باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 4551 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 2/2     Go
تېما: (فىلىم)  30_يىللاردىكى ئېلخو .......
مىللەت ئورۇشتا ئەمەس،سۇكۇتتە يوقلىدۇ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2673
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 54
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە54دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 300 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-05
ئاخىرقى: 2011-11-21
10-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-04 23:06

4-قەۋەت (natsist) نىڭ يازمىسىغا

ياڭ زىڭشاڭ نىڭ قولىدا ئىدى. ئۇنڭدىن بۇرۇن قانخۇر جىڭ شۇرىن نىڭ قۇلىدا
ئەڭ كەينىدە جاللات شىڭ شىسەي نىڭ قولىدا!!!!زادى ياخشىراق بىرەرسى چىققاننى بىلمىدۇق!!
ئازاتلىقتىن كىينىكى بىر سەيپىدىن ئەپەندىدىن باشقا
شۈكرى.اللە
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1404
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1404دانە
ئۆسۈش: 1190 %
مۇنبەر پۇلى: 15338 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2012-05-08
11-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-04 23:30

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى biliwal نىڭ 2011-04-04 13:59 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئاڭلىسام مۇشۇ ئامېرىكىنىمۇ  ئەمىر ئىسىملىك تارانچى تاپقان دەيدىغۇ؟
كولومبۇ بارغاندا بىر يالغۇز تارانچى بارتىكەنتۇق،ئىسمىڭ نىمە دىسە ئۇ كىشى خاپىلاپ تۇرۇپ:ئەمىرئاكا دە مەندىن كىچىك بولغاندىن كىيىن ۋۇي، دەپتۇ شۇنىڭدىن كىيىن .....ئامېرىكا بوپتۇغۇ؟

پاھ ئالامەت كىلىشتۈرىپسىزغۇ بۇ يۇمۇرنى
توغرا دەيسىز تارانچىلا ھازىر ئايغا نەچچە قېتىم چىقىپ ئەمدى ئايدىن زىرىكىپ مارىسقا چىقماقچى بولىۋېتىپتۇ
اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 51
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 167
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە167دانە
ئۆسۈش: 309 %
مۇنبەر پۇلى: 1269 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-30
ئاخىرقى: 2012-01-05
12-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-07 00:11

[ بۇ يازمىنىfatih204 2011-04-09 17:20قايتا تەھرىرلىد ]
گېنېرال تارىخنى يارىتىدۇ
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3744
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1546
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1546دانە
ئۆسۈش: 2450 %
مۇنبەر پۇلى: 10750 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-05-11
13-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-09 16:12

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى xahruh نىڭ 2011-04-04 13:42 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
غۇلجا تارىختا ئەزەلدىن تەرەققىيات جەھەتتە ئالدىدا بۇلۇپ كەلگەن ،.،،،،
چىڭ سۇلالىسى ھەر نېمە بولسا ئەجداتلىرىمىزنى  شۇ خوتەن قەشقەرلەردىن يەر ئاچقۇزۇش
ئۈچۈن بۇ يەرگە كۆچۈرۈ پ ئەكىلىپ تارانچى قىپ  قويۇپتىكەن

تارىخ ئۆگەنسىلە شاھرۇھخان.
ئۇيغۇرلارئىلىدا ئەلمىساقتىن بۇيان ياشاپ كەلگەن...
چىڭ سۇلالىسىى پەقەت سىلىنىڭلا بوۋاڭلىنى غۇلجىغا ئەكەپ قويغان چېغىۋا... خوتەنلىكتە ئاداۋەتلىرى يوقتۇ شاھرۇھخان؟
[ بۇ يازمىنىfatih204 2011-04-09 17:20قايتا تەھرىرلىد ]
گېنېرالنىڭ يازمىلىرى كەڭساي مۇنبىرىگە خاس،باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!  
there are no poor soldiers under a good general
ھېچكىم بىلمەس ھالىمنى ،كىمگە ئېيتاي زارىمنى ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 29
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 1469
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1469دانە
ئۆسۈش: 1780 %
مۇنبەر پۇلى: 12901 سوم
تۆھپىسى: 7 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-29
ئاخىرقى: 2012-05-11
14-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-09 17:00

