"ئىشەنمەسلىك" جوڭگونىڭ "جەميەت تېمىغا "ئايلاندى
بېرلىن تېمى ئۆرىۋىتىلگەندىن كىيىن مەيلى غەرىپ ئىلىم ساھاسىدىكىلەر بولسۇن،ياكى سىياسى ساھادىكىلەر بولسۇن، جوڭگونىڭ ناھايىتى تېزلا شەرقى ياۋرۇپا كومىنىزىمچىلىرىنىڭ قالدۇققىغا ئايلىنىدىغانلىقىغا بىردەك ئىشەنگەندى. ئەينى چاغدا ئامرىكا زۇڭتوڭى كىلىنتون ئالدىن پەرەز قىلىپ: " ئەركىنلىك جوڭگودا چوقۇم غەلبە قىلىدۇ، كومىنىزىم چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ" دىگەندى. ئەمىليەتتە بۇ يۈز بەرمىدى،ئەكسىچە بېرلىن تېمى ئۆرىۋىتىلگەندىن كىيىن جوڭگو سوۋىت ئىتپاقى ۋە شەرقى ياۋرۇپا كومىنىزىمچىلىرى بىلەن ئوخشىمايدىغان يولدا ماڭدى. ئىچكى جەھەتتە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ پارتىيە ھۆكىمەت ۋە جەمىيەت ئۈچۈن زور ماددي مەنپەئەت ئېلىپ كىلىش بىلەن بىرگە ئىختىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ پارتىيە ۋە ھۆكىمەتنى يىتەرلىك يېڭى ، قانۇنلۇق بايلىق مەنبەسى بىلەن تەمىنلىدى.
جوڭگودا "بېرلىن تېمى" مەۋجۇت ئەمەس، بىراق كۆپ يىللىق يوقرى سۈرئەتلىك تەرەققىيات جەريانىدا كىشلەر تەئەججۇپلۇق ئىچىدە كۈنسىرى قېلىنلىشىۋاتقان"تام"نى بايقاشتى. بۇ"تام" پولات -چىۋىق بىتونلاردىن ياسالغان ئەمەس،بەلكى يوقرى دەرىجىلىك " ئىشەنمەسلىكتىن" ھاسىل بولغان "جەمىيەت تېمى"دىن ئىبارەت.بۇ "تام "لار جەمىيەتنىڭ ھەربىر ئىجدىمائى توپىدا ، رولىدا ، ھۆكۈمەت بىلەن خەلىق ئارىسىدا ، كاپىتال بىلەن خەلىق ئوتتىرىسىدا،نامراتلار بىلەن بايلار ئارىسىدا ،،،،،، مەۋجۇت.
"تام"نىڭ پەيدا بولىشى ۋە ئىشەنىچنىڭ يوقىلىشى ئاللىقاچان تېخىمۇ كۆپ ساھەگە يامراپ جوڭگو جەميىتى سىياسى تۇرمۇشىنىڭ نورمال يۈرىشىگە توسقۇنلۇق قىلماقتا. ئىشەنىچ بولمىغان ئىسلاھاتتا ئۈنۈم بولمايدۇ. ھېچكىممۇ بۈگۈنكى جوڭگو جەمىيىتى دۇچ كىلىۋاتقان چەكسىزلىك مەسسىلىسىنى ئىنكار قىلالمايدۇ،ھەم بۇ مەسىلىلەرنى ئىسلاھات ئارقىلىق يىڭەلەيدىغانلىقىنى ۋە ھەل قىلالايدىغانلىقىنى ئىنكار قىلالمايدۇ. بىراق مەسىلە شۇ يەردىكى جەميەتنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچىسىزلىكى ھەرقانداق ئىسلاھاتنى قىيىنلاشتۇرۇپ قويىدۇ. ھۆكۈمەت ھەرقانداق ئىسلاھات ئەمىلىيىتىدە،مەيلى ئختىسادى ئىسلاھاتتا بولسۇن،ياكى جەمىيەت ئىسلاھاتىدا بولسۇن، ۋەياكى مائارىپ ئىسلاھاتىدا جەميەتنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغىيالمايدۇ،بەلكى كۆپلىگەن گۇمانسىراش ،سوغوق مۇئامىلە ھەتتاچەكلىمىگە ئۇچرايدۇ.
جەميەتنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچىسىزلىكى ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشتىكى تەجىربىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ.جوڭگونىڭ ئىسلاھات سىياسىتى ئەزەلدىن يوقىرىدىن تۆۋەنگە ،جەمىيەت بولسا"تام"نىڭ سىرتىدا ، ئەسلىدىنلا سىياسەت تۈزۈش پۇرسىتى يوق. مەيلى سىياسەتنىڭ تۈزىلىشى بولسۇن ياكى ئىجرا قىلىنىشى بولسۇن ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈنەت مەمۇرلىرىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن بولىدۇ. پارتىيە ھۆكۈمەت مەمۇرلىرى ئۆزىنى قورغانغا سولىۋېلىپ ،جەميەتتىن ئايرىلىپ تۈزگەن ئىسلاھات تەدبىرلىرى قانداقمۇ جەميەتنىڭ ھەققىقى ئىھتىياجىنى ئەكىس ئەتتۈرەلىسۇن؟
ئىسلاھات ئەسلىدىنلا كىشلەرگە ئۆمۈد ئەككىلىدۇ،بولۇپمۇ ئادەتتىكى كىشلەرگە. بىراق تەجىربىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ، ھەربىر قېتىملىق ئىسلاھات كەڭ ئۆلچەمدىن خەلىقنىڭ ئىسلاھاتنىڭ باشلىنىشىغا نىسبەتەن دىلغۇللۇق ھىسياتىنى ئاشۇرۇدۇ. جەمىيەت ئىسلاھات ئارقىلىق تىخىمۇ كۆپ ھوقۇققا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. لىكىن ئەمىلىيەتتە ئىسلاھات خەلىقنىڭ ھوقۇقىنى تارتىۋالىدۇ. نۇرغۇنلىغان كىشلەرنىڭ قارىشىچە ئىسلاھات قانچە كۆپ بولسا كىشلىك ئاساسى ھوقۇق بۆلۈنۈپ كىتىدۇ.مەسىلەن : كىشلەرنىڭ خىزمەت تېپىشىنىڭ تەسلىشىپ كىتىشى ياكى تاپالماسلىقى < خىزمەت قىلىش ھوقۇقى تارتىۋېلىنغان > ، يەنە نۇرغۇن كىشلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆي سېتىۋالالماسلىقى < تۇرۇش ھوقۇقى تارتىۋېلىنغان>، يەنە نۇرغۇن كىشلەرنىڭ مائارىپ سىستىمىسىنىڭ سىرتىدا قېلىشى < مائارىپ تەربىيىسى قوبۇل قىلىش ھوقۇقى تارتىۋېلىنغان>،،،،،،
ئىشەنىچ كەمچىل بولغاندا قانۇنىي تۈزۈملىك جەمىيەتنىڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرىشى مۇمكىن بولمايدۇ. ئىسلاھات ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن كىشلەر قانۇن -تۈزۈمنىڭ ئىختىسادى ئاساسىنىڭ ئختىسادى بازار ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن. شۇڭلاشقا قانۇن -تۈزۈملۈك جەمىيەت قۇرۇش ئۇقۇمى ئوتتىرىغا قويۇلغان. لىكىن كىشلەر ئىختىسادى بازارنىڭ ماھىيىتى قانۇنى -تۈزۈمنى بارلىققا كەلتۈرمەيدىغانلىقىنى ،قانۇن -تۈزۈمدىنمۇ مۇھىم بولغان جەمىيەتنىڭ ئاساسى ، يەنى ئىشەنىچنى ئۇنتۇپ قالغان. بىراق جوڭگودىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت بىلەن كاپىتال ئوتتىرىسىدىكى ئىتپاقلىق ئاللىقاچان جەمىيەت ئىشەنچىسىنىڭ پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۇپ چىقاردى. قانۇن-تۇزۈملىك جەمىيەتنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى بىر ئۇلۇغ سىياسەتچىنىڭ ئادەم بىلەن باشقۇرىدىغان جەمىيتىگە بولغان تەلپۈنىشى تەبىئي ئەھۋال. ماۋزۇدۇڭ مانا مۇشۇنداق شارائىت ئاستىدا قايتىدىن "تۇغۇلغاندى."
