(بۇبىر قىرىندىشىمىزنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ھەقىقى ۋەقە )
مانا ئەمدى كۆزىنى يۇمۇپ ئاچقىچە يولدۇشۇم بىلەن توي قىلغىنى 13 يىل بولۇپتۇ،13 يىل جەريانىدا نۇرغۇن ئىسسق سوغۇقلارنى باشتىن كەچۇرۈپ ئۆيدە بارغۇمۇ چۆكۈپ يوققمۇ چوكۈپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ھال كۈنمىز كۈندىن -كۈنگە ياخشى ئىدى، بۇرۇن تاتقان جاپالىرىم كۆزۇمگە كۆرۈنمەي ئۆزۇممۇ خۇشال ، 4- بالامغا ئېغىر ئاياغ بولدۇم، نەخ شۇبالامغا 4ئايىلق بولغان چاغ ئىدى،
تۇرمۇشۇمدا ئۆزگۈرۈش يۈز بەرىدى، يولدۇشۇم بىلەن تۇرمۇش قۇرغىلى شۇنچە يىل بولغاچقمكىن ياكى يولدۇشۇمىنى بەك ياخشى كۆرگەچىكمكىن ئىش قىلپ يولدۇشۇمدىكى كىچكىنە ئۆزگۈرۈش مىنىڭ كۆزۈمدىن ھەرگىز قىچىپ قۇتۇلالمايتتى
ئۇ كۈندىن -كۈنگە جىمغۇر لشپ ئاز گەپ قىلدىغان بولۇپ كەتتى ، گەپ قىلسمۇ ماڭا بىر گىپى باردەك قىلاتتى، لىكىن قىلالماي گەپىنى باشقا ياققا ئىلپ قاچاتتى.خىلى ۋاقىت ئۆتكەنىدىن كىيىن ئاخىر مىنىڭ ئىچىم سىقىلپ يولدۇشۇمغا :
-- بىرەر ئىش يۇز بەردىمۇ نىمە بولدىڭىز؟ ماڭا باشقچە تۇيۇلۋاتسز ، گەپ بولسا ئۇدۇل قىلۋىرىڭ دىدىم،
يولدۇشۇم: -- ئاۋال باللارىنى ئۇخلات ئاندىن پاراڭلشايىلى دىدى. مەن "بولدۇ" دەپ باللارىنى ئۇخلتىپ كىرىپ ئۇنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ سۇئال نەزىم بىلەن ئۇنڭغا قارىدىم، ئۇ ماڭا قاراپ مۇنداق دىدى :
-- خوتۇن بىزنىڭ ئاشخانىدىكى ھىلقى ئايشەمگۇلنى خوتۇنلۇققا ئالايىمكى دەپ ، شۇ سىنى قانداق قارايدىكى دەپ.......... تىلىنى چايندى. شۇ گەپ بىلەن تەڭ كۆز ئالدىم قاراڭغۇلۇشۇپ يۈرۈكۈم ئاغىزمغا تىقىلپ ئاغىزمغا گەپ كەلمدى، لىكىن يولدۇشۇم كۆزۇمگە بەئەينى بىر يىرىتقۇچ مەخلۇقتەك كۆرۈنۈپ كەتتى،
نىمە ...نىمە دەۋاتسز، دەپ شۇ گەپ ئاغىزمدىن ئاران چىقتى، لىكىن قوپۇ پ يولدۇشۇم بىلەن ئۇرۇشقدەك جۇرئەت ھەم ماغدۇر مەندە يوق ئىدى،
سەل ئۆزۈمىنى ئوڭشۋىلىپ :
--بولىدۇ، ئالسڭىز ئېلىڭ ، ئۇ قىزنى مەن ئانچە تونمايىمەن. بىر كۆرۈپ ئاۋۋال پاراڭلشپ باقاي، دىدىم
يولدۇشۇم مىنڭ بۇنداق ئاسانلا ماقۇل دىيشمگە خۇشال بولدىمۇ ياكى ئىچدىكى نەچچە ۋاقتىتن بىرى دىيەلمەي قالغان گەپىنى بىراقلا دىگەچ يىنكلەپ قالدىمۇ بىلمدىم شۇنداق خۇشال كۆرۈنۈپ كەتتى.
