查看完整版本: [-- ئوغرىلار مۇنداق بولۇپ كەتتى  ھازىر~~~~~ --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> قانۇندىن مەسلىھەت -> ئوغرىلار مۇنداق بولۇپ كەتتى  ھازىر~~~~~ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئەلى 2011-03-31 21:38
ھازىر مۇشۇ تەرەققىيات شۇنچىلىك يۇقىرى سۈرئەتتە بولىۋاتىدۇكى،ھەر قايسى  ساھەلەردە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك
دەرىجىدە بولماقتا.تېخىمۇ ھەيران قالىدىغان ئىش شۇكى يامان ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ زور بولماقتا.مۇشۇ ئوغرى يانچۇقچىلارمۇ
تەرەققىي قىلىپ كۆز ئالدىڭىزدىلا سىزگە  قارىتىپ تۇرۇپ،نەرسىڭىزنى خەلقى ئالەم ئالدىدا خاتىرجەم ئالالايدۇ.بۇنى ئوغرى دېمەي بۇلاڭچى دېسەك بەك ئاشۇرىۋەتكەن بولماسمىز بەلكىم.بۇلارنىڭ  مىسالى  سۈپىتىدە مۇنبەردىكىلەرگە بىر ھېكايە سۆزلەپ بېرەي:

مەن سابىق ساۋاقدىشىمدىن،ساۋاقدىشىم ئوقۇتقۇچىسىدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پويىز ئىستانسىسىنىڭ كۈتۈش زالىدا بىر ئايال قۇچىقىدا نەچچە ئايلىق بولغان بالىسىنى كۆتۈرۈپ ئولتۇراتتى.شۇ پەيتتە يەتتە-سەككىز ياشلاردىكى ئوغۇل بالىنى يېتىلىۋالغان يەنە بىر ئايال كېلىپ،بوۋاق تۇتىۋالغان ئايالنىڭ يېنىدىكى بوش ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردى.مۇنداق زېرىكىشلىك كۈتۈش ھەممە ئادەمنى زېرىكتۈرىدۇ دە، شۇنداق قىلىپ ئىككىسى بىردەمدىلا شۇنداق قىززىق پاراڭلارغا چۈشۈپ كەتتى.ھېلىقى كېيىن كەلگەن ئايال كىچىك بالىسى بار ئايالدىن ئۇنى-بۇنى سوراپ باقاتتى،بالىسىنىڭ ئىسمى،ئەكىلەتمە ئىسمى،نەگە نىمە قىلغىلى ماڭغانلىقى،يولدىشنىڭ بار يوقلىقى،نىمە ئىش قىلىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى گەپ ئارىسىدا سوراپ ئۇقۇپ بولدى.ئۇلار مانا مۇشۇنداق پاراڭلىشىپ ۋاقىتنىمۇ بىردەمدىلا توشقازدى.بېلەت تەكشۈرۈش باشلانغاندا ھېلىقى كېيىن كەلگەن ئايال كىچىك بالىسى بار ئايالغا ياردەملىشىپ يۈك تاقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ ماڭدى.پويىزغا چىقاي دېگەندە ئالامەت بىر ئىش يۈز بەردى.كېيىن كەلگەن ئايال يۈزىنى ئۆرۈپلا:<<بالامنى كۆتۈرۈشۈپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت،سىزنى ئاۋارە قىلدىم،رەھمەت سىزگە،ئەمدى بالامنى ئۆزۈم ئېلىۋالاي>> دەپلا بالىنى تارتىشقا باشلىدى.كىچىك بالىسى بار ئايال بولسا بۇ گەپلەردىن ھاڭ-تاڭ قالغان ھالدا نىمە بولغىنىنىمۇ ئاڭقىرالماي بالىسىنى چىڭ قۇچاقلىغىنىچە تۇراتتى.
ھېلىقى مۇتىھەم ئايال يەنە ۋارقىرىدى:<<بالامنى بېرىڭ دەيمەن،بالامنى قايتۇرۇپ بېرىڭ >>دەپ تېخىمۇ ئېسىلماقتا ئىدى.يەتتە  ياشلاردىكى ئوغلىمۇ ئاپىسىغا ماسلىشىپ:<<ئۇكامنى قايتۇرۇپ بەر،ئۇكامنى بىزگە قايتۇرۇپ بەر ئەكەل ئۇكامنى>>دەپ پېشىگە ئېسىلاتتى.يەنە تېخى ئۇ بوۋاقنىڭ ئەكىلەتمە  ئىسمىنى توختىماي توۋلايتتى.كىشىلەر  بۇ ئىشقا ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن قاراپ تۇراتتى.
ئەلۋەتتە كىممۇ مۇنداق ئەھۋالدا ھېلىقى بۇلاڭچى ئايال تەرەپتە تۇرمايدۇ دەيسىز،چۈنكى ئۇ ئەمدىلا يەتتە  ياشقا كىرگەن بالىسى بىلەن بۇ ئويۇننى  شۇنداق ئەپچىللىك بىلەن ئويناۋاتسا.بىراق ھېلىقى ئايال گەرچە كاللىسىدا ھېچنىمە قالمىغاندەك،روھى چىقىپ كەتكەندەك،بولىۋاتقان بۇ ئىشلارنى تازا بىر ئاڭقىرىپ بولالمايۋاتقان بولسىمۇ،بايىلا تېخى شۇنداق يېقىن ئاچا-سىڭىللاردەك  پاراڭلىشىپ،نەرسە-كېرەكلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ بەرگەن بۇ ئايالنىڭ ئەمدى  تۇرۇپلا بالىسىنى تالىشىۋاتقانلىقىنى كاللىسىدىن ئۆتكۈرەلمەيۋاتقان بولسىمۇ،قولىدىكى بالىنى چىڭ تۇتۇشنى ئۇنتۇپ قالمىغانىدى.بىر  ھازا  تالاشتىن كېيىن،ساقچىلارمۇ كەلدى.بىراق ھېلىقى بۇلاڭچى ئايال بالىسى بىلەن ئاللىبۇرۇن تىكىۋەتكەنىدى.يەنە بىر ئايال بولسا بالىسىنى چىڭ تۇتۇپ قاراپ تۇراتتى.يۈك-تاقلىرى
ئاللىبۇرۇن بايىقى جىدەلدە يوقاپ كەتتى،بەلكىم ھېلىقى ئايالنى باشقا  شېرىكلىرى ئېلىپ كەتكەندۇ.بۇ ئايال ھېچ بولمىسا بالىسىنى
قوغداپ قالدى.

