查看完整版本: [-- مۇشۇنداق تېمىلارنى تەستىقلاپ زادى نىمە نەتىجىگە ئېرىشمەكچى ؟ --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> مەمىلكەت خەۋەرلىرى -> مۇشۇنداق تېمىلارنى تەستىقلاپ زادى نىمە نەتىجىگە ئېرىشمەكچى ؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

agah 2011-04-08 19:38
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئىناق جەمىيەت قۇرۇمىز دەپ كۆرەش قىلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە دەيدەن دەپ بىر پىروفىسسورنىڭ
جۇڭگو جەمىيتىنىڭ ئىناقلىقىغا ئەندىشە ئېلىپ كېلىدىغان ۋە پارتىيەنىڭ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش
رولىغا گۇمان پەيدا قىلىدىغان بىر ماقالىسى بارلىق داڭلىق تور بىكەتلەردە قانونلۇق تېما تەرىقىسىدە
تەستىقلاندى ،ھازىر شىنلاڭ ،چاينا رېن ،تىيەنيا قاتارلىق چوڭ تور بىكەتلىرىنىڭ مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدە
مۇشۇ توغرىسىدا ئەركىن پىكىرلىشىپ مۇنازىرلىشىپ تۇرماقتا .
مەن بۇ ماقالىنى مەنبەسىدىن ئوقۇپ باقتىم .بۇ ماقالىدە جوڭگونىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن قاتتىق
ئۈمۈدسىز بىر مەنزىرە يورۇتۇپ بىرىلگەن .مەن جوڭگو نىڭ بىر پۇخراسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن
بۇنداق ماقالىلارنىڭ قاتتىق چەكلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ بېيجىڭ قانونسىز ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش
مەركىزىگە ئەرىزنامە يازدىم .ئەگەر يەنە ئون كۈن ئىچىدە بۇ ماقالە ئۆچىرىلمىسە ،بۇ ماقالە
قانونلۇق بولىدۇ دىگەن گەپ .لېكىن مۇشۇنداق ياخشى تارىخى شارائىتتا مۇشۇنداق جوڭگونىڭ
بىخەتەرلىكىنى خورىتىدىغان يازمىلار نىمە ئۈچۈن قانونلۇق ھالدا تورلاردا ئەركىن ئۈزۈپ يۈرۈيدۇ ؟
بۇ ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدۇ .ماقالە گەرچە چوڭ تور بىكەتلەردە ۋە شىنلاڭ فىلىم قانىلىدا تەستىقلانغان
بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ قانونلۇق ماقالە ئىكەنلىكىگە گۇمانىم بولىشى تۈپەيلى بۇ ماقالىنى تەرجىمە قىلمىدىم
بولسا كۆپچىلىك بۇ ماقالە بار تور بىكەتكە بېرىپ ئۆزىمىزنىڭ قارشىلىقىمىزنى .جوڭگونىڭ تېنىچلىقىنى
سۆيىدىغان ۋەتەنپەرۋەر ئىكەنلىكىمىزنى ھەمدە بۇ پىروفىسسور ،ئوفىتىسىرنىڭ بۇنداق ماقالىلارنى
توختىشىشىىنى تەلەپ قىلايلى .
بۇ پىروففىسسورنىڭ ماقالىسى ۋە فىلىم مەنبەسى
http://apps.hi.baidu.com/share/detail/32327630

fatih204 2011-04-08 20:40
ئاگاھ ئەپەندىم مەيدانىڭىزنى قاتتىق شەرھىلىۋىتىپسىز جۇما ،ناھايتى ئەپچىللىك بىلەن ،،  بىر كورەيلىچۇ نىمە دەپ يىزىپتۇ ،،

sirik 2011-04-08 20:43
فاتىخ بۇرادەر نىمە يازغىننى كۆرمەي ئاۋۇ فىلىمنى كۆرسىڭىزلا يىتەرلىك...
بۇ فىلىمنى 4 ئاي بۇرۇن كۆرۈپ ھەيران قالغانتىم...ئۇ چاغدا  بۇنچىلىك كەڭ تارقالمىغان ئىدى

nazim 2011-04-08 21:04
تەپسىلى بىر كۆرۈپ باقاي

amanxa 2011-04-08 21:15
بولسا تەرجىمە قىلىنغىنى بولغان بولسا...