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 13قەۋەتتىكى general نىڭ 2011-04-09 16:12 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

تارىخ ئۆگەنسىلە شاھرۇھخان.
ئۇيغۇرلارئىلىدا ئەلمىساقتىن بۇيان ياشاپ كەلگەن...
چىڭ سۇلالىسىى پەقەت سىلىنىڭلا بوۋاڭلىنى غۇلجىغا ئەكەپ قويغان چېغىۋا... خوتەنلىكتە ئاداۋەتلىرى يوقتۇ شاھرۇھخان؟

نېمانچە قارا قورساق سىلى گېنىرالگۈل ؟؟؟
تارىخنى ئۆگەنگەچكە شۇنداق دەۋاتىمەن ،،،،
ئۇيغۇرلار شۇ ئەلمىساقتىن باشلاپ شۇ غۇلجىدا ياشاپ كەلگەن
چىڭ سۇلالىسى كۆچ كۆچ دەپ مەجبۇرى ئەكەپ قويغاندىن باشلاپ ،،،
نېمە ؟مۇھاببەتىڭز خۇتەنلىك ئوخشىمامدۇ ؟خۇتەن توغرىسىدا
گەپ ئاچقىلى بومامتا ،.،،،،
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2351
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 204
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە204دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1075 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-26
ئاخىرقى: 2011-12-12
15-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-20 23:23

بر قسملا تۇيغڭغا كپ قالدما  
دوستلىشىش
ئا.تارانچى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7827
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-11
ئاخىرقى: 2011-06-11
16-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-11 00:46

غۇلجا تارىختا ئەزەلدىن تەرەققىيات جەھەتتە ئالدىدا بۇلۇپ كەلگەن ،.،،،،
چىڭ سۇلالىسى ھەر نېمە بولسا ئەجداتلىرىمىزنى  شۇ خوتەن قەشقەرلەردىن يەر ئاچقۇزۇش
ئۈچۈن بۇ يەرگە كۆچۈرۈ پ ئەكىلىپ تارانچى قىپ  قويۇپتىكەن    
    
      بۇ    نىمە  گەپ   !      غۇلجىدا ئۇنىڭدىن بۇرۇن  ئىلى ئۇيغۇرلىرى ياشىمىغانمۇ ؟   ئۇلارنى نىمە دەپ ئاتايتتى !

ئۇيغۇرلا ئىلىغا چىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە كەلگەنمۇ؟ ئۇندىن بۇرۇن ئىلىدا ئۇيغۇرلار يوقمىدى؟ مانا بۇ سۇئال دائىم بېشىمنى قاتۇراتتى. ئۇندىن باشقا ئۇيغۇرلا شىنجاڭغا مىلادى 840- يىلى كەلگەن، ئۇندىن بۇرۇن شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار يوقتى دىيىشلىرىچۇ؟ گەرچە بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇماتلار بولسىمۇ، يەنىلا شۇ كالتا تارىخنى دەستەك قىلىۋالىدۇ بەزى‹يولداش›لار. بۇنداق ۋاقىتتا شۇ تارىخى بايانى كىتاپلارنى ئېلىپ، كۈزىگە تىققۇم كىلىپ كىتىدۇ شۇلارنىڭ.

ئاساسى مەخسەتكە كەلسەك، ئىلى ئۇيغۇرلىرى زادى قانداك شەكىللەنگەن؟ قانداق ئولتۇراقلاشقان؟

ئىلى ئۇيغۇرلىرى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاجرالماس تەركىۋى قىسمى سۈپىتىدە ئۆزلىرى ئەزەلدىن ياشاپ كەلگەن ئانا ماكان- ئىلى ۋادىسىنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئاۋاتلاشتۇرۇشقا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قۇشۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقايسى تارىخى دەۋىرلەردىكى سىياسى، مەمۇرى ۋە مەدىنىيەت، سەنئەت ئىشلىرىدىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان. بۇ مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى تارىخچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە نۇرغۇن قېتىملاپ قەيت قىلىنغان.

