‹‹ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى››ھەققىدە ئۇچۇرلار
2009-يىلى 5-ماي كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ‹‹ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى››ئىلتىماس قىلىش سۆھبەت يېغىنى ئۆتكۇزۇلگەن بولۇپ،سۆھبەتكە ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنى تەشەببۇس قىلغۇچى ،ئۇيغۇر مەدەنىيەت-فولكلور تەتقىقاتچىلىرى (تەتقىقاتچى ھەم جامائەت ئەربابى –ئىمىن تۇرسۇن، ژۇرنالست ۋە ئۇيغۇر ئېدىئولوگىيە تەتقىقاتچىسى ئسلامجان شرىپ بەشكىرەمى ،دوكتۇر يىتەكچىسى ۋە ئۇيغۇرشۇناس ئالىم ئابدۇبەسر شۇكۇرى ،پابلىست يازغۇچى ۋە ئەدەبىيات پىراففىسورى ئابدۇقادىر جالالىدىن- ،دوكتۇر ،دوتسنېت ھەسەنجان ئابلىز،ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى،قۇتادغۇ بىلىك شۇناس ئالىم يار مۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق قاتارلىقلار )، ،سابىق فۇرقان شىركىتى دىرىكتورى (مۇھەممەد ئەمىن)،دەرمان شىركىتى دىرىكتور (ئابلاجان )ۋە ئىزچىلار شركىتى ۋەكىللىرى ،بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ۋە‹‹ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيتى›› پىدائىيلىرى قاتنىشىپ، دوپپا مەدەنىيتى بايرىمىنى ئۆتكۇزۈشنىڭ مىللى ھاياتىمىزدىكى ئەھمىيتى ۋە ئۇنى ئۆتكۇزۇش ئۇسۇلى ، تەشۋىقات چارىلىرى ھەققىدە قىزغىن سۆھبەتلەشكەن ئىدى .ئاپتونوم رايونلۇق غەيرى ماددى مەدەنيەت مىراسلىرىنى قوغداش تەتقىقات ئشىخانىسى ۋە شنجاڭ ئۇنىۋىرسېتىتى فىلولوگىيە ئىنۇستىتۇتىدىكى مۇناسۋەتلىك رەھبەر ۋە تەتقىقاتچىلار يوليورۇق بەرگەن ئىدى ۋە مەزكۇر پائالىيەت جۇڭگو مەركىزى خەلق رادىئو ئستانسسنىڭ جۇڭگوغا نەزەر پىروگىراممىسى ۋە شۇ چاغدىكى كۆپ قىسم ئۇيغۇرچە يىتەكچى تور بېكەتلەر ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسغا تارقىلىپ،ئۇيغۇر تاشقى كىملىكى ۋە مىللى مەدەنىيەتنىڭ ئۈزۈلمەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئۇشبۇ ئۇچۇردىن كۆپچىلىككە ئۈمىد ئىلىپ كەلگەنىدى.
‹ ئەل ئارسىدىكى ئىجتىمائى بايرام››تەسس قىلىش لايىھىسى ئاخىرقى باسقۇچقا كىرىپ ،رەسمى ھۆكۈمەت قارارىغا كىلىش ئالدىدا، 2009-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسى بىلەن پائالىيەت ۋاقتىنچە توختاپ قالدى.
تور ئۈزۈلگەن بولسمۇ ،ئەمما شنجاڭ تىلىۋىزىيە ئستانسسنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى باشتىن-ئاخىر ‹‹دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى››نى ئۆز پىروگىراممىلىرىدىكى مىللى ئەنئەنىگە بولغان يىقىنلىق ۋە ئۆزلىرى دوپپا كىيش بىلەن ،‹‹دوپپا مەدەنىيتى›› ھەققىدە مەخسۇس پىروگىرامما ئشلەش بىلەن قوللىدى.
