باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1033 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئىسلام تارىخىدىكى مەشھۇر ئاياللار
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5351
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 614
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە614دانە
ئۆسۈش: 760 %
مۇنبەر پۇلى: 6943 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-05-08
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-08 02:06

ئىسلام تارىخىدىكى مەشھۇر ئاياللار

ئاسىيە بىنتى مۇزاھىم،
ئاسىيە بىنتى مۇزاھىم: قەدىمى مىسىر پادىشاھلىردىن بولغان پىر ئەۋىن ۋەلىد ئىبنى مۇسئىەبنىڭ ئايالى.
ئاسىيەنىڭ ياخشى نامى ((قۇر ئان كەرىم )) ۋە ھەدىسلەردە ئاياللارنىڭ ئۈلگۈسى سۈ پىتىدە تىلغا ئېلىنغان.
ئاسىيە ئىرى پىرئەۋىننىڭ بەنىي ئىسرائىل خە لىقىگە قاتتىق زۇلىمى ۋەئۆزىنى خۇدا ھىسابلاپ، ھەددىدىن ئاشقان قىلمىشىغا نارازلىق بۈلدۈرۈپ ئىنكار قىلغان . ئاخىرى پىر ئەۋىننىڭ زۇلمىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
زالىم پىر ئەۋىن بىر كىچىسى يامان چۈش كۆرۈپ قېلىپ، مۇنەجىملەرنىڭ چۈشىگە بەرگەن تەدبىردىن قاتتىق چۈچۈپ، بەنىي ئىسرائىل ئىچىدە توغۇلدىغان ئوغۇل بوۋاقلارنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرىغان. دەل مۇشۇ زاماندا مۇسا ئەلەيسالام تۇغۇلۇپ، ئانىسى يۇشۇرۇشقا ئامالسىز قېلىپ، بوۋاقنى ساندۇققا سېلىپ نىل دەرياسىغا تاشلىغان.
ساندۇق پىر ئەۋىننىڭ خوتىنى ئاسىيەنىڭ قولىغا چۈشكەن. پىر ئەۋىن بوۋاقنى ئۆلتۈر مەكچى بولغاندا ئاسىيە توسىۋالغان ۋە بوۋاقنى بالىچىلاپ بېقىۋالغان. ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ، پىرئەۋىننىڭ چىكىدىن ئاشقان ئاسىيلىقىغا
قارشى چىققان ۋە مۇسا ئەلەيھىسسالامنى بېقىۋېلىپ كۆپ مەر ھەمەتلەرنى قىلغان ئاسىيەنىڭ نامى (قۇر ئان كەرىم) دە زىكرى قىلنىپ، يۇقارقى ۋەقەلىك بىلەن باغلىنىپ كەلگەن.
((قۇر ئان كەرىم)) دە ئاسىيە پىر ئەۋىننىڭ ئايالى دىگەن نام بىلەنلا ئاتالغان بولۇپ، ئىسمى ئېنىق ئېيتىلمىغان.
ئەمما، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە ۋە باشقا مەنبەلەردە ئىسمىنىڭ ئاسىيە ئىكەنلىكى ئېيتىلغان.
ئامىنە بىنتى ۋەھىب؛
ئامىنە ئاخىرقى پەيغەمبىرمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالەمنىڭ ئانىسى.
ئامىنە مەككە_مۇكەرەمدىكى يۈز ئابرويلۇق بەنىي زۆھرە جەمەتىدە دۇنياغا كەلگەن. تاغىسى ۋەھىب ئىبنى    ئابدى ماناپنىڭ تەربىيسىدە چوڭ بولغان. ئامىنە ھۆسۈن _جامال، ئەقىل_ پاراسەت ۋە نەسەپتە قۇرەيىش قەبىلىسىدىكى ئاياللارنىڭ ئەڭ ئىسىلى ئىدى. ئامىنە قۇرەيىش قەبىلىسىدىكى ئەڭ ئىسىل نەسەپتىن بولغان
ئابدۇل مۇتەلىپنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھقا ياتلىق بولغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  ھا مىلدار بولغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئامىنەنىڭ قورسىقىدا ئىككى ئايلىق بولغاندا، ئابدۇللاھ تىجارەت ئۈچۈن شامغا بېرىپ
قايتىپ كىلۋاتقاندا مەدىنىدە ۋاپات بولغان ۋە شۇ يەر گە  دەپىن قىلىنغان.
ئابدۇللاھ بۇ چاغدا 28ياشلاردا ئىدى.ئامىنەنىڭ ئاي _كۈنى توشۇپ مىلادىيە571-يىلى 4-ئاينىڭ 21- كۈنى ئالەمنى ھىدايەت نۇرى بىلەن يۇرۇتقان بوۋاق_پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇنياغا كەلگەن.
ئامىنە ھەر يىلى ئىرنىڭ قەبرىسنى ۋە ئابدۇللاھنىڭ تاغلىرىدىن بولغان ئەدى ئىبنى نە ججارىنىڭ جەمەتىنى يوقلاشقا بېرىپ تۇرغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالتە ياش ۋاختىدا ئانىسى بىلەن مەدىنىگە سەپەر قىلغان.
ئامىنە مەككىگە قايتىپ كىلىشىدە مەدىنىگە تە ۋە ئەبۋا دىگەن جايدا كىسەل سەۋەبى بىلەن قازا قىلغان.
ئامىنە بۇ چاغدا 20 نەچچە ياشلاردا ئىدى. كىچىك تۇرۇپلا دادىسىدىن ،ئانىسىدىن يىتىم قالغان پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنى چوڭ دادىسى ئابدۇل مۇتەلمۇ تتەلىپ ئۆز تەربىيسىگە ئالغان.
ئاخىرى بار،
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 681
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 43
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە43دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 450 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-22
ئاخىرقى: 2012-04-25

ئۈچىنچىسى  پەيغەمبەر ئەلەيھسالامنىڭ  ئايالى  بۈۋى  خەدىچە   4- سى   بۇۋى  ئائىشە   5- سى   رەسۇلىللانىڭ  قىزى  پاتىمە  شۇنداقمۇ