باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2663 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئىران-تۈركىيە ئۇرۇشى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 627
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 290
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە290دانە
ئۆسۈش: 5753 %
مۇنبەر پۇلى: 6725 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-17
ئاخىرقى: 2012-09-06
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-02 22:19

ئىران-تۈركىيە ئۇرۇشى

ئىران-تۈركىيە ئۇرۇشى 16-ئەسىردىن 17-ئەسىرگىچە ئىران سافار سۇلالىسى بىلەن تۈركىيە ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ ئىراق، ئازەربەيجان، كۇردىسىتان ۋە گرۇزىيەنى تالىشىش يۈزىسىدىن ئېلىپ بارغان ئۇرۇش. Os1(28rl  
يۈزەكى قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئۇرۇش ئىسلام دىنىدىكى ئىككى چوڭ مەزھەپ-شىئە مەزھىپى بىلەن سۈننى مەزھىپىدىكى مۇخلىسلار ئارىسىدىكى ئۇرۇش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلدى. سۈننى مەزھىپىدىكى يۇقىرى قاتلام ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ سۇلتان ھۆكۈمىتى شىئە مەزھىپىنى «تۇيۇق يول» دەپ جاكارلىدى، شىئە مەزھىپى ئون ئىككى ئىمام ئەقىدىسىنى دۆلەت دىنى قىلغان ئىران سافار سۇلالىسى بولسا تىغمۇ-تىغ تۇرۇپ، سۈننى مەزھىپىنى«كۇفۇرلۇق»دەپ ئەيىبلىدى. ئوسمانىيلار سۇلتانى شىرمانI بولسا 1513-يىلىدىكى ئاناتولىيە شىئە مەزھىپىدىكى مۇخلىسلارنىڭ قوزغىلىڭىنى قانلىق باستۇرغاندىن كېيىن، 1514-يىلى ئىران قولىدىكى تۈركى تىلدا سۆزلىشىدغانلار ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا قوشۇن ئەۋەتىپ ھۇجۇم قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئىران-تۈركىيە ئۇرۇشى باشلاندى. 100يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت داۋاملاشقان بۇ ئۇرۇشنى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ بايان قىلىشقا بولىدۇ. h^bbU.  
1- باسقۇچتا: ئىلغار زەمبىرەككە ئىگە تۈركىيە قوشۇنى ئىراننىڭ غەربىي قىسمىدىكى چار دالاندا سافار سۇلالىسىنىڭ پايتەختى- تۈركلەر ئولتۇراقلاشقان مۇھىم شەھەر تەبرىزنى ئىشغال قىلدى. ئىككىنچى يىلى تۈركىيە قوشۇنى يەنە غەلىبە قازىنىپ، كوردىستان ئىگىزلىكىنىڭ غەربىي قىسمى، ئىككى دەريا ۋادىسى قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلدى. بىراق ئۇرۇش داۋاملىشىپ 1555-يىلىغا كەلگەندە ئىككى تەرەپنىڭ قايسىسىنىڭ يېڭىلىنىپ، قايسىسىنىڭ غەلىبە قىلغانلىقى ئېنىق بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى دۆلەت شۇ يىلى 5-ئايدا ئاماسىيىدە تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالاشتى. شەرتنامىدە تۈركىيىنىڭ ئىككى دەريا ۋادىسىنى ئىشغال قىلىدىغانلىقى، ئىراننىڭ ئەزەربەيجانغا ئىگە بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەنىدى. @&d/}Mx"t  
2-باسقۇچتا: تۈركىيە ئىراننىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى داۋالغۇپ قالغان پۇرسەتتى پايدىلىنىپ ئىرانغا يەنە بىرقېتىم ھۇجۇم قىلدى. سۇلتان قوشۇنلىرى كىرىمىيدىن يولغا چىقىپ، چىلدىردا ئىران قوشۇنىنى تارمار قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، تۈركىيە قوشۇنلىرى ئەزەربەيجاندىكى بىر قىسىم فېئوداللار بىلەن بىرلىشىپ، تەبرىزنى ئۆزئىچىگە ئالغان پۈتكۈل ئەزەربەيجاننى ۋە ئىراننىڭ غەربىي قىسمىنى ئىشغال قىلدى. 1590-يىلى سافار سۇلالىسىدىكى ئابباسI ئوسمان ئىمپىرىيىسى بىلەن ئىستانبۇل تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالاپ، گروزىيە، ئەرمىنىيە ۋە ئازەربەيجاننى تۈركىيىگە بۆلۈپ بەردى. I/MYS5}  
3-باسقۇچتا: ئىران پادىشاھى ئابباسI تۈركىيىنىڭ كونا رەقىبى روسىيە ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتىن مۇناسىۋەت ئورناتتى ۋە قوشۇنلىرى رەتكە سېلىپ، ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، مەركىزىي ھوقۇقنى كۈچەيتىپ، 1603-يىلى روسىيە، ئىسپانىيە، ئاۋستىرىيەلەر بىلەن بىر كۈندە تۈركىيە قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا ئىران قوشۇنىغا بۇيرۇق چۈشۈردى. ئىران قوشۇنى شۇ يىلى 10-ئايدا تەبرىزنى ئالدى. رومىيە كۆلى ئەتىراپىدا 60مىڭ كىشىلىك ئىران قوشۇنى تەرەپ تەرەپتە ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولغان تۈركىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلدى. 1612-يىلى ئىككى تەرەپ تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىشىپ، ئىران گروزىيە، ئەرمىنىيە، ئەزەربەيجان ۋە شەرقى كوردىستان قاتارلىق جايلارنى قايتۇرىۋالدى. گەرچە تۈركىيە 1616-يىلىدىن 1638-يىلىغىچە قايتىدىن ئازەربەيجاننى قايتۇرىۋېلىش ئۇرۇشى قىلغان بولسىمۇ، تۆت تەرەپتىن تەڭلا ئۇرۇش قىلىشتەك قىيىن ۋەزىيەت ئاستىدا ھېچقانچە نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. 1639-يىلى ئىران بىلەن تۈركىيە تىنچلىق شەرتنامىسى تۈزۈشتى. شەرتنامىدە ئاساسىي جەھەتتىن 1612-يىلىدىكى تىنچلىق شەرتنامىسىنىڭ مەزمۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، پەقەت ئىراقلا ئوسمان ئىمپىرىيىسىگە تەۋەلەشتۈرۈلۈپ بېرىلدى. 8fJ- XFK$:  
ئىران- تۈركىيە ئۇرۇشى نۇرغۇن بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، ئىران ۋە تۈركىيىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئېغىر توسالغۇ پەيدا قىلدى. نۇرغۇن مىللەت ۋە قەبىلىلەرنىڭ ئاندا-ساندا توپلىنىشى بىلەن شەكىللەنگەن بەزى دۆلەتلەرنىڭ يىمىرىلىشىنى تېزلەتتى. ئىسپانىيە ۋە روسىيە- ئاۋستىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئاستىرتتىن تۈركىيە زىمىنىنى بۆلۈشۈپ ئۇزاققىچە ئۇرۇش قىلىپ تۈركىيەنى چارچىتىپ نۇرغۇن زىمىننى تارتىۋالدى. بىر پۈتۈن تۈرك مىللىتى سۈننى مەزھەبتىكى ئاناتولىيە تۈركلىرى ۋە شىئەئون ئىككى ئىمام مەزھىبىدىكى ئازەربەيجانلارغا بۆلۈنۈپ كەتتى، نۇرغۇن سىتراتىگىيىلك زىمىنى ۋە ئاھالىسىدىن ئايرىلغان تۈركىيە بۇ قېتىملىق ئۇرۇشتىن كېيىن ياۋروپا قوشۇنلىرىنىڭ ئالدىدىكى تاغ بولماي قالدى. ياۋروپانىڭ كۈچىيىشىگە توسالغۇ قالمىدى. r/fLm8+  
ئىران بىلەن تۈركىيىنىڭ ھېچ قايسىسى بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قازىنالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كۈچى زور دەرىجىدە ئاجىزلاپ، بارا-بارا ئىبلىس قولىنى شەرقكە سوزۇلۇۋاتقان غەرپتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇز قىلىش نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5484
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 161
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە161دانە
ئۆسۈش: 2510 %
مۇنبەر پۇلى: 3395 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-08-27

