باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1995 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر ئاياللار
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4799
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 40
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە40دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 545 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-14
ئاخىرقى: 2012-01-08
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-18 17:26

ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر ئاياللار

1. ئاماننىساخان: (1534 - 1567) يەركەن خاندانلىقى دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن داڭلىق مۇقامشۇناس. ئۇ 1534 - يىلى يەركەنگە تەۋە تىزناپ دەرياسى بويىدىكى قۇمۇش مەھەللە يېزىسىدا نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن ئاماننىساخاننىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتىگە ئائىت ئۇچۇرلار موللا ئىسمىتۇللا بىننى موللا نېمىتۇللا مۇجىزىنىڭ ((تارىخى مۇسقىيىن )) ناملىق ئەسىردە خاتىرلەنگەن .

ئاماننىساخان 13يېشىدا ئابدۇرىشتخان ئوردىسىغا كەلگەندىن كىيىن 20يىللىق ئوردا ھاياتىدا فېئوداللىق نەسەپ قارىشىنىڭ چەكلىمىسى، جاھالەتچى سوپى -ئىشانلارنىڭ تەقىب قىلىشلىرىغا قارىماستىن ئۇيغۇر ((12مۇقام))نىڭ سىستېمىلىشى ،مۇكەممەللىشى ئۇچۇن يۇرەك قېنىنى سەرىپ قىلغان . ئۇ يەنە خانىم - قىزلارغا نەسىھەت قىلىش مەزمۇنىدىكى (ئەخلاقى جەمىلىيە)، (شۇرۇلقۇلۇپ)، (قەلىبلەر كېڭىشى)، (دىۋان نەپسى) قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان. (ئىشرەت ئەڭگىزى )، (خۇشاللق قوزغاش) دېگەن كۈينى ئىجاد قىلغان بولۇپ 1567 - يىلى تۇغۇت سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغان.

2. ئاخۇن ئاغچا :19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا خوتەندە ياشاپ ئۆتكەن شائىر . ئۇ 1860 - يىلى خوتەندە زۇلۇمغا قارشى پارتلىغان خەلق ئىنقىلابىنىڭ سەركەردىسى ئابدۇراخمانخان غۇجام ( 1833 - 1863 )نىڭ ئانىسى بولۇپ ئۇ ئوغلى ئابدۇراخمانخان غۇجام قۇربان بولغاندا ئۇنىڭ قەھرىمانلىقىنى مەدھىيىلەپ ۋە زامان كۈلپەتلىرىدىن زارلىنىپ نۇرغۇن قوشاقلارنى توقۇغان.

3. ئەسىرى :تەخمىنەن 18 - 19 ئەسىرلەردە خوتەندە ياشاپ ئۆتكەن ئۇنىڭ شېئىرلىرى خوتەندىن تېپىلغان (باياز)غا شائىرنىڭ بەزى ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن

4. ئەنبەر ئاتىن: (1870 - 1915)شائىرە ئەنبەرئاتىن دىلشاد بەرنانىڭ شاگىرتى ئۇ ئۆزىنىڭ 45 يىللىق ھاياتىدا خىلى كۇپ ئەسەرلەرنى يازغان ئۇ ئاسىيا يېقىنقى زامان دېموكراتىك شائىرلىرىنىڭ ئىدىيىۋى ئېقىمىغا زىچ ماسلاشقان رېئالىستىك شائىرە ئىدى . ئۇ قوقەنت خانلىقى تەۋەسىدە ياشىغان.

5. باتىسخان ئانا: تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 10 - ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن تارىخچىلار ئۇنى غەربى يۇرت قوۋملىرىنىڭ ئانىلىق ئۇرۇقداش دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇرۇق باشلىقى مۇمكىن دەپ قارايدۇ يەنە بەزى تەتقىقاتلار ((باتىسخان ئانا )) قەدىمقى ھونلارنىڭ خان ئانىسى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا.خەنزۇچە ھۆججەتلەردە ئۇنى (شى ۋاڭ مۇ)دەپ ئاتىغان ئۇنىڭ (ئاق بولۇت قوشىقى) (باتىسخان ئانا كۈيى) ناملىق ئىككى پارچە شېئىرى خەنزۇچە ھۆججەتلەردە ساقلىنىپ كەلگەن.

