باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3173 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: قەھرىمان بولىدىغان مايلامچى بالا
ئۆلۈم مۆئمىنلەر ئۈچۈن يىتەرلىك ۋەز-نەسىھەتتۇر.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6385
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 209
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە209دانە
ئۆسۈش: 870 %
مۇنبەر پۇلى: 2873 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-04
ئاخىرقى: 2012-03-20
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-28 21:47

قەھرىمان بولىدىغان مايلامچى بالا

   
قەھرىمان بولىدىغان مايلامچى بالا
 
    جېنىم بالام ،ئىڭىكىڭنى ئورۇق قوللىرىڭ بىلەن تىرىگەنچە ئۆتۈپ كېتىۋاتقان مىڭلىغان ئادەملەر توپىغا پەرۋاسىز قاراپ ئولتۇراتتىڭ .خۇدا ئۇستى-بېشىڭدەكلا بىچارە ئەمما ساددا ياراتقان قەلبىڭ مۇڭلۇق كۆزلىرىڭدىن جاھانغا ئۈمۈتسىز باقىدۇ.كەل مەنمۇ بىراۋ بىلەن ئولتۇرۇپ ئىچ-ئىچىمدىن مۇڭدىشىپ باقماپتىمەن ،بىز دىلداشتەك تۇرىمىز.جاھاننىڭ غەۋغالىرىنى بىر چەتكە تاشلاپ ھال-مۇڭ قىلايلى.تارتىنما مەنمۇ بىر چاغدا خۇددى سەندەكلا يۈرەكلىك بىرسى بىلەن مۇڭدىشالمايتتىم.....سەمىمى سۆھبەت كۆڭۈلنىڭ ھەسرىتىنى ئالىدۇ -جېنىم بالام.

 

سېنىڭ باشقىلارنىڭكىدەك كۆڭۈللۈك بالىلىق پەسلىڭنى كۆرۈپمۇ باقمايلا تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىگە كىرىپ كېتىپسەن..بىر ھېساپتا بۇمۇ سېنىڭ تەلىيىڭ. مۇشەقەتلىك بالىلىق سېنىڭ ئىرادەڭنى تاۋلايدۇ.ھاياتىدا قىيىنچىلىق ۋە مۇھتاجلىقنى بىلمەي ئۆتۈپ كەتكەندىنمۇ بىچارە ئادەم بولمايدۇ.

 

ئادەمگە پەقەت مۇھتاجلىق ۋە ھەسرەتلا ھاياتنىڭ ھەقىقى گۈزەللىگىنى ھېس قىلدۇرالايدۇ.شۇندىلا سېنىڭ روھىي دۇنيايىڭ باشقىلار ھېس قىلالمايدىغان ھايات ھېكمەتلىرىنى ھېس قىلالايدۇ.روھىي قۇۋۋەت پەقەت مۇششەقەت ۋە مۇھتاجلىق ئىچىدىلا ئۆسۈپ يېتىلەلەيدۇ.ئۇلار ئايرىلالمايدىغان قوش كېزەكلەردۇر.

 

ئەركەكتەك بول ..بەلكىم سەن تۇغۇلغاندا داداڭ بىلەن قوشۇلۇپ ئالەم تىترىگەندۇ..چۈنكى ئوغۇل تۇغۇلسا ئالەم سىلكىنەرمىش.مېنى ئۆزگەرتىدىغان ئەركەكتىن يەنە بىرسى تۇغۇلدى بولدى دەپ خوش بولىدىغاندۇ-ئېھتىمال..

 

جېنىم بالام ،ماڭا قارا؟! خىلۋەت تاغلاردىن سىرغىپ چىققان بۇلاق سۇلىرىنىڭ ئېدىر-جىلغىلارنى ،باياۋان-دەشتىلەرنى كېچىپ ئاخىرى ئۆزىگە ئوخشاش مىڭلىغان بۇلاق سۇلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ھەيۋەتلىك دەريالارغا ئايلىنىدىغىنىنى بىلمەمسەن ؟!

