查看完整版本: [-- بۇۋاقلارغا ئەقىقە قىلىشتىن بايان (ھەمزە) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> بۇۋاقلارغا ئەقىقە قىلىشتىن بايان (ھەمزە) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ھەمزە 2011-04-15 00:36
بۇۋاقلارغا ئەقىقە قىلىشتىن بايان

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە ھىدايتى توغرا يولدا مېڭىش ئۈچۈن تىرشىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا بولسۇن.

ئاللاھ ئىنسانلارنى يارتىپ ئىنسانلارنىڭ توغرا يولدا مېڭىپ ئەبەدىيلىك راھەت-پاراغەتكە ئىشىرىشتۇرۇش ئۇچۇن ھەر بىر قەۋمگە ئەلچى ئەۋەتتى.ئەلچى ئۆممەتلىرى ئۈچۈن ھەق بىلەن باتىلنى ئىنىق ئايرىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن توغرا يولدا ماڭغانلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئىرشىپ جەننىتى بولدى. توغرا يولنى قايرىپ قۇيۇپ باتىل يوللارغا ماڭغانلار ئاللاھنىڭ لەنىتىگە ئۇچراپ مەڭگۈلۈك ئازاب –ئۇقۇبەتكە دۇچار بولدى.

بۈگۈن مەن رەسۇلۇللە بىزلەرگە كۆرسىتىپ ئۆتكەن يوللاردىن بىرى بولغان ئەقىقە توغۇرلۇق ئازراق ئىزاھات بەرمەكچىمەن.

قانداق بىر ئادەم توغرا يولدا،رەسۇلۇللە نىڭ سۈننىتى بۇيىچە ماڭاي دەيدىكەن رەسۇلۇللە ۋە ساھابىلەرنىڭ يولىنى لازىم تۇتسۇن.

قېنى بىز يىڭى تۇغۇلغان بۇۋاققا رەسۇلۇللەنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ نىمىلەرنى قىلغانلىقىغا قاراپ باقايلى.

ئەقىقە قىلىش.

سالمان ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇ.رەسۇلۇللە مۇنداق دىگەن«تۇغۇلغان بالا ھەققىدە قان تۇكۇپ ئەقىقە قىلىپ قان تۈكۈڭلار.قوي بۇغۇزلاڭلار.ئەزىيەتنى تازلاپ يۇيۇڭلار.»(نەسەئىي توپلىغان سەھىھ)

بۇ ھەدىستىكى ‹ئەزىيەت› سۆزىنى بالىنىڭ چېچې دەپ چۈشەنسەك بۇلىدۇ. يەنى ئەقىقىسى قىلىنىپ چېچى چۈشۈرلۇپ يۇيۇلۇپ ئاندىن ئىسىم قۇيلىدۇ.

ئەسما بىنتى بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلنىدۇ.رەسۇلۇللە مۇنداق دىگەن«ئەقىقە قىلىش ھەق.(يەنى قادىر بۇلالىغان ئادەمگە ۋاجىپت)ئۇغۇل بالىغا ياشلىرى تەڭ،باببارابەر بولغان ئىككى قوي،قىز بالىغا بىر قوي ئەقىقە قىلنىدۇ»(ئىمام ئەھمەد،ئىبنى ماججە توپلىغان سەھىھ)

بۇ ھەدىستىن مال بۇغۇزلاشقاقادىر بۇلالىغان ئادەم مال بۇغۇزلىمىسا گۇناھكار بۇلىدىغانلىقىنى بىلۋالغىلى بۇلىدۇ.ئەمما قادىر بۇلالمايدىغانلار گۇناھكار بولمايدۇ.

بولسا شۇ مالنىڭ گۆشىنى يىتىم-يىسىر ئاجىزلارغا مەلۇم مىقداردا سەدقە قىلۋەتسىڭىز ياخشى.ئەمما سىز باي ئادەم بولسىڭىز ئەقىقىگە چوڭ مال بۇغۇزلايمەن دەپ كالا،تۈگە دىگەندەك رەسۇلۇللە قىلمىغان ھەم بۇيرىمىغان نەرسىلەرنى قۇربانلىق قىلسىڭىز ھەددىڭىزدىن ئاشقان،رەسۇلۇللەنىڭ سۈننىتىگە خىلاپ ئىش قىلغان بۇلىسىز.

