باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 4187 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: غۇلجىنىڭ شەھەر كۆلىمى كەلگۈسى بەش يىلدا، بەش ھەسسە كېڭىيىدۇ
AYATLIK,BIR KURAX
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 2740
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2740دانە
ئۆسۈش: 5110 %
مۇنبەر پۇلى: 19136 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-04-01
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-08 20:16

غۇلجىنىڭ شەھەر كۆلىمى كەلگۈسى بەش يىلدا، بەش ھەسسە كېڭىيىدۇ

چىگرا شەھەر غۇلجىنىڭ شەھەر كۆلىمى كەلگۈسى بەش يىلدا ھازىرقىدىن بەش ھەسسە كېڭىيىدۇ دېسە،نۇرغۇن ئادەم بۇنى تەسەۋۋۇر قىلالماسلىقى مۇمكىن ،ئەمما بۇ كۆز ئالدىمزىدىكى رىئاللىق ،غۇلجا شەھرىنىڭ 12-بەش يىللىق شەھەر قۇرۇلىشى ئومۇمى پىلانى رامكىسى ئەنە شۇنداق بېكىتىلدى.غۇلجا شەھىرى ئىلى ئوبلاستىنىڭ سىياسى،ئىقتىساد ،سودا مەركىزى بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن شەھەر قۇرۇلىشى كۆلىمى ۋە سەۋىيىسى جەھەتتە مۇھىم تەسىر كۈچىگە ئىگە .شۇڭا غۇلجا شەھىرىنى تەڭرىتاغ شىمالى ئېتىكىدىكى غەربى رايون بويىچە مەركىزى شەھەر نوپۇسى مىلىيونغا يەتكەن شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش نىشانى بويىچە بۇ يىل <شەھەر قۇرۇلۇش يىلى >>قىلىندى .     پىلانلاش -شەھەر تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچى ،شەھەر قۇرۇلىشى ئېلىپ بېرىشتا پۈتۈنلەي پىلان بويىچە ئىش كۆرۈلگەن بولۇپ ،بىر ياقتىن پىلانلاپ بىر ياقتىن قۇرۇلۇش قىلىش خاھىشىى قاتتىق چەكلەندى. ئىقتىسادى تەرەققىياتنى تېزلىتىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ<شەرىققە كېڭىيىش ،جەنۇپقا سۈرۈلۈش <غەرىبكە ئىلگىرلەش ،شىمالنى كېڭەيىتىش >>تىن ئىبارەت شەھەر قۇرۇلۇشى ئومۇمىي تەرەققىيات تەسەۋۋۇرىنى بېكىتتۇق ، شەرىققە كېڭەيىتىشتە يوقۇرى پەن- تېخنىكىلىق يېڭى كەسىپ،تۇرالغۇ،سودا،ئىش بېجىرىش ئۇنىۋېرسال رايون بەرپا قىلىش ،جەنۇپقا سۈرۈلۈشتە ئىلى دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ،زامانىۋى تۈسكە ئىگە سودا ،تۇرالغۇ ۋە دەريا ساھىلىدا مەنزىرە بەلبېغى ھاسىل قىلىش ،غەرىبكە ئىلگىرلەشتە پىلىچى سايدىن ھالقىپ ،ئالاھىدە ئىقتىسادى رايون قۇرۇلۇشىغا تاينىپ يېڭى سانائەت رايونىنى قۇرۇش ،شىمالنى كېڭەيىتىشىتە يوقىرى ئۈنۈملۈك يېزا- ئىگىلىك ئىكولوگىيە رايونىنى قۇرۇش ،زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، زامانىۋى مېتاللوروگىيە تۈرلىرىنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت ،شەھەر قۇرۇلۇش پىلانىدا يېڭى ئەندىزە بەرپا قىلىپ، كارخانىلارنىڭ سانائەت رايونىغا ،نوپۇسنىڭ شەھەر -بازارلارغا مەركەزلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ زىمىن- بايلىقىدىن مەركەزلىك، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئىلگىرى سۈرىلىدۇ .     غۇلجا شەھىرىنىڭ ھازىرقى شەھەر كۆلىمىنى 35كۋادىرات كىلومېتىردىن 12-بەش يىلدا 170كۋادىرات كىلومېتىرغا ،شەھەر نوپۇسىنى مىلىيونغا يەتكۈزۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇل سالىدۇ .     شەھەر قۇرۇلۇش ئومۇمى پىلانىدا ئىلمىي پىلانلاش ،ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يېڭىچە شەھەرلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىككى يىلدا چوڭ ئۆزگىرىش بولۇش،بەش يىلدا چوڭ ھالقىش بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ ،غۇلجا شەھىرى قويۇق مىللىي ئۇسلۇپ ،مىللىي مەدەنىيەت بىلەن زامانىۋى تۈستە يۇغۇرۇلغان زامانىۋى شەھەر ،ئىلىمىزنىڭ غەربى رايونى ،ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى بويىچە ھاياتى كۈچكە تولغان ،مەبلەغ سېلىش يوشۇرۇن كۈچى زور ناماياندە خارەكتىرلىك ،جەلىپكار شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدىكەن   Dp6]!;kx  
مەنبە :ئىلى گىزىتى 249-سان L5(rP\B  
ئەسكەرتىشى :بۇ تىمام مىسرانىمدىمۇ يۇللانغان،
ئارسلان ئىكەنسەن ئارسلاننىڭ بەدەلىنى تۆلەيسەن.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5216
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 541
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە541دانە
ئۆسۈش: 2100 %
مۇنبەر پۇلى: 7634 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-26
ئاخىرقى: 2012-02-22
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-08 21:46