6. بۇۋې زەينەپ: 1660 - يىللاردا يەركەن شەھىرىدە تۇغۇلغان ئۇ ئىسمايىلخاننىڭ قىزى بولۇپ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە يەركەندىكى يېشىل مەدرىستە ئۇقۇغان 1678-يىلى ئاپاق خوجا يەركەن خاندانلىقى مۇنقەرز قىلىپ ھاكىمىيەت ئىگىلىگەن مەزگىلدە ئىسمائىل خاننى جەمەتى بىلەن ئىلىغا ياللاپ ئىلىپ كەتكەن.ئۇزاق ئۆتمەي 18 ياشلىق شائىرەنى قاينىتىلغان ياغقا تاشلاپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن ھەمدە ئەسەرلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن.

7.مايسىخان: خەلق قوزغىلىڭىنىڭ باشچىسى. 1765-يىل2-ئاينىڭ 14-كۈنى چىڭ سۇلالسىنىڭ زۇلىمىغا قارشى ئۇچتۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭى (جىگدە يېغىلىقى)پارتلىدى. قوزغىلاڭغا رەخمىتۇللا بەگ ۋە ئەسمىتۇللا بەگ ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن باشچىلىق قىلدى. مايسىخان شۇ ئىككەيلەننىڭ سىڭلىسى ئىدى. ئۇ، قوزغىلاڭغا ئاكتىپ قاتناشتى. قوزغىلاڭ 8-ئايدا پاجىئەلىك مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، چىڭ قوشۇنلىرى قوزغىلاڭچقىلارنى دەھشەتلىك تۈردە قىرغان ھەم ئىلىغا سۈرگۈن قىلغان.قوزغىلاڭ مەغلۇب بولغاندىن كېيىن مايسىخان چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ياۋۇزلۇقىدىن قىلچە
قورقۇپ قالماي،100دىن ئارتۇق ئەر-ئايالنى تەشكىللەپ،تاغ-تۇرا،ئورمان،جڭگاللاردا يوشۇرۇنۇپ پارتىزانلىق ئۇرۇشنى 3ئاي داۋاملاشتۇرغان.ئاخىرىدا مايسىخان باشلىق 7ئايال قوزغىلاڭچى قورشاۋدا قېلىپ،دۇشمەنگە باش ئەگمەي، تاغدىن سەكرەپ قۇربان بولغان.قوزغىلاڭنىڭ داۋامى بولغان بۇ جەڭ «مايسىخان جېڭى»دەپ ئاتالغان.
ئۇچتۇرپان خەلقى مايسىخان باشلىق 7قەھرىمان قىزغا ئۇلار قۇربان بولغان ئاقتوقاي تاغ تىزمىسى باغرىدا ھەيۋەتلىك قەبرە ياساپ، ئۇنى «يەتتە قىزلىرىم»دەپ ئاتاپ،ئۆزلىرىنىڭ قەھرىمان قىزلىرىنى ياد ئېتىپ كەلمەكتە.

8.نۇزۇگۇم (1808-1827) نۇزۇگۇم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەيسەر جەڭچىسى ھەم ماھىر قوشاقچىسى. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى چولپانگۈل بولۇپ،قەشقەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن.موللا بىلال نازىمىنىڭ يازغانلىرىغا قارىغاندا،ئۇ ئوقۇغان،
بىلىملىك قىز بولۇپ، بۇغداي ئۆڭلۈك،قارا كۆز ،قارا قاشلىق ،نازۇك بەدەن بولغاچقا، قەشقەر خەلقى ئۇنى نۇزۇگۇم دەپ ئاتىغان. نۇزۇگۇم 1826-يىلدىكى مانجۇ ئىستىبداتىغا قارشى خەلق قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ،قوزغىلاڭ مەغلۇپ
بولغاندىن كېيىن،ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان.ئىلىدا موڭغۇل ئەمەلدار ئۇنى مەجبۇرلاپ خوتۇنلۇققا ئالماقچى بولغاندا،نۇزۇگۇم توي كېچىسى ئەمەلدارنى ئۆلتۈرۈپ ،قېچىپ كەتكەن. قۇمۇشلۇقتا 6ئاي يۇشۇرۇنۇپ يۈرۈپ، ئاخىرىدا چېرىكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان.3ئاي زىندانغا سولانغاندىن كېيىن ،قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۇرۇلگەن. نۇزۇگۇم ئۆزىنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەتلىرى، قايغۇسى،مۇھەببەت- نەپرىتى ۋە ئارزۇ ئۈمىدلىرىنى ئىپادىلەپ نۇرغۇن قوشاقلارنى توقۇغان. خەلق ئۇنىڭ قوشاقلىرىنى تا بۈگۈنگىچە ئوقۇپ كەلمەكتە.