ئىشقىلىپ بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار بەك كۆپ.بارلىق قېرىنداشلار مانا مۇشۇنداق سەپەر ئۈستىدە ئۆزىمىزگە ئالاھىدە دىققەت قىلايلى.بۇ خەقنىڭ ئارىسىدا شۇنداق بىر يامان نىيەتلىك كىشىلەرمۇ باركى يۇقارقىدەك قولىڭىزدىكى بالىنى تاتىۋالغۇدەك دەرىجىدە ھىلىگەر ۋە ۋىجدانسىز.ھەتتا بەزىدە ئۆزىڭىزنىڭ قانداق قىلىپ باشقىلارنىڭ توزىقىغا چۈشۈپ كەتكىنىڭىزنىمۇ  تۇيمايلا قالىسىز~~~~

مۇنداق  ئىشلار بەك كۆپ ئىدى.مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي
مەنبە:ئاڭلىغانلىرىم~~~

تاھىربەگ 2011-03-31 22:16
زادى ئوغرىنىڭ قولىنى كەسمىگۈچە جەمىيەتتە ئوغۇرلۇق قىلىشنى ئازايتقىلى بولمايدۇ ....

aliplar 2011-03-31 22:50
ماندا بۇلاڭچىلىقنى ئاڭلىماپتىكەنمەن جۇما     

taranqi217 2011-03-31 23:08
كەڭ ساي قازىسى تايىردىن بۇيرۇق.......
ئۇ سىسىخ خوتۇننىڭ بامالتىقىنى.........
بالىسىنىڭ چىمەلتىكى كىسىلسۇن.....

ئاندىن كەڭ ساي يامۇلىغا يالاپ ئەكىلىپ 80 دەررە ئۇرۇلسۇن...

