كەتتى
دۇنياغا ھەممىلەر كەلدى ھەم كەتتى .
كەتكەنلەردىن كىملەر ئارمانغا يەتتى .
بەزىلەر دۇنىيادىن زارلاپلا ئۆتتى .
نەدە بار كىمدە يوق كىم بىلىپ يەتتى .
رازى ھەم نارازى ھەممىسى كەتتى .
ئانىلار بىر ئۆمۈر بالام دەپ كەتتى .
ئاتىلار بار ئېدى چالام دەپ كەتتى .
پىخسىقمۇ نەچچىدۇ كالام دەپ كەتتى.
شائىرلار سۇنمىسۇن قەلەم دەپ كەتتى .
دەرىتمەنلەر كەلدى كۆپ ئەلەم دەپ كەتتى .
بىراۋلار بىمارغا قان بېرىپ كەتتى .
بىراۋلار قۇشقاشقا دان بېرىپ كەتتى .
بىراۋلار نۇپۇسقا سان بېرىپ كەتتى .
بىراۋلار سەجدىدە جان بېرىپ كەتتى .
بىراۋلار ئاشقانغا نان بېرىپ كەتتى .
بەزىلەر قايغۇلۇق يىغلاپمۇ كەتتى .
بەزىلەر خۇشاللىق جىرلاپمۇ كەتتى .
بەزىلەر تېشىنى سىرلاپمۇ كەتتى.
بەزىلەر ياستۇقنى قىرلاپمۇ كەتتى .
بەزىلەر يۆلەكسىز ئېڭراپمۇ كەتتى .
دۇشمەنگە بىر پاي ئوق ئاتقانمۇ كەتتى .
غەپلەتتىن ئويغانماي ياتقانمۇ كەتتى .
ھەسسىلەپ تۆھپىلەر قاتقانمۇ كەتتى .
تېنىنى پۇل ئۈچۈن ساتقانمۇ كەتتى .
گۇناھقا باشچىلاپ پاتقانمۇ كەتتى .
كىملەردۇر ئىزىنى قالدۇرۇپ كەتتى.
تارىخقا نامىنى يازدۇرۇپ كەتتى .
بىلىمنىڭ كانىنى قازدۇرۇپ كەتتى.
ئەپسۇسكى قەدەرىگە كىملەرمۇ يەتتى.
كەتكەنلەر بىراقلا كەلمەسكە كەتتى .
بۇگۈن بار ئەتە بار تۇنۇگۇن كەتتى .
تاڭ ئاتسا سەرگەردان بۇگۈنۈڭ كەتتى.
بىلسەڭ گەر ھاياتتىن بىر كۈنۈڭ كەتتى.
بۇ كۇنۈڭ قايسى بىر نىشانغا يەتتى .
ۋاقىتمۇ بەرىبىر چېكىگە يەتتى .
سەنمۇ بىر ئىز قالدۇر ھەممىسى كەتتى ...
قەيسەرجان سەرگەردان دولقۇنى
2008.06.09