9.مايىمخان(1812-1830) غۇلجا شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى دادامتۇ يېزىسدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.ئۇ ئەقىللىق ،ناخشا خۇمار قوشاقچى قىز ئىدى. ئۇ، زالىملارنىڭ زۇلىمىغا قارشى،ئەكسىيەتچىل ئەمەلدارلارنىڭ خەلققە سالغان زۇلۇملىرىنى پاش قىلىدىغان نۇرغۇن قوشاقلارنى توقۇغان ھەم خەلق يىغىلغان سورۇنلادا ناخشا قىلىپ ئېيتقان.
خەلق مايىمخاننىڭ قوشاقلىرىنى ئېغىزدىن چۈشۇرمەي ئوقۇپ يۈرگەن.زالىم يۈز بېشى ھامۇتبەگ بۇنى ئاڭلاپ ، شەنگەنگە يەتكۈزگەن،شۇنىڭ بىلەن مايىمخان يامۇلغا سولىنىپ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قەبىھ ئۇسۇللار بىلەن ۋەھشىلەرچە قىيناپ سوراق قىلىنغان.ئەمما ،مايىمخان پىسەنتمۇ قىلماي مۇستەبىت ھۆكۈمەت ،زالىم ئەمەلدارلارغا
قارشى قوشاقلارنى توختاتمىغان.ئۇ يامۇلغا سولىنىپ ،بىر يىلدىن كېيىن 1830-يىلى قىلچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.

10.راھىلە :شىنجاڭ يېڭى مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى ئايال ئوقۇتقۇچى.ئۇ 1860-يىلى ئۈستۈن ئاتۈشنىڭ ئېكساق كەنتىدە مەرىپەتپەرۋەر ،تەرەققىپەرۋەر ھاللىق ئائىلىدە دۇنياغا كەلدى.دادىسى سۇلتان خەلپىتىم ئوقۇمۇشلۇق ، بىلىملىك كىشى بولغاچقا ،قىزىنى ياخشى تەربىيلىگەن.راھىلە دىنىي ھەم پەننىي بىلىملەرنى پۇختا ئىگىلىگەن.
مەرىپەتپەرۋەر ئاكا- ئۇكا مۇسابايۇپلار 1885-يىلى ئاتۇش ئېكساقتا قۇرغان يېڭى مەكتەپ «ھۈسەينىيە مەكتىپى» نىڭ قىزلار سىنىپىغا ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنغان .فېئودالىزم دەۋرىدە قىز-ئاياللارنىڭ پەن-بىلىملەرنى ئىگىلىشى
ھەم ئىجتىمائىي خىزمەتلەرگە قاتنىشىشى ئاسان ئەمەس ئىدى.مۇشۇنداق شارائىتتا،راھىلە مائارىپ سېپىدە 32يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ،ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ بىردىنبىر ئايال سەركەردىسىگە ئايلاندى ھەم ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ
ئاساسچىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى.