ئومۇملۇق نەزەردە تۇتۇلۇپ،2010-يىلى دوپپا بايرىمى ئالدىدا ،دوپپا بايرىمى ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە ئايرىم پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلمىدى. دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى تەشۋىقات خىزمەتچىلىرى ۋە 2009-يىلىدىكى پائالىيەتتىن زەرەتلەنگەن ‹‹خالىس ئۇيغۇر مەدەنىيەت پىدائىيلىرى›› تۈرتكىسدە ئايرىم كارخانا،شەخس،مەكتەپ سۈپىتىدە تارقاق ئەمما كۆپلىگەن ئورۇنلار دوپپا مەدەنىيە بايرىمىنى تەبرىكلەشتى. ئۇيغۇر مەدەنىيەت پىدائىيلىرى گەرچە سانى ئاز بولسىمۇ،ساپ نىيتى ۋە ئىرادسى بىلەن ئىغىزچە تەشۋىقات،تور ماتېريالى يوللاپ بىرىش،قىسقا ئۇچۇر يوللاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن دوپپا بايرىمىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچىدى.ھەتتا باھاردىن باشلاپ سىنتەبىرگىچە قانداق سورۇن بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، بىشدىن تاشقى مىللى كىملىكىنى چۇشۇرمىگەن ،چەتئەل كۆرگەن،مىللىيەتنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان پىشقەدەم ۋە ياش دوسىتلىرىمىزمۇ بولدى. بىيجىڭدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنى تەنتەنىلىك ھالدا تەبرىكلەشتى.(بىيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستىتى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى كوللىكتېۋى)،ئانا يۇرتىمىزدا تور ئۈزۈلگەن چاغلاردا ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بىردىنبىر خۇشاللىق ۋە ئۈمىد يىلىنجىسى –ئۆزلىرىنىڭ مىللى كىملىكىنى تەشۋىق قىلىدىغان بىردىنبىر ئۇيغۇر مەدەنىيەت بايرىمى-دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى بولغانلىقىنى دوستلار ھاياجان ئىچىدە تىلغا ئىلىشتى،ئەسلەشتى. شنجاڭ مالىيە ئېقتسات ئۇنىۋېرسىتىتى سىنىپ كوللىكتىۋلىرى تەبرىكلەشتى.شنجاڭ قەشقەر توققۇزاق ناھىيە ئاۋات ئوتتۇرا مەكتىۋى پۈتۈن مەكتەپ كوللىكتىۋى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ھەممىسى دوپپا كىيشپ ،دوپپا بايرىمىنى ئەڭ مەنىلىك ھالدا تەبرىكلەشتى.ئۈرۈمچى گۈلقەقە ئارامگاھى بارلىق ئشچى-خىزمەتچىلىرى ،ئۈرۈمچى ئەزھەر تېخنىكا مەكتىۋى،ئۈرۈمچى ئنتىلىش تىخنىكا مەكتىۋى مەسئۇللىرى دوپپا بايرىمىنى ئۆزلۈكىدىن تەبرىكلەشتى.غۇلجا شەھىرىدە مەرىپەتپەرۋەر ئىلغار ياشلار دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنى ئۇيغۇر مەدەنىيتى ھەققىدە ئويلىنىش،مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ۋە كۈچلەندۈرۈش ھەققىدە مۇھاكىمە ئىلىپ بىرىش بىلەن تەبرىكلىدى.ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دوپپا كىيشىپ تەبرىكلەشتى ۋە ئۆزلۇكىدىن پائالىيەت ئۇيۇشتۇردى.يەنە نۇرغۇن ياشلىرىمىز،يىراقلاردىكى تۇغقانلىرىمىز،مۇساپىر-مۇھاجىر ۋەتەنداشلىرىمىز،بىز ئسمىنى تىلغا ئىلىپ بولالمايدىغان تور بېكەت ساھبلىرى ئاددى بولسىمۇ ئۆز تور بىكەتلىرىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە دوپپا بايرىمى ھەققىدە سۈرەتلىك تەشۋىقات ئىلانى ئشلەپ ئۆز مەدەنى تەۋەلىكىنى تەرغىپ قىلدى.شۇنى ھىس قىلدۇقكى، دەۋىرداشلىرىمىز ئۆز مەدەنىيەت كىملىكىنى تونۇش ۋە قوغداش زۆرۈرىيتىنى بارغانسرى ھىس قىلماقتا.
2011-يىلى دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى ئوخشاشلا شەخس،كارخانا،ئورۇن ساھەلەر بويىچە ئەل ئارا ئىجتىمائى ۋە ئىختىيارى بايرام شەكلىدە ئۆتكۇزۇلىدۇ.ھەممە كىشى ئۆز ئىختىيارى بويىچە ئۇيغۇر مەدەنىيتىگە ياتىدىغان،مىللى كىملىكىنى ،مىللى قىممەت قارشىنى ئىپادە قىلىدىغان خاسلىقلار بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.ئۇيغۇر ئەقىلدارلىرى داۋاملىق بۇ كۈننى ‹‹ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش كۈنى-يەنى ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى›› قىلىشقا قانۇنى كاپالەت ئىلىش ئۈچۈن تىرىشسا ،كەڭ جەمئىيەت ئۇنىڭ ئىجتىمائى ئاساسىنى ھازىرلاش ئۈچۈن تىرشش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
‹‹ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى تەييارلىق خىزمەت گۇرۇپپىسى››دىن ياسنجان مۇھەممەد
ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ ئەھمىيتى،دوپپا ھەققىدە يىزىلغان ئەسەرلەر مۇندەرىجىسى،چەتئەللەردىكى دوپپا مەدەنىيەت تەتقىقاتى،دوپپا بايرىمىغا ئائىت تەنقىدلەرگە جاۋاپ..قاتارلىق مەزمۇنلارنى بۇ يەردىن كۆرۇڭ.
http://www.pixiwa.com/docshare/plus/view.php?aid=526
‹‹ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى تەييارلىق خىزمەت گۇرۇپپىسى››دىن ياسنجان مۇھەممەد
مەركەز رادىئوسى ئاڭلىتىش پىروگىراممىسى چۇشۇرۇش ئادىرسى:
http://ishare.iask.sina.com.cn/f/7733072.html?from=like
بىيجىڭدىكى 2010-يىللىق ئوقۇغۇچىلار دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى پائالىيتى
بۇ يەرنى بېسىپ ،كۆرۈڭ
[ بۇ يازمىنىmedeniyet 2011-03-30 23:25قايتا تەھرىرلى ]