查看完整版本: [-- ئۇيغۇرلارنىڭ 100يىل بۇرۇنقى ئاۋازى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> موزىكا -> ئۇيغۇرلارنىڭ 100يىل بۇرۇنقى ئاۋازى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

kangsay 2011-04-19 14:55
[attachment=10418]
1910-يىلى تارتىلغان قەشقەر بازىرىدىن بىر كۆرىنىش
1909 -يىلى لوندون پاتېفون شىركىتى تەرىپىدىن كاۋكاز ۋە ئوتتۇرا ئاسىيالاردا ئىلىپ بىرىلغان، ئېكىسپېدىتسىيە ھەرىكەتلىرىدە قەشقەر ۋە ئاقسۇدا  ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىم ناخشىلىرىنى ئۈنگە ئىلىنغان ،100 يىل ئالدىدا چەتئەللىكلەر تەرىپىدىن  ئۈنگە ئېلىنغان بۇ ناخشىلار  ،خاتىرە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە مەنىۋىي بايلىقلىرىمىز بولۇپ قالغۇسى.
مەنبەسىنى سورىماڭلار -ھە؟

قالغان قىسىملىرىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ! 
 

 بۇ ناخشىلارنى ئاڭلىيالمىغان ھەمدە چۈشۈرمەكچى بولغانلار كەڭ ساي mp3 بىتىگە كىرىپ ئاڭلاپ چۈشۈرۋالسا بولىدۇ!
http://mp3.kangsay.com/album.asp?id=67

ablajan5 2011-04-19 15:08
سىن ھۆججىتى قويۇلمىدى.......................................................................................

ئوزبېك 2011-04-19 15:18
بۇ ئاۋاز  بۇۋامنىڭ ئاۋازى ئىكەن ...

jula520 2011-04-19 15:24
ئۇيغۇرلارنىڭ 100يىل بۇرۇنقى ئاۋازى...............دىسە سىز سىن قويولمىدى دەمسىز ........؟؟؟توۋا .......

almiliq 2011-04-19 15:27
ئاۋاز چىقمىدىغۇ.

turkzad 2011-04-19 15:30
ناخشىلاركەن.. مىنىڭكىدە قويۇلدى،
كەڭساي، خاپا بولماي ماڭا يوللاپ بىرەلەرسىزمۇ؟ مەن تىلىنى ئايرىم سۈزۈۋېلىپ كۈرۈپ باقاي دېگەن، ھازىرقى تىلىمىز بىلەن قانداق پەرقلەر بار...
ئەگەر مۇمكىن بولسا يوللاپ بەرسىڭىز...
mijit888@126.com
رەھمەت!

saifulla 2011-04-19 15:42
قۇيۇلمىدىغۇ....

taranqi217 2011-04-19 17:24
ئوھ.......نىم بولدىكىن قويۇلمايدىغۇ.......

8koqa 2011-04-19 17:39
نورمال چىقىۋاتىدىغۇ ....

تاھىربەگ 2011-04-19 18:28
ۋاي چىقمىدىيا ،،،،  تەھرىرلىڭە تىز  ئاڭلىغىم كەپ كەتتى ....

kangsay 2011-04-19 18:30
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 10قەۋەتتىكى تاھىر نىڭ 2011-04-19 18:28 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ۋاي چىقمىدىيا ،،،،  تەھرىرلىڭە تىز  ئاڭلىغىم كەپ كەتتى ....


سىلەرگە  ئەسكەرتىپ قويدۇم،چىقمىسا ئاۋۇ ناخشا بىتىگە كىرىپ ئاڭلاڭلار،جىدەل قىلىشماي.