تاھىربەگ 2011-04-08 21:31
رەھمەت ھە ئاگاھ ئەپەندىم  

samanyoli 2011-04-08 21:36
تەرجىمىسى قاچان چىقا  بىزدەك ساۋاتسىزلارغا ئەمدى،،،،،

پولات 2011-04-08 22:12
تەرجىمە  بولۇپ كەتكەن بولسا ھە
لېكىن ناھايىتى توغرا گەپلەركەن .چۇشۇرەي دىسەم چۇشەگىلى بولمىدىغۇ؟

muhajir1 2011-04-08 22:46
 دۆلەتنىڭ فىراففېسور، تەتقىقاتچىلار بولغاندىكىن ئۇلارنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئويلۇشۇپ باققىلۇق........ ئۇلارمۇ دۆلەتنىڭ غېمىنى يەيدىغاندۇ................
      

aliplar 2011-04-09 03:56
تىرورچى نىڭ زۈرۈر شەرتى مۇسۇلمان بۇلۇشكەندە  

shungqar 2011-04-09 05:34
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئاگاھ ئەپەندى، ئەقلىڭىزگە ئاپىرىن

muzepper 2011-04-09 05:48
ھەەەەەەە مۇنداق دەڭ. مەن سىز كۆرسەتكەن ئۇ ئادرىسكە قارىدىم، ئۇ يەردە مەن بىلمەيدىغان تىل ۋە مەن بىلمەيدىغان يىزىقتەك نەرسىدن باشقا نەرسە يوق ئىكەنغۇ؟ ئۇلارنىڭ تەغدىرىنى سىز بەلگىلەپ بىرەمسىز؟ ئۇلارنىڭ پىكىر، چۈشەنچە، كۆز قاراشلىرىنى ئتتۇرىغا قۇيۇش ھۇقۇقى يوقمىكەن؟ سىز جۇنگۇلۇقما؟ ئۇلارنى قۇتقۇزۇش سىزگە قالغان ئوخشىمامدۇ؟ .....

musapir1 2011-04-09 06:18
تەرجىمانلار تەرجىمە قىلىۋەتمەمسىلەر.........  بىزدەك چالا ساۋاتلار تۇلۇق چۈشۈنۈپ بولالمايدىكەنمىز............

ئەلى 2011-04-09 07:42
ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم~~~
ئۇنىڭ ئېيقانلىرىنىڭ ھېچ بىر خاتا يېرىنى سەزمىدىمغۇ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بىر ھاۋا ئارمىيە پولكوۋنىكى،
جوڭگودىكى ئەڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ جەڭ ئىستىراتىگىيە ۋە  شۇنداقلا تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ
تەتقىقاتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇنداق قىلىش دەل شۇنداق كىشىلەرنىڭ ۋەزىپىسى  دەپ  قارايمەن.
ھەممە  ئادەم ئۆز ئىشىغا ئىگە پۇختا بولسا  شۇ  ياخشى،ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىمىز دەپ كېلىۋاتقان خەتەرنى
ئويلاشماي بولمايدۇ دە.قارىسامغۇ ئۇنىڭ قىلغان گەپلىرى شۇنداق ئورۇنلۇق بىلىندى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ما  دۆلىتىمىزدە
ھەربىي ئىشلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ.ئاۋۇ كوچىدىكى بىر كوچەنلىك كوچا ئاپتوبۇسىنىڭ ئىشىكىدىمۇ ھەربىيلەرگە
ئېتىبار دەپ تۇرسا،مۇنداق چوڭ ھەربىي ئەمەلدانىڭ سۆزىگە دۆلىتىمىز ئەلۋەتتە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارايدۇ.

newruz 2011-04-09 08:00
     

ئىستىراتىگىيەچىلەرنىڭ كەسپى بۇ، ھەممە دۆلەتتە شۇنداق. كىشىلىرىمىز بىر چاغلاردا سادامنىڭ غېمىنى يەپ يۇرمىدىمۇ....ئەمدى كازافىينىڭ...
سۇمرۇخ تورىدا ۋە خارۋارد مەكتىپىنىڭ دەرسلىرىمۇ تەتقىقات تېمىلىرىمۇ مۇشۇنداق بولىدۇ. موزدوز ئاياق تىكىدۇ، تازلىق ئىشچىسى گۈزەل مۇھىتنى بەرپا قىلىدۇ، سىياسەتچى سىياسەت تۈزەيدۇ، ئىستىراتىگىيەچى تەتقىقات قىلىدۇ. موللام ناماز ئۆتەيدۇ!!! پالچى پال ئاچىدۇ، مەددال گەپ ساتىدۇ دېگەندەك!!! ئۇرۇش تەتقىقاتچىسى بۇگۈن ئۇرۇش بولۇپ قالسىچۇ دەپ لاھىيە تۇزەيدۇ. ئاشلىقچى ئامباردا بۇغداي سېسىپ قالمىسۇن دەپ غەم قىلىدۇ...ساقچى ئوغرىنى، مۇشۇك چاشقاننى پايلايدۇ...ئەمەل دېگەن شۇنداق نىمە؟

بىز مانا مۇنبەرچى....كەڭسايغا ئىنكاس يازىمىز...