 

سېنىڭ ھازىرقى كەيپىياتىڭدا سېنى ئالداپ چۈشۈڭدەك بىلىنىدىغان خىيالىي گەپلەرنى قىلىپ بېرىۋاتقاندەك بىلىنىۋاتىمەن .بىراق بۈ چۈش ئەمەس.مەن ئەمەس بەلكى سەن ئۆزۈڭنى ئالداۋاتىسەن .سەن چۈشلىرىڭدە ئۇچۇپ باققانمۇ ؟-ھە-مانا دەل بۇ ئۇچۇشىڭ ئۇلۇغ خۇدانىڭ ساڭا چوقۇم ئۇچالايدىغانلىق توغرىسىدا بىشارەت بېرىۋاتقىنى .ئەگەر چوڭ بولغىچە ئۆزەڭنىڭ ئۇچالايدىغانلىقىغا ئىشەنمىسەڭ بۇنداق چۈشلەرنى ئەمدى كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالىسەن.شۇڭا سەنمۇ ئۇچالايدىغان چۈشلەرنى كۆرۈشكە تىرىش.

 

تاتلىق بالام ساڭا شۇنداق بىر ھېكايە ئېيتىپ بېرەي ،

 

بۇندىن كۆپ يىللار ئىلگىرى تۈرك دۇنياسىنىڭ قىرغاقلىرىدىن بولغان قومۇل دىگەن بىر يۇرتتا قىرچىماق غول دەيدىغان بىر تاغ ئارىسى بولۇپ،بۇ جاينى شۇ يۇرتتىكى نۇرغۇن ئەسكىلىكلەر قىلغان ھاشىر ئىسىملىك بىر ئادەم ئۆزىنىڭ چوماقچىلىرى بىلەن ئۇۋا قىلىۋالغان ئىكەن .شۇ دەۋىرلەردە موڭغۇللار تەڭرىتاغ بويلىرىدىكى قومۇل شۇنداقلا باشقا خوشنا يۇرتلارغا نۇرغۇن كۈلپەتلەرنى سېلىۋاتقان دەۋر بولسىمۇ بۇ قاراقچى ئۇلار بىلەن چاتىقى يوق ئۆز خەلقىنى بوزەك قىلىدىكەن،گاھىدا ئۇ ئەتراپتىكى خەلقلەرنى بۇلاپ كەلسە ،گاھىدا،خالىغانچە باسقۇنچىلىق ۋە ئادەم ئۆلتۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ بىر چۈش كۆرۈپتۇ.چۈشىدە ئۆلۈپ كەتكەن دادىسى غەزەپ بىلەن ئۇنىڭغا "ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئاجىز خەلقىنى بوزەك قىلغان نومۇسسىز،سەندىن خۇدالا ئەمەس جىمى ئالەم نومۇس قىلىدۇ .مېنىڭ سەندەك ئوغلۇم يوق..." دەپ تىللاۋاتقىدەك.چۈشىدىن چۆچۈپ ئويغانغان ھاشىر ئۆزىنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنى ئويلاپ نومۇستىن ھۆر-ھۆر يىغلاپتۇ .ۋە شۇندىن باشلاپ قىرچىماق غولدا تۆۋۋە-ئىبادەت بىلەن گۇناھلىرىنى خۇدادىن ۋە ئەل-يۇرتتىن تىلەشكە باشلاپتۇ.

 