تاھىربەگ 2011-04-19 18:46
ئەمدى چىقتى  

تاش 2011-04-19 21:05
مەن ئاڭلىدىم.بەك مۇڭلۇق ئىكەن!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

قۇتلان 2011-04-19 21:29
كەڭساي ئەپەندىمگە كۆپتىن -كۆپ رەھمەت، يۇزيىل بۇرۇنقى ئاتا-بوۋلىرىمىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىۋالدۇق،

kunnuri 2011-04-19 23:36
مەن ھەرھالدا ئۇزىلىپ چىىخسىمۇ ئەستايىدىل اڭلاۋاتىمەن.ھوزۇرلىنىپ!

xahruh 2011-04-20 10:16
ۋويجون ،،،،مېنىڭ چوڭ داداممۇ ئولتۇرىدۇ ئارىسىدا ،،،ئاۋۇ  قۇچىقىدىكى مەن شۇ .....

era13 2011-04-20 17:01
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 15قەۋەتتىكى xahruh نىڭ 2011-04-20 10:16 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
ۋويجون ،،،،مېنىڭ چوڭ داداممۇ ئولتۇرىدۇ ئارىسىدا ،،،ئاۋۇ  قۇچىقىدىكى مەن شۇ .....

يۇز يىل بۇرۇن بۇۋىڭىزنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرۇپ رەسمىگە چۇشكەن بولسىڭىز ھازىر ئۆمۈر چۇلپىنى بولۇپ قاپسىز- ھە شاھرۇھ ؟!

natsist 2011-04-20 17:46
مىنىڭكىدىمۇ چىقمىدى

tarim0996 2011-04-21 01:24
رەھمەتسىىزگە ھەقىقەتەن  يېقىملىق  100  يىل بۇرۇنقى ئەجداتلار  ئاۋازى    

مۇزلۇك 2011-04-21 14:29
!!!万岁维吾尔
我们的文化历史悠久的

موتو 2011-04-21 19:26
شۇ چاغدىكى چەتئەللىككە  رەخمەت دىسەك بولغۇدەك .100 يىل بۇرۇنقى ئاتا -بوۋلىرمىزنىڭ  ئاۋازنى بىزگە يەتكۇزۇپتۇ

yawuz2 2011-04-22 20:00
بىزنىڭ ھەر ھالدا  مۇشىنچىلىك بولسىمۇ ئەسلىمىمىزنىڭ قالغانلىقىنى كۈرۈپ ناھايتى پەخىرلەندىم ھەم شۇنداقلا تېما ئىگىسىگە ئاللاھىدە رەخمەت ئېيتىمەن . ئۇلۇغ ئاللاھ تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن.     

ساراڭ 2011-04-22 22:44
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم...
مەن بۇ ناخشىنى ئاڭلاپ كوڭلۇم ھەجەپ خوشال تاپتى...ئاتا بوۋىمىزنىڭ  مۇڭلۇق يىقىملىق ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىمىزگە تەشەككۇر..
ھەم ئاشۇ چەتئەللىككە تەشەككۇر ئىيتىمەن!
رەخمەت

