查看完整版本: [-- خوش خەۋەر ، ئابدۇلبارى توپ ئۇردى .... --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> تەنتەربىيە مەخسۇس سەھىپىسى -> خوش خەۋەر ، ئابدۇلبارى توپ ئۇردى .... [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تاھىربەگ 2011-04-11 14:49
ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم

10-ئاپرىل:يەرلىك ۋاقىت 7:30دا ئوينالغان بېيجىڭ بىلەن خاڭجۇ كوماندىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدە ئابدۇلبارى ئاساسلىق ئەزا بولالمىدى ، لېكىن ئۇ 60-مىنۇتتا ئالماشتۇرۇپ چىقىرىلغاندىن كىيىن 83-مىنۇتتا رامىلىس بەرگەن پاسنى كاللا بىلەن كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 2؛1گە ئۆزگەرتىتى ، خاڭجۇ كوماندىسىمۇ ئەڭ ئاخىردا مىھمان مەيداندا 3:1نەتىجە بىلەن بېيجىڭ كوماندىسىنى يەڭدى





ئابدۇلبارى توپ ئۇردى! جۇڭگو ئالى پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ 10-چېسلا ئۆتكۈزۈلگەن 2- ئايلانما مۇسابىقىسىدە ئابدۇلبارى كوماندىسى ئۈچۈن ناھايىتىمۇ مۇھىم بولغان ،نەتىجنى ئاشۇرىدىغان ھالقىلىق بىر توپنى ئۇردى. مۇسابىقىدىن كېيىن ئابدۇلبارى سىنا مۇخبىرىغا مۇنداق دىدى: « مېنىڭ بۇيىلقى نىشانىم ئاز بولغاندىمۇ 10 دىن ئارتۇق توپ ئۇرۇش. بېيجىڭ گوئەن ناھايىتى كۈچلۈك، ئەمما ئۇلار بىزگە چىدامچانلىق جەھەتتە ئۇتتۇردى»
   3-ئاينىڭ 1- كۈنى تۇنجى مەيدان ئاسىيا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقسىدا ئابدۇلبارى« ئاقار يۇلتۇز»دەك بىر توپ ئۇرغان ئىدى. بۈگۈنكى ئۇرغان توپىمۇ ئوخشاشلا ئېسىل بولدى.84 مىنۇت بولغاندا لۈچىڭ غا پۇرسەت كەلدى، بېرسارانو رامېلىسقا پاس بەردى، رامېلىس توپنى كونتىرۇل قىلغاندىن كېيىن قارشى تەرەپ مۇداپىئەچىسىدىن ئارتىلدۇرۇپ قاپقا ئالدىغا بوشقىنا تاشلىدى. زاپاس ئالمىشىپ چىققان ئابدۇلبارى توپنى بېلىقچىلاپ ئۈسۈپ كىزگۈزۈپ نەتىجىنى 1:2 قىلىپ ئاشۇردى. « توپنى ھەرھالدا يامان ئەمەس كىرگۈزدۈم، ئاساسلىقى رامېلىس توپنى ناھايىتى چىرايلىق پاس بەردى. ماڭا ھېچكىم قارىمىدى، ئەركىن ئازادە ئۈسسۈپ كىرگۈزدىم. رامېلىس ھەقىقى ئەزىمەت،ئۇنىڭ ئەخلاقى ۋە ئىنسانى خىسلىتى ناھايىتى ياخشى، ئۇ مېنىڭ ئۈگىنىش ئۈلگەم.»
    ئۇ مۇسابىقىدىكى ئىپادىسىگە باھا بەرگەندە ئۆزىنىڭ ئىپادىسىدىن ئانچە رازى ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى: « تازا دىگەندەك ئېچىلالمىدىم، ھەركەتلىرىم ئانچە قولاشمىدى. بىر نەچچە توپنى ئۆزۈم ھۇجۇم قىلساممۇ بولاتتى، لېكىن ئۆزۈمگە نىسبەتەن ئىشەنچىم تازا يېتەرلىك ئەمەس. تېخىمۇ تىرىشىشىم كېرەك ، باشقىلارغا سېلىشتۇرغاندا پەرق خېلا بار.»  تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئابدۇلبارىنىڭ ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغان ئىككى مەيدان مۇسابىدە ئۇ زاپاس ئەزا بولۇپ ئالمىشىپ چىققان، ئۇ  بۇ توغرىدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: « مېنىڭچە زاپاس ئەزا بولۇپ چىقسام  ياخشىراقكەن، چىقىپلا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلالايدىكەنمەن، چۈنكى مېنىڭ ئالاھىدىلىكىم سۈرئەت ۋە چىدامچانلىقتا.»
    جۇڭگو ئالى پۇتبول بىرلەشمىسىدە ئابدۇلبارى ھازىرغىچە ئىككى توپ ئۇردى. بىرىنجى توپنى ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە خېنەن قۇرۇلۇش كوماندىسى بىلەن ئوينىغاندا ئۇرغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « مېنىڭ بۇ پەسىلدىكى نىشانىم ئوننەچچە توپ ئۇرۇش، سان ئاستا ئاستا كۆپىيىۋاتىدۇ ، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ .»  ئۇ رەقىبى بېيجىڭ گوئەنگە ئەجەبلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى:« ئالدىنقى مەيدان بېيجىڭنىڭلا ئويۇنى بولغان ، ناھايىتى ياخشى ئوينىدى. كېيىنكى مەيدان چىدامچانلىقىدىن مەسىلە چىققاندەك تۇرىدۇ، يۈگرەلمەيلا قالدى. ئەسلى بىز ئىككى سەپتە ئۇرۇش قىلىۋاتقاچقا چىدامچانلىقتا بەرداشلىق بېرەلمەيمىز دەپ ئويلىغان ، لېكىن ئاخىرىغا كەلگەندە بىز ئۈستۈنلۈكتە تۇردۇق، 34 ياشلىق رامېلىس پۈتۈن مەيدان تولۇق ئوينىدى، ھەتتا 93 مىنۇت بولغاندا تېز سۈرئەتتە ھۇجۇم قىلىپ بىر توپ ئۇردى. بۇ نېمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.»

