دۆلەت نامى : تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى
پايتەختى : دۈشەنبە
1991 - يىلى قۇرۇلغان.
9 - ئاينىڭ 9 - كۈنىنى دۆلەت بايرىمى كۈنى قىلىپ بېكىتكەن.
دۆلەت ئورنى ئورتا ئاسىيا، شەرقىي- شىمال تەرىپى قىرغىزىستان بىلەن، شەرقىي تەرىپى جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن، جەنۇبى ئافغانىستان بىلەن، غەربى ئۆزبىكىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ.
تـاجىكلار دۆلەت نوپۇسىنىڭ 64.9 پىرسەنتىنى، ئۆزبىكلەر 25 پىرسەنتىنى، روسلار 3.5 پىرسەنتىنى، باشقا مىللەتلەر 6.6 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.تاجىك تىلىنى دۆلەت تىلى قىلىپ بېكىتكەن. روس تىلىنى ئورتاق ئىشلىتىدۇ.
پۈتۈن يەر شارىدىكى تاجىكلارئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 28 مىليون 5يۈز مىڭ دەپ مۆلچەرلەنمەكتە.
دۇنيادا تاجىكلار بەك تارقاق،ئوخشىمىغان دۆلەت،ۋە رايۇنلاردا ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ،مەدەنىيىتىدىمۇ زور پەرىقلەر بولۇپ قالماقتا.
ئافغانىستاندا ياشايدىغان تاجىكلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ،ئافغانىستان ھۆكىمىتى تەرىپىدىن ئىلىپ بىرىلغان نوپۇس تەكشۈرەشتە 5 مىليوندىن ئاشىدۇ دەپ ئىلان قىلىنغان،تاجىك خەلقى بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى نوپۇسىنى 8مىليوندىن ئارتوق ئىكەنلىكىنى جاكارلاپ، ئۆز مۇنبەرلىرىدە ئەسكەرتىپ كىلىشمەكتە.