10 ئادەم ئىچىدىغان سۇنى 50 ئادەم ئىچسە  تىز تۇگەيدۇ نوپۇسنى كوپەيكەن بىلەن سۇنىمۇ كوپەيتەلمەيدۇدە ،غۇلجىنىڭ ئەتراپىدا بۇككىدە باغتى ھەممىنى كىسىۋەتتى  ئۇ باغ دەل غۇلجا شەھىرىنىڭ ئوپكىسى ئىدى
ئارسلان ئىكەنسەن ئارسلاننىڭ بەدەلىنى تۆلەيسەن.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5216
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 541
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە541دانە
ئۆسۈش: 2100 %
مۇنبەر پۇلى: 7634 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-26
ئاخىرقى: 2012-02-22
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-09 19:34

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 19قەۋەتتىكى urkax5 نىڭ 2011-04-09 17:42 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   : Cf J@|Rh  
توغرا! شەھەر كىڭەيتىشنىڭ تەسىرى بىلەن  ئاتالمىش<<كەيفا>>غا يىرى چىققان دىھقانلار بىراقلا مىليۇنىر بولۇپ كەتتى ،لىكىن بۇ مىليۇنىرلار  ئەتىگەندە ئۆيدىن چىقىپ قارتا ئوينايدۇ،زىرىكسە شەھەرگە كىرىپ ھاراق ئىچىدۇ،تاماكا تارتىدۇ،ئۇندىن قالسا تىلغا ئالغىلى بولمايدىغان باشقا ئىشلارنى قىلىدۇ،ئاندىن يىرىم كىچىدە ئۆيگە چىقىپ ئايالى ۋە بىچارە ناراسىدىلەرنىڭ ئۇيقىسىنى بۇزىدۇ،ئەتىسى يەنە شۇنداق،چۈنكى ئۇ نامراتلارنىڭ مىليۇن پۇلنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى يوق تە! پۇلنى توغرا يولغا ئىشلىتىپ يول تاپقانلار ناھايتى ئاز،ئاللاھ تائالا كىمنىڭ نامرات بولۇشقا ھەقلىق بولىدىغانلىقىنى،كىمنىڭ باي بولۇشقا ھەقلىق بولىدىغانلىقىنى بىلىپ باينى بايلىققا ئېرىشتۈرۈپ،نامراتنى نامراتلىقتا قالدۇرۇپ ياراتتى. شۇنىڭغا ئوخشاش ھەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىنىمۇ شۇكەسىپ بىلەن مىلىكە بولۇش ئارقىلىق ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپتىن رىسىق تېپىپ يەيدىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.دىمەك يەر دىھقاننىڭ ئاللاھتىن رىسىق تەلەپ قىلىشتىكى ئورنى !شۇڭا  دىھقاننى بىراقلا پۇل بېرىپ يەردىن ئايرىۋىتىشنى تازا توغرا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ ،چۈنكى ئۇلار قولىدىكى شۇ پۇلدىنلا ئايرىلسا جەمىيەتكە يۈك بولىدۇ دىگەن گەپ! N-4Ld C  
%'%r.  
مىليونىر بوپ كەتتى ،پاھ  خۇددى پۇلنى سەن ساناپ بەرگەندەكلا گەپ قىپسەنا ئويدىن تالاغا چىقىپ باق كىملەر مىليونىركىن