ئەقىقە قانداق قىلىنىدۇ؟

رەسۇلۇللە يىڭى تۇغۇلغان بۇۋاقنىڭ ئەقىقە توغرىسىدا مۇنداق دىگەن.«ئۇغۇل بالىدىن ئىككى قوي،قىز بالىدىن بىر قوي ئەقىقە قىلىنىدۇ»(ئىككى قويغا قادىر بۇلالمىسا بىر قوي،ئۇنىڭغىمۇ قادىر بۇلالمىسا قىلمىسىمۇ بۇلىدۇ.ئاللاھ قۇرئاندا بەندىنىڭ تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلارغا بەندىنى بۇيرىمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئايەت نازىل قىلغان)(تەبرانى توپلىغان،ئەلبانى سەھىھ دىگەن)

بۇ ھەدىستىن قۇدرىتى يىتىدىغان ئادەملەر ئۇغۇل بولسا ئىككى قوي،قىز بولسا بىر قوي قۇربانلاق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەقىقە بۇۋاق تۇغۇلۇپ نەچچىنچى كۈنى قىلىنسا بۇلىدۇ؟

بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ،رەسۇلۇللەمۇنداق دىگەن« بالا تۇغۇلغاندا قىلىىنىدىغان ئەقىقە قويى بالا تۇغۇلۇپ 7.كۈنى،ياكى 14.كۈنى،ياكى 21.كۈنى قىلىنسا بۇلىدۇ»(تەبرانى رىۋايەت قىلغان سەھىھ)

بۇۋاق تۇغۇلغان كۈنىلا ئەقىقە قىلىنىپ ئىسىم قۇيۋېتىلسە چاتاق يوق. ئەمما ھەدىسلاردا 7.كۈنىنى كۆپرەك تەكىتلىگەن.

بۇۋاققا ئىسىم قۇيۇشنىڭ ئالدى كەينىدە..

بۇۋاق تۇغۇلغاندا بولسا ياخشى سالىھ كىشى ئېغىزلاندۇرسا ئەپزەل.

بۇنىڭغا دەلىل: ئەسمائ رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيردىن ھامىلدار بولغان. ئۇ شۇنداق دەيدۇ: تۇغۇتۇم يېقىنلاشقاندا مەدىنىگە يول ئالدىم.مەدىنىگە كېلىپ قۇبادا يەڭگىدىم.ئاندىن بوۋاقنى رەسۇلۇللاھ يېنىغا ئاپاردىم ۋە قۇچىقىدا قويدۇم. رەسۇلۇللاھ خورما ئەكەلدۈرۈپ ئۇنى چايناپ بوۋاققا يېگۈزدى.شۇنىڭ بىلەن بوۋاقنى خورما بىلەن ئېغىزلاندۇردى، بوۋاققا دۇئا قىلدى ۋە بەرىكەت تىلىدى. بۇ، ئىسلامدا تۇنجى تۇغۇلغان بوۋاق ئىدى(بۇخارىي، مۇسلىم توپلىغان،)

باشقا ھەدىسلەردىمۇ رەسۇلۇللەنىڭ تۈكرۈكى بىلەن بالا ئېغىزلاندۇرغانلىقى ھەققىدە مەزمۇنلار بار.

رەسۇلۇللە بۇۋاققا مۇنداق يۇسۇندا ئىسىم قويغان.

ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالى يەڭگىگەندە،ئەبۇ تەلھە ئەنەسكە: بوۋاقنى ئاسىراپ رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا ئاپار، دەپ بۇيرىدى. ئۇ بوۋاقنى رەسۇلۇللاھ يېنىغا ئاپاردى. ئايال بوۋاق بىلەن بىرگە بىر قانچە خورما ئەۋەتكەنىدى. (يەنە بىر سەھىھ ھەدىستە:ئۇلار بارغاندا، رەسۇلۇللاھ ئېغىلدا قوي قۇلىقىغا بەلگە سېلىۋاتقانىكەن)رەسۇلۇللاھ: بوۋاق بىلەن بىرنەرسە بارمۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇلار: خورما بار، دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ خورمىنى ئېلىپ ئاغزىغا سېلىپ چايناپ ئۇنى بوۋاقنىڭ ئاغزىغا سېلىپ ئېغىزلاندۇردى، بوۋاققا: ئابدۇللاھ، دەپ ئىسىم قويدى(سەھىھۇلبۇخارىي)

بۇۋاققا ئىسىم قويغاندا مەنىلىك ياخشى ئىسىملارنى قۇيۇش سۈننەت. رەسۇلۇللە بەزى ساھابىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن. ۋە چىرايلىق مەنىلىك ئىسىملارنى قۇيۇشقا بۇيرۇغان. رەسۇلۇللە تەكىدلىگەن ئىسىملار:ئابدۇللاھ،ئابدۇراھمان ئابدۇرەھىم،ئىبراھىم...دىگەندەك ئىسىملاردۇر.

