بۇ قانداقمۇ 100 بۇرۇنقى ئادەملەر ۋە ئۇلارنىڭ ناخشىسى بوپ قالدى؟؟
بۇ ئاقسۇ ئاۋات ناھىيسىدىكى يەرلىك دېھقانلار ئۇرۇندىغان دولان مۇقامىنىڭ « بوم باياۋان مۇقامى» بۇ ئادەملەر ھەرگىزمۇ 100 بۇرۇنقى كىشىلەر ئەمەس......100 يىل بۇرۇن سىن ئېلىش ئاپىراتىمۇ تېخى كەشىپ قىلىنمىغان....پەقەت سىملىق تېلگىرامما ئاپىراتىنىڭ ئەڭ ئىپتىدائى شەكلى كەشىپ قىلىنغان...سىن ئېلىش ئاپىراتى دىگەن 30-يىللاردىكى گەپ..........
بۇ بوم باياۋان مۇقامى تېخى قايسى كۈنىلا مۇشۇ ئۆز ئەينى ئورۇندالدى....تىكىسىت ۋە مۇزىكا ئۇدار ...ھىچقانداق پەرق يوق....
چىكىتمىىسى "
-----يار دەپ مەن ئادا بولدۇم ..
ئا غەمگە مۇپتلا بولدۇم
بىر كۇرۇپ جامالىڭنى
ئاشىق بىقارار بولدۇم........
سەنىمى"
ئەل مېنى يامان دەيدۇ
بىلمەيمەن يامانلىقىنى يەي
ئا كەچ ياتىپ سەھەر قۇپۇۋەي
تىلەيمەن ئامانلىقنى يەي........
ۋاي-ۋاي مەستان يارەي............
بارساڭلار سالام دەڭلار يەي...
بىزنى سورىغان يارغا يەي...
يار بىزنى سوراپ قالسا يەي
شەھرىدە ئامان دەڭلەر يەي...
مانا بۇ بۈگۈنكى ئاۋات دولان مۇقامچىلىرى ئورۇندىغان بوم باياۋان تىكىستى....بۇنى 100 بۇرۇنقى ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازى دىيىشكە قانداق ئاساس بار ؟؟ تىما ئىگىسىنىڭ چۈشەنچە بىرىشىنى سورايمەن.....ئىلىم ئىشى چاقچاق قىلىدىغان ئىش ئەمەس....