تىببى ئەخلاقنىڭ < قۇرۈپ ئۆلۈشى > دوختۇر بىلەن بىمارنىڭ مۇناسىۋىتى <پارلاق >قىلامدۇ ؟
ئاپتۇرى: جاڭ گۈيخۇي
يىقىندىن بۇيان < ئىنساپسىز دوختۇر>،< قارا نىيەت دوختۇر> لار توغرىرىسىدىكى خەۋەرلەر كۆپىيىپ قالدى. جەمىيەتتە يۈز بىرىۋاتقان بۇنداق ئىشلارنىڭ تولىلىقىدىن ، بۇنداق خەۋەرلەر ماڭا ئانچە تەسىر قىلماسمىكىن دەپ ئويلاپ يۈرگەنتىم.لىكىم ، بۇ يىل يىل بىشىدا ، كۆرگەن مۇنۇ ئىككى خەۋەر مىنى ھەيران قالدۇردى.ئاخىرى ، بىمارلار بىلەن دوختۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشتەك <مەنىۋى دەرەخ>نىڭ، بىمارلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىدىغان تىببى ئەخلاقتىن ئىبارەت شىخى بەزى دوختۇرلارنىڭ جىسمىدا قۇرۇپ ئۆلۈشكە باشلاپتۇ دىگەن خۇلاسىنى چىقاردىم.
. بۇنىڭدىن بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى ئىچىلغان 11-نوۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى ھەيئەت يىغىنى 18-نۆۋەتلىك يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان <بىرلەشمە يىغىن>دا فىراپپىسور جۇجىشىننىڭ < مەخسۇستىمىدا سوئال سوراش > ۋاقتىدىن ئاشكارلىشىچە ، بۇلتۇر بىر يىلدا جوڭگۇدا ، جەمى 10مىليارت 4مىليۇن بوتۇلكا ئوكۇل سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇ جوڭگۇدىكى بىر مىليارت 300مىليۇن نوپۇسنىڭ ھەر بىر بىرىگە8بوتۇلكىدىن توغرا كەلگەن بولۇپ، خەلقارادىكى 2.5-3.3 (بوتۇلكا)لىق سەۋىيەدىن خىىلىلا ئىشىپ كەتكەن. بۇلتۇر كۆپلىگەن بىمارلار ئوكۇل سىلىشقا تىگىشلىك بولمىسىمۇ، يىنىك كىسەلنى ، ئىغىر كىسەل قاتارىدا داۋالاپ < ئوكۇل ئىشلىتىلگەن>.
نورمىدىن ئارتۇق ئۇكۇل ، دورا ئىسشلىتىش خەلق ئاممىسىنىڭ سالامەتلىگىگە ، ھەتتا ھاياتىغا خەۋىپ ئىلىپ كىلىپلا قالماي ، يەنە بىمارارلارنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى ئىغىرلاشتۇرۋىتىدۇ. ئۇكۇل سىلىشنى مىسالغا ئالساق، ، بىر دوختۇر زۇكام بولۇپ قالغام ئادەمگىمۇ ئۇكۇل ئىلىشنى بۇيرۇسا ، ئۇ ھالدا بۇ < پاشىنى زەمبىرەك بىلەن >ئۆلتۈرگەندەك ئىش بولمامدۇ؟ ئەدەتتە < بەي جىئا خىي،> <بەي فۇنىڭ> < يىنچىئاۋپىئەن> قاتارلىق ھەر كارۇپكىسى 10نەچچە يۈەنلىك غەرىپچە، جوڭيىچە زۇكام دورىلىرىنى ئىشلەتسىمۇ بولىدىغان بىمارلارغا ، تۇمۇردىن ئۇكۇل سىلىشقا بۇيرۇلسا، باھا بىردەمدىلا ئون نەچچە ھەسسە ئۆرلەپ كەتمەمدۇ.
يۈرەككە كۆۋرۈك سىلىش ئوپىراتسىيەسىمۇ قاراپ باقايلى
يۈرەككە كۆۋرۈك سىلىش ئوپىراتسىيەسى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، دولىتىمىزدە 90-يىللارنىڭ يولغا قۇيۇلغان. بۇ ئوپىراتسىيە كۆكرەكنى يېرىش ھاجەتسىز بولۇش ، ئوپىراتسىيە ۋاقتى قىسقا بولۇش، ئوپىراتسىيەىن كىيىن ئەسلىگە كىلىشى تىز بولۇشتەك ئالاھىدىلىگى بىلەن نوۋەتتە دۆلىتىمىزدە < تاجىسىمان يۈرەك كىسىلىنى >داۋالاشتىكى ئەڭ < مودا > داۋالاش ئۇسۇلى بولۇپ قالغان. ئاخپارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاشكارلىشىچە دۆلىتىمىزدە ، بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن كىسەل داۋالاش نىسبىتى 30%لىك سۈرئەت بىلەن ئاشقان بولۇپ، 2010-يىلى 300مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ بۇ ئوپىراتسىيەنى قىلغۇزدىغانلىقى ئالدىن مۆلچەرلەنگەن.
نىسبەتنىڭ بۇنداق زور كۆلامدە ئېشىشى ، دوختۇرخانىلار ، دوختۇرلارنى بۇ پايدىنى قوغلىشىدىغان قىلىپ قويغان.