بەزىلەر ئىسىمدىن ياخشىلىق ياكى يامانلىق ئىرادە قىلىشىدۇ. ۋە تۇغۇلغان بالىسى ئارقا-ئارقىدىن  ئۈلۈپ كىتىپ قالسا كىيىن تۇغۇلغان بالىسىنىڭ ئىسمىنى توختى،تۇردى.توختەم،تۇرسۇن،تۇرسۇنگۈل...دىگەندەك ئىسىملارنى قۇيشۇپ شۇ قويغان ئىسىملىرى تۇپەيلى بالىلىرىنىڭ بۇ دۇنيادا توختاپ،تۇرۇپ قېلىشنى ئىرادە قىلىشىدۇ، يەنە بەزىلەر داۋاملىق قىز پەرزنىت بولسا ئۇغۇل پەرزنت كۈرۈش ئىستىكىدە قىزنىڭ ئىسمىنىمۇ ئۇغالنىياز،ئۇغال،ئۇغالنىسە....دىگەندەك ئىسىملەرنى قۇيشىدۇ. ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇغۇللۇق بۇلۇشنى ئىرادە قىلىشىدۇ. بۇخەتەرلىك ئەھۋال. بۇنداق ئىشلار يىنىكرەكى شۇ ئىش ئىگىسىنى گۇناھكار قىلسا ئېغىرراقى بەندىنى مۇشرىك قىلۋېتىدۇ.ئاللاھ بۇنىڭدىن ساقلىسۇن! بىز ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئەقىدىسىدىكى مۇسۇلمانلار ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ پەقەتلا ئاللاھ تەرپىدىنلا كىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمىز زۇرۇر. ياردەمنى پەقەت ئاللاھتىنلا تىلەيمىز،

ئىسىم قويغاندا ھازىرقى قېرىنداشلىرىمىز مودا قوغلۇشۇپ ئىسىم ئىزدىشىپ كىتىدۇ.رەسۇلۇللە تەكىدلىگەن بىرەر ئىسىمنى زىكرى قىلسا ‹باشقىلار قۇيۋالغان ئىسىم،زاماننىڭ كەينىدە قالغان ئىسىم..› دىيشىپ مودا ئىسىملارنى تېپىشىپ قۇيشىدۇ.ھەتتا بەزىلەر كىنو چولپانلىرىنىڭ،ئۈزى چۇقۇنىدىغان ئىسلامدىن قىلچە خەۋىرى بولمىغان چولپانلارنىڭ ئىسمىنى قۇيشىدۇ. بەزىلەر ئىسىم توغرىسىدا جىدەللىشىپ كىتىدۇ.يەنى بالىنىڭ دادىسى ‹بۇ ئىسىمنى قۇيىمەن› بالىنىڭ ئانىسى تەرەپ‹ئۇ ئىسىمنى قۇيىمىز› دىيشىپ ئارلىقنى يامانلارشتۇرىۋېتىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. بىز ئۆزىمىزنى مۇسۇلمان دەپ قارايدىكەنمىز ھەرقانداق ئىشىمىزدا ئىسلامنىڭ يول-يۇرقى بۇيىچە ئىش قىلساق،ھەممە نەرسىدىن ئىسلام شەرىئىتىنى يۇقرى ئۇرۇندا كۈرەلىسەك ئاندىم مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلساق يارىشىدۇ.بولمىسا بىزنىڭ ئېغىزىمىزدىكى‹مەن مۇسۇلمان› دىگەن گەپكە مۇسۇلمان بولغىلى بولمايدۇ. خوش... بۇ توغۇرلۇق سۆزلىسەك سەل چېچىلىپ قالىمىز. ئاللاھ خالىسا بۇ توغۇرلۇقمۇ ئايرىم توختىلارمىز. تىمىمىزغا قايتىايلى.

