باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2920 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئوغرىلار مۇنداق بولۇپ كەتتى  ھازىر~~~~~
بۇ زادى نېمىدۇ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1372
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1372دانە
ئۆسۈش: 910 %
مۇنبەر پۇلى: 15243 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-14
ئاخىرقى: 2012-04-01
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-31 21:38

ئوغرىلار مۇنداق بولۇپ كەتتى  ھازىر~~~~~

ھازىر مۇشۇ تەرەققىيات شۇنچىلىك يۇقىرى سۈرئەتتە بولىۋاتىدۇكى،ھەر قايسى  ساھەلەردە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك
دەرىجىدە بولماقتا.تېخىمۇ ھەيران قالىدىغان ئىش شۇكى يامان ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ زور بولماقتا.مۇشۇ ئوغرى يانچۇقچىلارمۇ
تەرەققىي قىلىپ كۆز ئالدىڭىزدىلا سىزگە  قارىتىپ تۇرۇپ،نەرسىڭىزنى خەلقى ئالەم ئالدىدا خاتىرجەم ئالالايدۇ.بۇنى ئوغرى دېمەي بۇلاڭچى دېسەك بەك ئاشۇرىۋەتكەن بولماسمىز بەلكىم.بۇلارنىڭ  مىسالى  سۈپىتىدە مۇنبەردىكىلەرگە بىر ھېكايە سۆزلەپ بېرەي:

مەن سابىق ساۋاقدىشىمدىن،ساۋاقدىشىم ئوقۇتقۇچىسىدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پويىز ئىستانسىسىنىڭ كۈتۈش زالىدا بىر ئايال قۇچىقىدا نەچچە ئايلىق بولغان بالىسىنى كۆتۈرۈپ ئولتۇراتتى.شۇ پەيتتە يەتتە-سەككىز ياشلاردىكى ئوغۇل بالىنى يېتىلىۋالغان يەنە بىر ئايال كېلىپ،بوۋاق تۇتىۋالغان ئايالنىڭ يېنىدىكى بوش ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردى.مۇنداق زېرىكىشلىك كۈتۈش ھەممە ئادەمنى زېرىكتۈرىدۇ دە، شۇنداق قىلىپ ئىككىسى بىردەمدىلا شۇنداق قىززىق پاراڭلارغا چۈشۈپ كەتتى.ھېلىقى كېيىن كەلگەن ئايال كىچىك بالىسى بار ئايالدىن ئۇنى-بۇنى سوراپ باقاتتى،بالىسىنىڭ ئىسمى،ئەكىلەتمە ئىسمى،نەگە نىمە قىلغىلى ماڭغانلىقى،يولدىشنىڭ بار يوقلىقى،نىمە ئىش قىلىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى گەپ ئارىسىدا سوراپ ئۇقۇپ بولدى.ئۇلار مانا مۇشۇنداق پاراڭلىشىپ ۋاقىتنىمۇ بىردەمدىلا توشقازدى.بېلەت تەكشۈرۈش باشلانغاندا ھېلىقى كېيىن كەلگەن ئايال كىچىك بالىسى بار ئايالغا ياردەملىشىپ يۈك تاقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ ماڭدى.پويىزغا چىقاي دېگەندە ئالامەت بىر ئىش يۈز بەردى.كېيىن كەلگەن ئايال يۈزىنى ئۆرۈپلا:<<بالامنى كۆتۈرۈشۈپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت،سىزنى ئاۋارە قىلدىم،رەھمەت سىزگە،ئەمدى بالامنى ئۆزۈم ئېلىۋالاي>> دەپلا بالىنى تارتىشقا باشلىدى.كىچىك بالىسى بار ئايال بولسا بۇ گەپلەردىن ھاڭ-تاڭ قالغان ھالدا نىمە بولغىنىنىمۇ ئاڭقىرالماي بالىسىنى چىڭ قۇچاقلىغىنىچە تۇراتتى.
ھېلىقى مۇتىھەم ئايال يەنە ۋارقىرىدى:<<بالامنى بېرىڭ دەيمەن،بالامنى قايتۇرۇپ بېرىڭ >>دەپ تېخىمۇ ئېسىلماقتا ئىدى.يەتتە  ياشلاردىكى ئوغلىمۇ ئاپىسىغا ماسلىشىپ:<<ئۇكامنى قايتۇرۇپ بەر،ئۇكامنى بىزگە قايتۇرۇپ بەر ئەكەل ئۇكامنى>>دەپ پېشىگە ئېسىلاتتى.يەنە تېخى ئۇ بوۋاقنىڭ ئەكىلەتمە  ئىسمىنى توختىماي توۋلايتتى.كىشىلەر  بۇ ئىشقا ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن قاراپ تۇراتتى.
ئەلۋەتتە كىممۇ مۇنداق ئەھۋالدا ھېلىقى بۇلاڭچى ئايال تەرەپتە تۇرمايدۇ دەيسىز،چۈنكى ئۇ ئەمدىلا يەتتە  ياشقا كىرگەن بالىسى بىلەن بۇ ئويۇننى  شۇنداق ئەپچىللىك بىلەن ئويناۋاتسا.بىراق ھېلىقى ئايال گەرچە كاللىسىدا ھېچنىمە قالمىغاندەك،روھى چىقىپ كەتكەندەك،بولىۋاتقان بۇ ئىشلارنى تازا بىر ئاڭقىرىپ بولالمايۋاتقان بولسىمۇ،بايىلا تېخى شۇنداق يېقىن ئاچا-سىڭىللاردەك  پاراڭلىشىپ،نەرسە-كېرەكلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ بەرگەن بۇ ئايالنىڭ ئەمدى  تۇرۇپلا بالىسىنى تالىشىۋاتقانلىقىنى كاللىسىدىن ئۆتكۈرەلمەيۋاتقان بولسىمۇ،قولىدىكى بالىنى چىڭ تۇتۇشنى ئۇنتۇپ قالمىغانىدى.بىر  ھازا  تالاشتىن كېيىن،ساقچىلارمۇ كەلدى.بىراق ھېلىقى بۇلاڭچى ئايال بالىسى بىلەن ئاللىبۇرۇن تىكىۋەتكەنىدى.يەنە بىر ئايال بولسا بالىسىنى چىڭ تۇتۇپ قاراپ تۇراتتى.يۈك-تاقلىرى
ئاللىبۇرۇن بايىقى جىدەلدە يوقاپ كەتتى،بەلكىم ھېلىقى ئايالنى باشقا  شېرىكلىرى ئېلىپ كەتكەندۇ.بۇ ئايال ھېچ بولمىسا بالىسىنى
قوغداپ قالدى.

