باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2116 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: غەزەپ ۋە زار
ئارسلان ئىكەنسەن ئارسلاننىڭ بەدەلىنى تۆلەيسەن.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5216
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 541
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە541دانە
ئۆسۈش: 2100 %
مۇنبەر پۇلى: 7634 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-26
ئاخىرقى: 2012-02-22
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-10 00:18

غەزەپ ۋە زار

1. غەزەپ ۋە زار

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر





ئەي پەلەك بۇ دەھشىتىڭدىنئىنتىھا بىزارىمەن.

ئىستىدىمكۆپ، تاپمىدىم بۇ دەردىمەھېچ دارىمەن.



ئاتا - بوۋامدىنمىراس كونا كېسەلنىڭ دەردىدە،

گاھ ئۆلۈپ، گاھ تىرىلىپكۆپتىن بېرى ئاۋارىمەن.



بىر پۇراپ ئۆلسەم نە ئارمان، بېغىم باھارى گۈلىنى،

ھەر سەھەر گۈل ئىشقىدا بۇلبۇلغا ئوخشاش زارىمەن.



دوستلىرىمئوۋغا چىقاردا كەلتۈرەر مىسالىغا،

قارچىغا قۇشلار ئۇلار، مەن مىسالى سارىمەن.



يۈزمۇيۈز قىلماس تەئەررۇز، كۆپ كۆڭۈلچاندۇر ئۇلار،

كۆرمىسەم چاينار نىجىسگوياكى دىل ئازارىمەن.



لائەقىل دەپ ئويلىدى، چىندىن نەزەر سالماي تۇرۇپ،

يېڭىلىپكەتتى ئۇلار كۆپتىن بېرى ھوشيارىمەن.



قولىدىنكەلمەيدۇ ئىش، دەپ دائىمغىدىقلايدۇ مېنى،

مەن ئۇلارنىڭ شۇ سۆزىگەبەكمۇ بەك خۇنبارىمەن.



پەنگە ماڭساق كۆز ئېچىپ، كاپىر، جەدىت، دەپ قارغىشۇر،

بۇ ھاماقەت دەۋرىدە ئاتەش بولۇپ يانارىمەن.



چۆل - جەزىرە، دەشتۇ سەھرا ئىچرە قالدىمنائىلاج،

ئاھ قاچان بىريول تېپىپ، قوشۇلاي قاتارىمەن.



سۇغا تەشنادۇر بۇ چۆل، بىپايان مۇنبەت يېرى،

مىسلى دەريا تاپماي ئېقىش، قاينام بولۇپ قاينارىمەن.



ئويغىنىپكەتتى جاھان مەغرىبى - مەشرىقتامام،

مەن تېخى سۈت ئۇيقۇدا، چۈش كۆرۈپ ياتارىمەن.



باشقىلار كۆكتە ئۇچۇپ، سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق،

مەن مىسالى يالاڭ ئاياغ، دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن.



ئىلىم - پەندىن يوق خەۋەر، باستى غەپلەت خەۋپ - خەتەر،

ھالىمىزقۇلدىن بەتتەر، قانداق چىداپ تۇرارىمەن؟



تىل - ھاقارەت، تەنە - دىخمار، ۋاي داد! ... بۇ جاننى قىينىدى،

ئەمدى نە قىلماق كېرەك، ئەجەبمۇ بولدۇم خارىمەن.



زۇلۇمنىڭ ئوكيانىدىنتاپماي پاراغەت ئارىلى،

تاغ كەبى دولقۇندا ئۆرلەپ، ھەققە ئاھ ئۇرارىمەن.



دەۋرى جەبرىدىنئىسىت! ھالىڭغائۇيغۇر ۋايىكىم،

جاننى ئالىقانغا ئېلىپچىق، تاپمايسەن باشقا چارىسەن!