بىراق ئۇنىڭ قىلغانلىرى كۆڭلىگە ئورناپ كەتكەن خوتۇنتام يېزىسىدىكىلەر ئۇنى كەچۈرمەپتۇ.ئۇلۇغ خۇدامۇ ئەل رازى بولمىغان بۇ ئادەمگە، بىرەر خەيرىلىك چۈش بۇيرىماپتۇ...شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ بىر ئىش بىلەن قومۇل شەھرىگە بېرىپتۇ.رەستىدە تۇرسا تۇيۇقسىز يىراقتىن بىر ئاتلىقنى يەنە بىر ئاتلىق قوغلىشىپ كېلىۋاتقۇدەك ، ئۇلار ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەندە كەينىدىكى ئاتلىق "ئاۋۇ يۇرت مۇناپىقىنى تۇتۇڭلار"دەپ توۋلاپتۇ.بۇنى ئاڭلىغان ھاشىرمۇ ئۇنى قوغلىشىپتۇ،ئۇلار ئىككەيلەن قاچقان مۇناپىقنى تۇتىۋالاي دىگەندە ھېلىقى مۇناپىق، ۋاڭ ئوردىسىغا قېچىپ كىرىپ كېتىپتۇ،ئەسلىدە قوغلاشقىنى شۇ ۋاقىتتىكى ئۆمەر باتۇر دىگەن ئادەم بولۇپ ،ئۇ ۋاڭغا"موڭغۇللارغا قارشى جازا يۈرۈش قىلايلى"دەپ تەكلىپ بەرگەندە بايىقى قېچىپ كەتكەن ۋەزىرى "بىز تەڭ كېلەلمەيمىز "دەپ سۈلھى قىلغان ئىكەن.ھاشىر ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ شۇ يەردىلا بۇ ئەزىمەتكە ئەگىشىپتۇ.....

 

ئۇ شۇ كېچىسى ئۇخلاپ شۇنداق چۈش كۆرۈپتۇ.ئاتىسى شۇنداق بىر بەختىيار ھالەتتە كۆزلىرىدىن ياشلار تۆكۈپ ئۇنىڭغا"جېنىم ئوغلۇم. ..مېنىڭ ئوغلۇم.سەن بۈگۈن بىر ۋەتەن خائىنىنى قوغلاشقانلىقىڭ سەۋەبى بىلەن ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئالدىدا بارلىق گۇناھلىرىڭ تۆكۈلۈپ ،ئەزىزلەر قاتارىدىن بولدۇڭ.سەندەك ئوغلۇمنىڭ ھۆرمىتىدىن مەنمۇ ئەزىزلەندىم.."دەۋاتقىدەك ،ھاشىر بۇ چۈشىدىن يەنە بىر قېتىم يىغلىغىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ خۇداغا كۆپ شۈكرىلەر ئېيتىپتۇ....كېيىن ئۇ موڭغۇللار بىلەن بولغان جەڭدە قۇربان بولۇپ ئۆمەر باتۇر بىلەن ئۆمۈر تاغلىرى باغرىدىكى بىر جايغا دەپتە قىلىنىپتۇ.كېيىنكىلەر ئۇلارغا ئاتاپ نۇرغۇن مەرسىيەلەرنى توقۇپتۇ......

 

ئاڭلىدىڭمۇ ؟! جېنىم بالام سەندە باشقا پەزىلەتلەر بولمىسىمۇ ئەمما ۋەتەن سۆيۈش پەزىلىتى بولمىسا ھەتتا خۇدامۇ كەچۈرمەيدۇ.ئۆزىنى دانا سانىۋالغانلار ئادىمىلىك ئەخلاق توغرىسىدا جىق گەپ ساتىدۇ.ئۇلارغا "يول بولسۇن ئالىجاناپلار"دەپ قوي ئەمما ۋەتەننى بىرمىنۇتمۇ ئېسىڭدىن چىقارما.

 

ئوغلۇم ھۆرمەتكە سازاۋەر ئالىجاناپلار قەھرىمان بولالمايدۇ..ئەگەر شۇنداق بولسا بايانداي قەلئەسىنى يۇرتنىڭ كاتتا ئۆلىمالىرى ،مۆتىۋەرلىرى ئالماي بىر جەمىيەتنىڭ لۈكچىگى ..قاڭرۇق ئاتالغان سادىر دىگەن ئوغرىسى ئالامتى. تىلىمىزدا بۈگۈنگىچە پەقەت سادىرلا پالۋان دەپ ماختىلامتى...

 

ئوغلۇم ،قەھرىمان تۇغۇلىشىدىنلا ھۆرمەتلىك ئائىلىدە ،ئىززەتلىك مۇھىتتا چوڭ بولمايدۇ.ئۇمۇ خۇددى ساڭا ئۆخشاشلا پېقىرانە تۇرمۇشتا چوڭ بولىدۇ،ئاچ قالىدۇ،ئۇرۇلۇپ-سوقۇلىدۇ. مۇشۇ جەريانلا ھەقىقى ئەزىمەتلەرنى تاۋلاپ چىقىدۇ.