تارىخى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخىنى مىلادىدىن ئىلگىرىدىن ئىزدەشكە توغرا كىلىدۇ. ھازىرقى جۇڭغارىيە ۋادىسى، تارىم ۋادىسى ۋە تىيانشان ئىتەكلىرى قەدىماىن تارتىپ ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئانا ماكانى ئىدى. «ئۇيغۇرلار مىلادىدىن ئۈچ ئەسىر ئىلگىرىدىكى چاغلاردا تۇغلۇقلار دىگەن نام بىلەن شەرقى ۋە غەرىبى ئىككى قىسىمغا بۈلۈندى.»، «غەرىپتىكى ئۇيغۇرلار ئىرىتىش دەرياسى بىلەن بالقاش كۈلۈنىڭ ئارلىقىدا پائالىيەت ئېلىپ باردى.» (ھاجى نۇر ھاجى: «قاراخانىلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» 3-بەت). بۇ ئارلىق ئەلبەتتە ئىلى ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەزى تارىخى ماتىرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، مىلادىدىن ئىلگىرىكى ھازىرقى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك جايلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا-بۇۋىللىرى كۆچمەن ھالدا ياشاپ كەلگەن. بۇلار كۆچمەن خەلىق بولغانلىقتىن، فىيۇدالىزىم تۈزۈمىگە ئاستا ئۆتكەن. بۇ كۆچمەن فىيۇدالىزىم چارۋىچىلىق خۇجۇلۇقى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى يايلاقلارنى ئىگىلەش ئاساسىدا راۋاجلانغان. شۇ مەزگىللەردە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇرلار « تارانچى» دەپ ئاتالغان. ئىلى ئۇيغۇرلىرى ھىلىھەم ئۆزلىرىنى مۇشۇ نام بىلەن ئاتايدۇ. بۇ ھەقتە تارىخچى دوكتۇر رىزانور « كونا زامانلاردىن بىرى تۈرۈك تارانچىلىرى سارىسۇ، ئىلى، تارىم، سىر، ئامۇ دەريالىرى كانارلىرىدا ۋە ئارىلىرىدا چۆپلۈكلەرنى سۇغارماق ئۈچۈن مۇھىم قاناللار ياپمىشلەر، ھۇبۇبات ئەكمىشلەر، مىۋە ياغاچلارى يىتىشتۈرمىشلەر...... دۇنيانىڭ ھېچبىر يىرىدە بۇ تارانچىلاردەك تۇپرىقىغا يەرلىشىدىغان، ئۇنى سۈيۈدىغان ۋە مۇداپىيە ئىتىدىغان خەلق يوق.»، « ئىلى سۈزى تۈرۈكچىدە مەشھۇر دىمەكتۇر، تارىم- تۈرۈكچىدە تارىماق مەنىسىدىن كەلگەن، زىرائەت ئەتمەك دىمەكتۇر. ئەسلى تۈرۈكچىدە چۆپچىنى تارانچى دەر ئىدى». يەنە بەزى تارىخى ماتىرىياللاردا «تارانچى» دىگەن سۆزنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا بارلىقى، بۇ مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇت قەشقىرىنىڭ «تۈركى تىللا دىۋانى» دىگەن ئەسىرىدە تەپسىلى چۈشەندۈرۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. مەھمۇت قەشقىرى «تارانچى» دىگەن سۆز (دىۋاندا تارىغچى دەپ ئېلىنغان) نىڭ قانداق ياسالغانلىقىنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: «پۈتۈن تۈرۈك قەبلىلىرى
ھۈنەر-كەسىپ قىلغۇچىلارنىڭ سۈپىتىنى ئىپادىلەشتە ئىسىمنىڭ ئاخىرىغا ئوخشاشلا ....‹چى› نى قۇشۇدۇ. مەسىلەن: ‹تارىغ- ئاشلىق› سۈزىدىن ‹تارىغچى-دېھقان› ....... دىگەن سۆزلەرنى ياسىغانغا ئوخشاش» (تۈركى تىللار دىۋانى، 2-توم 63-، 64- بەتلەر). بۇنىڭدىن ئىلى ۋادىسىدا قەدىمقى زامانلادىن تارتىپلا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاپ كەلگەنلىكى، ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ «تارانچى» دەپ ئاتىلىشى مۇڭغۇللار ياكى جۇڭغارلار تەرىپىدىن قۇيۇلغان نام بولماستىن، بەلكى قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىن ئېلىنغانلىقى ئېنىق كۈرۈنۈپ تۇرىدۇ.