مەن باشقا گەپ قىلماي ئاستا باللرىم قىشغا چىقپ ھەمسنىڭ ئانىلىق مىھىرىم بىلەن پىشانسگە سۆيۈپ يوتقىنىنى ئېچىلىپ قالغانلىرىنى يېپىپ ، ھەممىسگە بىرەر قۇر قاراپ چىقتىم ھەم خىيال دىڭىزىغا غەرىق بولدۇم.
تۇرمۇش قۇرغاندىن بىرى ئۆتكەن كۈنلىرىمىنڭ ھەممىسى كىنو لىنتىسىدەك بىرمۇ- بىر ئۆتۇشكە باشلدى ھەم كۆزلىرىمدىن يامغۇردەك ياشلا قۇيۇلۇشقا باشلدى، سائەت نەچچە بولغىنىنى بىلمەي قاپتىمەن.
كىچە كۆزۇم قانداق ۋاقتتا ئۇيقغا كەتكىننى بىلمەيىمەن. ئەتسى ئويغۇنۇپ باللارىنى مەكتەپكە يولغا سىلىپ بولۇپ يولدۇشۇم ناشتا قىلغاچ: -- ئەمسە كۆرۇشۇپ باقامسەن ، دەپ سۇرىدى .
مەن ئاستا :
--مەيىلى ، دىدىم. !
شۇنداق قىلپ چۇشىتىن كىيىن مەلۇم بىر ئاشخاندا تاماق يەيدىغان بولدۇق، يولدۇشۇم بىلەن باردۇق . بارساق ئۇ قىز بىرىپ بىر ئورۇندا بىزىنى ساقلااپ ئولتۇراتتى .
سالاملاشقاچ ئاران ئولتۇرۋالدىم، چۈنكى بەكلا پۇت - قۇلۇمىنى باشقۇرالمغدەك دەرجدە تىترەپ كەتكەن ئىدى.
ئامال بار چاندۇرماسلقا تىرشۋاتاتىم ، لىكىن ئۇ قىزمۇ ماڭا بەك يەرنىڭ تىگىدىن قاراپ بەك دىققەت قىلۋاتتاتى
شۇنداق قىلپ تاماق بۇيرۇتۇپ كاۋاپ كەلتۇرۇلدى، يولدۇشۇم كاۋاپىنى قولغا ئىلپ قەغەزىدە سۈرتكەندىن كىيىن ماڭا سۇندى . ئاندىن ئۇ قىزغا سۇندى، تاماق يەۋاتقاچ پاراڭغا چۈشتۇق. مەن قەلىب ئازاپلىرىمىنى چاندۇرماسىلققا تىرشپ ، غەيرەتكە كىلپ پاراڭىنى باشلدىم
-- سىڭلم قانچە ياشقا كىردىڭىز؟ ئۇ قىز بۇش ئاۋازدا يەرىنڭ تىگىدىن قاراپ جاۋاپ بەردى:
-22 ياشقا.
مەن ناھايتى تەسلكتە يەنە سۆرىدۇم
-- يولدۇشۇمىنى ياخشى كۆرەمسز؟
ئۇ قىز تەسلكتە (ھەئە) دەپ جاۋاپ بەردى.