ئىسىم قۇيۇپ بولغاندىن كىيىن بالىنىڭ چېچى چۈشۈرلىدۇ ۋە چۈشۈرۈلگەن چاچ مىقدارى كۈمۈش سەدقە قىلنىدۇ.

 بۇنىڭغا دەلىل؛رەسۇلۇللاھ ھەسەننىڭ ئەقىقىسىنى قىلىپ بولۇپ پاتىمەگە: پاتىمە! ھەسەننىڭ چېچىنى چۈشۈرۈڭ،چېچى ئېغىرلىقىدا كۈمۈش سەدىقە قىلىڭ،دەپ بۇيرىدى(تىرمىزىي توپلىغان7589- نومۇرلۇق، ئالبانىي: سەھىھ، دېگەن)

بالىنىڭ چېچىچىنى گىرامغا سېلىپ ئۆلچەپ قانچىلىك كەلگەن بولسا شۇ مىقداردا كۈمۈش ھىسابلاپ سەدقە قىلىش كىرەك. بۇمۇ قادىر بۇلالىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. ھازىرقى تۇرمىشىمىزدا چاچ بارابىرىدە سەدقە بىرىش ھەممەيلەننىڭ قۇلىدىن كىلىدىغۇ دەيمەن. بىر بۇۋاقنىڭ چېچىنىڭ ئېغىرلىقى كۆپ بولسا 10 گىرام بۇلار. كۈمۈشنىڭ گىرىمى ھازىرقى بازاردە 10 كوي بولسا 100كوي پۇل چېچىنىى چۈشۈرگەندە سەدقە ئورنىدا بىرۋېتىلسە بۇلىدۇ.

بۇ توغۇرلۇق مىنىڭ ئىزدەنگنلىرىم مۇشۇنچىلىك. خاتا يەرلىرى بولسا تۇزتىپ بىرشىڭلارنى سۇرايمەن.

تەييارلىغۇچى؛ ھەمزە

 

 ئەسلى يوللانغان مەنزىل: http://hemza.blogbus.com/logs/119331080.html

 

 تېخىمۇ كۆپ دىننى بىلىملەرنى بىلەي دىسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ


natsist 2011-04-15 01:05
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز مۇشۇنداق تېمىلىرىڭىز مۇنبەردىن ئۈزۈلمىسۇن

musapir1 2011-04-15 09:49
بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ،رەسۇلۇللەمۇنداق دىگەن« بالا تۇغۇلغاندا قىلىىنىدىغان ئەقىقە قويى بالا تۇغۇلۇپ 7.كۈنى،ياكى 14.كۈنى،ياكى 21.كۈنى قىلىنسا بۇلىدۇ»(تەبرانى رىۋايەت قىلغان سەھىھ)
بۇ ھەقىقەتەن سەھىھ ھەدىسمۇ ؟ ئەقىقە قويى بالا تۇغۇلۇپ 7-كۈنى بوغۇزلىنىدۇ دەپ ئاڭلىغان ھەم كۆرگەن لېكىن 14-كۈنى،ياكى 21-كۈنى قىلىنسا بۇلىدۇ دىگەننى ھەدىستە ئەمەس ئۇلىمالارنىڭ كۆزقارىشىدا كۆرگەن....     

ھەمزە 2011-04-15 09:59
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى musapir1 نىڭ 2011-04-15 09:49 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ،رەسۇلۇللەمۇنداق دىگەن« بالا تۇغۇلغاندا قىلىىنىدىغان ئەقىقە قويى بالا تۇغۇلۇپ 7.كۈنى،ياكى 14.كۈنى،ياكى 21.كۈنى قىلىنسا بۇلىدۇ»(تەبرانى رىۋايەت قىلغان سەھىھ)
بۇ ھەقىقەتەن سەھىھ ھەدىسمۇ ؟ ئەقىقە قويى بالا تۇغۇلۇپ 7-كۈنى بوغۇزلىنىدۇ دەپ ئاڭلىغان ھەم كۆرگەن لېكىن 14-كۈنى،ياكى 21-كۈنى قىلىنسا بۇلىدۇ دىگەننى ھەدىستە ئەمەس ئۇلىمالارنىڭ كۆزقارىشىدا كۆرگەن....      

