باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 858 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئىسلام تارىخىدىكى مەشھۇر ئاياللار،    (4)
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5351
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 614
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە614دانە
ئۆسۈش: 760 %
مۇنبەر پۇلى: 6943 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-05-08
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-11 01:56

ئىسلام تارىخىدىكى مەشھۇر ئاياللار،    (4)

                                                     رەمىلە بىنتى سوفىيان
((مۆمۈنلەرنىڭ ئانىسى)) رەمىلە قۇرەيىش قەبىلىسىدىن ئەبۇ سوفىياننىڭ قىزى، خەلىپە مۇئاۋىينىڭ ھەمشىرسىدۇر. رەمىلە ئىلگىرى ئۇبەيدۇللاھ ئىبنىي جەھىشنىڭ نىكاھىدا بولۇپ، مەككىدە ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغان.مۇشرىكلەرنىىڭ ئازار-كۈلپەتلىرىدىن قېچىپ، ئەر-ئايال بىرلىكتە ھەبەشىستانغا ھىجىرەت قىلغان.
رەمىلە ھەبىبە ئىسىملىك بىر قىز تۇغقان. شۇنىڭدىن كىيىن ئەرەپلەرنىڭ ئادىتى بويىچە ئۇممۇ ھەبىبە (ھەبىبەنىڭ ئانىسى)دىگەن نام بىلەن ئاتالغان.ئۇبەيدۇللاھ ھەبەشىستاندا خىرىستىئىان دىنىغا كىرگەن ۋەشۇ يەردە ۋاپات بولغان. رەمىلە ئاتا- ئانىسى، ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ ئىسلامغا قاتتىق ئۆچمەنلىك قىلشى ۋە توسۇشىغا قارىماي
ئىماندا چىڭ تۇرغان. قىزى ھەبىبە بىلەن يۆلەنچۈكسىز قىيىن ئەھۋالدا تۇرغاندا ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام،
ئۇممۇ ھەبىبەگە ئەلچى ئەۋەتكەن. بۇخەۋەرنى بىر دىدەك ئۇممۇ ھەبىبەگە يەتكۈزگەندە بۇ خوش-خەۋەر
ئۈچۈن قوللوردىكى كۈمۈش بىلەيزۈك ۋە ئۈزۈكلەرنى سۈيۈنچە قىلىپ بىرىۋەتكەن. ھىجىرىينىڭ 6_يىلى، يەنىي بىر قاراشتا 7_يىلى ئۇممۇ ھەبىبە((مۆمۈنلەرنىڭ ئانىسى)) بولۇشتەك زور شەرەپ ۋە بەخىتكە مۇيەسسەر بولۇپ، رەسۇلىللاھنىڭ
نىكاھىغا ئۆتكەن.ئۇممۇ ھەبىبەنىڭ رەسۇلىللاھقا بولغان ئىخلاسى ۋە ھۆرمىتى شۇنداق چوڭ ئىدىكى، مەككە
فەتىھى قىلىنىشتىن ئىلگىرى دادىسى ئەبۇ سوفىيان يوقلاپ ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرغاندا، رەسۇلىللاھنىڭ دائىم ئاستىغا سالىدىغان كۆرپىسىنى((بۇنۇڭدا مۇشرىكلارنىڭ ئولتۇرىشى لايىق ئەمەس))دەپ دادىسىنىڭ ئاستىدىن ئېلىۋالغان.ئەبۇ سوفىيان كىيىن ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغان.
ئۇممۇ ھەبىبە رەسۇلىللاھتىن نۇرغۇن ھەدىس رىۋايەت قىلغان.بۇنىڭ بەزىلىرى((سەھىھۇل بۇخارى))بىلەن
((سەھىھۇل مۇسلىم)) غا كىرگۈزىلگەن. ھىجىرىينىڭ 44_يىلى،يەنىي مىلادىيە664_يىلى مەدىنىدە ۋاپات بولغان.
                                                              رەھىمە
رەھىمە سەۋىر لەقىمى بىلەن ئاتالغان ئەييۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپادار مۆمۈن ئايالدۇر.رەھىمە((قۇرئان كەرىم))