 

سەن مەمەت ئاۋاقنى بىلەمسەن..ئۇ بىر نامرات تۇل خوتۇننىڭ ئورۇقلىقىدىن ئۇستىخىنى كۆرۈنگىدەك ئارزۇلۇق ئوغلى...بىراق قەھرىمانسىراپ كەتكەن دەۋر..بۇ بىچارە مەمەتنى قەھرىمان بولۇشقا مەجبۇرلىدى...قەھرىمان بولۇش ئۈچۈن ..نوپۇز كەتمەيدىكەن..شۇنداقلا بايلىق شۆھرەتمۇ كەتمەيدىكەن..ئەڭ مۇھىمى، نىمە ئۈچۈن؟! دەيدىغان بىر ئوتلۇق يۈرەك كېتىدىكەن .ئۇنداق بولمىسا مەمەتتەك كىچىككىنە بىر ئاۋاق بالا ،تورۇس تاغلىرىنى تىترەتكەن ئۇلۇغ قەھرىمان بولالمايتتى.ئاناۋارزا تۈزلەڭلىكلىرىدىكى داڭلىق قاراقچى بولالمايتتى.تۇلپارىنى چاپتۇرۇپ ئەسكى ئادەملەرگە دەھشەت سالمايتتى.

 

بۇنىڭدىن كۆپ يىللار ئىلگىرى بىر ياغاچچى ئۇستام قومۇللۇقلارنى باشلاپ ئىنقىلاپ قىلغان ئىدى،ھەممەيلەن ئۇنى تۆمۈر خەلپەم دەپ ئاتىشاتتى .خەلپەم دىگەننىڭ مەنىسىنى بىلەمسەن .ئۇنداق دىگىنى بىزنىڭ يولباشچىمىز دىيىشكىنى ،ئەمەلىيەتتە شۇ ۋاقىتتا قومۇلدا نۇرغۇن ئۆلىمالار خەلپەم بولۇشقا يارىمامتى ؟! ئەلۋەتتە ئۇلار يارايتتى .ئەمما قەھرىمان بولۇشقا يارىمايتتى.ئۇلار ئۇزۇنراق ياشاپ ،يۇمشاق يەپ ،خاتىرجەم كۈن كۆرۈشنى ئىزدەيتتى.پەقەت ئۆزىلا جەننەتتە ياشاشنى ئارزۇ قىلاتتى...

 

بالام ھاياتتا نىمە كۈن كېلىشىدىن قەتئى نەزەر قايغۇرما ،تەغدىرىڭگە ئېچىنىدىغان ئەخمەقلىقنى قىلىپ سالما .خۇدا پەقەت ئۆزىگە ئىشىنىدىغان باتۇر ئادەملەرنىلا ياخشى كۆرىدۇ.قورقۇنچاقلار مەڭگۈ خۇدانىڭ ئالى رەخمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ.ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنى چىرايلىق جۇملىلەر بىلەن ئاقلاشقا تىرىشىدۇ.

 

بۇنىڭدىن نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى بىزنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىزغا يىراقتىن باسقۇنچى دۈشمەن كەپتۇ .شۇ چاغدا كۈچلۈك دۈشمەنگە قانداق قارشى تۇرۇشقا بېشى قېتىۋاتقان خەلق ئىچىدىن شىراق دەيدىغان بىر پادىچى چىقىپ يۇرت ئۈچۈن ئۆزى دۈشمەننى يالغۇز يوقىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ-ۋە ئەل بىلەن خوشلىشىپ كېتىپتۇ.كېيىن يۇرت خەلقى ئۇنىڭ دۈشمەنگە يالغان ئېيتىپ ،يول باشلىغۇچى بولىۋېلىپ ،قاقىرام ئىسسىقتىكى قۇملۇققا يول باشلاپ ئۇسسۇزلۇقتىن قىرىۋەتكەنلىگىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆز يېشى بىلەن دۇئالار قىلىپتۇ.

