ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ، مۇنبەر ئەھلى جامائەت؛
بولدى بۈگۈن بىر ماتەم، كەتتى يەنە ياش بىر جان.
دوستۇم ئىدى بەك ئېسىل،دىللىرى ھەم بەك گۈزەل،
كۈلۈپ دائىم يۈرەتتى ، كۆزىمىزدىن تۆكتۇق قان.
~ ~ ~
ياراپسەن ھەم اللە گە ، كەتتىڭ ئۇلۇق جۈمئەدە،
جەننەت بولسۇن جايلىرىڭ ، قەبرىلىرىڭ ئازادە.
كۆرۈشكەندە بىر چاغدا ، سانىغانتۇق كەتكەننى،
ساپ- ساق ئىدىڭ جان دوستۇم ، مىجەزلىرىڭ نۇرزادە.
~ ~ ~
يۈرەكلىرىم تىترىدى، ئاڭلاپ ئۇشبۇ خەۋەرنى ،
ھەممە كىشى ئاغزىدا ،<شۇنداق ياخشى قىز ئىدى>.
ھەدەم دىدى جان سىڭلىم، دۇئا قىلغىن يىغلىما،
< ئادا قىلغىن نامازنى ، ئۆلۈم شۇنداق تېز > دىدى..
~~~
شۇنداق ئىكەن دوسلۇرۇم، كەتمەيلى بىز نامازسىز،
بىرلا تەسەللى ماڭا، دوستۇم ئىدى ئىماندا.
شۇڭا كەتتى خاتىرجەم ، كەتتى جەننەت تامانغا،
ئەلۋىدا... ئەي جان دوستۇم ، قالدىم ھەجەپ ئارماندا.
~~~
مىھرىبان، شەپقەتلىك اللە دوستۇمىزنىڭ ياتقان جايلىرىنى جەننەتتىن قىلغايلا...امىن!
مەنبە: زۇلەيخا .
2011-يىلى4-ئاينىڭ 9- كۈنى.
قاراماي