دە تىلغا ئېلىنغان ئاياللارنىڭ بىرى.ئىبرايىم ئەلەيھىسسىلامنىڭ ئوغلى ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىدىن بولغان ئەييۇب ئەلەيھىسسالام ساغلام تەن، كۆپ پەرزەنت، زور بايلىقنىڭ ئىگىسى بولۇپ،كىيىن ئاللاھ تائاللاھ ئۇنى بۇ نىئىمەتلەردىن مەھرۇم قىلىش بىلەن سىنىغان.ئەييۇب ئەلەيھىسسالام مال-مۈلۈك، پەرزەنتىلىرىدىن ئايرىلغان،ئېغر كىسەللەر ئۇنى چىرمىۋالغان.ھالەتتە پەقەت رەھىمەلا ئەييۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن كەتمەي خىزمىتىنى قىلغان.ئەييۇب ئەلەيھىسسالام بىلەن راھەت- پاراغەتتىمۇ، جاپا-مۇشاقەتتىمۇ بىرگە بولغان
شەيتان رەھىمەگەۋەسىۋسەقىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەييۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بېرىپ:(بۇ بالالارغا قاچانغ
ىچە چىدايمىز؟)دىگەن. ئەييۇب ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئاچچىقلاپ:(راھەت -پاراغەتتە قانچە ۋاقىت بولدۇم؟)
دىگەن، ئايالى:((80يىل))دىگەن، ئاندىن ئەييۇب ئەلەيھىسسالام:((بالايى ئاپەت ئىچىدە قانچە ۋاقىت تۇردۇم؟))دىگەن. رەھىمە:((يەتتەيىل))دىگەن.ئەييۇب ئەلەيھىسسالام:((بالايى -ئاپەت ئىچىدە تۇرغان ۋاختىمنىڭ ئۇزاقلىقى راھەت-پاراغەتتەتۇرغان ۋاختىمچىلىك بولمىسا، ئاللاھ تائاللاھدىن بالايى ئاپاتنى كۆتۈرۋېتىشنى تىلەشتىن ئۇيالمامدىمەن؟))دىگەن ئاندىن ئۇ:((ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ساقىيىپ قالسام سىنى چوقۇم 100قامچە ئۇرىمەن))،دىگەن. ئاللاھ تائاللاھ ئەييۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ،
بېشىغا كەلگەن بالايىئاپاتلەرنى كۆتىرۋەتكەن.ئاللاھ تائاللاھ ئەييۇب ئەلەيھىسسالامنى بىر باغلام چۆپنى ئېلىپ،
ئۇنىڭ بىلەن ئايالىنى ئۇرۇپ، قەسىمىدىن چىقىشقا بۇيرىغان. رەھىمە ئەييۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمىتىنى ئوبدان قىلغانلىقىتىن،راھەت-پاراغاتتىمۇ، جاپا-مۇشاقەتتىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلىقتىن، ئاللاھ ئۇنىڭغا
رەھىم قىلىپ، ئەييۇب ئەلەيھىسسالامنى شۇنداق قىلىشقا بۇيرىغان.
رەھىمەنىڭ نەسەبى توغرۇللۇق مۇنداق ئىككى خىل قاراش بار. بىرى، رەھىمە ھەزىرتى ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى،يەنەبىرى رەھىمە ئىسساق ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ئەفرايىمنىڭ قىزى دىگەن قاراشتىدۇر.
ئەقىللىق ئادەمنىڭ ھەر بىر كۇنى يىڭى بىر ھايات...
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 418
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 280
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە280دانە
ئۆسۈش: 1280 %
مۇنبەر پۇلى: 3747 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-25
ئاخىرقى: 2012-05-07

ياخشى تېمكەن ........................رەخمەت.