 

ئوغلۇم دىققەت قىل ! شىراق يۇرت ئۈچۈن دۈشمەنگە يالغان ئېيتىپتۇ . بۈگۈنكى كۈندە ئەرزىمەس شۆھرەت ۋە سېسىق جېنى ئۈچۈن يۈرت خەلقىگە يالغان ئېيتىپ قەھرىمان بولىۋالىدىغانلارمۇ بار.بۇلار سېنى ھاياجانلاندۇرۇشقا تولىمۇ ماھىر .ئۇلار خامىليون دىگەن جانىۋاردەك رەڭ ئۆزگەرتىشكە ئامراق .تەقۋادارنى كۆرسە ئىسلامچى ،يەرلىكلەرنى كۆرسە مىللەتچى بولۇپ ساددا خەلىقنى ئالدايدۇ.ئەمما ھالقىلىق ۋاقىتتا ھەممىنى ساتىدۇ.

 

ئوغلۇم ۋەتەننى سۆيۈش ئۈچۈن دېپلوم كەتمەيدۇ .ئۇنىڭغا ئابرويلۇق بولۇش كەتمەيدۇ.ۋە ياكى پۇلدار بولۇشمۇ كەتمەيدۇ ،مېنىڭ ھېكايىلىرىمدىن بۇنى بىلگەنسەن .ۋەتەنگە پەقەت بىر سادىق يۈرەكلا كېتىدۇ.

 

ئەركەك ئوغلۇم .كوڭلىڭ پاراكەندە بولغاندا ...ئىگىز ئاسمانغا قار ،كۆزۇڭنىڭ ئاخىرقى قۇۋۋەتلىرىمۇ يېتىپ بارالمايدىغان چەكسىزلىك سېنى مەستانە قىلىۋالىدۇ...

 

پەيغەمبىرىمىزمۇ كۆڭلىنىڭ ئۇلۇغ ئىگىسىنى شۇ جايلاردىن تاپقان.

 

ئىگىز تاغلارنىڭ بەستى ساڭا ئۇلۇغلۇقنىڭ نىمىلىگىنى بىلدۈرسە،چەكسىز بوشلۇقنى كۆرگەن قەلبىڭ تېخىمۇ كېڭىيىدۇ. كۈندە خېرىدارغا تەلمۈرۈپ شەھەرنىڭ شاۋقۇنىدا يىگىلەپ كېتىۋاتقان كوڭلۈڭنى سۇغۇرۇپ ،ئۆلۈپ كېتىشتىن ساقلاپ قالىدۇ.

 

ساڭا مۇشكۈلاتلار ئىچىدىمۇ ۋايسىماي لەۋلىرىڭنى مەھكەم يۇمۇپ ياشاشنى ئۈگىتىدۇ.

 

لەۋلىرىنى مەھكەم يۇمۇپ ،بارلىق كەلگۈلىكلەرگە مەردانە يۈزلىنەلىگەن سەندەك تۈرك پۇشتى ئاياق چوتكىسىنى قولۇڭدا تۇتۇپ تۇرغان بولساڭمۇ ،قېنىڭدىكى مىڭ يىلدىمۇ سوۋۇماس ئوت سېنى گۈزەل كەلگۈسىگە چاقىرىدۇ.....

 

باشقا ئىرىقلار خەلقارا سەھنىلەردە كىچىككىنە كۆكرەكلىرىنى كېرىپ يۈرگەندە چوقۇم بىر كۈنلەردە سېنىڭمۇ كەڭ كۆرەكلىرىنى مەردانە تۇتۇپ يۈرەلەيدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن.

 

سېنىڭمۇ ھەر-خىل ئىرىقتىكى باھادىرلاردەك يېشىل چىملىقلاردا بوراندەك ئۇچۇپ، ۋەتەن شەرىپى ئۈچۈن جاسارەت كۆرسىتىدىغىنىڭغا ئىشىمەن .ھازىرچە سېنىڭغا پۇرسەت يوق .ئەمما سەن تەڭرىتاغ بويلىرىدىن چىقىپ بۇ پۈرسەتنى چوقۇم يارىتىسەن.چۈنكى سېنىڭ ئەجدادىڭ ھەقىقى مەردانە مەيداندا يېڭىلگەن ئەمەس.