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بۇ ھەقىقەتەنمۇ سەھىھ ھەدىس. بۇ ھەدىسنى جالالىددىن سۇيۇتى،ئالبانى قاتارلىق ئالىملار تۇزگەن<جامىئۇسسەھھاھ>(سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى) دىگەن كىتابتا بايان قىلغان. 4132 .نۇمۇرلۇق ھەدىس.
بۇرادەر! بۇ ھەدىسنىڭ زىددى بولغان يەنە بىر ھەدىس بولسا كەلتۇرۇپ باقسىىز بۇلىدۇ.. يەنى جەزمەن 7.كۈنى قىلمىسا بولمايدۇ دىگەن ھەدىس بولسا كەلتۈرۈڭ. بولمىسا باشقا كىتابلاردىن،ئالىملاردىن ئاڭلىغان سۆزلىرىڭىز ئۈچۈن ھەدىسنى ئىنكار قىلماڭ. بۇ ئادەمنى يىنىكرەكى پاسىق قىلسا ئېغىرراقى كاپىر قىلىدۇ. ئاللاھ گۇناھلىرىمىزنى كەچۇرسۇن

nawkran 2011-04-15 11:30
ھەقققەتەن ياخشې  تمكەن   تما  يوللغان  قرندشمزغا  ئاللا  رەخمەت قلسۇن .
تخمۇ  كۈپلگەن تملارنې  يوللاپ  تورداشلارغا  تخمۇ ياىشې  بولغان مەنۋې  بايلقلارنې قالدۇرۇشڭزنې  چن دلمزدن  ئۈمۈت قلمز  ئەزز قرندشم .

كۈرەش 2011-04-15 12:07
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم!! ياخشى تىما يوللاپسىز

موتو 2011-04-15 13:53
مەن بالام تۇغۇلغاندا  قىلماپتىمەن  .ھازىر قىلساممۇ  بولامدۇ؟

rahima 2011-04-15 14:15
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ئاللاھ ئەجرڭىزنى بەرسۇن.بۇ   مەن ئۇچۈن دەل ۋاختىدا يوللانغان تىما بولدى.چۈنكى ئاللاھ خالىسا يەنە بىر ئايدىن كىيىن پەرزەنتىم يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ.   سورايدىغان يەنە بىر سۇئالىم بار ئىدى. گەرچە بۇ ئختىلاپلىق مەسلە بولسىمۇ ...   مۇنداق گەپ، مىنىڭ ئاي كۇنۈم تۇشاي دەپ قالدى بۇنداق ۋاقىتلاردا تاھارەت تۇرمايدىكەن . ھەربىر ئالغان تاھارىتىم بىلەن بىر نامازنى ئاران تاماملىيالايمەن. شۇنداق قۇرئان ئۇقۇغۇم بار لىكىن تاھارىتىم بولمىغاچىقا .......
مەن باشقىلاردىنمۇ سورىدۇم لىكىن ئۇلار قەتئى بولمايدۇ قۇرئان ئاللاھنىڭ سۈزى تۇرسا تاھارەىتسىز تۇتۇش ھۆرمەتسىزلىك.................مەن نەچچەئاي قۇرئان ئۇقۇماي قانداق يۈرگىلى بۇلىدۇ مۇسۇلمان تۇرۇپ دىسەم. ئامال يوق،ئشقىلىپ تۇتسا بولمايدۇ .دەپ جاۋاپ بىرىشتى.ئىلگىرى ئالى مەكتەپتە شارائتىم بار تۇرۇپ بۇ توغرىسىدا ئزدەنمەپتىكەنمەن(ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمەن)، ئەمدى ئاللاھنى ھەققىقى تۇنىغان ۋاقتىمدا ئەتراپىمدا قۇرئان ھەدىستىن چۈشەندۈرۈپ بىرەلىگىدەك ئادەم يوق.  نەچچە ئاي قۇرئان ئۇقۇماي يۈرۈشكە تاقىتىم يوق. ئەمما توغرا بولسا قۇرئان ھەدىس ئالدىدا ھەممىمىز ئاجىزمىز. قېرىنداشلىرىم ماڭا مۇشۇ ھەقتە  قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تېپىشىپ بەرگەن بولساڭلار. قۇرئاننى تاھارەتسىز تۇتۇشقا بولمامدۇ؟؟؟؟؟؟

xiwergan 2011-04-15 17:18
بۇ تىمىا ئىگىسىگە رەخمەت !!  بۇ بەك ياخشى   تىما ئىكەن . ئىھتىمال بۇنداق بىلىمنى نۇرغۇن ياش بالىلار بىلمەيدۇ  .

