ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاللاھ ئەجرڭىزنى بەرسۇن.بۇ مەن ئۇچۈن دەل ۋاختىدا يوللانغان تىما بولدى.چۈنكى ئاللاھ خالىسا يەنە بىر ئايدىن كىيىن پەرزەنتىم يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ. سورايدىغان يەنە بىر سۇئالىم بار ئىدى. گەرچە بۇ ئختىلاپلىق مەسلە بولسىمۇ ... مۇنداق گەپ، مىنىڭ ئاي كۇنۈم تۇشاي دەپ قالدى بۇنداق ۋاقىتلاردا تاھارەت تۇرمايدىكەن . ھەربىر ئالغان تاھارىتىم بىلەن بىر نامازنى ئاران تاماملىيالايمەن. شۇنداق قۇرئان ئۇقۇغۇم بار لىكىن تاھارىتىم بولمىغاچىقا .......
مەن باشقىلاردىنمۇ سورىدۇم لىكىن ئۇلار قەتئى بولمايدۇ قۇرئان ئاللاھنىڭ سۈزى تۇرسا تاھارەىتسىز تۇتۇش ھۆرمەتسىزلىك.................مەن نەچچەئاي قۇرئان ئۇقۇماي قانداق يۈرگىلى بۇلىدۇ مۇسۇلمان تۇرۇپ دىسەم. ئامال يوق،ئشقىلىپ تۇتسا بولمايدۇ .دەپ جاۋاپ بىرىشتى.ئىلگىرى ئالى مەكتەپتە شارائتىم بار تۇرۇپ بۇ توغرىسىدا ئزدەنمەپتىكەنمەن(ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمەن)، ئەمدى ئاللاھنى ھەققىقى تۇنىغان ۋاقتىمدا ئەتراپىمدا قۇرئان ھەدىستىن چۈشەندۈرۈپ بىرەلىگىدەك ئادەم يوق. نەچچە ئاي قۇرئان ئۇقۇماي يۈرۈشكە تاقىتىم يوق. ئەمما توغرا بولسا قۇرئان ھەدىس ئالدىدا ھەممىمىز ئاجىزمىز. قېرىنداشلىرىم ماڭا مۇشۇ ھەقتە قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تېپىشىپ بەرگەن بولساڭلار. قۇرئاننى تاھارەتسىز تۇتۇشقا بولمامدۇ؟؟؟؟؟؟