查看完整版本: [-- غۇلجىنىڭ شەھەر كۆلىمى كەلگۈسى بەش يىلدا، بەش ھەسسە كېڭىيىدۇ --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> مەملىكەت -> غۇلجىنىڭ شەھەر كۆلىمى كەلگۈسى بەش يىلدا، بەش ھەسسە كېڭىيىدۇ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

kuwruk 2011-04-08 20:16
چىگرا شەھەر غۇلجىنىڭ شەھەر كۆلىمى كەلگۈسى بەش يىلدا ھازىرقىدىن بەش ھەسسە كېڭىيىدۇ دېسە،نۇرغۇن ئادەم بۇنى تەسەۋۋۇر قىلالماسلىقى مۇمكىن ،ئەمما بۇ كۆز ئالدىمزىدىكى رىئاللىق ،غۇلجا شەھرىنىڭ 12-بەش يىللىق شەھەر قۇرۇلىشى ئومۇمى پىلانى رامكىسى ئەنە شۇنداق بېكىتىلدى.غۇلجا شەھىرى ئىلى ئوبلاستىنىڭ سىياسى،ئىقتىساد ،سودا مەركىزى بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن شەھەر قۇرۇلىشى كۆلىمى ۋە سەۋىيىسى جەھەتتە مۇھىم تەسىر كۈچىگە ئىگە .شۇڭا غۇلجا شەھىرىنى تەڭرىتاغ شىمالى ئېتىكىدىكى غەربى رايون بويىچە مەركىزى شەھەر نوپۇسى مىلىيونغا يەتكەن شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش نىشانى بويىچە بۇ يىل <شەھەر قۇرۇلۇش يىلى >>قىلىندى .     پىلانلاش -شەھەر تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچى ،شەھەر قۇرۇلىشى ئېلىپ بېرىشتا پۈتۈنلەي پىلان بويىچە ئىش كۆرۈلگەن بولۇپ ،بىر ياقتىن پىلانلاپ بىر ياقتىن قۇرۇلۇش قىلىش خاھىشىى قاتتىق چەكلەندى. ئىقتىسادى تەرەققىياتنى تېزلىتىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ<شەرىققە كېڭىيىش ،جەنۇپقا سۈرۈلۈش <غەرىبكە ئىلگىرلەش ،شىمالنى كېڭەيىتىش >>تىن ئىبارەت شەھەر قۇرۇلۇشى ئومۇمىي تەرەققىيات تەسەۋۋۇرىنى بېكىتتۇق ، شەرىققە كېڭەيىتىشتە يوقۇرى پەن- تېخنىكىلىق يېڭى كەسىپ،تۇرالغۇ،سودا،ئىش بېجىرىش ئۇنىۋېرسال رايون بەرپا قىلىش ،جەنۇپقا سۈرۈلۈشتە ئىلى دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ،زامانىۋى تۈسكە ئىگە سودا ،تۇرالغۇ ۋە دەريا ساھىلىدا مەنزىرە بەلبېغى ھاسىل قىلىش ،غەرىبكە ئىلگىرلەشتە پىلىچى سايدىن ھالقىپ ،ئالاھىدە ئىقتىسادى رايون قۇرۇلۇشىغا تاينىپ يېڭى سانائەت رايونىنى قۇرۇش ،شىمالنى كېڭەيىتىشىتە يوقىرى ئۈنۈملۈك يېزا- ئىگىلىك ئىكولوگىيە رايونىنى قۇرۇش ،زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، زامانىۋى مېتاللوروگىيە تۈرلىرىنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت ،شەھەر قۇرۇلۇش پىلانىدا يېڭى ئەندىزە بەرپا قىلىپ، كارخانىلارنىڭ سانائەت رايونىغا ،نوپۇسنىڭ شەھەر -بازارلارغا مەركەزلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ زىمىن- بايلىقىدىن مەركەزلىك، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئىلگىرى سۈرىلىدۇ .     غۇلجا شەھىرىنىڭ ھازىرقى شەھەر كۆلىمىنى 35كۋادىرات كىلومېتىردىن 12-بەش يىلدا 170كۋادىرات كىلومېتىرغا ،شەھەر نوپۇسىنى مىلىيونغا يەتكۈزۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇل سالىدۇ .     شەھەر قۇرۇلۇش ئومۇمى پىلانىدا ئىلمىي پىلانلاش ،ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يېڭىچە شەھەرلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىككى يىلدا چوڭ ئۆزگىرىش بولۇش،بەش يىلدا چوڭ ھالقىش بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ ،غۇلجا شەھىرى قويۇق مىللىي ئۇسلۇپ ،مىللىي مەدەنىيەت بىلەن زامانىۋى تۈستە يۇغۇرۇلغان زامانىۋى شەھەر ،ئىلىمىزنىڭ غەربى رايونى ،ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى بويىچە ھاياتى كۈچكە تولغان ،مەبلەغ سېلىش يوشۇرۇن كۈچى زور ناماياندە خارەكتىرلىك ،جەلىپكار شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدىكەن   M'?,] an  
مەنبە :ئىلى گىزىتى 249-سان ?A K(|  
ئەسكەرتىشى :بۇ تىمام مىسرانىمدىمۇ يۇللانغان،