موللىر 2011-05-05 21:28
بۇ قانداقمۇ 100  بۇرۇنقى ئادەملەر  ۋە ئۇلارنىڭ  ناخشىسى بوپ  قالدى؟؟
   بۇ ئاقسۇ ئاۋات  ناھىيسىدىكى يەرلىك دېھقانلار ئۇرۇندىغان  دولان  مۇقامىنىڭ  «  بوم باياۋان  مۇقامى»  بۇ ئادەملەر  ھەرگىزمۇ 100  بۇرۇنقى  كىشىلەر  ئەمەس......100 يىل بۇرۇن  سىن ئېلىش  ئاپىراتىمۇ تېخى  كەشىپ  قىلىنمىغان....پەقەت سىملىق  تېلگىرامما  ئاپىراتىنىڭ ئەڭ ئىپتىدائى شەكلى كەشىپ  قىلىنغان...سىن ئېلىش  ئاپىراتى  دىگەن 30-يىللاردىكى  گەپ..........
    بۇ بوم  باياۋان  مۇقامى  تېخى  قايسى كۈنىلا  مۇشۇ ئۆز ئەينى  ئورۇندالدى....تىكىسىت  ۋە  مۇزىكا  ئۇدار  ...ھىچقانداق  پەرق  يوق....
چىكىتمىىسى "
-----يار  دەپ  مەن  ئادا  بولدۇم ..
            ئا  غەمگە  مۇپتلا  بولدۇم
            بىر كۇرۇپ  جامالىڭنى
            ئاشىق بىقارار  بولدۇم........
 سەنىمى" 
   ئەل  مېنى يامان  دەيدۇ 
بىلمەيمەن يامانلىقىنى   يەي
ئا كەچ  ياتىپ سەھەر  قۇپۇۋەي
تىلەيمەن ئامانلىقنى  يەي........
       ۋاي-ۋاي  مەستان  يارەي............
   بارساڭلار  سالام  دەڭلار يەي...
   بىزنى  سورىغان  يارغا  يەي...
يار  بىزنى  سوراپ  قالسا  يەي
شەھرىدە ئامان  دەڭلەر  يەي...
    مانا  بۇ  بۈگۈنكى ئاۋات  دولان  مۇقامچىلىرى  ئورۇندىغان بوم  باياۋان  تىكىستى....بۇنى  100  بۇرۇنقى  ئۇيغۇرنىڭ  ئاۋازى  دىيىشكە  قانداق  ئاساس  بار ؟؟    تىما  ئىگىسىنىڭ چۈشەنچە  بىرىشىنى سورايمەن.....ئىلىم ئىشى  چاقچاق  قىلىدىغان ئىش  ئەمەس....

okya 2011-05-05 21:41
يۇقۇردىكى يېڭى ئەزاغا مەنلە جاۋابىنى بىرەي:
  ئۈن ئالغۇ 1898-يىلى دانىيەلىك بوئېر دىگەن كەشپىياتچى تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنىپ، ئاۋاز ئۈنگە ئىلىپ سىناق قىلىنغان.
1907-يىلىغا كەلگەندە بۇ كەشپىياتچى ئۈن -ئالغۇنى رەسمى يۇسۇندا ئىشلىتىش باسقۇچىغا ئېلىپ كەلگەن.
ناخشا تېكىستىنىڭ ھازىرقىغا ئوخشاش بولىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەسقۇ دەيمەن؟
ئەسكەرتىش:سىن ئالغۇ بىلەن ئۈن ئالغۇنىڭ ناھايىتى چوڭ پەرقى بار.
خەنزۇچە بىلسەڭلار بۇ ئادرىسنى قالدۇراي:
http://baike.baidu.com/view/29010.htm