  بۇ ئۇرۇش يالغۇز تۈركلەرگىلام بالايى ئاپەت بولماي ، ياۋرۇپالىقلارغا يانتاياق بولغان ئەرەپلەر بىلەن پارىسلارغا تىخىمۇ بالايى ئاپەت بولدى . ياۋرۇپالىقلارنى توساپ تۇرغان تۈرۈكلەر مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن ، بىرىچى بولۇپ يىرۇسالىم قولدىن كەتتى ، مانا ھازىرغىچە ئەرەپلەر بۇنىڭ زىيىنى تاتىۋاتىدۇ ، ياۋرۇپالىقلار ئوتتۇرا شەرىققە كىرگەندىن كىيىن ، پارىسلارنىڭ پۇتى بىلەن قولى بۇقۇشلاندى . مانا ھازىرمۇ ئىختىسات جەھەتتىن بوغۇپ ئىران خەلقىنى قىيىن ئەخۋالغا چۈشۈرۈپ قويماقتا . بۇ مەزھەپ ئوتتۇرىدىكى ئىتپاقسىزلىق تا ھازىرغىچە ئوتتۇرا شەرىق ئەللىرىگە بالايى - ئاپەت ئىلىپ كەلمەكتە .
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3301
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 342
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە342دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1830 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2012-08-29
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-03 13:28