arzuyum 2011-04-15 17:59
ۋەئەلەيكۇم -ئەسسالام   قېرىندىشىم ، ئاللاھ  خالسا مۇشۇنداق مەنپەئەتلىك تېمىلىرىڭىزدىن دائىم مەنپەئەت  ئېلىش بىزلەرگە نىسىپ بولار ،
سىزگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولغاي !

asanat 2011-04-15 21:48
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم!! ياخشى تىما يوللاپسىز .داۋاملىق يۇللاپ تۇرۇشڭزنى .ئىستەيمىز.

ھەمزە 2011-04-15 22:12
قىلىش ھاجەتسىز. يۇقارقى ھەدىسلەردە 7.كۈنى ياكى 14،كۇنى ياكى.21.كۇنى قىلسا بۇلىدۇ دىيىلگەن.

ھەمزە 2011-04-15 22:24
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى rahima نىڭ 2011-04-15 14:15 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ئاللاھ ئەجرڭىزنى بەرسۇن.بۇ   مەن ئۇچۈن دەل ۋاختىدا يوللانغان تىما بولدى.چۈنكى ئاللاھ خالىسا يەنە بىر ئايدىن كىيىن پەرزەنتىم يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ.   سورايدىغان يەنە بىر سۇئالىم بار ئىدى. گەرچە بۇ ئختىلاپلىق مەسلە بولسىمۇ ...   مۇنداق گەپ، مىنىڭ ئاي كۇنۈم تۇشاي دەپ قالدى بۇنداق ۋاقىتلاردا تاھارەت تۇرمايدىكەن . ھەربىر ئالغان تاھارىتىم بىلەن بىر نامازنى ئاران تاماملىيالايمەن. شۇنداق قۇرئان ئۇقۇغۇم بار لىكىن تاھارىتىم بولمىغاچىقا .......
مەن باشقىلاردىنمۇ سورىدۇم لىكىن ئۇلار قەتئى بولمايدۇ قۇرئان ئاللاھنىڭ سۈزى تۇرسا تاھارەىتسىز تۇتۇش ھۆرمەتسىزلىك.................مەن نەچچەئاي قۇرئان ئۇقۇماي قانداق يۈرگىلى بۇلىدۇ مۇسۇلمان تۇرۇپ دىسەم. ئامال يوق،ئشقىلىپ تۇتسا بولمايدۇ .دەپ جاۋاپ بىرىشتى.ئىلگىرى ئالى مەكتەپتە شارائتىم بار تۇرۇپ بۇ توغرىسىدا ئزدەنمەپتىكەنمەن(ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمەن)، ئەمدى ئاللاھنى ھەققىقى تۇنىغان ۋاقتىمدا ئەتراپىمدا قۇرئان ھەدىستىن چۈشەندۈرۈپ بىرەلىگىدەك ئادەم يوق.  نەچچە ئاي قۇرئان ئۇقۇماي يۈرۈشكە تاقىتىم يوق. ئەمما توغرا بولسا قۇرئان ھەدىس ئالدىدا ھەممىمىز ئاجىزمىز. قېرىنداشلىرىم ماڭا مۇشۇ ھەقتە  قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تېپىشىپ بەرگەن بولساڭلار. قۇرئاننى تاھارەتسىز تۇتۇشقا بولمامدۇ؟؟؟؟؟؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!
قۇرئان ئوقۇش مەسىلىسىگە كەلسەك جۇنۇپ،ھەيزدار كىشى قۇرئان ئوقۇسا بولمايدۇ.(بەزى ئالىملار ھەيىزدار ئاياللار ئوقۇغۇچى بولسا يەنى قۇرئان يادلاۋاتقان،ياكى قۇرئان ئۆگىتىۋاتقان ئايال بولسا ئوقۇسا بۇلىدۇ دەيدۇ.) ئەمما غۇسلى قىلىش ۋاجىپ بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا قۇرئان ئوقۇسا بۇلىدۇ. يەنى كىچىك تاھارەت بولمىسىمۇ قۇرئان تۇتسا ۋە ئوقۇسا بۇلىدۇ. بولسا تاھارەت بىلەن تۇتقان ھەم ئوقۇغان ياخشى.
قۇرئان ئوقۇشقا قەتئىي بولمايدىغانلار پەقەت جۇنۇپ،ۋە دىنسىزلار. ھەيزدار لارمۇ ئۆزرىسىز ھالەتتە تۇتسا ئوقۇسا بولمايدۇ، ئەمما تىلۋىزور،رادىئولاردىن ئاڭلىسا چاتاق يوق.
سىزقۇرئان ئوقۇۋەرسىڭىز بۇلىدۇ. چۇنكى سىزدىن كەلگىنى ھەيزنىڭ قېنى ئەمەس. ئەگەر قىينالمىسىڭىز قۇرئان ئوقۇش ۋە تۇتۇشنىڭ ئالدىدا تاھارەت ئېلىڭ. تاھارەت مۆئىمىننىڭ نۇرىدۇر.
مەن قانداق كىشىلەرنىڭ قۇرئاننى تۇتۇشقا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئىزدىنىپ بىر تىما يوللاي.