ئىلى ۋادىسىدا مىلادىدىن كىيىن ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ياشىغانلىقى ۋە كۈرەش قىلغانلىقىغا دائىر تارىخىي ماتىرىياللار خېلى كۆپ. ئۇيغۇرلار «5- ئەسىردىن باشلاپ.... تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى ئىتەكلىرىدىكى جايلاردا ياشىدى» (قاراخانىلارنىڭ قىسقىچە تارىخى 2- بەت). تارىخى ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا 5- ئەسىردە سېلىنغان، شۇ چاغدا ئوتتىرا ئاسىيانىڭ سىياسى، ئىقتىسادى ۋە مەدىنىيەت ماركەزلىرىدىن بىرى بولغان ئالمالىق شەھىرىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى ئۇيغۇرلار ئىدى. 5- ئەسىردە ئۇيغۇرلار ھازىرقى جۇڭغارىيە ۋە تىيانشاندىكى يايلاقلار ئۈچۈن جورجانلارغا قارشى كۈرەش باشلىغان. جورجان تۈرۈكلىرىنىڭ قاغانى شىرون زامانىسىدا (مىلادى 400- يىلدىن 411- يىلغىچە) قاغانلىقنىڭ زىمىنى غەرىبى جەنۇپتا ھازىرقى قارا شەھەرگىچە، غەرىپتە ئىلى ۋادىسىغىچە، شەرىقتە چاۋشەننىڭ غەرىبىگىچە، شىمالدا ھازىرقى تاشقى مۇڭغۇلىيىنىڭ شىمالىغىچە، جەنۇپتا ھازىرقى ئىچكى مۇڭغۇلىيىنىڭ جەنۇبىغىچە بولغان. ئۇيغۇرلا مىلادى 487- يىلى جورجانلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، تارىختا «ئىگىز ھارۋىلىقلار (قاڭقىللار) خانلىقى» دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر خانلىقىنى (487-546- يىللار) قۇرغان. ياپۇنىيىلىك تارىخچى ئەنبۇ جيەنفۇمۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئىگىز ھارۋىلىقلار يەنى تۇغلۇقلار 6- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپلا خىللىرى كۆپ، يۇقالماس مىللەت دەپ قارىلىپ كەلدى.»، «شۇنداق قىلىپ تۇغلۇقلار دۇنياغا تۇنۇلمىغان بولسىمۇ، لىكىن ھازىرقى تاشقى مۇڭغۇلىيەدىن تاتىپ شەرىقى، غەرىبىي تۈركىستانغىچە بولغان بىپايان زىمىندا شۇ خىلدىكى مىللەتلەر قەيسەرلىك بىلەن كۈپەيگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئاخىر 7- ئەسىرنى كۈتۈۋالدى» (غەرىبىي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخى ھەققىدىكى تەتقىقات. خەنزۇچە نەشىرى، 5-، 6- بەتلەر). دىمەك بۇنىڭدىن 6-7- ئەسىرلەردە ئىلى ۋادىسىنىڭ «ئىگىز ھارۋىلىقلار خانلىقى» دائىرىسىدە بولغانىقىنى كۈرۈۋالغىلى بۇلىدۇ.