sawirqan 2011-04-08 20:38
غۇلجىنىڭ ھازىرقى نۇپۇسى 450مىڭ دەۋاتقان. يەنە 500مىڭ ئادەمنى ئىچكىردىن ئەپكىلەمدىكەن. ئۇنداق بولسا قانداقسىگە قۇيۇق مىللى پۇراققا ئىگە شەھەر قۇرۇپ چىققىلى بولسۇن.

kuwruk 2011-04-08 20:42
[quote]بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى sawirqan نىڭ 2011-04-08 20:38 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   : IOb*GTb  
غۇلجىنىڭ ھازىرقى نۇپۇسى 450مىڭ دەۋاتقان. يەنە 500مىڭ ئادەمنى ئىچكىردىن ئەپكىلەمدىكەن. ئۇنداق بولسا قانداقسىگە قۇيۇق مىللى پۇراققا ئىگە شەھەر قۇرۇپ چىققىلى بولسۇن. ،،،، _9Jh L:cY  
--ھەممىنى  ئىچكىردىن ئەكەلمەيدۇ،،،غۇلجا ناھيىسىدىن پەنجىم بىلەن دادامتۇنى ئۇتكۇزۋالغاندەك غۇلجا شەھرىگە يىقىن خۇدىياريۇز ،،نەينۇچاڭ  قاتارلىق خۇشنا ناھيەرلەرنىڭ يەرلىرىنى قىتىۋىلىشى مۇمكىن،،،!

abdul 2011-04-08 20:54
مەجبۇرى نۇپۇس يىرىپ شەھەر نۇپۇسىنى كېڭەيتەمدىكەن

تاھىربەگ 2011-04-08 21:42
كەڭەيىتمىگەن غۇلجا بىلەن قەشقەر قالغان ...........

kuwruk 2011-04-08 21:44
[quote]بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى تاھىر نىڭ 2011-04-08 21:42 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   : P) uDLFp]  
كەڭەيىتمىگەن غۇلجا بىلەن قەشقەر قالغان ........... \tRG1&{$%  
--قەشقەرنى كىڭەيتىپ ئاتۇشقا ئاپىرۋەتسە ئاتۇشلوقلار قانداق قىلسىلەر؟؟؟؟

muhtarbay 2011-04-08 21:46
10 ئادەم ئىچىدىغان سۇنى 50 ئادەم ئىچسە  تىز تۇگەيدۇ نوپۇسنى كوپەيكەن بىلەن سۇنىمۇ كوپەيتەلمەيدۇدە ،غۇلجىنىڭ ئەتراپىدا بۇككىدە باغتى ھەممىنى كىسىۋەتتى  ئۇ باغ دەل غۇلجا شەھىرىنىڭ ئوپكىسى ئىدى

eltabir9 2011-04-08 21:56
ھېلىمۇ 4---5 مەھەلە بىلەن مىللىلىك دەششەت پۇراپ كىتىۋاتىدۇ چۇ

تاھىربەگ 2011-04-08 21:58
يولداشلارنى توشىۋەرسە مىللەتلەر ئىتپاقلىقى پۇرايدۇ .........