11.ئايخان ئانا: ئۇ، مەرىپەتپەرۋەر ئانا، يېڭى زامان تارىخىمىزدىكى تۆھپىكار شەخسلەرنىڭ بىرى. ئۇ، 1888-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. غۇلجىدا پەننىي ۋە دىنىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان.1933-1934-يىللىرى دادىسى ۋە يولدىشىدىن قالغان مىراس تەئەللۇقاتىنى سەرپ قىلىپ،غۇلجىنىڭ قازانچى مەھەلىسىدە يېتىم بالىلار ئۈچۈن
مەخسۇس مەكتەپ سالدۇردى.بۇ مەكتەپ«غۇلجا خەيرىيەت مەكتىپى»دەپ ئاتالدى، لېكىن جامائەتچىلىك بۇ مەكتەپكە كېيىن «ئايىخان ئانا مەكتىپى»دەپ نام بەردى. ئوقۇغۇچى سانى بارا-بارا 300گە يەتتى.بالىلارنىڭ پۈتۈن تەمىناتىنى ئايىخان ئانا ئۈستىگە ئالدى. ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپ فورمىسى كىيگۇزدى،بۇ مەكتەپ ھازىرغىچە
50يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولۇپ قالدى.

مەنبە: شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى (2000-يىللىق 2-سان)
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6718
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 128
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە128دانە
ئۆسۈش: 20 %
مۇنبەر پۇلى: 1301 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-25
ئاخىرقى: 2011-12-22

ھازىرقى غولجىدىكى تارانچىلار قەھرىمان نۇزۇگۇم بىلەن بىللە قەشقەردىن غولجىغا سۇرگۇن قىلىنغان ئىنقىلاپچىلارنىڭ ئەۋلاتلىرى..تارانچىلارنىڭمۇ ئەسلى تىگى قەشقەرلىك. ھازىر بەزى ((  تارانچىلار ))  ((  قەشقەرلىك )) نى تىللايدۇ .بەزى (( قەشقەرلىك )) لەر (( تارانچىلار ))  نى تىللايدۇ ..ئەمىلىيەتتە ئوزىمىزنى ئوزىمىز تىللاۋاتىمىز .ياخشىراق ئويلىشايلى.بۇ ئىنسانغا يات سەت قىلىق بەك يامان ئىللەت .. ئوزىمىزنى ئوزىمىز خار قىلمايلى .. ئىتىپاقلىشايلى ..تارىختىكى ئازاپلىرىمىز يىتىدۇ ...

يەنە بىر قەھرىمان ئايال بار ئىدى ....
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(general) لاۋزا ئارىلا ..
  • دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4799
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 40
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە40دانە
    ئۆسۈش: 180 %
    مۇنبەر پۇلى: 545 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-12-14
    ئاخىرقى: 2012-01-08
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-19 14:57

    ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان قىزى، شەپقەت ھەمشىرىسى رىزىۋانگۈل قازاقىستاننىڭ ئالمائاتا ئوبلاستى چىلەك رايۇنىدا تۇغۇلغان. 1032-يىلى غۇلجىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كىيىن، ئىلغار ئىدىيىدىكىلەرنىڭ تەسىرىدە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ، كۆپلىگەن كوماندىر-جەڭچىلەرنى قۇتقۇزغان. 1945يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى بولغان ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا يامغۇردەك چۈشىۋاتقان ئوقلار ئارىسىدا يارىدار جەڭچىلەرنى قۇتقۇزىۋاتقاندا بىشىغا ئوق تىگىپ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

    ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان قىزى، شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۇل، 1925- يىلى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ئوبلاستى چىلەك رايونىدا تېرە- يۇڭ تىجارىتى ۋە پىريومچىلىققىلىدىغان ھاشىم ئاخۇن ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ. 1932- يىلى رىزۋانگۇل يەتتە ياش ۋاقتىدائائىلىسى بىلەن غۇلجا شەھرىگە كوچۇپ كېلىپ، پۇشايمان مەھەللىسىگە ئورۇنلىشىدۇ. 1934- يىلىدىن باشلاپ غۇلجا شەھىرىدىكى شەرق كەكتەپ ۋە ئۇمىد مەكتەپلىرىدە ئوقۇيدۇ. 1940 -يىلى ئۇرۇمچى قىزلار ئوتتۇرا مەكتەپ بوغالتىرلىق كەسپى سىنىپىغا كىرىپ ئوقۇيدۇ. 1943- يىلى ئوقۇش پۇتتۇرۇپ غۇلجىغا قايتىپ بېرىپ، ۋىلايەتلىك پوچتا ئىدارىسىغا ئىشقائورۇنلىشىدۇ.