ھۇررا مۇنبىرى

baxmaltak 2011-04-11 15:04
ياشاپكەت ئۇغۇل........................!!!!!!!

uytag 2011-04-11 15:05
  راستىنلا چىرايلىق توپ بوپتۇ!

ahlak 2011-04-11 15:22
ياشا ..ئۇيغۇرۇم...،بالدۇر چىققان قۇلاقتىن ،كىيىن چىققان مۇڭگۇز ئېشىپ كىتىپتۇ           

xiwergan 2011-04-11 17:56
يارايدۇ !! راستىنلا ياخشى ئۇردى .....

aces 2011-04-11 17:57
ەە ،داؤاملىق ئورىلى،ەوررا!

fatih204 2011-04-11 18:23
بېلىق ،،بېلىق !!!!!
   بىلىقتەك ئىتىپتۇ ھە ئوزىنى ،،،  

uighur-biz 2011-04-11 19:31
تۇپىنىغۇ ئۇرۇپتۇ....نىمىشىقا زاپاس ئەزا سۇپىتىدە  چۇشۇدۇ دەيمەن..... ئىسىت پۇتپۇلنى  پۇتبۇل بىلىگەن ئادەمىنىڭ تەپىكىنى ياخشى جۇما.

salam 2011-04-11 20:13
[attachment=10164]

ئابدۇلبارىنىڭ دادىسى-مەمەت ئېلى

qongbulak 2011-04-11 21:03
ياشا ئوغۇل ، ساڭا ئامەت تىلەيمەن . . .

kuwruk 2011-04-11 21:53
كاتتا خۇش خەۋەر ئىكەن،،،،،،كاتتا،،،،،!!!

ئوزبېك 2011-04-12 13:21
رەقىپلەرلەر كوكسىگە تەككەن ئوق ئىكەن...ياشا .....!!!

مەنزىرە 2011-04-12 16:12
نەق مەيدان كۈرۈنىشنى كۈرگەن بولسام قانچىمۇ ھاياجانلىنىپ كېتەر بولغىيتىم؟!

bulbul 2011-04-12 16:28
بىزنى ھاياجانغا سالغان ئوغلانىمىزغا رەھمەت!!

amanxa 2011-04-12 16:29
بۇ بەلكىم باشلىنىش، تىخىمۇ چوڭ توپلار ئالدىمىزدا.....


查看完整版本: [-- خوش خەۋەر ، ئابدۇلبارى توپ ئۇردى .... --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.064886 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us