باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 4755 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مۇشۇنداق تېمىلارنى تەستىقلاپ زادى نىمە نەتىجىگە ئېرىشمەكچى ؟
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 198
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 353
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە353دانە
ئۆسۈش: 2544 %
مۇنبەر پۇلى: 5788 سوم
تۆھپىسى: 41 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-07
ئاخىرقى: 2012-03-31
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-08 19:38

مۇشۇنداق تېمىلارنى تەستىقلاپ زادى نىمە نەتىجىگە ئېرىشمەكچى ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئىناق جەمىيەت قۇرۇمىز دەپ كۆرەش قىلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە دەيدەن دەپ بىر پىروفىسسورنىڭ
جۇڭگو جەمىيتىنىڭ ئىناقلىقىغا ئەندىشە ئېلىپ كېلىدىغان ۋە پارتىيەنىڭ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش
رولىغا گۇمان پەيدا قىلىدىغان بىر ماقالىسى بارلىق داڭلىق تور بىكەتلەردە قانونلۇق تېما تەرىقىسىدە
تەستىقلاندى ،ھازىر شىنلاڭ ،چاينا رېن ،تىيەنيا قاتارلىق چوڭ تور بىكەتلىرىنىڭ مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدە
مۇشۇ توغرىسىدا ئەركىن پىكىرلىشىپ مۇنازىرلىشىپ تۇرماقتا .
مەن بۇ ماقالىنى مەنبەسىدىن ئوقۇپ باقتىم .بۇ ماقالىدە جوڭگونىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن قاتتىق
ئۈمۈدسىز بىر مەنزىرە يورۇتۇپ بىرىلگەن .مەن جوڭگو نىڭ بىر پۇخراسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن
بۇنداق ماقالىلارنىڭ قاتتىق چەكلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ بېيجىڭ قانونسىز ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش
مەركىزىگە ئەرىزنامە يازدىم .ئەگەر يەنە ئون كۈن ئىچىدە بۇ ماقالە ئۆچىرىلمىسە ،بۇ ماقالە
قانونلۇق بولىدۇ دىگەن گەپ .لېكىن مۇشۇنداق ياخشى تارىخى شارائىتتا مۇشۇنداق جوڭگونىڭ
بىخەتەرلىكىنى خورىتىدىغان يازمىلار نىمە ئۈچۈن قانونلۇق ھالدا تورلاردا ئەركىن ئۈزۈپ يۈرۈيدۇ ؟
بۇ ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدۇ .ماقالە گەرچە چوڭ تور بىكەتلەردە ۋە شىنلاڭ فىلىم قانىلىدا تەستىقلانغان
بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ قانونلۇق ماقالە ئىكەنلىكىگە گۇمانىم بولىشى تۈپەيلى بۇ ماقالىنى تەرجىمە قىلمىدىم
بولسا كۆپچىلىك بۇ ماقالە بار تور بىكەتكە بېرىپ ئۆزىمىزنىڭ قارشىلىقىمىزنى .جوڭگونىڭ تېنىچلىقىنى
سۆيىدىغان ۋەتەنپەرۋەر ئىكەنلىكىمىزنى ھەمدە بۇ پىروفىسسور ،ئوفىتىسىرنىڭ بۇنداق ماقالىلارنى
توختىشىشىىنى تەلەپ قىلايلى .
بۇ پىروففىسسورنىڭ ماقالىسى ۋە فىلىم مەنبەسى
http://apps.hi.baidu.com/share/detail/32327630
[ بۇ يازمىنىagah 2011-04-09 00:02قايتا تەھرىرلىدى ]
بۇ زادى نېمىدۇ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1371
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1371دانە
ئۆسۈش: 910 %
مۇنبەر پۇلى: 15233 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-14
ئاخىرقى: 2012-03-31
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-04-09 07:42

ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم~~~
ئۇنىڭ ئېيقانلىرىنىڭ ھېچ بىر خاتا يېرىنى سەزمىدىمغۇ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بىر ھاۋا ئارمىيە پولكوۋنىكى،
جوڭگودىكى ئەڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ جەڭ ئىستىراتىگىيە ۋە  شۇنداقلا تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ
تەتقىقاتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇنداق قىلىش دەل شۇنداق كىشىلەرنىڭ ۋەزىپىسى  دەپ  قارايمەن.
ھەممە  ئادەم ئۆز ئىشىغا ئىگە پۇختا بولسا  شۇ  ياخشى،ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىمىز دەپ كېلىۋاتقان خەتەرنى
ئويلاشماي بولمايدۇ دە.قارىسامغۇ ئۇنىڭ قىلغان گەپلىرى شۇنداق ئورۇنلۇق بىلىندى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ما  دۆلىتىمىزدە
ھەربىي ئىشلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ.ئاۋۇ كوچىدىكى بىر كوچەنلىك كوچا ئاپتوبۇسىنىڭ ئىشىكىدىمۇ ھەربىيلەرگە
ئېتىبار دەپ تۇرسا،مۇنداق چوڭ ھەربىي ئەمەلدانىڭ سۆزىگە دۆلىتىمىز ئەلۋەتتە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارايدۇ.
سىلەر بىزگە نېمىنى تىلىسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!ئامىن!!!