    رىزۋانگۇل مەرىپەتپەرۋەرۋە تەرەققىيپەرۋەر ئائىلىدە چوڭ بولغاچقا، ئائىلىسىنىڭ، بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچى- ئۇستازلىرىنىڭتەربىيىىسدە كىچىكىدىن تارتىپلا تىرىشچان، ئوتكۇر پىكىرلىك كەم سوز، لېكىن دىگىنىنىقىلىدىغان، خورلۇق ۋە ئادالەتسىزلىككە چىداپ تۇرالمايدىغان قەيسەر قىز بولۇپ يېتىلىدۇ. رىزۋانگۇل پوچتا ئىدارىسىدە ئىشلەپ يۇرگەن كۇنلەردە ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابى باشلىنىدۇ.
    ئىنقىلاپ باشلىنىپ ئالتىنچى كۇنىلا رىزۋانگۇل بىر قانچە دوستلىرى بىلەن بىللە پىدائىيبولۇپ جەڭگە قاتنىشىدۇ. قىسىمنىڭ شەپقەت ھەمشىرىسى بولۇپ، ئولۇمگە پىسەنت قىلماي، مولدۇردەكيېغىۋاتقان دۇشمەن ئوقلىرى ئارىسىدا قەھرىمانلارچە يۇگۇرۇپ يۇرۇپ يارىدار جەڭچىلەرگەشەپقەت يەتكۇزىدۇ. نۇرغۇن يارىدار بولغان كوماندىر- جەڭچىلەرنى ئولۇمدىن قۇتقۇزىدۇ. ئۇ جەڭلەردىكى ئاجايىپ جاسارىتى ۋە يارىدار جەڭچىلەرگە بولغان كويۇمچانلىقى بىلەنكوماندىر- جەڭچىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ شەپقەتلىك، ئەڭ مىھرىبان ھەمشىرىگە ئايلىنىپقالىدۇ.رىزۋانگۇل 1945- يىلى 1- ئاينىڭ 13- كۇنى بولغان ھەرەمباغ- لەڭشاڭ ئەتراپىدىكىشىددەتلىك جەڭدە ۋاژىلداپ ئۇچۇۋاتقان ئوقلار ئارىسىدا يارىدار جەڭچىلىرىمىزنىقۇتقۇزۇۋاتقاندا بېشىغا ئوق تېگىپ قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى. ئۇ قۇربان بولغان كىشىلەرنىبەكمۇ ئېچىندۇردى. نۇرغۇن كىشىلەر قېرىنداشلىق مىھرىدىن ئىسسىق ياشلارنى ئاققۇزدى. ئۇنىڭقەھرىمانلىق ئىش- ئىزلىرى ۋەتەن، خەلقنىڭ ئازادلىقى ئۇچۇن جەڭگە ئاتلانغان ھەر مىللەتئوغۇل -قىزلىرى ئۇچۇن ئۇلگە ياراتتى. جەڭ مەيدانلىرىدا «رىزۋانگۇل ئۇچۇن ئالغا»، «ۋەتەنئۇچۇن ئالغا» دىگەن شوئار ياڭرىدى
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6718
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 128
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە128دانە
    ئۆسۈش: 20 %
    مۇنبەر پۇلى: 1301 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-03-25
    ئاخىرقى: 2011-12-22
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-19 15:27

    ئۇنتۇلغان نامسىز قەھرىمانلىرىمىزمۇ ساناقسىز ..ئۇلار ھازىر قارا تۇپراق ئاستىدا...ئۇلارنى ئۇ دۇنياغا بارغاندا  كورەلەيمىز .كىم ئىكەنلىگىنى ھازىر  بىلەلەيمىز ...
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7201
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 20
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە20دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 200 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-04-19
    ئاخىرقى: 2011-06-02
    4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-19 18:16