،شۇنداقتىمۇ ھازىرقى كەيپياتىمىنى چاندۇرماسلققا تىرشىپ سۆئالىمىنى يەنە باشلدىم:
--
--ئايالى ۋە باللىرى بولسمۇ تۇرمۇش قۇرۇپ بىللە ئوتۇشىنى خالامسز؟
ئۇ قىز جاۋاپ بەرمەي يەرگە قاراپ ئولتۇردى، مەن بۇ جاۋاپىنى ئاڭلاپ يۆرۈكۇم پىچاق تىلغاندەك ئېچشپ كەتتى،
مەن يەنە سۆزۇمىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دىدىم:
--ئەگەر شۇنداق بولسمۇ تۇرمۇش قۇرۇشىنى خالسڭىز. ئايىرىم تۇرماي .مەن بىلەن بىر ئۆيدە تۇرسىز يالغۇز، سىرتقا چىقمايسز. سىزىنىڭ باردىغان يىرڭىزگە مەن بىللە بارمەن مىنڭ باردىغان يىرمگە سىز بىللە بارسز، ئىككلمىز ئويىنڭ ئختسادىنى تۇتمايىمز يولدۇشۇم ياكى سىزگە ياكى ماڭا ئايىرىم خىراجەت بەرمەيدۇ، ھەر ئىككىلمىزگە ئوخشاش كۆزىدە قارايدۇ، مەن ھازىر 4- بالامغا ھاملدار مەن يەڭگگەندىن كىيىن توغتۇمىنى باقسز يەنە باللار ۋە ئۆيىنڭ ھاجتىدىن چىقسز
مەن بۇ سۆزىنى دەپ بولغاندىن كىيىن ئۇ قىزغا سۇئال نەزىرىم بىلەن قارىدىم. ئۇ قىزىدىن ھېچ سادا چىقدىغاندەك ئەمەس ئىدى.
مەن يەنە سۆزۇمىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دىدىم:
-- يوقردىكى سۆزلىرىمگە قوشۇلسڭىز مەنمۇ تۇرمۇش قورشۇڭلارغا قوشۇلمەن. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن مەن سىزگە ئۆز سىڭلىم ئورندا نەسىھەت قىلىپ قوياي :
--قاراڭ سىڭلىم ، سىز تېخى ياش ئىكەنسز . بورۇن بۇنداق ياخشى كۆرۇش بىزدىمۇ بولغان مانا بۇياق ( يولدۇشۇمىنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ)
<سىنى ياخشى كۆرمەن > دەپ ماڭا قىلمغىنى قالمغان ئادەم مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە سىزىنى ئالمەن دەپ ئولتۇرۇپتۇ. سىز شۇڭا ئەڭ ئاۋۋال ئۆزڭىزنىڭ بەختىڭىزنى ئويلشڭىز كىرەك،
سىزىنى تېخى نى-نى بەختىلەر كۆتۈپ تۇرۇپتۇ، م ئويلاپ بىقىڭ ، بىر ئائلسى بار ئادەمگە تەگسڭىز سىز قانچىلىك ياخشى تۇرمۇش كەچۇرۇپ كىتسز؟ مەن تىخى ئازاپلنمەن ، سىز تىخى ئازاپلنىپ ياشايسز، بوپتۇ ھازىرقى كۇنلىرمىزغۇ ئوتۇپ كىتەر ، كىيىن باللىرىمىز چوڭ بولغاندا قانداق قىلمىز ،
دەپ سۆزۇمىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، ئۆيڭىزگە بېرىپ سۆزۈمىنى ئوبدان ئويلۇنۇپ بېقىپ جاۋابىنى بىرىڭ ، ئەگەردە مەيىلى ياق زادى 2- خوتۇنلۇققا تىگىۋىرىمەن دەيدىغان ئىشڭىز بولسا بۇ مىنىڭ تىلغۇن نومۇرۇم تىلفۇن قىلىڭ ، ئىككىڭلارىنىڭ تويىنى ئۆزۇم قىلپ قويىمەن
ئەگەردە ئىديڭىزدىن ئۆتىمسە شۇ پىتى يوقاپ كەتسڭىز مەن سىزگە بەخت تىلەيمەن ، ئويلۇنۇپ جاۋاپ بىرىڭ دەپ تىلفۇن نومىرىمىنى ئۇ قىزغا سۇندۇم،
شونداق قىلپ ئاشخاندىن قايتپ چىقتۇق ،سىرتقا چىققاندىن كىيىن يولدۇشۇم مەن بىلەن ئويگە ماڭدى . لىكىن مەن :
--بولدى ئاشخانغا قايتىڭ دەپ تۇرۋالدىم . لىكىن يولدۇشۇم مەن بىلەن ئۆيگە قايتىپ كەلدى .
