ئىران - ئىراق ئۇرۇشى ---- ئىران بىلەن ئىراق 1980 - يىلى 9 - ئايدىن باشلاپ 1986 - يىلى 8 - ئايغىچە 8 يىل ئۇرۇشتى . ئىران بىلەن ئىراق ھەر ئىككىلىسى ئاسىيانىڭ غەربىگە جايلاشقان ئىسلام دۆلەتلىرى . ئۇلارنىڭ دۆلەت چىگرىسى ئۇزۇنلىقى 1200 كىلومىتىردىن ئاشىدىغان خوشنا ئەللەر ، ئۇزۇندىن بېرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا كىلىشەلمەي كىلىۋاتقان چىگرا مەسىلىسى بار بولۇپ ئىككى دۆلەت چىگرا ساقلاش قىسىملىرى پات - پات توقۇنۇشۇپ تۇراتتى . بۇندىن باشقا بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىننى مەزھەپچىلىك مەسىلىسى بۇ ئۇرۇشنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەپ بولۇپ ، ئىران ئىراق ھەر ئىككىلىسى ئىسلام دۆلەتلىرى بولسىمۇ لېكىن ئىران خەلقىنىڭ %90 تى ئىسلام دىنىڭ شىئە مەزھىپىگە تەۋە ئىراق خەلقىنىڭ %60 تى ھەم شىئە مەزھىپىگە تەۋە ئىدى ( لېكىن ھوقۇق سۇننىلەرنىڭ قولىدا ئىدى ) .
nC:>1kt
`l#|][B)g$ &:>3tFQSH 1979 - يىلى ئىراندا ئىسلام ئىنقىلاۋى غەلىبە قىلغاندىن كىيىن ئىران ھۆكۈمىتى ھەرقايسۇ ئىسلام دۆلەتلىرىنى ئىسلام ئىنقىلاۋى ئېلىپ بىرىشقا چاقىرىدۇ ، شۇ قاتاردا ئىككىنچى چوڭ شىئەلەر دۆلىتى بولغان ئىراقتىكى شىئەلەرنى قوزغۇلۇپ ئىسلام ئىنقىلاۋى ئىلىپ بىرىپ ھازىرقى ئىراق ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ئىسلام دۆلىتى قۇرۇشقا كۈچكۈرتىدۇ .
u<g0oEs)
Wz8MV -D يۇقارقىدەك سەۋەپلەر تۇپەيلى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىپ 1980 - يىلى 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئىران ئىراق ئۇرۇشى ئاخىرى پارتىلايدۇ . بۇ ئۇرۇش ئەمەلىيەتتە ئىسلام دىنىدىكى ئىككى مەزھەپ ئوتتۇرىسىدىكى مەزھەپچىلىك ئۇرۇشى ، شۇنداقلا ئامىرىكا ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئىككى قۇتۇپنىڭ يىڭىدىن ئىشلىگەن قوراللىرىنى كۆز - كۆز قىلىش ئۇرۇشى بولۇپ قالىدۇ .
?Iin/
v)f;dq ^z-
بۇ ئۇرۇشتا 600 مىڭدىن ئوشۇق ئىران خەلقى ، 400 مىڭدىن ئوشۇق ئىراق خەلقى ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ . 3 مىليۇندىن ئارتۇق خەلىق چەتئەللەرگە مۇساپىر بولۇپ چىقىپ كىتىدۇ . بۇ قىتىمقى ئۇرۇش ئىككى دۆلەتكە 900 مىليارت دوللاردىن ئارتوق زىيان ئېلىپ كىلىدۇ . ئەينى ۋاقىتتىكى باي - گۇزەل بۇ دۆلەتلەر ئىقتىسادى بىراقلا 20 - 30 يىل كەينىگە چىكىنىپ كىتىدۇ . Kl Kk?6>
9a6ij*#