تېما ئىگىسىدىن ئاللاھ رازى بولسۇن!

ibrayim 2011-04-09 10:28
چۈشەنگەنلەر مەزمۇنىنى يوللاپ قويساڭلارچۇ.!!

muhtarbay 2011-04-09 11:59
ئىمى جىسمىڭىزغا لايىق تىمىلارنى يوللايسىز داۋاملىق رەھمەت

aliplar 2011-04-09 12:24
ئاساسى مەزمۇنى شۇ  دۆلىتىمىز  قوش ھىلال ئاي شەكلىدە قورشىۋېلىندى ، دوست بىلەن دۈشمەننى ئېنىق ئايرىشىمىز ،ھەرۋاقىت ھۇشار تۇرۇشىمىز  دىگەندەك مەزمۇندا  
مەنغۇ ھىچ  تىمدارنى  نارازى قىلغۇدەك گەپنى بايقىمىدىم  

天山的野花 2011-04-09 21:22
ئىسلامدىن ئايرىلغان مۇقۇملۇق ۋە تېنىچلىق ئۇزۇن مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرالمايدۇ

sawirqan 2011-04-09 21:48
ئىسلامدىن ئايرىلغان مۇقۇملۇق ۋە تېنىچلىق ئۇزۇن مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرالمايدۇ، مەن قارىسام بۇ خەقنىڭمۇ  كۇنى ئاز قالغاندەك تۇردۇ


سىز كىمنى دىمەكچى؟

天山的野花 2011-04-09 22:05
خاتىرىڭزنى جەم قىلىڭ ،سىزنى دىمىدىم ئشقلىپ

$ئۈمىد$ 2011-04-11 10:37
تىمىنىڭ ئىگىسى ، سىز گە دىسەم ، بىزنىڭ شىنجاڭدا بۇنداق تىمىلار ، بۇنداق  مۇنازىرىلەرچەكلەنگىنى بىلەن ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئاخپارات ئەركىنلىكى 100% بولمىسىمۇ مەلۇم دەرىجىدە بار . سىز تېخى بۇنى بىلمەيدىغان ئوخشايسىز . قارىغاندا كومىنىستىك پارتىيە بىلەن بىرگە دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلىيەلمەپسىز ............

$ئۈمىد$ 2011-04-11 10:43
نادىر تىما بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە رەھمەت!

agah 2011-04-12 10:51
ھە ئەسلى مۇنداق ئىشمىتتى ..مەن بىلمەپتىمەن ..ئەسلى ئىچكىرى ئامىرىكىلىشپ بوپتۇدە
ھەي شىنجاڭدا بولسىمۇ سوتسىيالىزىمنى ھىمايە قىلايلى ..مۇقىملىققا تەسىر يىتىدىغان زەررىچىلىك
قارشى پىكىرلەرگە قارشى تۇرايلى ..

oguzhan 2011-04-12 14:00
بۇردا قىزىل مۇچ تەك ئادەملەر مۇ بامۇ  قانداق  

موتو 2011-04-12 15:06
نىمە دەۋاتقىننى  تازا چۇشنۇپ كەتمىدىم  ئشقىلىپ  بىر ھەربى   كەنغۇ

agah 2011-04-12 15:35
خەنزۇچە ئۆگىنىپ ئۇلار ماختاۋاتامدۇ ياكى تىللاۋاتامدۇ بىلىۋالايلى ..

general 2011-04-12 17:48
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 26قەۋەتتىكى agah نىڭ 2011-04-12 15:35 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
خەنزۇچە ئۆگىنىپ ئۇلار ماختاۋاتامدۇ ياكى تىللاۋاتامدۇ بىلىۋالايلى ..

مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ تەرجىمە قىلىۋەتكەن بولسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى.

maniwer2010 2011-05-13 10:32
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 20قەۋەتتىكى 天山的野花 نىڭ 2011-04-09 22:05 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
خاتىرىڭزنى جەم قىلىڭ ،سىزنى دىمىدىم ئشقلىپ

ھەممە تېمىدا جىدەل قىلىپلا يۈرىدىغان «قىز» كەنسىز ،،،ئەگەر ئوغۇل بولسىڭىز سېپى ئۆزىدىن كوچا لۈكچىكى بولىدىكەنسىز ،،،،

era13 2011-05-13 11:20
جوڭگۇ بىلەن ئامىرىكىنىڭ تارىخى ھازىرىقى ۋە كەلگۈسى 20يىل جەريانىدا جۇڭگۇ دۇچ كىلىدىغان مەسىلىلەر 5نوقتىغا يىغىنچاقلىنىپ سۆزلىنىپتۇ ، بىزبىلەن مۇناسىۋىتى يوقكەن !


查看完整版本: [-- مۇشۇنداق تېمىلارنى تەستىقلاپ زادى نىمە نەتىجىگە ئېرىشمەكچى ؟ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.053652 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us