بىز ئۇنىڭدىن كىيىن قۇرۇلغان ئۇيغۇر خانلىقى يەنى شەرىقى ئۇيغۇر خانلىقى توغرىسىدىكى تارىخى ماتىرىياللاردىنمۇ ئىلى ئۇيغۇرلىرىغا دائىر ئاساسلارنى تاپالايمىز. شۇنداقلا مەھمۇت قەشقىرىنىڭ «تۈركى تىللا دىۋانى» دىنمۇ بىز ئىلى ۋادىسىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا دائىر نۇرغۇن ئىشەنچلىك مەنبەگە ئىگە بۇلالايمىز.

بىز ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن ھازىرقى شىمالى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىغانلىقىغا دائىر بايانلارنى ئۇيغۇر تارىخچىسى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ «تارىخى رەشىدى» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنىڭ ئېنگىلىزچە تەرجىمىسىەە بىرىلگەن مۇقەددىمىسىدىنمۇ كۈرۈۋالالايمىز: «دەسلەپكى مەزگىللەردە شەرىقتەرەك جايلاردا، ھىچبولمىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى ئىتتىپاقى بولغان. بىرى ھازىرقى جۇڭغارىيە دەپ ئاتىلىدىغان جايدا ياشىغان بۇلۇپ، نايمان ئۇيغۇرلار، يەنى ‹سەككىز ئۇيغۇرلار› دەپ ئاتالغان. يەنە بىرى ئۇرقۇن دەرياسى بىلەن تولا دەرياسى ۋادىسىدا ياشىغان بۇلۇپ، ‹توققۇز ئۇيغۇرلار› دەپ ئاتالغان. توققۇز ئۇيغۇرلار غەرىبى جەنۇپقا قوغلىۋىتىلگەن چاغدا سەككىز ئۇيغۇرلار كونا ئورنىدا قېلىۋەرگەن. چىڭگىزخاننىڭ دەۋرىدىمۇ ئۇلارنى مۇشۇ جايدا كۆرگىلى بۇلاتتى»(تارىخى رەشىدى، خەنزۇچە نەشىرى، 1- قىسىم 106- بەت).

ئۇيغۇر خانلىقى ئىچكى ماجرا ۋە تەبىئى ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن 839- يىلى يىمىرىلگەندى كىيىن، بۇ خانلىقنىڭ شەرىقى قىسمىدا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۈتۈكۈن تاغلىرىدىن ئايرىلىپ، خانلىقنىڭ خەرىبى قىسمىدىكى كەڭ جايلارغا كۈچۈپ كەلدى. 840- يىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى توققۇز قەبىلىلىرىدىن بولغان ياغمىلار ۋە قارلۇقلار ئىلى، يەتتىسۇ ۋە چۇ رايۇنلىرىدا، يەنى ئىلگىركى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ غەرىبى زىمىنىدا، بالاساغۇننى مەركەز قىلغان بىر ھاكىمىيەت قۇردى. كىيىنچە بۇ ھاكىمىيەتكە قەشقەر رايۇنىمۇ تەۋە بولدى... بۇ ھاكىمىيەت ‹قاراخانىلار› دەپ ئاتالدى. بۇ دۆلەتنىڭ ئاساسى ئاھالىسى تەركىۋىدە... ياغمىلار ۋە قارلۇقلاردىن باشقا ...... چىگىللەر، ئاندىن باسمىل، توخسى، چارۇق.... قەبىلىلىرىمۇ بار ئىدى. (تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىگە كىرىش سۆز، 2-، 3- بەتلەر).