1927 - يىل



ئىزاھاتلار:

① ئابدۇخالىقئۇيغۇر (1901 − 1933)، تۇرپاندا تۇغۇلغان. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭئاساس سالغۇچىلىرىدىنبىرى. «ئۇيغۇر» ئۇنىڭئەدەبىي تەخەللۇسى. ئۇنىڭ «باردۇر»، «ئويغان»، «ئاچىل»، «ياز تۈنى» قاتارلىق شېئىرلىرى مەشھۇر. بۇ شېئىر ئۇنىڭشىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000 - يىلى نەشر قىلغان «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى» ناملىق توپلىمىدىنئېلىندى

② ئىنتىھا − ئاخىر.

③ تەئەررۇز − قارشىلىقكۆرسىتىش.

④ خۇنبار − قانلىقياش تۆككۈچى، ئاچچىق يىغلىغۇچى.


دوستلىشىش
nazli0998
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4714
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1309
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1309دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 7346 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2012-03-31

باشقلار  كۆكتە  ئۇچۇپ  ،  سۇدا  ئۈزۈپ كەتتى  يىراق ،
مەن مىسالى يالاڭ ئاياق ، دەسسەپ تىكەن  ماڭارىمەن  .   
شۈكرى.اللە
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1367
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1367دانە
ئۆسۈش: 1190 %
مۇنبەر پۇلى: 14963 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2012-03-09
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-10 01:29

ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرلىرىغا مەن بەك ئامراق
اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ
ئامانشاھ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1939
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1424
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1424دانە
ئۆسۈش: 1770 %
مۇنبەر پۇلى: 16184 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2012-03-31
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-10 09:54

ئاللا ئىگەم ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلغاي....
شىئىرلىرىنى كۆرسەملا باشقىچە خىياللارنى قىلىپ كىتىمەن....
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم  مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىغىمدىن.
كۆرەش ياشىسۇن !!! ....
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6307
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 117
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە117دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 1280 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-28
ئاخىرقى: 2012-03-28
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-10 10:18

پىغانلىق يۈرەك ، ئۈمىتلىك كۆز نۈرى .
ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە  ئەجدادىڭنىڭ  پۇتى يارا !!!..........
ئەقىللىق ئادەمنىڭ ھەر بىر كۇنى يىڭى بىر ھايات...
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 418
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 280
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە280دانە
ئۆسۈش: 1280 %
مۇنبەر پۇلى: 3747 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-25
ئاخىرقى: 2012-03-30
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-10 10:30

ھايات بولغان بولسا نىمدىگەن ياخشى بولاتتى ھە.......................ي.......................
AYATLIK,BIR KURAX
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 2738
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2738دانە
ئۆسۈش: 5110 %
مۇنبەر پۇلى: 19116 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-03-30
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-10 12:05

ئۇت يۇرەك شائىر ،،،ئىنقىلابىي قۇربان،،،،،،سىنى خەلقىمز مەڭگۇ ئۇنۇتمايدۇ،،،!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4223
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 52
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە52دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 270 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-04
ئاخىرقى: 2011-04-19
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-10 17:42

ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ   شېئىرلىرنى تور بەتلەردە ئىلان قىلسا بولمايدىغانلىقىنى سىز بىلمەمسىز ؟ ھەمىمىز گە ئامانلىقلار يار بولسۇن .
دوستلىشىش
baxmaltak
baxmaltak
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3281
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 413
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە413دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 2175 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2012-03-31
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-10 19:25

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى amanxa نىڭ 2011-04-10 09:54 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئاللا ئىگەم ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلغاي....
شىئىرلىرىنى كۆرسەملا باشقىچە خىياللارنى قىلىپ كىتىمەن....

ئىككىمىز ئوخشىىشىپكىتىدىكەنمىز.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2274
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 449
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە449دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 2455 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-24
ئاخىرقى: 2012-03-30
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-11 03:06

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى pa^re نىڭ 2011-04-10 17:42 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ   شېئىرلىرنى تور بەتلەردە ئىلان قىلسا بولمايدىغانلىقىنى سىز بىلمەمسىز ؟ ھەمىمىز گە ئامانلىقلار يار بولسۇن .

مەن  كۆرگەن ئىنكاسلارنىڭ ئىچىدىكى  ئەڭ  سەمىمى ،راستچىل ئىنكاس ئىكەن ............
لىكىن ...............................................................