يارلىق تامام

nazim 2011-03-31 23:14
بىر ئوغرى مىنى شۇنداق قويۇپ كەتكەن...ئوقۇۋاتقان چىغىم خوڭيەنچىىگە مەسجىدكە ماڭسام بىر بالا ئالدىمدا تاماكىسىنى قەستەن ماڭا ئۇردى ئاندىن ماڭا ئىسىلىپلىۋالدى...مەن ئۇنىڭ قالايمىقان گەپلىرىنى ئاڭلاپ كاللىسى سەل چاتاق ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىمەن...بىر دەم ماڭا ئىسىلىپ بىقىپ مىنىڭمۇ ئاچچىقىم كەلگىنىنى بىلدىمۇ ئاستا قۇيۇۋىتىپ بىر تاكسىغا چۈشۈپلا كەتتى....ئۇنىڭدىن قۇتۇلغىنىمغا خوشال بولۇپ ماڭاي دەپ كۆڭلۈم بىر نەرسىنى تۇيغاندەك يانچۇقۇمنى ئاقتۇرسام پۇل قاپچوقۇم يۇق.... ئەسلى ئەبلەخ بىر مەيدان ئويۇننى ناھايىتى قاملاشتۇرۇپ ئويناپتىكەن...ئۇ ئەمەس مەن ساراڭ ئىكەنمەن ...قويۇلۇپ كەتتىم...ھەي قىز دۇستۇم ئىلىپ بەرگىلى ئۇزۇن بولمىغان پۇل قاپچۇغى ئىدى...كىملىكم بانكا كارتام ئۇچۇن نەچچە ھەپتە چاپتىم...

taranqi217 2011-04-01 01:31
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى nazim نىڭ 2011-03-31 23:14 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بىر ئوغرى مىنى شۇنداق قويۇپ كەتكەن...ئوقۇۋاتقان چىغىم خوڭيەنچىىگە مەسجىدكە ماڭسام بىر بالا ئالدىمدا تاماكىسىنى قەستەن ماڭا ئۇردى ئاندىن ماڭا ئىسىلىپلىۋالدى...مەن ئۇنىڭ قالايمىقان گەپلىرىنى ئاڭلاپ كاللىسى سەل چاتاق ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىمەن...بىر دەم ماڭا ئىسىلىپ بىقىپ مىنىڭمۇ ئاچچىقىم كەلگىنىنى بىلدىمۇ ئاستا قۇيۇۋىتىپ بىر تاكسىغا چۈشۈپلا كەتتى....ئۇنىڭدىن قۇتۇلغىنىمغا خوشال بولۇپ ماڭاي دەپ كۆڭلۈم بىر نەرسىنى تۇيغاندەك يانچۇقۇمنى ئاقتۇرسام پۇل قاپچوقۇم يۇق.... ئەسلى ئەبلەخ بىر مەيدان ئويۇننى ناھايىتى قاملاشتۇرۇپ ئويناپتىكەن...ئۇ ئەمەس مەن ساراڭ ئىكەنمەن ...قويۇلۇپ كەتتىم...ھەي قىز دۇستۇم ئىلىپ بەرگىلى ئۇزۇن بولمىغان پۇل قاپچۇغى ئىدى...كىملىكم بانكا كارتام ئۇچۇن نەچچە ھەپتە چاپتىم...

پورىتمالىم دەپ بىر ناخشا باركەنغۇ...........
شۇ ئىسىمگە كەلدا.............
بىر قىتىم ئاڭلاپ تىلىقىپلا قالغان...

uytag 2011-04-01 16:09
  پورىتمالىم  ، يوقاپ كەتتى تۈنۈگۈن چۈشتىن كىيىن ۋاڭبادا ،،،،

ياۋۇز 2011-04-02 00:50

abdul 2011-04-02 13:10
ھازىر ئىچكىردىمۇ خەنزۇلار  قولىدا يانفون ئويناپ قەستە ئادەمگە سوقۇلۇپ   ئادەمنى كوچىدىلا بۇلايدىغان ئەھۋال كورۈلمەكتە
ھەممىمىز دىققەت قىلايلى بۇنداق  ئىشلارغا