ئەگەر ئۇنىڭدەك ئۇلۇغ ئادەم پەيدا بولمىسا ئۇھالدا جەمىيەت ئۆزىگە مۇراجەت قىلىدۇ دە: جەمىيەتنىڭ موقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر بىر دۆلەتنى ھوقۇق ، كاپىتال ، جەمىيەت دەپ ئايرىساق ئۇھالدا ھەرقانداق تەشكىلىي تۈزۈم ئاستىدا جەمىيەت ئەڭ ئاجىز بىر قىسىمى . ھوقۇق ئۆزىنى قوغدىيالايدۇ، كاپىتالمۇ ئۆزىنى قوغدىيالايدۇ.دەل مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا جەمىيەت چوقۇم قوغدىلىشقا مۇھتاج. جەمىيەت نىمە ئۈچۈن قوغدىلىشقا مۇھتاج؟ ناھايىتى ئاددى ،ئاجىز بولغان جەمىيەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ھوقۇقىنى يوقىتىدىكەن ، جەمىيەت قالايمىقانلىشىدۇ. ئىنسانلار تارىخىدىكى قالايمىقانچىلىق بولسا جەمىيەتنىڭ ئۆزىنى ئۆزى قوغدايدىغان مۇھىم ۋاستىسى . جوڭگو جەميىتىدىكى سانسزلىغان دىھقانلار قوزغىلىڭى دەل بۇخىل ئەھۋالنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ئىپادىسى.
بىر پولات بىتون تامنى ئۆرىۋېتىش ئۈچۈن ئاددى مىخانىكىلىق كۈچ لازىم، لىكىن قېلىن "جەمىيەت تېمىنى"ئۆرۈپ تاشلاش ئۇنچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس. لىكىن بۇ "تام"لارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى ئەلۋەتتە پارتىيىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئامانلىقى ،سىياسى پىروگىراممىغا،جەمىيەت موقىمىقىغا ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدۇ . جوڭگونىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەر بۇنى سەگەكىلىك بىلەن تونۇپ يەتتى.<ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش>تىن <ئۈچكە يېقىنلىشىش >كىچە ، <خەلىق دىمگۇراتىيىسى> قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ ئاساسى تىمىسى ھۆكۈمەت ، كاپىتال ۋە جەمىيەت ئوتتىرىسىدىكى قېلىن "تام"نى ئۆرۈپ تاشلاشتىن ئىبارەت.
لىكىن ئەمىليەتتە ، مەنپەئەتنىڭ قۇربان قىلىشى ئاستىدا بۇ "تام"لار يەنىمۇ ئىگىز ،يەنىمۇ قېلىنلاشتى ،ئەگەر جەمىيەت ھوقۇقى بولمايدىكەن،"تام"نى چېقىشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن؟ ھوقۇق ۋە كاپىتال بىرلەشكەندە جەمىيەتنىڭ تاللىشى قانداق بولىدۇ؟ ئەگەر بۇ قېلىن "تام"لار ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن چىقىلمايدىكەن،ئۇ ھالدا جەمىيەت غەزەبلىندۇ دە: بۇ قېلىن "تام"لارنى سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ!
مەنبە : سۇمرۇغ ھەپتىلىك ژورنىلى 2009-يىللىق 36-سان ئاپتۇر : جېڭيوڭ نىيەن
تەرجىمە قىلغۇچى : ئويتاغ