ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى قوزام نىڭ 2011-03-31 15:36 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بىر تال قارلىغاچ سايراپ بولۇپ ئۇچۇپ كەتكەن بىر تۈپ كۆڭۈلدۇر
سۈيى ئېقىپ تۈگىگەن بىر ئېرىق ۋە يا
تەرەپ تەرەپتىن توپا ئۆرلىگەن
دۇنيا بىر چۈشكە ئايلاندى گويا
.......
ھى ھى ھى،قوزام بەك ئوماقكەن،ئەسلى مەن ئەزەلدىن شېئىر تەھلىل قىلمايتتىم،ئۆزۈمنىڭكى ھەم باشقىلارنىڭكىنىمۇ قىلىپ باقمىغان،قوزامنىڭ 10 قېتىم ئوقۇپ شېئىرىمنىڭ ھۈرمىتىنى قىلغانلىقىنىڭ ھۈرمىتى ئۆچۈن ،ياخشى تەھلىل قىلالمىساممۇ بىر قىلىپ بېرىش قارارىغا كەلدىم:
بىر تال قارلىغاچ سايراپ بولۇپ ئۇچۇپ كەتكەن بىر تۈپ كۆڭۈلدۇر بۇ يەردىكى بىر
تال قارلىغاچ ئادەتتىكى قارلىغاچ ئەمەس،ئۇ بىر جانان بولىشى مۇمكىن،سايراپ بولۇپ ئۇچۇپ كەتتى دىمەك ئۇ بۇرۇن سايرىغان،تېكىستتىكى< مەن>نىڭ قەلبىگە قونۇپ تازا سايرىغان چاغلىرى بولغان دىمەك ،بۇ مىسرا قۇشسىز قالغان بىر تۈپ دەرەخ __ يەنى يارسىز قالغان بىر ئاچچىق كۆڭۈلنىڭ ھەسرىتىنى ئىپادىلىگەن؛
سۈيى ئېقىپ تۈگىگەن بىر ئېرىق ۋەيا بۇ يەردىكىسى يەنە غېرىبلىق،يەنە غېرىبانىلىق!ئېرىق دىگەندە سۇ ئېقىش ئۆچۈن يارالغان،ئېرىق يەنە ئۆز نۆۋىتىدە<مەن>،سۈيى قالمىغان(يەنە ئېرىق ئۆچۈن ئۇنىڭ ئىچىدە ئېقىۋاتقان سۇ ئۇنىڭ بارلىقى دىمەك ھەممە نېمىدىن مەھرۇم قالغان ئېرىق،يەنى ھەممە نېمىسىدىن مەھرۇم قالغان <مەن>) مەن؛
تەرەپ تەرەپتىن توپا ئۆرلىدى بۇ يەردە<مەن>دىكى چىداپ قوپقۇسىز سىقىلىش تەسۋىرلىنىدۇ،يەنە تەرەپ تەرەپتىن توپا ئۆرلەيدۇ؛
دۇنيا بىر چۈشكە ئايلاندى گويا <مەن> يىگانە يەنە يىگانە قالىدۇ،ھەممە نېمە چۈش،چۈش ئەمەس ھېچنىمە يوق!
بۇ چاغدا ئېرىشكەنلىرى،يوقاتقانلىرى، ھەممە نېمىسى چۈش بولغان<مەن>نىڭ سايرايدىغان بىرمۇ قۇشى يوق قىزغۇچ دەرەخ ئاستىدا،توپا باسقان دۇنيادا يىگانە ئولتۇرغان ھالىتى سىزىپ چىقىلغان بولىدۇ؛
مانا مۇشۇنچىلىك تەھلىل قىلغاچ تۇراي،قوزام،ئەگەر يەنە ئەقلىڭىزگە سىغمىغۇدەك يېرى بولسا دېسىڭىز،مەن ئوقۇپ بېرىشكە جان دەپ تەييار!
ئاخىرىدا ،سىزگە ۋە بىرقاتار سان سىفىرلارنى تور نامى قىلىۋالغان ئۈستىدىكى قېرىندىشىمغا شېئىرىمنى ئوقۇغىنىڭىزلەر ئۈچۈن تەشەككۈر بىلدۈرىمەن!