ئىشقىلىپ بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار بەك كۆپ.بارلىق قېرىنداشلار مانا مۇشۇنداق سەپەر ئۈستىدە ئۆزىمىزگە ئالاھىدە دىققەت قىلايلى.بۇ خەقنىڭ ئارىسىدا شۇنداق بىر يامان نىيەتلىك كىشىلەرمۇ باركى يۇقارقىدەك قولىڭىزدىكى بالىنى تاتىۋالغۇدەك دەرىجىدە ھىلىگەر ۋە ۋىجدانسىز.ھەتتا بەزىدە ئۆزىڭىزنىڭ قانداق قىلىپ باشقىلارنىڭ توزىقىغا چۈشۈپ كەتكىنىڭىزنىمۇ  تۇيمايلا قالىسىز~~~~

مۇنداق  ئىشلار بەك كۆپ ئىدى.مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي
مەنبە:ئاڭلىغانلىرىم~~~
سىلەر بىزگە نېمىنى تىلىسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!ئامىن!!!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7959
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-19
ئاخىرقى: 2011-06-25
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-19 18:30

بىز نىڭ ئۆيدىن پۇل يۇقاپ كەتكەن بۇنىڭغا خېلى بولدى مەن ھازىر بارغانسىرى پۇلىمىزنى ئېلىۋالغۇچىنىڭ   كىملىكىنى بىلغۈم كىلىدىغان ئۇنى قانۇن ئارقىلىق جازالىنىشقا تىگىشلىك دەپ قارايدىغان   پۇلىمىزنىڭ تېپىلىشىنى ئۈمىت قىقىدىغان بۇلۇپ قالدىم چۈنكى بىزنىڭ پۇلۇمىزنىڭ قوشنىلىرىمىزنىڭ بىرەرى تەرىپىدىن ئۇغرىلانغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلەتتى پەقەت بىزدە اقانۇنغا تۇختىغىدەك ئىسپار يۇق ئىدى قانۇن نۇقتىسىدىن بۇنى تەپسىلى سۇرىسا ئەستايىدىل بۇلسا   ئۇغرى ۋە پۇل چىقاتتى   .بىراق يەرلىك دائىرە بۇ ئىشقا ئەستايىدىل بولمىدى كارى بولمىدى     بۇنى ھەممە بىلىدۇ سىلەر چە مەن تور ئارقىلىق بۇنى   ئەرىز سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قۇيماقچى بولسام قايسى تور نۇقتىسى ئەڭ ياخشى بۇلىدۇ سىلەر ماڭا ياردەم قىلىڭلار ياكى بۇلمىسا بۇ ئىشنى يۇقىرغا يەتكۈزۈپ بىرىشكە ياردەملىشىڭلار   پۇلنىڭ قىممتى 55000   يۇەن بۇلۇپ بۇنىڭ 12000يۇەننى   كۇشنىلار ئارىسىدا قۇرقاق   قۇرقۇتۇش    ھەيۋە قىلىش شەكلىرىنى قۇللانغاندىن كىيىن تاشلاپ كۇيغان .   قېنى قېرىنداشلار قايسىڭلار ياردەم قىلىسىلەر مەن ھەرگىز قۇتراتقۇلۇق قىلماقچى ئەمەس بەلكى     قانۇنۇ نۇقتىسىدىن ھۇقۇقۇمنى يۇقىرىغا قاندۇق ئەرزىمنى قانداق يەتكۈزۈشنى بىلمىگەنلىكتىن بۇ يەردىن  سىلەردىن ياردەم تەلەپ كىلىۋاتىمەن .