قاراخانىلار خانلىقىنىڭ ھۈكۈمرانلىقى 9- ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىدىن 13- ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىغىچە داۋام قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 850- يىلدىن 1250- يىلغىچە بولغان تۆت ئەسىر داۋامىدا قۇچۇ خانلىقىمۇ ھۈكۈم سۈردى. بۇ ئىككى ئۇيغۇر خانلىقى چەتئەل تارىخچىلىرى تەرىپىدىن ‹غەرىبى ئۇيغۇر خانلىقى› دەپ ئاتالدى.يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەكتى بولغان ياغما، توخسى، چىگىللەر قاراخانىلار خانلىقىنىڭ قۇرۇلىشىدا ئالاھىيدە رول ئوينىدى. قاراخانىلار خانلىقى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ياغمىلار قەشقەرنى ئىگىلىگەن ئىدى. ‹قاراخانىلار خانى تۈركىي قەۋملىرى ئىچىدە جەڭگىۋارلىقى بىلەن مەشھۇر بولغان ياغمىلاردىن چىقتى›، ‹ياغمىلار باشلىقىنى بۇغرا، قاراخان ئۇنۋانى بىلەن ئاتايتتى› (قاراخانىلار خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى). ‹ياغمىلارنىڭ خانى بۇغراخان دەپ ئاتىلاتتى، ھالبۇكى بۇ نامنىڭ تۈرۈكلەرنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىسلام خانلىقى، يەنى... قاراخانىلار خانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقى شەك-شۈبھىسىز›. بىز مۇنداق خۇلاسىنى 10- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا تۈزۈلگەن قەدىمقى جۇغراپىيىلىك تارىخى ئەسەر «ھۇدۇدۇلئالەم» ناملىق ئەسەردىنمۇ كۈرەلەيمىز.

ئىلى ۋادىسىنىڭ قاراخانىلار خانلىقىنىڭ دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقى نۇرغۇن تارىخى ئەسەرلەردە تىلغا ئىلىنىدۇ: «ئۇ چاغدا ئۇيغۇرلارنىڭ زىمىنى تەخمىنەن بالقاش كۈلۈنىڭ شەرىقى چېتىگىچە، ھەمدە غۇلجىغىچە بارغان ھەمدە جۇڭغارىيىنىڭ غەرىبى چېتىگىچە كىڭەيگەن». (گرېنارد: ‹بۇغراخان ھەققىدە رىۋايەتلەر›) بۇ خانلىقنىڭ چېگرىسى ‹غەرىبى تىيانشاننىڭ شىمالى ئىتىكىدە، غۇلجىنىڭ شىمالىدىكى تەلكە تاغلىرىدىن شىمالغا قاراپ ئالاتاۋغىچە بارغان».(غەرىبى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخى ھەققىدە تەتقىقات). يۇقىرىقى تارىخى ماتىرىياللاردا ۋە «ھۇدۇدۇلئالەم» گە قىستۇرۇپ بىرىلگەن خەرىتىدە ‹غۇلجا› دىگەن نام ئۇچرايدۇ. بۇ پاكىتنىڭ ئۈزى ‹غۇلجا› دىگەن نامنىڭ قەدىمدىن تارتىپ، ھىچبولمىغاندا 10- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ.

چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى ھۈكۈمرانلىق قىلغان مەزگىللەردە ئىلى ۋادىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىغانلىقىغا دائىر بىرنەچچە پاكىتنى كۆرگىلى بۇلىدۇ: چىڭگىزخاننىڭ 2- ئوغلى چاغاتاي ئاساسلىق ئاھالىسى ئۇيغۇرلار بولغان ئالمالىقنى ئۆز خانلىقىنىڭ پايتەختى قىلغان. ئۇيغۇر ئالىمى جامال قارشى ئىلىدا تۇغۇلغان. ئىجادىي پائالىيىتىنى قەشقەردە ئۆتكۈزگەن. 12- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 13- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆتكەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى مەۋلانە يۈسۈپ سەككاكىمۇ ئىلىدا ياشىغان. ئۇنىڭ قەبرىسى چاپچال ناھىيىسىدىكى خونىخاي مازىرىدا.