موللىر 2011-05-05 22:24
بۇ  قاراش يەنىلا  يىتەرسىز................ھەقىقى ئىسپات بۇلىشى كىرەك
    مەن بۇنىڭ سىنئالغۇسىنى كۆرمىدىم، ئەمما  ئىنكاسلارغا  قارىغاندا باشقىلار  كۆرگەندەك...........سىنئالغۇغا ئېلىنىشى ھەقىقەتەن مۇمكىن ئەمەس....ئەمما  ئۈن نۇسخسىسى  قالدۇرۇلغانمۇ  دەيلى ..ئەمما بۇ  يەردە  يەنە ئېنىق  بولمىغان  بىر  قانچە مەسلە  بار..
  1- مەسلە ئۈن نۇسخسىنىڭ ئاۋازىنىڭ ئېنىقلىق  دەرىجىسى.....ئادەتتە  100 يىل  بۇرۇن  قالدۇرۇلغان ئۈن نۇسخىسىنى بۇگۇنكى  كۇندە  قايتا ئاڭلىغاندا  ، ھەرقانچە تېخنىكىلىق  ۋاستىلەر  بىلەن ئاڭلىغاندىمۇ  بۇ  دەرىجىدە  ئېنىق  سۈزگىلى  بولمايدۇ..
  2-مەسلە. تىل جەھەتتىكى پەرق.100 يىل  بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار  تىل  جەھەتتە  يەنىلا چاغاتاي ئۇيغۇرتىلىغا كۆپ  يېقىنلىشىدۇ، بۇ  تارىخى كىتاپلاردا  ناھايتى  ئېنىق.مەزكۇر ئۈن نۇسخىسىدىكى  ئۇيغۇر  تىلى نەق  چاغداش  ئۇيغۇرتىلى.............
3-مەسلە . بۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر  مەسلە---- دولان  مۇقامىنىڭ  ئاۋات ۋارىيانتى   بىلەن مەكىت مارالبېشى  مارالبېشى  ۋارىيانتى ئۇدارجەھەتتىن  پەرقلىنىدۇ.....ئەمما  بۇنداق  پەرقنىڭ  پەيدا  بولغىنىغا  تېخى  100 يىل  بولغىنى  يوق...پەقەت30-يىللاردا ئاۋات رەسمىي يۇسۇندا يۇرت  بۇلۇپ شەكىللىنىشكە باشلىغاندىن  كىيىن ئاستا-ئاستا دولان مۇقامىنىڭ ئاۋات ۋارىيانتى شەكىللىنىشكە باشلىغان.  بۇ ئۈن نۇسخسىدىكى دولان  بوم  باياۋان  مۇقامى  دەل ھازىرقى ئۆزگەرگەن  دولان مۇقامىنىڭ  ئاۋات  ۋارىيانتى...........بۇنى  قانداق  چۈشىنىش  كىرەك ؟؟
  

kangsay 2011-05-05 22:55
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
يۇقۇردىكى قىرىندىشىمىز  ئىيتقاندەك بوپقالمىسۇن دەپ ،مەنبەگە كىرىپ قايتىدىن شۇ مەزمۇننى تەپسىلى كۆردۈم،.
ئۇ يەردىكى مەزمۇندىمۇ 1909-يىلى قەشقەردە ئۈنگە ئىلىنغان ئاۋاز دەپ يىزىلىپ ئاۋاز ھۆجىتى قويۇلۇپتۇ .لىكىن ئاقسۇدا ئىلىنغا ئاۋاز ھۆججىتىنىڭ يىلى يىزىلماپتۇ. پايدىلىنىش  بولۇپ قالسۇن دەپ شۇ مەزمۇننى سۆرەتكە تارتىپ چىقاردىم.


[attachment=10475]

موللىر 2011-05-05 23:50
قەشقەردە ئۈنگە ئېلىنغان نۇسىخىنىڭ ئاۋاز  تۈسى  ۋە ناخشا ئاھاڭىدىن قارىغاندىمۇ 100 يىل  بۇرۇن ئۈنگە  ئېلىنغان  بۇلۇش  مۇمكىنچىلكى ھەقىقەتەن  يۇقىرى  ھەم شۇنداق بولسا كىرەك...................ئەمما  ئاقسۇدا ئېلىنغان دولان مۇقامىنىڭ  100  يىل بۇرۇن ئۈنگە ئېلىنغان  دىيىلگىنى  مېنىڭ گۇمانىمنى  قوزغاپ  قويغان  ئىىدى.....قارىغاندا بۇ  ھەقىقەتەن  يېقىنقى  يىللاردا ئۈنگە ئېلىغان نۇسخسى  ئىكەن....
   قانداقلا  بولمىسۇن  تىما  ئىگىسىگە  رەھمەت....بۇلار  ھەقىقەتەن قىممەتلىك  ماتىرياللار............