sirik 2011-04-08 22:11
كىچىك ۋاختىمدا  كۆرگەن2 مو يېرىم بار مىنىڭ دىگەن كىنو  ئىسىمگە كىلىۋاتىدۇ

gurkar 2011-04-08 22:16
ئەخلەتلەر كۆپىيىپ كىتىدىغان بوپتۇدە ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

dralim919 2011-04-08 22:40
غۇلجىغىمۇ ئاز قاپتۇ ئۇنداق بولسا،خوش خەۋەرما بۇمۇ؟

asanat 2011-04-08 23:07
چاپچالنى ياكى غۇلجا ناھيەنى قاتسا قانداق بولدىكىن بىراق بىرە ئىككى يىزنى قاتقانىڭغا 1مىليۇن شەھەر پىلانىغا يەتكىلى بولمايدۇ

natsist 2011-04-09 01:01
مۇنداق دەڭ

almiliq 2011-04-09 10:24
ھازىر غۇلجىدا يەر-زىمىن سودىسى قايناپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن  قورا-جاينىڭ باھاسى بىر ھەسسە، ھەتتا 2-3 ھەسسە ئۆرلەپ كەتتى. ...... i:MlD5 F  
چوڭلار :<< بىرگە يەردە پايدا بار، بىرگە مالدا پايدا بار زامانلار يېتىپ كەلدى>> دىيىشىۋاتىدۇ.  

sawirqan 2011-04-09 16:10
شىنجاڭنىڭ يەر مەيدانى كەڭ بولغان بىلەن ، ئادەم ياشاشقابولىدىغان قىسمى بەك ئاز، ئۇنداق جىق نوپۇس زىچلىقى تەبىئى ئىكۇلۇگىيەلىك مۇھىتقا خىلاپ دەۋاتمامتى بىر چاغدا.

sawirqan 2011-04-09 16:11
--قەشقەرنى كىڭەيتىپ ئاتۇشقا ئاپىرۋەتسە ئاتۇشلوقلار قانداق قىلسىلەر؟؟؟؟ Is6']bYh  
YG1`%,OW`  
 سىز نىمىگە   ئەنسىرەيسىز، ئوتتۇرىدا كۆۋرۇك بولۇپ ئولتۇرۋەرمەمسىز ؟

sawirqan 2011-04-09 16:16
ھازىر غۇلجىدا يەر-زىمىن سودىسى قايناپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن  قورا-جاينىڭ باھاسى بىر ھەسسە، ھەتتا 2-3 ھەسسە ئۆرلەپ كەتتى. ...... PL VF    U2$T}/@  
چوڭلار :<< بىرگە يەردە پايدا بار، بىرگە مالدا پايدا بار زامانلار يېتىپ كەلدى>> دىيىشىۋاتىدۇ.  
شۇنى دەيمەن. لىكىن بۇمۇ ۋاقىتلىق. دىھقانلار يەر پۇلىنى ئىلىپ ، باشقا ناھىيە، كەنتلەرگە بىرىپ يەر سىتىۋىلىشى مۈمكىن. شەھەر ئىچىنى يۇقۇرى كىرىملىك سودىگەرلەر، مائاشلىقلار ئىگەللىشى مۈمكىن. چۈنكى بىنا ئۆينىڭ چىقىمى بەك يۇقۇرى ، ئادەتتىكى كىرىمى تۆۋەن ئائىلىلەر بۇ چىقىمنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. قارىمامسىز؟ ئاۋۇ تۆۋەن ئىجارىلىك ئكيلەردە ئولتۇرغانلار يىللىق ئىجارىسى ھەم پار پۇلى، توك پۇلى ، سۇ پۇلى دىگەندەكلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي ، قايتۇرۇۋىتىپ بارمامدۇ؟