 

سەن ئاياق چوتكىسىنى تۇتۇپ مۇڭلىنىپ ئولتۇرغان چېغىڭدا ،سېنىڭمۇ بىر ۋەتىنىڭ بارلىقىنى ئۇنۇتما .ۋەتەن دىمەك ئۇ سېنىڭ تېغىڭ ،ئۇ سېنى يولەيدۇ. دۇنيادا ھېچنىمەڭ قالمىغان يىتىم بولساڭمۇ ۋەتەن سېنىڭ يېشىڭنى سۈرتىدۇ.

 

ۋەتەن دىمەك ئاجىز بىر مەزلۇم .ئۇ سېنىڭ ياردىمىڭگە مۇھتاج .ئوغلۇم سەن دەپ باقە ؟! بۇ ۋەتەننىڭ سېنىڭدىن باشقا نىمىسىمۇ بار ؟!

 

ئۇنىڭ سەندەك بەخىتسىز بىر مايلامچى ئوغلىلا بار ،ئۇنى پەقەت سەنلا قۇتقۇزالايسەن ؟! .

 

چۈنكى ، ۋەتەن ---سېنىڭ داداڭ ئۇ سېنىڭ ئاپاڭ. ئاتا-ئاناڭ ساڭىلا خاس بولغاندەك، ۋەتەنمۇ بىزگىلا خاس.

 

ئۇنى باشقىلار دادا دىيىشنى خالىمايدۇ. ئۇنى ياتلار ئاپا دىيىشنى تېخىمۇ خالىمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى باشقا .

 

شۇڭا سەن بىلەن مەنلا يىغلاپ تۇرۇپ مۇھەببەت بىلەن " ئانا ۋەتەن " دەيمىز .

 

ئابدۇرېھىم ئابلەتخاننىڭ يازمىىسى.
كۇز بەزىدە سوزلەيدۇ،ئېغىز سۇزلىيھلمىگەن چىنلىكنى،ئەمما يىتەلمەيدۇ يۇرەكتىكى چىنلىققا.
دوستلىشىش
تاھىربەگ
يا بولغۇنۇڭ كەبى كۆرۈن، يا كۆرۈنگىنىڭ كەبى بول
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2837
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2837دانە
ئۆسۈش: 5890 %
مۇنبەر پۇلى: 34646 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-09-04

ئاجىيىپ ئىسىل يازما دە بۇ ....  ئابدۇرىھىم ئابلەتخان ئاكا ھازىر يازمايۋاتامدۇ نىمە ؟ بىلوگىدىمۇ يىڭى مەزمۇن يوق ....  
مەمەت ئاۋاق رومانىنىڭ پ د ف نۇسخىسى كىمدە بار ؟
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
ئويلانماقتىمەن...
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 475
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 822
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە822دانە
ئۆسۈش: 1923 %
مۇنبەر پۇلى: 9606 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2012-09-10
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-28 22:24

مەندە مەمەت ئاۋاق رومانىنىڭ 1985 - يىلى نەشىر قىلىنغان باسما نۇسخىسى بار. ( كۇتۇپخانىدىن ئارىيەت ئالغان)
ئابدۇرېھىم ئابلەتخاننىڭ مەمەت ئاۋاق رومانىدىن ئالغان تەسىراتى مىسرانىمغا يوللانغانىدى.
بۇ ماقالىمۇ ھەقىقەتەن ئېسىل.  
تەپەككۇر _ ئېسىل نېئمەتتۇر!
دوستلىشىش
samanyoli
،،،،،،،،،،،،؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1942
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1942دانە
ئۆسۈش: 8610 %
مۇنبەر پۇلى: 26202 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-09-10
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-28 22:42

راستلا ياخشى ئەسەر ئىكەن ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
ئۆلۈم مۆئمىنلەر ئۈچۈن يىتەرلىك ۋەز-نەسىھەتتۇر.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6385
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 209
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە209دانە
ئۆسۈش: 870 %
مۇنبەر پۇلى: 2873 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-04
ئاخىرقى: 2012-03-20
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-28 23:16

