باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2847 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: خوش خەۋەر ، ئابدۇلبارى توپ ئۇردى ....
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 2434
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2434دانە
ئۆسۈش: 5240 %
مۇنبەر پۇلى: 28726 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-27
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-11 14:49

خوش خەۋەر ، ئابدۇلبارى توپ ئۇردى ....

رەسىم:
ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم

10-ئاپرىل:يەرلىك ۋاقىت 7:30دا ئوينالغان بېيجىڭ بىلەن خاڭجۇ كوماندىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدە ئابدۇلبارى ئاساسلىق ئەزا بولالمىدى ، لېكىن ئۇ 60-مىنۇتتا ئالماشتۇرۇپ چىقىرىلغاندىن كىيىن 83-مىنۇتتا رامىلىس بەرگەن پاسنى كاللا بىلەن كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 2؛1گە ئۆزگەرتىتى ، خاڭجۇ كوماندىسىمۇ ئەڭ ئاخىردا مىھمان مەيداندا 3:1نەتىجە بىلەن بېيجىڭ كوماندىسىنى يەڭدى





ئابدۇلبارى توپ ئۇردى! جۇڭگو ئالى پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ 10-چېسلا ئۆتكۈزۈلگەن 2- ئايلانما مۇسابىقىسىدە ئابدۇلبارى كوماندىسى ئۈچۈن ناھايىتىمۇ مۇھىم بولغان ،نەتىجنى ئاشۇرىدىغان ھالقىلىق بىر توپنى ئۇردى. مۇسابىقىدىن كېيىن ئابدۇلبارى سىنا مۇخبىرىغا مۇنداق دىدى: « مېنىڭ بۇيىلقى نىشانىم ئاز بولغاندىمۇ 10 دىن ئارتۇق توپ ئۇرۇش. بېيجىڭ گوئەن ناھايىتى كۈچلۈك، ئەمما ئۇلار بىزگە چىدامچانلىق جەھەتتە ئۇتتۇردى»
   3-ئاينىڭ 1- كۈنى تۇنجى مەيدان ئاسىيا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقسىدا ئابدۇلبارى« ئاقار يۇلتۇز»دەك بىر توپ ئۇرغان ئىدى. بۈگۈنكى ئۇرغان توپىمۇ ئوخشاشلا ئېسىل بولدى.84 مىنۇت بولغاندا لۈچىڭ غا پۇرسەت كەلدى، بېرسارانو رامېلىسقا پاس بەردى، رامېلىس توپنى كونتىرۇل قىلغاندىن كېيىن قارشى تەرەپ مۇداپىئەچىسىدىن ئارتىلدۇرۇپ قاپقا ئالدىغا بوشقىنا تاشلىدى. زاپاس ئالمىشىپ چىققان ئابدۇلبارى توپنى بېلىقچىلاپ ئۈسۈپ كىزگۈزۈپ نەتىجىنى 1:2 قىلىپ ئاشۇردى. « توپنى ھەرھالدا يامان ئەمەس كىرگۈزدۈم، ئاساسلىقى رامېلىس توپنى ناھايىتى چىرايلىق پاس بەردى. ماڭا ھېچكىم قارىمىدى، ئەركىن ئازادە ئۈسسۈپ كىرگۈزدىم. رامېلىس ھەقىقى ئەزىمەت،ئۇنىڭ ئەخلاقى ۋە ئىنسانى خىسلىتى ناھايىتى ياخشى، ئۇ مېنىڭ ئۈگىنىش ئۈلگەم.»
    ئۇ مۇسابىقىدىكى ئىپادىسىگە باھا بەرگەندە ئۆزىنىڭ ئىپادىسىدىن ئانچە رازى ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى: « تازا دىگەندەك ئېچىلالمىدىم، ھەركەتلىرىم ئانچە قولاشمىدى. بىر نەچچە توپنى ئۆزۈم ھۇجۇم قىلساممۇ بولاتتى، لېكىن ئۆزۈمگە نىسبەتەن ئىشەنچىم تازا يېتەرلىك ئەمەس. تېخىمۇ تىرىشىشىم كېرەك ، باشقىلارغا سېلىشتۇرغاندا پەرق خېلا بار.»  تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئابدۇلبارىنىڭ ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغان ئىككى مەيدان مۇسابىدە ئۇ زاپاس ئەزا بولۇپ ئالمىشىپ چىققان، ئۇ  بۇ توغرىدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: « مېنىڭچە زاپاس ئەزا بولۇپ چىقسام  ياخشىراقكەن، چىقىپلا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلالايدىكەنمەن، چۈنكى مېنىڭ ئالاھىدىلىكىم سۈرئەت ۋە چىدامچانلىقتا.»
    جۇڭگو ئالى پۇتبول بىرلەشمىسىدە ئابدۇلبارى ھازىرغىچە ئىككى توپ ئۇردى. بىرىنجى توپنى ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە خېنەن قۇرۇلۇش كوماندىسى بىلەن ئوينىغاندا ئۇرغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « مېنىڭ بۇ پەسىلدىكى نىشانىم ئوننەچچە توپ ئۇرۇش، سان ئاستا ئاستا كۆپىيىۋاتىدۇ ، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ .»  ئۇ رەقىبى بېيجىڭ گوئەنگە ئەجەبلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى:« ئالدىنقى مەيدان بېيجىڭنىڭلا ئويۇنى بولغان ، ناھايىتى ياخشى ئوينىدى. كېيىنكى مەيدان چىدامچانلىقىدىن مەسىلە چىققاندەك تۇرىدۇ، يۈگرەلمەيلا قالدى. ئەسلى بىز ئىككى سەپتە ئۇرۇش قىلىۋاتقاچقا چىدامچانلىقتا بەرداشلىق بېرەلمەيمىز دەپ ئويلىغان ، لېكىن ئاخىرىغا كەلگەندە بىز ئۈستۈنلۈكتە تۇردۇق، 34 ياشلىق رامېلىس پۈتۈن مەيدان تولۇق ئوينىدى، ھەتتا 93 مىنۇت بولغاندا تېز سۈرئەتتە ھۇجۇم قىلىپ بىر توپ ئۇردى. بۇ نېمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.»

ھۇررا مۇنبىرى
[ بۇ يازمىنىتاھىر 2011-04-11 15:03قايتا تەھرىرلىدى ]
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دوستلىشىش
مەنزىرە
ئۆلمىگەن جاندا ئۈمۈد بار......................
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7036
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 449
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە449دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 4692 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-12
ئاخىرقى: 2012-03-18
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-12 16:12

نەق مەيدان كۈرۈنىشنى كۈرگەن بولسام قانچىمۇ ھاياجانلىنىپ كېتەر بولغىيتىم؟!
ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ.......