ئادەم بولۇپ ياشىماق شۇنداق تەس ئىكەن دۇنيا...
بۇ دۇنيادا ، ۋاقىتلار بىزنى ھەربىر مىنۇت، ھەربىر سىكونتلاردا سىنايدىكەن، قىينايدىكەن. بىز شۇ سىناش ھەم سىنىشلار ئىچىدە گاھ تەمتىرەپ،گاھ ئۈمىدلىنىپ ئۆزىمىزگە تەئەللۇق بولغان قىسىمىتىمىزنى يارىتىدىكەنمىز .
ئادەملەر - ياشاشتىكى مەقسىتى ھەرخىل ئادەملەر .... غايىسى ئوخشاشمايدىغان ئادەملەر.... تۇرمۇش كۆز قارىشى ئوخشىمايدىغان ئادەملەر .... ھەممىسى ئاخىر بېرىپ ئوخشاشلا بىر چەمبەرنى چۆرگىلەيدۇ. بۇ چەمبەر دەل - مەۋجۇتلۇق چەمبىرىكى. دەل مۇشۇ چەمبەر نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنى قانچىلىغان قىسمەتلەرگە دۇچار قىلمىغان، قانچىلىك ئاچچىق ساۋاقلارغا ئىگە قىلمىغان... ھەممىسى دەل شۇ ھاياتلىقتىن ئىبارەت بۇ نۇقتىنى مەركەز قىلىشتىن باشلىنىدۇ ۋە ئاخىرلىشىدۇ.
ھاياتلىق - دەل بىزنىڭ بۇ دۇنيادىكى مەۋجۇدلۇقىمىزنىڭ بىردىن- بىر ئىسپاتى. ھاياتلا بولىدىكەنمىز نۇرغۇن ئىشلارنىڭ شاھىدى بولالايمىز . ھاياتىمىز تولىمۇ چەكلىك. ئەمما چەكلىك ھاياتتا نۇرغۇنلىغان چەكسىزلىكلەر يۇشۇرۇنغان. ئادەملەر دەل مۇشۇ چەكسىزلىكلەرگە ئىنتىلىپ ياشىغۇچىلاردۇر. نۇرغۇن ئادەملەر ھەددىدىن زىيادە چەكسىزلىككە ئىنتىلىپ ، ئۆزىدە بار بولغان چەكلىك نەرسىلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدۇ. يوقاتقىنىدا بولسا پۇشايماننى ئالىدىغان قاچىنى زىنھار تاپالماي ھەسرەت چېكىدۇ . ئادەم ئۆزىدە بارىنى قەدىرلەشىنى بىلىشى كېرەك .
ھايات چەكلىك ، ۋاقتىمىز چەكلىك، چەكلىك ھاياتتىن ، چەكلىك ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنايلى. راستچىللىق، ۋاپادارلىق، ئاقكۆڭۈللۈكنى ئۆزىمىزگە يار قىلساق، بۇ ھاياتنىڭ دولقۇنلىرىدا گاھ لەيلىسەكمۇ گاھ چۆكۈپ كەتسەكمۇ ، ھامان بىر كۈن ئىنتىلگەن مەنزىلگە يىتىپ بارالايمىز.
ھاياتنىڭ سىناقلىرىدىن تەڭ ھالقىيلى ! ھاياتىمىزنى مەنالارغا تولدۇرايلى، ھايات قىسمەتلىرىمىزدىن ئەل سۆيۈنگۈدەك بولسۇن
خەير بارلىق ھايات دوستلار قەلبى، ئېتىقادى ئۆلمىگەن دوستلارغا بارلىقىڭلارغا ئىشەنچ ، مۇۋەپىقىيەتلەر تىلەيمەن.