ئەسىلى مەن بىر ئادەم يوق يەرىنى تېپىپ قانغچە يىغلۋالاي دىگەن ئىدىم. لىكىن يولدۇشۇم مەن بىلەن بىللە ئىدى . بىز ئۆيگە كىرىپ يولدۇشۇم ماڭا قاراپ ؛
-- ئۇنداق دىمەسلگىڭ كىرەك ئىدى، دىدى -دە........ ئۇ ياۋا گۈلىنىڭ گىپىنى يەنەچىقاردى .
مەن بەلكى ئىچى تارلىق قىلغاندىمەن ، ئۆزەم ياخشى كۆرىدىغاننى ، باشقا بىرى بىلەن تەڭ ياخشى كۆرۈشنى راۋا تاپمىدىم ھەم قارشى تۇردۇم ،لىكىن ئۇ ماڭا تەھدىت سىلىپ::
-- ئەگەر قوشۇلمىساڭ ئوقۇغان نامازلىرىڭ قوبۇل ئەمەس ، دىگەندەك گەپلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىتى. بۇنىڭ بىلەن كۆڭلۈم قاتتىق ئازار يىدى ، ئۇنىڭدىن رايىم قايتىپلا كەتتى، لىكىن قانداق قىلىمەن؟ 4 بالام ۋە مەن بولۇپمۇ ئاتا مىھرىگە تەشنا بۇ سەبىي باللارقانداق قىلىدۇ ؟بۇ قىزلارغا پەرزەنتى ئايالى بار كىشىلەر بىلەن توي قىلىمىسا ئەر دىگەن ئازمۇ
دىگەنلەرىنى ئويلاپ يولدۇشۇمىنىڭ قىلغان گىپى بىلەن شۇنداق ئاچچقم كەلدى ھا ھا ھا..........ھا قاتتىق كۈلكەم يىغامنى باستى :
--توۋا بو گەپلەرىنى قىلماسلقىم كىرەك دەڭە ،ھەي ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟،سىزنىڭمۇ قىزىڭىز بارغۇ ؟ئۇ قىز ئەمدى قانداق قىلىدۇ ؟پەيغەمبىرىمىزنى دورىغىنىڭىز ناھايىتى ياخشى ئىش مەن توسمايمەن لىكىن پەيغەمبىرىمىز دىننى
تارقىتىش ۋە ئەل قىلىش ئۈچۈن تۇققانچىلىقتىن پايدىلىنىپ جىق خوتۇنلۇق بولغان ،ھەم ھەممە خوتۇنلىرىغا بارەۋەر مۇئامىلە قىلغان لىكىن بىر ئاياللق ئەرلەرىنى گۇناھكار بولدۇ دىدىمۇ سىزچۇ ؟ياق سىلەرچۇ ؟ھازىرقى ئەرلەر شۇنى دەستەك قىلىپ ھاۋايى ھەۋىسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن قىلىغان ئىشتۇ بۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ئاغزىمدىن چىققان گەپلەر ئۇنىڭغا ئىغىر كەلدىمۇ ياكى گىپىم ئورۇنلۇقمۇ بۇنى بىلىمىدىم ئىشقىلىپ ئۇ جىمىپ قالدى .
شۇكۈندىن بىرى يوقاپ كەتتى . كىيىن ئوقسام شۇ ئاشخاندىن قايتپ كىلىپ يۈك - تاقىسىنى ئېلپ يۇرتىغا قايتىپ كىپتۇ
مەنبە؛ ئۆزۈم
بۇمىنىڭ تۇنجى يازمام تورداشلارنىڭ تەنقىدى پىكرىلىرىنى ئايماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
[ بۇ يازمىنىmuslima5555 2011-04-16 00:12قايتا تەھرىر ]