ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:
بۇ قەلەم تىۋىشىدە قەلبى يەنە بىر قىتىم ئۆرتىنىپ مانا مۇشۇنداق مۇساپىرچىلىقتا يۈرۋاتقان بىر قىزنىڭ كۆزلىرى لىق ياشقا تولدى....... نىمە ئۈچۈن دەمسىلەر؟! بۇندىن تۆت ئاي بۇرۇن ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئاخىرقى قېتىم ئاۋازىنى بولسىمۇ ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولالماي تۇرۇپلا ئامانىتىنى مەڭگۈلۈك تاپشۇرغان مىنى ئانام بىلەن تەڭ بېقىپ قاتارغا قوشقان چوڭ ئانام(دادامنىڭ ئانىسى) كۆز ئالدىمغا كىلىش بىلەن بىرگە،شۇ تاپ پەرزەتلىرىنى سىغىنىش دەردىدە يوللىرىمىزغا تەلمۈرۈپ، ھەر تاماق ئەتكىنىدە شۇ مۇساپىرچىلىقىتا يۈرۋاتقان بالىللىرىم قانداق قىلۋاتقاندۇ؟! تاماق يىگەنمىدۇ؟! سالامەتلىكى ياخشىمىدۇ؟! تۇرمۇش ۋە ئۆگۈنۈشتە قىينىلىۋاتقانمىدۇ؟! دىگەنلەرنى ئويلاپ مۇڭلىنىپ ئولتۇرغان ئانام ۋە تىنىم تاپماي بىز ئۈچۈن ئىسسىقنى ئىسىسىق دىمەي ئېتىز-ئېرىقلاردا ئىشلەۋاتقان جاپاكەش دادامنىڭ سىمايىسى كۆز ئالدىمغا كىلىۋاتىدۇ. شۇ تاپ ئۇلار ئالدىغا يۈگرەپ بېرىپ قۇچاقلاپ سۆيۈۋالغۇم، ئېسىلىپ يىغلىۋالغۇممۇ كىلىۋاتىدۇ؟! لىكىن نە ئامال؟! سەۋىر قىلىپ شۇ ئەزىزلىرىم ئۈچۈن ئاللاھتىن ئامانلىق تىلەپ دۇئا قىلماقتىن باشقا ئامال يوق ئىكەن.ئىنشائاللا بۇ كۈنلەرمۇ ئاز قالدى.............
ئۇلۇغ ئاللاھ پۈتۈن ئاتا-ئانىللىرىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلاپ، ئۇلارنىڭ ئۆمرىگە بەركەت ئاتا قىلغاي ئامىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىن!!!
تىما يوللىغۇچى قېرىندىشىمىزدىن ئاللاھ رازى بولسۇن، ھەقىقەتەنمۇ تەسىرلەندىم!!!