ئالايلۇق، دۆلىتىمزدەئىشلەنگەن بىر تال كۆۋرۇكنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى 3مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمىسىمۇ ، دوختۇرخانىلارغا 30مىڭ يۈەندىنمۇ ئارتۇق باھادا سىتىپ بەرگەن.چەتئەلدىن كىرگۈزۇلگەن كۆۋرۈكنىڭ زاۋۇت باھاسى 6مىڭ يۈن ئەتراپىدا بولسىمۇ ، دوختۇرخانلارغا سىتىپ بىرىش باھاسى 30مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن. كىيىن دوختۇرخانلار 15% باھا قۇشۇپ بىمارلارغا سىتىپ بەرگەن.
دوختۇرلارنىڭ ئەمىلى پايدىسى يەنىلا كۆرىنەرلىك بولۇپ ، بىرىنچىدىن ھەر بىر تال كۆۋررۈكتىن 1500يۈەن شىرىنكانە ئۈندۈرۋالغان ، ئىككىنچىدىن ھەر قىتىملىق ئوپىراتسىيەدىن 1500يۈەن <قىزىل بولاق > قۇبۇل قىلغان.
يۈرەككە كۆۋرۈك سىلىش ئوپىراتسىيەسى ئىلىپ بىرىش جەريانىدا ، بىمارلار كۆۋرۈك سېلىش قا ئىھتىياجلىقمۇ ، قانچە تال كۆۋرۈك سىلىش كىرەك دىگەندەك مەسىلىلىەر پۈتۈنلەي، دوختۇنىڭ ئىنساۋىغا ھەم تىببى ئەخلاقىغا باغلىق ئىش بولۇپ قالغان. پايدىنى كۆزلىگەن دۇختۇلا بىمارلارغا كۆۋرۈك سېلىش توغرىسىدا ئوپىراتسىيەدىنمۇ جاپالىق بولغان ئۇسۇلنى تاللاپ ،ئۇلارغا كۆپ ۋەز ئىيتىپ ، ئۇلارنى قايىل قىلىشقا تىرىشقان.
ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان يەنە بىر ئىش ، يۈرەككە كۆۋرۈك سېلىش ئوپىراتسىيەسى جەريانىدىكى ، نەيچىنى قايتا -قايتا ئىشلىتىش مەسىلىسى . مۇناسىۋەتلىك بەلگۈلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئوپىراتسىيە جەرياندا ئىشلىتىدىغان نەيچە پەقەت < بىر قىتىملىق > نەيچە بوسىمۇ ، ئەكسىچە دوختۇرلار نەيچىنى قايتا قايتا ئىشلەتكەن، ھەتتا بەزىلىرى 10نەچچە قىتىم ئىشلەتكەن. بۇنداق پايدىنى كۆرۈپ، مەسئۇليەتنى ئۇنتۇغان دوختۇرلار ، قانداقمۇ بىمارلارنىڭ ھايات ماماتىنى كۆڭلىگە پۈككەن بولسۇن. بىمارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئەمىلى ئەخۋالنى بىلىپ قالغاندا، ئاچچىقىدىن يىرىلىپ كەتمەسمۇ؟
دوختۇرلۇق كەسپى ،ئالى پەزىلەتنى تەلەپ قىلىدىغان كەسىپ. كىسەلنى داۋالاپ ، ئۆلۈمگە ئامال قىلىشتەك بۇ يۈكسەك ۋەزىپىنى ، يۇقارقى شەرتنى ھازىرلىمىغانلار ھەرگىز ئۈستىگە ئالالمايدۇ. قەدىمدىن ھازىرغىچە جوڭگۇ ھەم چەتئەللەردە ، ياخشى بولغان تىببى ئەخلاقنى دوختۇلارنىڭ ھەركەت ئۆلچىمى قىلىش، دوختۇرلار بىلەن بىمارلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشتا، ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە.
< خەلقنىڭ ياخشى دوختۇرى> <بىتيۇن مۇكاپاتى> قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئىرىشكەن ، خۇيىۋىي دوختۇرنىڭ ھەر ۋاقىت بىمارلارنى ئويلاپ، بىمارلارغا كۆيۈنۈپ، ئۇلارغا ياردەم قىلىشتەك روھى بىلەن بىمارلانىڭ ئىشەنچىسى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشكىلى بولدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى پاكىتى بىلەن ئىسپاتلاپ بەردى.
ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، خۇا يى ۋىيغا ئوخشاش ئالى پەزىلەتلەك دوختۇلار ئازلاپ كىتىۋاتىدۇ. ئەكسىچە نۇرغۇن دوختۇلار بىمارلارنى < تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ> كە ئايلاندۇرۋىلىۋاتىدۇ. ئاز پۇل بىلەن كىسەلنى داۋالاپ ساقايتىشتەك ياخشى ئۇسۇلنى قوللانماي، نورمىدىن ئارتۇق دورا ئوكۇل ئىشلىتىپ، بەلگۈلىمىنى بۈزۈشقا كاللىسىنى بەكرەك سىنى ئىشلىتىشكە كۈچ چىقىرۋاتىدۇ. يانچۇقىنى تومپايتىشنىلا ئويلاپ، تىببى ئەخلاقنىڭ بارا- بارا يۇقىلىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرۋاتىدۇ. بۇنداق كىتىۋەرسە بىمارلار بىلەن دوختۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىلا <پارلاق > بولارمۇ ؟
مەنبە خەنزۇچە زاۋىن گىزىتى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى سانىدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمە پائالىيىتىگە قاتناشقان ئەسەر،كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!