مەن  تۇركىيە - ئىران  ئۇرىشى توغۇرلۇق  پەقەتلا ماتىريال كۇرۇپ باقماپتىكەن  مۇنداق ئىشمۇ بولغانكەن ئەمەسمۇ  ئەجرىڭىزگە  باركاللا  
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2851
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 990
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە990دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 5387 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-10
ئاخىرقى: 2012-08-18
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-03 13:34

مۇشۇ  شئە مەزھىپىنى چۈشۇنىدغان كشلەر بارمۇ .....    ئشقلىپ ئسلامىدا بىرلا مەزھەپىنىڭ جەننىتى بۇلىدۇ دەپ ئاڭلىدىم بىراق مەنىدە ئسلامىغا دائىر بىلىمىم چۇلتا شۇڭا باشقلارنىڭ مەسلھىتىگە قارايمەن.  قىنى چۈشەنىدۇرىدىغانلا  تاھىر .ھەمىزە  ،ئەلى  قىنى سلەر  
مەسجىد ئەقسا,ئۇمۇسۇلمانلارنىڭ بىرىنچى قىبلىسى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 481
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1282
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1282دانە
ئۆسۈش: 3060 %
مۇنبەر پۇلى: 15279 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-30
ئاخىرقى: 2012-09-03
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-03 17:58

شىئەلەرگە ئەگىشىشىنى ئىسلام ئالىملىرى ئورتاق خاتا دەپ قارايدۇ ئىشقىلىپ
................
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2196
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 739
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە739دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 7885 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-22
ئاخىرقى: 2012-07-21
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-03 22:11

قەدىمكى ئەژدات تۇرانلارنىڭ ئىرانلار بىلەن قىلغان ئۇرۇشلىرى ،ئوتتۇرا تۈزلەڭدىكى G\1\L*+0  
خەن..لەربىلەن ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرىدىن كۆپ ھەم دەھشەتلىك بولغان،..
ئۆتمۈشى ئادىللىق نۇرىدا يورۇتۇلمىغان مىللەتنىڭ ،كەلگۈسىمۇ
غۇۋا (گۇڭگا) بولىدۇ ....
................
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2196
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 739
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە739دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 7885 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-22
ئاخىرقى: 2012-07-21
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-04 01:17

ماكىدۇنىيە شااھزادىسى ئىسكەندەر ئادالەت رىشتىسى بىلەن شەرىققە يۈرۈش قىلىپ ShV#XnQ  
دۇنياۋى ئىمپىرىيە قۇردى ،ئۇيغۇر شاھزادىسى پەرھات ....غەرىپكە سەپەرقىلىپ ئىران }9GD'N?4  
شاھى تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈلدى...دۈشمەننىڭ ئەڭ ۋەھشىسى مۇشۇنداق خان ئەۋلادىنى axSJ:j8  
يوقۇتۇۋېتىشنىڭ كويىدا بولىدۇ ...
ئۆتمۈشى ئادىللىق نۇرىدا يورۇتۇلمىغان مىللەتنىڭ ،كەلگۈسىمۇ
غۇۋا (گۇڭگا) بولىدۇ ....
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6736
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 3
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە3دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-26
ئاخىرقى: 2011-04-04
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-04 14:06

  ئاشۇ پارىسلارغا  ئاشۇ ئەرەپلەرگە  غەزەپ ئوبدان بولدى دىنى قىرىنداشلىقنى دىمىسەم پەقەت خوشام يوق شۇ خەخلە بىلەن
دۇنيانىڭ ئىشلىرى ئەسكى تامنىڭ قىشلىرى پەلەك چاقى ئايلىنار ئۆز ئوقىدا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1451
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 50
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە50دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 560 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-02
ئاخىرقى: 2011-08-23
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-05 15:37

مېنىڭ مۇشۇ....دۇنيادا 1مىلياردتىن ئوشۇق مۇسۇلمان بار دىگەن بىلەن قۇمدەك چېچىلىپ كەتكەن،ئوت بىلەن سۇدەك دۈشمەنلىشىپ كەتكەن.بولۇپمۇ ئەرەپلەر نەچچە ئون دۆلەتكە پارچىلىنىپ بىر-بىرى بىلەن دۈشمەن،كىچچىككىنە نوپۇسى3يېرىم مىليون كىلىدىغان  ئىسرائىلىيە پەلەستىن ئەرەپلىرىنى شۇنچىلىك بوزەك ئىتىپ كەتتىكى ھەمىمىز كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز،ئېرۇسالىمنى تارىختىن بۇيان چۈشىدە كۆرۋاتقان يەھۇدىيلار ھازى پايتەختى قىلىۋالدى. L\cd=&b`  
تۈركلەر يېقىلىشى ئەرەپلەر چاك-چېكىدىن يىرتىلىپ كەتتى. >Mu I-^ 3  
ئېرۇسالىم تۈركلەرنىڭ قولىدا بولغان بولسا قولدىن كەتمەس ئىدى ھازىر.