چىڭ سۇلالىسى (1644-1911) ھۈكۈمرانلىقىنىڭ دەسلىۋىدە ئىلى ۋادىسىدا ئۇيغۇرلار زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتكەن. بۇنىڭ ئاساسى سەۋەۋى، چىڭ سۇلالىسى جۇڭغارلارنى باستۇرۇش جەريانىدا جۇڭغارىيىدىكى ئاھالىنىڭ ئاساسە دىگۈدەك يېرىمى قىرىپ تاشلانغان. چىڭ سۇلالىسى ھۈكۈمرانلىرى ھۈكۈمەت ئەسكەرلىرىنى بېقىش ۋە ئۇلارغا ئىستىكام قۇرۇپ بىرىش ئۈچۈن قەشقەرىيىدىن ئىلىغا ئادەم يۆتكىگەن. 1759- يىلىدىكى ئۈچتۇرپان قوزغىلىڭىدىن كىيىن 6000 ئۇيغۇر ئائىلىسى ئىلىغا كۈچۈرۈلگەن. ئۇلار ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇلاردىن 600 ئائىلە قاينۇققا، 500 ئائىلە قاشقا، 1100 ئائىلە بولوبورغۇسقا، 900 ئائىلە جىرغىلاڭغا، 400 ئائىلە تاش ئۆستەڭگە، 600 ئائىلە بايتۇقايغا، 800 ئائىلە خونىخايغا، 500 ئائىلە دادامتۇغا، 600 ئائىلە ئارا ئۆستەڭگە ئۇرۇنلاشقان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە 2000 ئائىلە ئۇيغۇر ئىلىغا كۈچۈرۈلگەن. بۇلار نىلقا، توققۇزتارا ۋە باشقا جايلارغا ئۇرۇنلاشقان.

200 نەچچە يىلدىن بىرى باشقا جايلاردىن ئىلىغا كەلگەن ئۇيغۇرلار يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە قان-تەر تۈكۈپ، شەھەرلەرنى بىنا قىلىپ، ئىلىنى ئىسمى- جىسمىغا لايىق،يىراق-يېقىنغا مەشھۇر بولغان گۈزەل ۋادىغا ئايلاندۇردى. دىمەك، يۇقارقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا، ئىلى ۋادىسى قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ماكانى بۇلۇپ كەلگەن. ئۇلار بۇ ۋادىنى گۈللەندۈرۈش ھەم بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئورتاق ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش يۇلىدا قوشقان ئۆچمەس تۆھپىلىرى بىلەن تارىخ سەھنىسىدىن ئۇرۇن ئېلىپ كەلدى ۋە كەلمەكتە.

مەنبە :  ئۇيغۇرلا ئىلىغا چىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە كەلگەنمۇ؟ ئۇندىن بۇرۇن ئىلىدا ئۇيغۇرلار يوقمىدى؟ مانا بۇ سۇئال دائىم بېشىمنى قاتۇراتتى. ئۇندىن باشقا ئۇيغۇرلا شىنجاڭغا مىلادى 840- يىلى كەلگەن، ئۇندىن بۇرۇن شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار يوقتى دىيىشلىرىچۇ؟ گەرچە بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇماتلار بولسىمۇ، يەنىلا شۇ كالتا تارىخنى دەستەك قىلىۋالىدۇ بەزى‹يولداش›لار. بۇنداق ۋاقىتتا شۇ تارىخى بايانى كىتاپلارنى ئېلىپ، كۈزىگە تىققۇم كىلىپ كىتىدۇ شۇلارنىڭ.

http://siyaset.blogbus.com/logs/118928660.html
  مەنبە :  
مىللىتىم ئۈچۈن
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7753
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 20
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە20دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 250 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-06
ئاخىرقى: 2012-04-29
17-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-11 18:08

باللار  يۇمۇرغا دەھشەت ئۇستا ئىكەنسىلەر ھە .بۇ فىلىمنى ئېنىقراق كۇرۇڭلار .شۇ ۋا قىتىمۇ خېلى تەرەققى قىلىپتىكەن بۇ شەھەر
ئۈمۈدلىك بول ئۈمۈد بىلەن ياشا ۋىجدانلىق بۇل غۇرور بىلەن ياشا.ئەتە ئولەپ كىتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول