باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2952 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمچىلىكىمىزنىڭ تارىخى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6553
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 8
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە8دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 130 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-18
ئاخىرقى: 2012-01-13
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-16 12:17

ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمچىلىكىمىزنىڭ تارىخى

     قۇتيار تەرجىمە فىلىم تورىدىكى مۇنۇ‹‹ياردەم: خەتلىك فىلىمچىلىكىمىزنىڭ تارىخى››تېمىنى كۆرۈپ ئالاھىدە قىزىقىپ قالدىم.شۇڭا ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمچىلەرنىڭ سەردارى بولغان قۇتيار تور بېكىتىگىمۇ مۇشۇ ھەقتە تېما يوللاش قارارىغا كەلدىم.گەرچە تېما تەكرارلىنىپ قالسىمۇ، مۇشۇنداق تېمىنىڭ قۇتيارغا يوللىنىشى تولىمۇ ئەھمىيەتلىك دەپ ئويلىدىم.ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئۆتمۈشتە تور دۇنياسىدا يوق ئىدى.مانا ئاساسلىقى نەچچە ئون تورداشلارنىڭ كۈچىشى بىلەن ئاجايىپ زور نەتىجىلەر بارلىققا كېلىپ ھەتتە ش ج تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىمۇ مۇشۇنداق كىنو ئىشلەشكە يېتەكلىدى.مۇشۇ ئەسنادا بىز ھەممەيلەن ئۆتمۈشتىكى داڭلىق(مۇشۇنداق دېيىش ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن)بىلىك-ئىنتىل تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسىنى ئەسلىمەي قالمايمىز. شۇ گۇرۇپ ئۈچۈن توختىماي ئىزدەنگەن ،جاپالىق ئىشلىگەن تورداشلارنى ئۇنتۇپ قالمايلى.بۇنى يەنە 10نەچچە يىللاردىن كېيىن تورداشلار چوقۇم ئەسلەپ قالىدۇ.ئانا تىلنى ھەم ئۇيغۇرچە خەتنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئاشۇ بىر قىسىم بىچارە كىشىلىرىمىز ئۈچۈن زور روھى ئۇزۇق بوپ قالغۇسى.بۇ ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەر ئىنتېرنېت دۇنياسىدا كىشىلىرىمىزگە ناھايىتى ئىستىتىتك زوق ئاتا قىلىدۇ ھەم باشقا ھوزۇرلارنى بېرىدۇ.
      خوش ، ئۇنداقتا گېپىمىزگە كېلەيلى.
ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم قاچاندىن باشلاپ پەيدا بولدى؟ كىم-كىملەر بۇنىڭغا زور كۈچلەرنى قوشتى؟ قانداق نەتىجىلىرى بار؟  
     2006 ياكى 2007 - يىللىرىمىكىن يادىمدا قېلىشىچە Rock ئەپەندىم ئىزدىنىشقا «ماشىنا ئادەم»(كارتون فىلىم) نى يوللاپتىكەن  ۋە بوشلۇق لازىملىقنى يېزىپتىكەن شۇ چاغدا پوسكام مائارىپ تورى ئىنتىل سەيناسىنى قوللاپ بوشلۇق تەمىنلەۋاتقان بولغاچقا بىزدە بوشلۇق كۆپ ئىدى، مەن Rock  ئەپەندىمگە ئۇچۇر يوللىدىم ، شۇنىڭ بىلەن بىز QQ  دا كۆرۈشتۇق.  فىلىمنى بوشلۇققا يوللىدىم ، فىلىم سىغىمى چوڭ بولغاچقا Rock ئەپەندىم ئىككىگە بۆلۈپ قايتا بەردى ۋە ئىنتىلغا تېما يوللىدى. شۇنىڭ بىلەن Rock ئەپەندىم بىرقانچە فىلىمنى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ ئىشلىدى. ئىنتىل سەيناسى ۋە بىلىككە يوللىدى، بۇ ئىككى توربەت ئارقىلىق « ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم » دېگەن ئاتالغۇ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئارىسىدا تارقالدى. بارا- بارا  « ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم »  ھەۋەسكارلىرى كۆپىيىشكە باشلىدى.  مەن ، erdewil ( شۇ چاغدىكى نامى ئاقسۇ ئىدى) ، kulke   ( شۇ چاغدىكى نامى كۈلكە 0997 ئىدى) قاتارلىقلار  « ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم »  ئىشلەشكە قاتنىشىشقا باشلىدۇق. بىرەر يىل ئۆتەر- ئۆتمەي ئىنتىل سەيناسى ۋە بىلىكتە  « ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم »  سەھىپىسى قۇرۇلدى.« تۈرمىدىن قېچىش» نىڭ  چىقىشى بىلەن  « ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم »  ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى. نۇرغۇن نامسىز تورداشلىرىمىز ھازىرغىچە كۈچ قوشىۋاتىدۇ،مەسىلەن:
Yawuz, Rock, Erdewil. Intil. Kulke, Dell. Tedbirkar. Jewlaniy, Mahir Abdukerim, Intizar, Isaqjan, Togharq, Ablatjan, Weyrani... بۇلار كونا ئەزالاردۇر. ھازىرقى يېڭى يېتىشكەن ۋە ئىزچىل كۈچ قوشۇۋاتقانلار
Rock, Erdewil, Kulke دىن باشقىلار
Mr.Aziz. Boghlan, Romantic, Ochmes, Turan, Arkan2010, Xendan, Rita1028 ... قاتارلىقلار...
بۇلارنىڭ ئىچىدە چۈشۈپ قالغانلار بولۇشى ئېنىق. ئۇلار ئۆزۈڭلارنى مەلۇم قىلساڭلار بولىدۇ. بىز ھەممىنى ئېسىمىزدە ساقلاپ بولالمايمىز. ئاۋۇ ئۈستىدىكى تەرجىمە فىلىم ئارخىپىدىغۇ ھەممەيلەننىڭ ئىسىمى ئېنىق بار.
نۆۋەتتە  « ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم » ئىشلەش ۋە تارقىتىشتا مەخسۇسلاشقان تور بەتمۇ پايدا بولدى.
ھازىر « شاھ ئۇيغۇر بلوگى» ۋە « قۇتيار تورى»  « ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم » ئىشلىرىنى مەخسۇس قىلىۋاتقان توربەتلەردۇر.
مېنىڭ نەزىرىمدە  « ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم »  دېگەن سۆز Rock ئەپەندىم ۋە ئاشۇ  «ماشىنا ئادەم»  بىلەن زىچ باغلانغان.
    مەن(كۈلكە ئۆزىنى دېمەكچى)ئۇيغۇرچە ەتلىك فىلىم ئىشلىرىغا 2007 - يىلنىڭ باشلىرى ئەردەۋىل(تەرجىمە فىلىم ئىشلىگۈچى تورداش)بىلەن تونۇشۇپ،شۇ ئارقىلىق ھەم شۇنىڭدىن باشلاپ شلاپ گۇرۇپ قۇرۇلۇپ ، بىر قانچە قېتىم ئىسىم ئۆزگەرتىش جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ ئەڭ ئاخىرى مانا ھازىرقى قۇتيار تورى قۇرۇلۇپ ئىسىممۇ مۇقىملىشىپ ئىزچىل داۋاملىشىپ مېڭىۋاتىدۇ.
گۇرۇپپىمىزغا قويۇلغان ئىسىملار تۆۋەندىكىچە: (مېنىڭ بىلىشىم)
1 . ئىزدىنىش تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى
2 . ئىنتىل تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى
3 . بىلىك تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى
4 . بىلىك - ئىنتىل تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى (ئىنتىل - بىلىك تەرجىمە فىلىم گۇرپپىسىمۇ دەپ قوياتتى بەزى بالىلار)
5 . قاينام تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى
6 . قۇتيار تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى
...
     دېمەك، بىز بۇ 5 يىلدىن بۇيان 6 قېتىم (مېنىڭ بىلىشم ئەمدى) چوڭ ئىسىم ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپتۇ. ئەلۋەتتە خەتلىك فىلىم ئىشلىرىدا روك ئەڭ ھالقىلىق رول ئوينايدۇ ھېسابتا خەتلىك فىلىم ئىشلىرىنى تۇنجى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئوغلانىمىز روكتۇر. (ئاتالىپ- روكنىڭ تۇنجى قوللانغان ئىسىمى ئاتالىپ) شۇڭا ھەممىمىز ئەڭ ئاۋۋال روكقا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتمىقىمىز بەرھەقتۇر.
تەرجىمە فىلىم تارىخىنى بىلىشىكە تېخىمۇ قىزىقسىڭىز گۇرۇپپىمىز قوللانغان 6 خىل ئىسىىمدا ئېلان قىلىنغان خەتلىك فىلىملەرنىڭ ئارخىپىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:http://www.qutyar.net/mb/thread-munber-fid-76.html
تورداشلارنىڭ ئېسىدە بولسۇنكى مۇشۇ 6 خىل نامدا تارقىتىلغان فىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى بىر گۇرۇپ قىلغان دېيىشكە بولىدۇ. 6 خىل نام 6 گۇرۇپقا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. بۇ نوقتىنى ھەممەيلەن ئېنىق قىلىۋالساق.
ئىنتىلدىكى بەزى مەزمۇنلارنى پايدىلانسۇن ،تېما چۈشىنىشلىك بولسۇن دەپ كۆچۈرۈپ قويدۇم،ئەيبكە بۇيرىماڭلار.

تۆۋەندە مۇشۇ گۇرۇپپىنىڭ نادىر كارتونلىرىنى كۆرۈپ بېقىڭ:
ئەڭ سۈزۈك نۇسخىسىنى بۇ ئادرېستىن چۈشۈرۈڭ.
بۇ يەردىن سىغىمى كىچىك بولغان flvنۇسخىسىنى چۈشۈرۈڭ(سەل سۈزۈك ئەمەس،بىراق سىغىمى بەك كىچىك) .

[ بۇ يازمىنىerdewil 2011-04-16 13:11قايتا تەھرىرلىدى ]
دوستلىشىش
ئابدۇللا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7117
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 10
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە10دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 110 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-15
ئاخىرقى: 2011-08-26

تولىمۇ ياخشى بوپتۇ.
يۈكسەك ئەخلاققا ئىگە بول.
كۈلىۋەر دۈشمەنلىرىم!
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1636
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 791
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە791دانە
ئۆسۈش: 1430 %
مۇنبەر پۇلى: 9593 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-08
ئاخىرقى: 2012-05-05
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-16 12:40

مەن بو گۇرۇپپا تەرجىمە قىلغان نۇرغۇنلىغان تەرجىمە فىلملەرنى كۆرگەن ، نۇرغۇنلىرىنى ھازىرىغىچە كومپىيۇتىرىمدا ساقلاپ كىلىۋاتىمەن ! راست گەپنى دىسەم مەن يەنىلا بىلىك - ئىنتىل گۇرپىسى دىگەن ئىسىمنى بەك ياقتۇرىمەن !
سىلەرگە ئىشىنىمەن ، چۈنكى سىلەر قېرىنداشلىرىم ،
سىلەرنى سۆيىمەن ، چۈنكى سىلەر ۋەتەنداشلىرىم.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6350
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 609
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە609دانە
ئۆسۈش: 410 %
مۇنبەر پۇلى: 6671 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-03
ئاخىرقى: 2012-03-31
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-16 14:16

ئوھوي...........ئىسىل ۋاقىتلا..........ھىلقى تۇرمىدىن قىچىشنىڭ 3- بۆلىمىنى دەششەت كۆگەن.......
قىقاس چىقىرۋەتكەن كىنو دىگەننى كۆرۇپ...................
لىكىن ھازىر مۇشۇ كىنو دىگەنننىمۇ كۆرۇپ ئىشمۇ..........
بۇ دىخانلامۇ قىززىق بىرسى يىرىگە تاۋۇز تىرقويسا ھەممىسىلا تاۋۇز تىردىكەن ........
بىرسى تەمىسە ھىشكىم تەمەيدۇ......   بۇ پارنىكنىڭ بىرنەسىلى ئادەمگە لاۋزى تىتىيدىغىنى....
                      بۇ خۇدايىم يامغۇر بەرمىسە بەندىدە نەئەمال.......
بۇگۇنغۇ ھاۋا تۇتۇلۇپ قويۇپلا.......ياغمىدى ....................
تاغام بىنەمنى جىخ تىرۋاپتو........
                                     زۇنۇندەك قالايمىقان قىلدىغان بوپكىتىپتىمە جۇمۇ......
ئى ئاللا بىر سلگە ئىبادەت قىلمىز ۋە بىر سلدىن ياد ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3898
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1150
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1150دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 6300 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2012-05-06
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-16 14:32

ئەجىرىڭلارنى ئۇنتۇپ قالمايمىز يەنىلا تىرىشىڭلار.
adasdsadas
ئاللاھ، ئىيياكە نەئبۇدۇ ۋە ئىيياكە نەستەئىيىن!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4557
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 467
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە467دانە
ئۆسۈش: 570 %
مۇنبەر پۇلى: 3109 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-05-09
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-16 15:02

«كۇرتلار ۋادىسى پۇسۇ» 121-قىسىمدا ئەرسوي ئۇلۇبەي بىلەن ئىسرائىلىيە ئەلچىسى ئوتتۇرىدىكى قىسقا دىئالوگ بايان قىلىنغان بەش ئالتە مېنۇتلۇق بىر كۆرۈنۈش بار. مەزمۇنى كىشىنى قاتتىق ئۇيغا سالىدۇ. مەن ئاشۇنى تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ يېزىپ بەرسەم، سىلەر ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈپ بېرەمسىلەر؟

دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6553
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 8
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە8دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 130 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-18
ئاخىرقى: 2012-01-13
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-16 16:19

قۇتيار تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن مەيلى قانداق نورمال كىنو بولسۇن مۇشۇ خىلدىكى سىياسى فىلىملەرنى ئېلان قىلمايدۇ. ھەممىسى كەلگۈسى تەرەققىيات ئۈچۈن. قالغان ئىشلارنى قۇتيار تورىدىن كۆرۈۋېلىڭ:http://www.qutyar.net/mb
ئاللاھ، ئىيياكە نەئبۇدۇ ۋە ئىيياكە نەستەئىيىن!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4557
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 467
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە467دانە
ئۆسۈش: 570 %
مۇنبەر پۇلى: 3109 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-05-09
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-16 16:57

6-قەۋەت (erdewil) نىڭ يازمىسىغا

ھە، بىلدىم. سىلەرنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىڭلارنىڭ پارلاق بولۇشىنى تىلەيمەن.
مەنمۇ ئۇ دىئالوگنى تەرجىمە قىلىپ يۈرمەي ئەمدى.  
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2470
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2470دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30381 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-10
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-16 17:38

فىلىمگە ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈشنى بىر ئۈگەتسەڭلار دەرىسلىك قىلىپ ...
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
hudayim bar himim yuk
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5863
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 766
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە766دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 8182 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-24
ئاخىرقى: 2012-05-07
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-16 21:55

تىخمۇ تىرىشقايسىلەر.