ۋىسال521 2011-05-06 12:53
قويۇلمىدىغۇ....

hiyalqi 2011-05-07 19:54
دولان مەشرىپىكەن

hiyalqi 2011-05-07 19:59
موللىرنىڭ گۇمانىغا سەل ئىشىنىپ قالدىم ،دەل ئاۋات دولان مەشرىپى بىز دولان توغراققا بارغاندا سازەندىلەردىن ئاڭلىغان ،3-4يىل بۇرۇن ،بەكلا ئوخشايدۇ ئاۋازى

atuxogli 2011-05-11 00:02
ۋاھ كارامەت ناخشىكەن بۇ ،   مەن يانپۇنىمغا چۇشىرىۋالدىم     

asanat 2011-05-11 13:30
چىقمدىغۇ

firdawis 2011-05-12 10:56
ھەي شۇ ئەمەسمۇ،نېمىشقا ھازىرغىچە يوقىلىپ كەتمەي ساقلاندىكىن دېسەم ...

تەنھادىلكار 2011-05-12 18:21
100  يىل  بۇرۇنقى  ئۇيغۇرلارنىڭ  ئاۋازى  نىمانچە  ئاجايىپ  ؟   ھازىرقى  بىزنىڭ  ئاۋازىمىزغا  ئوخشىمايدىكەن

رىشتە 2011-05-12 20:18
قۇيۇلمىدى ؟

ئابدۇنەزەر 2011-05-14 14:03
چىقتى!!

sahar0998 2011-05-15 11:55

كۈرەش 2011-05-16 10:51
ھەقىقەتەن ياخشىكەن ! تارىخنى ئەسلەپ قالدىم!!!!!!

aydingkiqa 2011-05-21 21:12
ئاۋاز چىقمىدى ، مىنىڭ بەكمۇ ئاڭلىغىم بار ئىدى.

مۇھەممەت 2011-05-31 18:48
بۇ ئاۋازلانى ھەقىىقەتەنمۇ ئوبدان ساكلاپتۇ..........يەنە بولسا جىكراق ئاڭلىيالىساق بەك ياخشى بولاتتى .........

ohho~duqu 2011-06-01 23:00
پاھ پاھ پاھ ئۇنى دەيمىز بۇنى دەيمىز يەنىلا مۇشۇ ئەجنەبىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىمىزنىڭ ئاۋازىنى بىزگە ئاڭلاتقىنىغا ئاللا رەھمەت قىلسۇن

ئۇيغۇرزادە 2011-06-04 00:51
قالتىس تېما بوپتۇ. مەن ئاڭلاپ ھۇزۇرلاندىم. يوللىغۇچىغا ۋە تەستىقلىغۇچىغا كۆپ رەھمەت!
مۇشۇنداق ياخشى تېمىلارنى كۆرۈپ تۇرۇشنى خالايمەن.

مەن بۇ مۇنبەرنى مۇشۇ كۈنلەرگىچە بايقىماي يۈرگىنىمگە ھەيرانمەن.  نۇرغۇن ياخشى تېما باركەن.

dilmuk007 2011-06-04 23:28
مەن ئاڭلىدىم،بۇۋىلىرىمىزنىڭ ئاۋازى نىمىدىگەن يىقىملىق ھە...!

تۈرۈك183 2011-06-05 20:16
قانداق بولغىنى بۇ؟  چىقمىدىغۇ؟

asanat 2011-06-17 20:49
چىقمدغۇ ئەجەپ ئاڭلىغىم باتى.

misrankiliq 2011-06-17 22:31
مەن ئاڭلىدىم . ئاھ ئەجدادلىرىم تومۇرۇمدا ئىقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ قىنى .تىما ئىگىسىگە كۆپتىن-كۆپ تەشككۈر.رەھمەت قىرىندىشىم.دەرھال چۈشۈرۋالاي..

facebook 2011-06-17 23:39
      /ئانچە پەرق قىلمايدىغاندەك تۇرىدۇ

kaysarjan 2011-06-17 23:55
كوپ رەخمەت  بەك ھاياجانلاندم نمدگەن قالتس بزنڭ ئەجداتلرمزنڭ .ئاۋازى

batur 2011-06-18 18:59
ھەركەتلېك چېقمېدېغۇ؟            


查看完整版本: [-- ئۇيغۇرلارنىڭ 100يىل بۇرۇنقى ئاۋازى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.059586 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us