zero903 2011-04-09 17:02
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى kuwruk نىڭ 2011-04-08 20:42 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   : ?7eD< |  
[quote]بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى sawirqan نىڭ 2011-04-08 20:38 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   : ^Gt9.  
غۇلجىنىڭ ھازىرقى نۇپۇسى 450مىڭ دەۋاتقان. يەنە 500مىڭ ئادەمنى ئىچكىردىن ئەپكىلەمدىكەن. ئۇنداق بولسا قانداقسىگە قۇيۇق مىللى پۇراققا ئىگە شەھەر قۇرۇپ چىققىلى بولسۇن. ،،،، ^#0k\f>_  
--ھەممىنى  ئىچكىردىن ئەكەلمەيدۇ،،،غۇلجا ناھيىسىدىن پەنجىم بىلەن دادامتۇنى ئۇتكۇزۋالغاندەك غۇلجا شەھرىگە يىقىن خۇدىياريۇز ،،نەينۇچاڭ  قاتارلىق خۇشنا ناھيەرلەرنىڭ يەرلىرىنى قىتىۋىلىشى مۇمكىن،،،! %~{G*%:  
QPZ|C{Ce  
RIg `F#, 3  
سېنىڭ نۇرغۇن ئىنكاسلىرىڭغا دىققەت قىلسام گومپارتىيەدىن زور ئۈمۈت كۈتىسەنگە جۇمۇ،،،،،،،،،

urkax5 2011-04-09 17:42
توغرا! شەھەر كىڭەيتىشنىڭ تەسىرى بىلەن  ئاتالمىش<<كەيفا>>غا يىرى چىققان دىھقانلار بىراقلا مىليۇنىر بولۇپ كەتتى ،لىكىن بۇ مىليۇنىرلار  ئەتىگەندە ئۆيدىن چىقىپ قارتا ئوينايدۇ،زىرىكسە شەھەرگە كىرىپ ھاراق ئىچىدۇ،تاماكا تارتىدۇ،ئۇندىن قالسا تىلغا ئالغىلى بولمايدىغان باشقا ئىشلارنى قىلىدۇ،ئاندىن يىرىم كىچىدە ئۆيگە چىقىپ ئايالى ۋە بىچارە ناراسىدىلەرنىڭ ئۇيقىسىنى بۇزىدۇ،ئەتىسى يەنە شۇنداق،چۈنكى ئۇ نامراتلارنىڭ مىليۇن پۇلنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى يوق تە! پۇلنى توغرا يولغا ئىشلىتىپ يول تاپقانلار ناھايتى ئاز،ئاللاھ تائالا كىمنىڭ نامرات بولۇشقا ھەقلىق بولىدىغانلىقىنى،كىمنىڭ باي بولۇشقا ھەقلىق بولىدىغانلىقىنى بىلىپ باينى بايلىققا ئېرىشتۈرۈپ،نامراتنى نامراتلىقتا قالدۇرۇپ ياراتتى. شۇنىڭغا ئوخشاش ھەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىنىمۇ شۇكەسىپ بىلەن مىلىكە بولۇش ئارقىلىق ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپتىن رىسىق تېپىپ يەيدىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.دىمەك يەر دىھقاننىڭ ئاللاھتىن رىسىق تەلەپ قىلىشتىكى ئورنى !شۇڭا  دىھقاننى بىراقلا پۇل بېرىپ يەردىن ئايرىۋىتىشنى تازا توغرا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ ،چۈنكى ئۇلار قولىدىكى شۇ پۇلدىنلا ئايرىلسا جەمىيەتكە يۈك بولىدۇ دىگەن گەپ!

zero903 2011-04-09 19:15
كەيفا كەلدى خەنبىڭگە، 84|oqwZO  
پۇل بەردى ھەممىڭگە . *$6dNx  
x 
دەپ گەپلەر چىقكەتكەن بىر چاغلار دا غولجىدا

muhtarbay 2011-04-09 19:34
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 19قەۋەتتىكى urkax5 نىڭ 2011-04-09 17:42 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   : hErO.ad1o  
توغرا! شەھەر كىڭەيتىشنىڭ تەسىرى بىلەن  ئاتالمىش<<كەيفا>>غا يىرى چىققان دىھقانلار بىراقلا مىليۇنىر بولۇپ كەتتى ،لىكىن بۇ مىليۇنىرلار  ئەتىگەندە ئۆيدىن چىقىپ قارتا ئوينايدۇ،زىرىكسە شەھەرگە كىرىپ ھاراق ئىچىدۇ،تاماكا تارتىدۇ،ئۇندىن قالسا تىلغا ئالغىلى بولمايدىغان باشقا ئىشلارنى قىلىدۇ،ئاندىن يىرىم كىچىدە ئۆيگە چىقىپ ئايالى ۋە بىچارە ناراسىدىلەرنىڭ ئۇيقىسىنى بۇزىدۇ،ئەتىسى يەنە شۇنداق،چۈنكى ئۇ نامراتلارنىڭ مىليۇن پۇلنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى يوق تە! پۇلنى توغرا يولغا ئىشلىتىپ يول تاپقانلار ناھايتى ئاز،ئاللاھ تائالا كىمنىڭ نامرات بولۇشقا ھەقلىق بولىدىغانلىقىنى،كىمنىڭ باي بولۇشقا ھەقلىق بولىدىغانلىقىنى بىلىپ باينى بايلىققا ئېرىشتۈرۈپ،نامراتنى نامراتلىقتا قالدۇرۇپ ياراتتى. شۇنىڭغا ئوخشاش ھەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىنىمۇ شۇكەسىپ بىلەن مىلىكە بولۇش ئارقىلىق ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپتىن رىسىق تېپىپ يەيدىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.دىمەك يەر دىھقاننىڭ ئاللاھتىن رىسىق تەلەپ قىلىشتىكى ئورنى !شۇڭا  دىھقاننى بىراقلا پۇل بېرىپ يەردىن ئايرىۋىتىشنى تازا توغرا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ ،چۈنكى ئۇلار قولىدىكى شۇ پۇلدىنلا ئايرىلسا جەمىيەتكە يۈك بولىدۇ دىگەن گەپ! p%?m|(4f  
+;*dFL  
مىليونىر بوپ كەتتى ،پاھ  خۇددى پۇلنى سەن ساناپ بەرگەندەكلا گەپ قىپسەنا ئويدىن تالاغا چىقىپ باق كىملەر مىليونىركىن

nida0998 2011-04-09 19:41
ھەي يورداشلا شەھەر كىڭەيگەن بىلەن ئۆي باھاسى ئۆستى دۇككانباھاسى  ئۆستى ،قەشقەردە ئورنى ياخشى دەپ قارالغان دۇككانلارنىڭ[1كۇۋادىرات مىتىر]نىڭ  باھاسى 57000 يۇەن گەسېتىلدى .

sawirqan 2011-04-09 23:27
<دۇتتار كىمنىڭ؟ ...بويتاق> دىگەن ئىتوتتەك  تىرىلغۇ يەر كوللىكتىپنىڭ، كوللىكتىپ بولسا دۆلەتنىڭ ،شۇڭا ...........

lebbey 2011-04-09 23:46
قىززىق ئىنكاسلار جىق چۈشۈپتۇ

urkax5 2011-04-10 12:48
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 21قەۋەتتىكى muhtarbay نىڭ 2011-04-09 19:34 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل : B"9/+Yj  
9iWs'M  
مىليونىر بوپ كەتتى ،پاھ  خۇددى پۇلنى سەن ساناپ بەرگەندەكلا گەپ قىپسەنا ئويدىن تالاغا چىقىپ باق كىملەر مىليونىركىن 9)Jc'd|  
.@(+.G  
سەن باشقىلار يازغان ئىنكاسنى چۈشەنمەمسەن قانداق!سەن ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدىكى <<كىنايە >>نىڭ نىمىلىگنى بىلمەيسەن ھەقاچان!باشقىلارغا خالىغانچە قوپاللىق قىلما،باشقىلارغا ئازار بەرمە،پىكىر بەرگەندە ئۆزدەلىلىڭنى قوي......

asanat 2011-04-10 16:41

eltabir9 2011-04-11 03:58
بۇ تىما دائىرىسىمۇ خىلى كىڭىيىپتۇ .تىما بەزمۇنى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولاپ دىگەندەك


查看完整版本: [-- غۇلجىنىڭ شەھەر كۆلىمى كەلگۈسى بەش يىلدا، بەش ھەسسە كېڭىيىدۇ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.077499 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us