ئوغلۇنى ئىزدەش
قاتار -قاتار تىزىلغان جەڭچى بالىلار ،
ئوتلار يانغان جەڭ قوينىغا ئاتلانغانلار .
ئوق ، زەمبىرەك ئوتلىرىدىن ئۆتكەن چاغدا ،
جان جىگەرىم ئوغلانىمنى كۆردىڭلارمۇ ؟
قاتار - قاتار تىزىلغان جەڭچى بالىلار ،
قوللىرىغا قورال ئىلىپ ئاتلانغانلار .
زۇلۇم - زۇلمەت زەنجىرىنى ئۈزگەن چاغدا ،
جان جىگەرىم ئوغلانىمنى كۆردىڭلارمۇ ؟
قاتار - قاتار تىزىلغان جەڭچى بالىلار ،
باھادىرلىڭ مىدال ئاسقان قەھرىمانلار .
شىھىتلارنى كىپەن تىكىپ كۆمگەن چاغدا ،
جان جىگەرىم ئوغلانىمنى كۆردىڭلارمۇ ؟
ئەسىرلەردىن ھۆكۈم سۈرگەن قولدارلىقلار ،
ۋەتەن ، مىللەت قەھرىمانى پىدائىلار .
كۈرەش بىلەن ئازاتلىققا يەتكەن چاغدا ،
جان جىگەرىم ئوغلانىمنى كۆردىڭلارمۇ .
ئانا خىتى ۋە جەڭچىنىڭ جاۋاپ خىتى
ئاق قوزام ئاپپاق قوزام ،
نەلەردە قالدىڭ يالغۇزۇم .
شىرىن سۆزۈم ، شەربەت يۈزۈم ،
ئاللاغا تاپشۇردۇم سىنى .
خەت دىگەن يىرىم دىدار ،
يازغىن سالامىڭنى قوزام .
كۆكسى قارنىمنى قاندۇراي ،
ئاللاغا تاپشۇردۇم سىنى .
جاۋاپ خەت
ئانىجان يادىمدا بار ،
تىنماي ئازاپ تارتقانلىرىڭ .
كىچىلەردە ئۇخلىماي ،
ئاق سۈت بىرىپ باققانلىرىڭ .
ئون سەككىز ياشىمغىچە ،
شەرۋەت بىرىپ باققانلىرىڭ .
رازى بول جانىم ئانا ،
ئەمدى كۆرەلمەيسىز مىنى .
چۈنكى مەن دۈشمەن بىلەن ،
مەيداندا جەڭ قىلغان ئىدىم .
كۆپلىرىنى ئۆلتۈرۈپ ،
كۆكرەككە ئوق يىگەن ئىدىم .
يازغان ئىدىم ئۇشبۇ خەتنى ،
جان چىقار ۋاقتىدا .
ئۇشبۇ خەت بارغان زامان ،
پەريات ئۇرۇپ يىغلاڭ ئانا .
كۆپ يىغلىماڭ جانىم ئانا ،
ھەر قايدا باردۇ بۇ ئۆلۈم .
ئەپسۇسكى قالدى ئىچىلماي ،
ئون گۇلۇمدىن بىر گۈلۈم .
يىغلىما جانىم ئانا ،
مىراد تىپىپ ئۆلدۈم بۈگۈن .
ئاق سۈتۈڭنى ئاقلىدىم ،
شىھىت بولۇپ كۈلدۈم بۈگۈن .