دەيمەن 2011-06-19 18:30
بىز نىڭ ئۆيدىن پۇل يۇقاپ كەتكەن بۇنىڭغا خېلى بولدى مەن ھازىر بارغانسىرى پۇلىمىزنى ئېلىۋالغۇچىنىڭ   كىملىكىنى بىلغۈم كىلىدىغان ئۇنى قانۇن ئارقىلىق جازالىنىشقا تىگىشلىك دەپ قارايدىغان   پۇلىمىزنىڭ تېپىلىشىنى ئۈمىت قىقىدىغان بۇلۇپ قالدىم چۈنكى بىزنىڭ پۇلۇمىزنىڭ قوشنىلىرىمىزنىڭ بىرەرى تەرىپىدىن ئۇغرىلانغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلەتتى پەقەت بىزدە اقانۇنغا تۇختىغىدەك ئىسپار يۇق ئىدى قانۇن نۇقتىسىدىن بۇنى تەپسىلى سۇرىسا ئەستايىدىل بۇلسا   ئۇغرى ۋە پۇل چىقاتتى   .بىراق يەرلىك دائىرە بۇ ئىشقا ئەستايىدىل بولمىدى كارى بولمىدى     بۇنى ھەممە بىلىدۇ سىلەر چە مەن تور ئارقىلىق بۇنى   ئەرىز سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قۇيماقچى بولسام قايسى تور نۇقتىسى ئەڭ ياخشى بۇلىدۇ سىلەر ماڭا ياردەم قىلىڭلار ياكى بۇلمىسا بۇ ئىشنى يۇقىرغا يەتكۈزۈپ بىرىشكە ياردەملىشىڭلار   پۇلنىڭ قىممتى 55000   يۇەن بۇلۇپ بۇنىڭ 12000يۇەننى   كۇشنىلار ئارىسىدا قۇرقاق   قۇرقۇتۇش    ھەيۋە قىلىش شەكلىرىنى قۇللانغاندىن كىيىن تاشلاپ كۇيغان .   قېنى قېرىنداشلار قايسىڭلار ياردەم قىلىسىلەر مەن ھەرگىز قۇتراتقۇلۇق قىلماقچى ئەمەس بەلكى     قانۇنۇ نۇقتىسىدىن ھۇقۇقۇمنى يۇقىرىغا قاندۇق ئەرزىمنى قانداق يەتكۈزۈشنى بىلمىگەنلىكتىن بۇ يەردىن  سىلەردىن ياردەم تەلەپ كىلىۋاتىمەن .

穆斯力慢 2011-06-19 18:53
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى تاھىر نىڭ 2011-03-31 22:16 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
زادى ئوغرىنىڭ قولىنى كەسمىگۈچە جەمىيەتتە ئوغۇرلۇق قىلىشنى ئازايتقىلى بولمايدۇ ....


مەنمۇ شۇنداق دەپ قارايمەن

قاشتىشى 2011-06-19 23:47
55000 مىڭنىڭ ئەرزىنى سورىمىغان قانداق ساقچى ئۇ.  ئوغرى چوقوم پارا بىرىۋەتكەن گەپ .

شۇ ئوغورلانغان پۇلدا سىزنىڭ سالاھىيەت نومۇرىڭىز يوقتە. ساقچىنىڭ چىقىرىدىغان چاتىقى شۇ. بۇ پۇلنىڭ سىنىڭ ئىكەنلىكىگە ئىسپات بولىشى كىرەك دەپ تۇرىۋالىدۇ.

ئوغرى بىلەن تۇتۇشۇپ قالغۇدەك بولسامزە، كىلىشتۈرۈپ بۇرنىغا نەچچىنى سىلىۋىتىمەن.

天山的野花 2011-06-20 11:12
بۇنداقلارغا ئاللاھنىڭ قانۇنى ئىشلىمىسەباشقا سەپسەتىلەر ئىشلىمەيدۇ

asanat 2011-06-20 16:55
مال ئگسدىن ئۇغرى كۇچلۇك دىگەن مۇشۇدە.


查看完整版本: [-- ئوغرىلار مۇنداق بولۇپ كەتتى  ھازىر~~~~~ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.043620 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us