       ئابدۇرېھىم ئاكا ئەسىرىڭىز ئارقىلىق سىز بىلەن تۇنۇشقانلىقىمدىن شۇنداق خۇشالمەن،يوقاپ كەتمەي پات-پات مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەر بىلەن تەمىن ئېتىپ تۇرۇڭ،اللە باسقان قەدەملىرىڭىزنى خەيرلىك قىلسۇن،بۇ ئەسەرنى كۆرگەندىن كېيىن ئككى ئېغىز گەپ قىلشنى ئۇنتۇپ قالماڭ-ھە ئاكا..
كۇز بەزىدە سوزلەيدۇ،ئېغىز سۇزلىيھلمىگەن چىنلىكنى،ئەمما يىتەلمەيدۇ يۇرەكتىكى چىنلىققا.
دوستلىشىش
ئا.ئابلەتخان
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6792
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 4
ئومۇمىي يازما: 10
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە10دانە
ئۆسۈش: 320 %
مۇنبەر پۇلى: 380 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-28
ئاخىرقى: 2012-08-14
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-28 23:39

دوقمۇشتا بىر مايلامچى بالا بىلەن يەنە بىر ئورۇق ئاۋارە ئادەم پاراڭلىشىپ تۇرسا، كىم ئويلىغان دەيسىز.  شۇنداقمۇ بىر مۇڭدىشىپتۇ. باشقىلار بەلكىم باھا تالىشىۋاتقان ئوخشايدۇ، دەپ قالغاندۇ-ھە
ھايات بىر مەيدان_دۇئېل
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 492
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 109
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە109دانە
ئۆسۈش: 301 %
مۇنبەر پۇلى: 1257 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-01
ئاخىرقى: 2011-05-23
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-29 08:59

جاپا چېكىپسىز،رەھمەت سىزگە !
ئاقVS قارا
ئەقىللىق ئادەمنىڭ ھەر بىر كۇنى يىڭى بىر ھايات...
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 418
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 280
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە280دانە
ئۆسۈش: 1280 %
مۇنبەر پۇلى: 3747 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-25
ئاخىرقى: 2012-06-19
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-29 12:46

ياخشى ئەسەر ئىكەن ...
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6718
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 131
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە131دانە
ئۆسۈش: 20 %
مۇنبەر پۇلى: 1381 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-25
ئاخىرقى: 2012-06-25
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-29 12:53

ھاھاھا...ئۇرۇق ئادەم بىلەن مايلامچى بالا باھا تالىشىۋاتقان ئۇخشايدۇ دەڭ ....باشقىلار غەپلەت ئۇيقىسىدىن ئويغىنىۋاتىدۇ ۋە ئويغاندى ،ئەپسوس ئۇخلاۋاتقانلارمۇ كوپ ئىكەن..مەن بۇ يازمىنى بەكمۇ ياختۇردۇم.بەكمۇ ياختۇردۇم...ۋەتەن شۇ مايلامچى بالىنىڭلا ۋەتىنى ئەمەس ھەممىمىزنىڭ ۋەتىنى...ئۇيقۇ بەكمۇ تاتلىقتۇر .ئۇخلىمايلى.ئويغىنايلى..ھەممىمىزنىڭ  ئۇيقۇدىن ئويغىنىشىنى ئاللا دىن تىلەيمەن.
ئۆلۈم مۆئمىنلەر ئۈچۈن يىتەرلىك ۋەز-نەسىھەتتۇر.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6385
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 209
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە209دانە
ئۆسۈش: 870 %
مۇنبەر پۇلى: 2873 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-04
ئاخىرقى: 2012-03-20
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-29 19:02

          ئادەم ئۈچۈن تەپەككۇر ئنتايىن مۇھىم،نۇرغۇن كىشلەر بۇ ئەسەرنى پەقەت ئوقۇپ قۇيۇش بىلەنلا كۇپايىنىلىدۇ،ئەگەر ئازراق تەپەككۇر قىلالىسا ئدى،ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ تۇرۇمۇشىنىڭ ئەھمىيىتى بولغان ئدى.
كۇز بەزىدە سوزلەيدۇ،ئېغىز سۇزلىيھلمىگەن چىنلىكنى،ئەمما يىتەلمەيدۇ يۇرەكتىكى چىنلىققا.