tuprakbag 2011-04-16 00:35
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 11قەۋەتتىكى ھەمزە نىڭ 2011-04-15 22:12 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل 6-قەۋەت (موتو) نىڭ يازمىسىغا :
قىلىش ھاجەتسىز. يۇقارقى ھەدىسلەردە 7.كۈنى ياكى 14،كۇنى ياكى.21.كۇنى قىلسا بۇلىدۇ دىيىلگەن.

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئاللا رازى بولسۇن.    
باشقا ۋاقىتتا قىلىش ھاجەتسىزما؟ مىنىڭ قىزىم تۇغۇلغان ۋاقىتتامەن تۇرغان شەھەردە قوي تاپالمىغان ئىدىم، نىيىتىم يۇرتقا قايتقاندا قىلىش ئىدى؟

ھەمزە 2011-04-16 00:52
ئەگەر سىز قايتقاندا قىلىشنى ئۈزىڭىزگە نەزىر قىلغان بولسىڭىز نەزىرىڭىزنى ئۇرۇنداڭ

nazli0998 2011-04-16 00:54
ئاللاھ  رەھمەت  قىلسۇن  ! مەن  بۇ  تىمىنى  ساقلىۋالاي  .

pirate 2011-04-16 22:49
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
قىرىندىشىم بۇ گىپڭىز بولمىدمۇ قانداق بۇرۇن بىلمىگەنلىكتىن قىلمىغان بولسا بلگەندىن كىيىن چوقوم قىلىش كىرەك.  پەيغەمبىرمىز (س ئە ۋ )مۇ ۋەھى كىلىپ پەيغەمبەر بولغاندىن كىيىن ئۆزنىڭ  ئەقىقسنى ئۆزى قىلغان.

نىيەت 2011-04-16 23:04
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتىللاھى ۋەبەرەكاتىھۇ  . سىزنىڭ ھەقىقە توغرىسىدا تورداشلارنى بەزى مەزمۇنلاردىن خەۋەردار قىلغانلىقىڭىزدىن كۆڭلۈم تولىمۇ سۆيۈندى ، ئەمما بەزى مەزمۇنلاردا كەمتۈكلۈك بولۇپ قاپتۇ. مەسىلەن:يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ چىچىغا نىسپەتەن ئەگەر قادىر بولالىساق چىچىنى جېڭلاپ قانچېلىك كەلسا شۇنچىلىك ئالتۇن، قادىر بولالمىسا كۆمۈش بىرىلىدىغاندۇ مۇشۇ مەسىلىگە نىسپەتەن بولسا  كەڭ تورداشلىرىمىزغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز ،.......يەنىلام سىزگە تورداشلارغا ۋاكالىتەن رەھمەت ئېيتىمەن.....

بەربەر 2011-07-16 21:59
مەنمۇ بوۋاقنىڭ چېچى بىلەن تەڭ ئالتۇن سەدىقە بىرىلدۇ دەپ ئاڭلىغاندىم.


查看完整版本: [-- بۇۋاقلارغا ئەقىقە قىلىشتىن بايان (ھەمزە) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.059089 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us