باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1112 قېتىم كۆرۈلدى
تېما:   WM تېلىفونلىرىغا قۇرئان كەرىم دېتالى
ئويلانماقتىمەن...
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 475
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 710
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە710دانە
ئۆسۈش: 1783 %
مۇنبەر پۇلى: 8392 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2012-01-08
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-04 18:07

  WM تېلىفونلىرىغا قۇرئان كەرىم دېتالى

بۇ تېما ئىلگىرى يوللانغان، بۈگۈن قايتا تەھرىرلەندى!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار تۆۋەندە سىلەرگە ئىنتايىن ئېسىل بىر تېلىفۇن دىتالىنى تونۇشتۇرماقچىمەن:
بۇ دىتال ۋىندوۋس موبايل سېستىمىسى قاچىلانغان تېلىفۇنلاردا ئىشلەيدىغان بولۇپ، بۇ دىتالنىڭ ئىقتىدارى ئىنتايىن كۆپ خىل.
1.مىلادىيە - ھىجىرىيە كالىندارى بولالايدۇ. ناماز ۋاقتىنى كۆرسىتىدىغان كالىندارىمۇ بار.
2.دۇنيانىڭ ھەرقانداق جايىدىكى بەش ۋاقىت نامازنىڭ ناماز ۋاقىتلىرىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. ھەم دەل ناماز ۋاقتى بولغاندا ئەزان توۋلاپ بېرەلەيدۇ.
3.مۇسۇلمانلاردىكى ھېيت-بايرام، خاتىرە كۈنلىرىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.
4. دۇنيانىڭ قايسى جايىدا بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر سىزگە قىبلىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.
5.ھەرقانداق ۋاقىتتا  ئاينىڭ نەچچە كۈنلۈك بولغانلىقىنى، قاچان پۈتۈنلىنىدىغانلىقىنى، قاچان يېڭى ئاي چىقىدىغانلىقىنى مىنۇت سىكونت بويىچە كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.
6.ھەرقانداق ۋاقىتتا ئاينىڭ ۋە قۇياشنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.
7. قۇرئان كەرىم يادلاش ۋە تەجۋىد ئۆگىنىش ئارزۇيىڭىزنى قاندۇرالايدۇ. بىرلا ۋاقىتتا ئاۋازلىق ھەم خەتلىك قۇرئان ئرچىلىدۇ، ھەر بىر ئايەتنى نەچچە قېتىم ئوقۇش دىگەنلەرنىمۇ بىكىتەلەيسىز.ھەر بىر ئايەت ئوقۇلغاندا، يېزىق ھۆججىتىدىكى دەل شۇ ئايەتنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.
8. قۇرئان كەرىم قىرائىتىنى ئاڭلىيالايسىز.
9. پۈتۈن قۇرئان كەرىمنى ئوقۇيالايسىز.
10. بىر نەچچە ئەرەبچە ھەدىس كىتابىمۇ قاچىلانغان.
11. قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنى ئوقۇشتا، خەت تىپى ۋە خەت چوڭلۇقىنى خالىغانچە تەڭشىيەلەيسىز.
12.بۇ سېستىمىنى تېلىفونغا قاچىلىغان چېغىڭىزدا  ئاپتوماتىك ھالدا ئەرەبچە يېزىق كىرگۈزگۈچ ئورنىتىلىدۇ.
13. بۇنىڭغا ئىبنى كەسىر تەپسىرى تۇلۇق قاچىلانغان بولۇپ، سىز قۇرئان ئوقۇۋاتقان چېغىڭىزدا قايسى ئايەتقە كەلگەن بولسىڭىز شۇ ئايەت ئۈستىگە بىرنى چېكىپ، چىققان تىزىملىكتىن تەپسىرنى كۆرستىش، دىگەننى باسسىڭىز بولىدۇ
بارلىق ئىقتىدارلار تۆۋەندىكى ھەرىكەتچان رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك بولىدۇ.

 

 بۇنىڭ يەنە نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرى بار، قاچىلىغاندىن كېيىن بىلىۋالارسىز.

بۇ تېما يوللانغىلى خېلى ئۇزۇن بولغان ئىدى،  نۇرغۇن تورداشلار چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاش ئۇسۇلىنى بىلەلمىگەنلىكتىن، مەن بۇ تېمىنى قايتا تەھرىرلىدىم،  ئەمدى  بۇرۇنقىدەك قىينالمايسىلەر:

تۆۋەندىكىسى  تېلىفۇننى كومپيۇتېرغا ماسلاشتۇرۇشنى بىلىدىغان ۋە بۇنىڭدىن ئاز تولا خەۋىرى بارلار ئۈچۈن:
 دىتالنى  تۆۋەندىكى ئادېرىستىن چۈشۈرىۋالسىڭىز بولىدۇ،  ئەمما، بۇ ھۆججەتنى چوقۇم كومپيۇتېردا ئىجرا قىلىسىز، شۇڭا تېلىفۇننى activesync  ئارقىلىق كومپيۇتېرغا ماسلاشتۇرۇشىڭىز كېرەك.
قۇرئان كەرىم دېتالى:
http://d.1tpan.com/tp1888865673959223

تۆۋەندىكىسى يۇقىرىدىكى ئۇسۇلنى بىلمىگەنلەر ئۈچۈن:
يۇقىرىدىكى دېتالنى قاچىلاش ئۇسۇلى سەل مۇرەككەپ بولغاچقا نۇرغۇن تورداشلىرىمىز چۈشۈرگەن تەقدىردىمۇ قاچىلىيالمىغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان ئىدى. شۇڭا  مەن بۇ دېتالنى پىرىستىن يېشىپ، تېلىفۇننىڭ سىغىم كارتىسىغا كۆچۈرۈپلا تېلىفۇندا بىۋاستە قاچىلىغىلى بولىدىغان قىلىپ قويدۇم،  ئەمدى  تېلىفۇننى  كومپيۇتېرغا ماسلاشتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.  دېمەك، activesync دىتالىنى چۈشۈرمىسەڭلارمۇ بولىدۇ
 تېلىفۇندا بىۋاستە قاچىلايدىغان pocket islam  قۇرئان دىتالىنى بۇ ئادىرىستىن چۈشۈرىۋېلىڭ:
http://d.1tpan.com/tp0165585263

ئەرەبچە بىلمەيدىغانلار پەقەت ئۈستىدىكىنىلا قاچىلىساڭلار بولىدۇ،  ئەگەر ئەرەبچە بىلسەڭلار ئەرەبچە ئىبنى كەسىر تەپسىرى ھۆججىتىنى تۆۋەندىكى ئادىرىستىن چۈشۈرىۋېلىڭلار!
http://d.1tpan.com/tp0911757967
ئەگەر ئەرەبچە ھەدىس قۇددۇسى ھۆججىتىمۇ لازىم بولسا  ئەڭ ئۈستىدىكى ئۇسۇلنى بىلىدىغانلار يەنىلا شۇ دېتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭلار، مەن پىرىستىن يەشكەندە ھەدىس قۇدۇس ھۆججىتى ھاسىل بولمىدى.
يەنە بىر ئەسكەرتىدىغان ئىش:  ئىجرا ھۆججىتىنى تېلىفۇندا ئىجرا قىلغاندا قاچىلاش ئورنى دەپ چىققان يەرگە سىغىم كارتىڭىزنى كۆرسىتىپ بېرىڭ، بولمىسا تېلىفۇنىڭىزنىڭ ئىچكى سىغىمى يېتىشمەسلىكى مۇمكىن.
يۇقىرىدىكى دېتالدا قۇرئان كەرىمنىڭ ئاۋازلىق ھۆججىتى تولۇق قاچىلانمايدۇ، پەقەت ئاخىرقى پارىدىكى قىسقا سۈرىلەرلا قاچىلىنىدۇ،  ئەگەر پۈتۈن قۇرئان كەرىم ئاۋاز ھۆججىتىنى قاچىلىۋالماقچى بولساڭلار تۆۋەندىكى ئادرىستىن چۈشۈرۈپ ئۇنى پىرىستىن يەشكەندىن كېيىن بارلىق ئاۋاز ھۆججەتلىرىنى  سىغىم كارتىسىدىكى program files نىڭ ئىچىدىكى pocket islam  تىزىملىكىدىكى quran  دېگەن ھۆجەت قىسقۇچنىڭ ئىچىگە كۆچۈرۈپ قويۇڭلار.
پۈتۈن قۇرئان قىرائىتىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ:
http://d.1tpan.com/tp1350614787
يۇقىرىدىكى قىرائەت بەك مۇڭلۇق،  يۇقىرىدىكى تېلىفۇن دېتالى لازىم بولمىغان قېرىنداشلارمۇ بۇ قىرائەتنى چۈشۈرۈپ پايدىلانساڭلار بولىدۇ.
چۈشەنمىگەن نۇقتىلار بولسا [url=mailto:oylinish@qq.com]oylinish@qq.com[/url] غا ئۇچۇر يوللاڭلار.
[ بۇ يازمىنىoylinish 2011-11-09 13:26قايتا تەھرىرلىد ]
دوستلىشىش
yaxauyhur
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5695
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 81
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە81دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 810 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-11
ئاخىرقى: 2012-01-05

رەخمەتسىزگە
ئەپسۇس، دۇنيا كۆز يىشىغا ئىشەنمەيدۇ~~!!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5023
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 235
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە235دانە
ئۆسۈش: 620 %
مۇنبەر پۇلى: 2780 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2011-12-20
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-04 21:24

مەندە سونى ئېرىكسۇننىڭ يانفۇنى بار ئىدى ...بولامدۇ؟....
ئۇيغۇر ئوغلى
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 577
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 674
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە674دانە
ئۆسۈش: 273 %
مۇنبەر پۇلى: 5690 سوم
تۆھپىسى: 6 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-09
ئاخىرقى: 2012-01-03
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-04 22:51

saklap koyay kiyin ixlitar ma .
چۈشۈنۈش ۋە چۈشەندۈرۈش يولىدا .
ئويلانماقتىمەن...
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 475
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 710
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە710دانە
ئۆسۈش: 1783 %
مۇنبەر پۇلى: 8392 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2012-01-08
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-09 13:31

ئەمدى  يەنە قىلالمىساڭلار مەندىمۇ ئامال يوق جۇمۇ!