    ئاپتۇر (qeman) نىڭ يازمىسىغا

    ناھايتى ياخشى تىما بولۇپتۇ،     
    ناھەقچقلىككە سۈكۈت قىلىش ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلى ..
    دەرىجە: چولپان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 481
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 988
    ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە988دانە
    ئۆسۈش: 2000 %
    مۇنبەر پۇلى: 11286 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-06-30
    ئاخىرقى: 2012-01-07
    5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-19 21:53

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى ئوزبېك نىڭ 2011-04-19 12:19 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
    ھازىرقى غولجىدىكى تارانچىلار قەھرىمان نۇزۇگۇم بىلەن بىللە قەشقەردىن غولجىغا سۇرگۇن قىلىنغان ئىنقىلاپچىلارنىڭ ئەۋلاتلىرى..تارانچىلارنىڭمۇ ئەسلى تىگى قەشقەرلىك. ھازىر بەزى ((  تارانچىلار ))  ((  قەشقەرلىك )) نى تىللايدۇ .بەزى (( قەشقەرلىك )) لەر (( تارانچىلار ))  نى تىللايدۇ ..ئەمىلىيەتتە ئوزىمىزنى ئوزىمىز تىللاۋاتىمىز .ياخشىراق ئويلىشايلى.بۇ ئىنسانغا يات سەت قىلىق بەك يامان ئىللەت .. ئوزىمىزنى ئوزىمىز خار قىلمايلى .. ئىتىپاقلىشايلى ..تارىختىكى ئازاپلىرىمىز يىتىدۇ ...

    يەنە بىر قەھرىمان ئايال بار ئىدى ....

    ئەمسە قەدىمدە ئىلى دەريا بويلىرىدا ئۇيغۇر ياشىماپتىگەندە.......
    باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(general) تېگى بار گەپ
  • دوستلىشىش
    تۇۋۋادەيمەن
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7179
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 10
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە10دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 100 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-04-18
    ئاخىرقى: 2011-04-19
    6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-19 22:56

    ناھايتى ياخشى تىمىكەن.
    خەپ
    دوستلىشىش
    تۇۋۋادەيمەن
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7179
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 10
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە10دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 100 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-04-18
    ئاخىرقى: 2011-04-19
    7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-19 22:59

    6-قەۋەتتىكې دۇستىمىز ناھايتى تۇغرا سۇزلەپتۇ....
    خەپ
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4714
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 597
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە597دانە
    ئۆسۈش: 140 %
    مۇنبەر پۇلى: 6175 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-12-12
    ئاخىرقى: 2012-01-07
    8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-19 23:13

    ناھايتى  ياخشى  تىما  بوپتۇ  ،  مۇشۇنداق  تىمىلىرىڭىزنى  ئۈزۈپ  قويماڭ،
    ئۇلار  نىڭ  نامى  مەڭگۇ  يۈركۈمىزدىن  چىقمايدۇ  !!!!!!!
    دوستلىشىش
    taranqi217
    دەرىجە: چولپان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6350
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 603
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە603دانە
    ئۆسۈش: 380 %
    مۇنبەر پۇلى: 6381 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-03-03
    ئاخىرقى: 2012-01-05
    9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-20 01:49

                                 كا كا يى شى كو كو.......
    بۇتۇن دۇنيادىكى ھەممە ئادەم شۇ نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كىمىسىگە چۇشكەن شۇ كىشىلەرنىڭ ئەۋلاتلىرىمىز......
    مەن تارانچى......قاشقالىقمۇ مىنىڭ قىرىندىشىم، ئۇيغۇر ھەم مىنىڭ قىرىندىشىم، قازاقمۇ مىنىڭ قىرىندىشىم. ئۆزبەكمۇ مىنىڭ قىرىندىشىم، خەنزۇمۇ مىنىڭ قىرىندىشىم، روسمۇ ...........................ئىشقىلىپ قىرىنداشلىق شەرتى ھازىرلانسىلا  ھەممىسى مىنىڭ قىرىندىشىم. ................
    مەن ئۇيغۇر ھىشقاچان مىللىتىمدىن تانمايمەن.
    تارانچى ئۇيغۇر ئەمەس دەيدىغانلار توپىدىنمۇ ئەمەسمەن.