيغۇرچە كىتابنىڭ بۇ بېتىنىڭ باشقا بىر نۇسخىسى «تۇرپان تېكىستلىرى» مەجمۇئەسىنىڭ تۇنجى كىتابىدا «ئالتۇن يارۇق»
تېمىسىدا جورجى ھازاي بىلەن پېتېر زېيمې تەييارلاپ نەشىر قىلدۇرغان ئەسەر (1971-يىلى،بېرلىن) نىڭ 39-بېتى 182- 195-قۇرلار ئارىسىدا ئۇچرايدۇ.

           1908-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى فون.لېكوك بېرلىندىن ئىستانبولغا ئەۋەتكەن، ھازىرغىچە قايسى مۇزىيدا ساقلىنۋاتقانلىقى مەلۇم بولمىغان بۇ قەدىمكى ئۇيغۇرچە كۆچۈرۈلمە بىر بەت تېكىست ئۈچۈن 1909-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى ھالىل ئەدھىم لېكوكقا مۇنداق تەشەككۇر مەكتۇبى ئەۋەتكەن: «ناھايىتى ھۆرمەتلىك باش مۇدىر ئەپەندى، مەن ئۈچۈن تاللىۋالغۇدەك بۈيۈك بىر دوستلۇق ئۈلگىسىنى كۆرسەتتىڭىز، قەدىمكى ئۇيغۇرچە تېكىستنى سىزنىڭ نامىڭىزدا ماڭا بەردى. بۇ يادىكارلىقنىڭ قىممىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئاز ئۇچرايدىغان بۇ يادىكارلىقنى مۇزېيمىزغا قويدۇردۇم. مۇزېيمىز نامىدىن ھەم شەخسىي نامىمدىن سىز ھۆرمەتلىك مۇدىرغا، بۇ قىممەتلىك ھەدىيە ئۈچۈن، ئەڭ سەمىمىي تەشەككۇرلىرىمنى بىلدۈرۈشۈمگە ئىجازەت بەرسىڭىز».
 
                                        ئالىي ئىھتىرام بىلەن ھالىل ئەدھىم
 

                                    1909-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى ئىستانبول
 
         
 
            دېمەككى، تۇرپاندىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە ھۆججەت تۈركىيە كۈتۈپخانلىرىگە مۇشۇنداق يوللار بىلەن كەلگەن.


         
 

         مەنبە:تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى 2008-يىل 1-سانى
 
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1452
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1452دانە
ئۆسۈش: 7020 %
مۇنبەر پۇلى: 19489 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-01-07

تۈركىيىدىكى تۇرپاندىن تېپىلغان ھۆججەت


تۇركىيەدىمۇ تۇرپان دىگەن شەھەر بار ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن تېخى،،،،،،،،،،،،
ھەر بىر قىيىنچىلىقنىڭ كەينىدە بىر ئاسانچىلىق  بار
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4797
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 259
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە259دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 2766 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-14
ئاخىرقى: 2012-01-08
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-20 16:12

پەش چىكىتنىڭ رولى مۇشۇنداق يەردە ئۆزنى كۆرسىتىدۇ.
تۈركىيىدىكى، تۇرپاندىن تېپىلغان ھۆججەت.
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 9
ئومۇمىي يازما: 2099
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2099دانە
ئۆسۈش: 4840 %
مۇنبەر پۇلى: 25068 سوم
تۆھپىسى: 172 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-01-07
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-20 19:00

    راس پەش چىكىتنىڭ رولى بەك زوركە...
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7079
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 38
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە38دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 385 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-13
ئاخىرقى: 2011-10-19
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-20 19:18

شۇ يەردە بولغىنى ياخشى بوپتۇ،بولمىسا مەدىنىيەت ئىنقىلاۋىدا كويدۇرۇلۇپ كەتكەن بولاتتى.
دوستلىشىش
maniwer2010
................
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2196
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 717
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە717دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 7584 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-22
ئاخىرقى: 2012-01-07
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-20 21:49

ماۋۇ چالا ساۋات ئىنكاسچىلارغا  :،،،،
«ھەسەل بەرمىسەڭمۇ مەيلى، زەھەر سانچىما،،،»
تۆت قۇر دىننىي تەلىمنى يادلىۋېلىپ ،،،ئۆزى ئوقۇپمۇ چۈشەنمەيدىغان تېمىلارغا
خۇددى دەنا قىياپەتتە «پىكىر» قىلىپ يۈرگەن...
ئۆتمۈشى ئادىللىق نۇرىدا يورۇتۇلمىغان مىللەتنىڭ ،كەلگۈسىمۇ
غۇۋا (گۇڭگا) بولىدۇ ....
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1452
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1452دانە
ئۆسۈش: 7020 %
مۇنبەر پۇلى: 19489 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-01-07
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-20 22:59

خېلى ساقتەك كۆرۈنەتتى ما ئاداش،،،،كاللىسنىڭ دەردى بارمۇ نىمە،،،،،،
ھەر بىر قىيىنچىلىقنىڭ كەينىدە بىر ئاسانچىلىق  بار
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5278
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 86
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە86دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 877 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-28
ئاخىرقى: 2011-07-21
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-21 06:19

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى samanyoli نىڭ 2011-04-20 22:59 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
خېلى ساقتەك كۆرۈنەتتى ما ئاداش،،،،كاللىسنىڭ دەردى بارمۇ نىمە،،،،،،

شۇنداقتەك تۇرىدۇ ............
ئاللاھ  بىر   ئۇيغۇر   بىز !!!!!!!!!!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2840
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 25
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە25دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 250 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-10
ئاخىرقى: 2011-11-05
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-21 11:11

ياخشى تىما ئكەن،تىما يوللىغۇچىغا رەھمەت.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4797
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 259
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە259دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 2766 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-14
ئاخىرقى: 2012-01-08
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-22 16:10

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى maniwer2010 نىڭ 2011-04-20 21:49 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ماۋۇ چالا ساۋات ئىنكاسچىلارغا  :،،،،
«ھەسەل بەرمىسەڭمۇ مەيلى، زەھەر سانچىما،،،»
تۆت قۇر دىننىي تەلىمنى يادلىۋېلىپ ،،،ئۆزى ئوقۇپمۇ چۈشەنمەيدىغان تېمىلارغا
خۇددى دەنا قىياپەتتە «پىكىر» قىلىپ يۈرگەن...

ئىنكاسىڭىزدىن ساۋاتلىقلىقىڭىز چىقىپ تۇردۇ،زىيالى ئەپەندىم.