باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 18701 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئەڭ پاكىز نەرسە بىلەن ئەڭ مەينەت نەرسە
شاتتاي
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 364
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 189
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە189دانە
ئۆسۈش: 2191 %
مۇنبەر پۇلى: 3307 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-21
ئاخىرقى: 2012-09-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-26 21:41

ئەڭ پاكىز نەرسە بىلەن ئەڭ مەينەت نەرسە

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-03-26)
ئەڭ پاكىز نەرسە بىلەن ئەڭ مەينەت نەرسە
     ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ئەزىز قېرىنداشلار، شۇنداق بىر ھېكايىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنغۇم كېلىپ قالدى. بۇ ھىكايە بەكمۇ مەزمۇنلۇق بولۇپ، ھەرقانداق بىر كىشىنى ئويغا سالماي قالمايدۇ، ئەلۋەتتە دەسلىپىدە مەنمۇ ئوقۇغان ۋاقتىمدا شۇنداق ئويلىنىپ قالدىم ھەمدە ئۆزۈمنى شۇ ئىككى ئەزايىمدىن ئىبارەت بۇ نېمەتكە قانداق قارىدىم، ئۇنى پاك تۇتالىدىممۇ يوق ھەم ئەتراپىمدىكىلەرگە شۇ نېمەتلەرنى ئاسراشىنى، پاك تۇتۇشىنى تەۋسىيە قىلالىدىممۇ يوق دىگەنلەرنى ئويلىدىم. مانا بۈگۈن سىلەر بىلەن تۈنجى بولۇپ پىكىرلىشىشنى مەقسەت قىلىپ شۇ ھىكايەمنى سىلەرگە سۇنماقچى بولدۇم.
ھىكايەمنى مىھرىبان ۋە شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن.
ياغاچچى بىلەن پادىشاھ

بۇرۇنقى زاماندا بىر ياغاچچى كىشى بولغان ئىكەن، ئۇ كىشى نامرات بولسىمۇ، ئەمما ناھايىتى بىلىملىك،كەڭ قورساق، ئاق كۆڭۈل كىشى ئىكەن. ئۇ ھەر دائىم ئوغلىغا مۇنداق نەسىھەت قىلىدىكەن:
-ئوغلۇم، بىرىنچى بولۇپ ئۆزۈڭنى ياراتقان ئىگەڭنى تۇنۇغىن، ئۇنى ھەر قانداق چاغدا ئەسلىسەڭ، ئۇ يېنىڭدا ھازىر بولىدۇ. مەيلى سەن قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان بولغىن، مەيلى سەن كەمبەغەل بولۇپ كەتكىن ياكى سەن ناھايىتى خاتىرجەم تۇرمۇشتا بولغىن، سەن ئۇنىڭغا ئاسىي بولمىساڭلا، سەن ئۇنى تاشلاپ قويمىساڭلا، ئۇ سېنى ھەرگىز تاشلاپ قويمايدۇ، سېنى خار قىلمايدۇ.
ئىككىنچى بولۇپ ئاتا-ئاناڭنى قاخشاتقۇچىلاردىن بولما، ئاتا- ئاناڭغا ياخشىلىق قىلغىن، ئۇلار ياشىنىپ قالغاندىمۇ ئۇلارغا مېھرىبانلىق قىل، كۈيۈنگىن، ئۇلارنىڭ دۇئاسى ساڭا تاغدەك يۆلەك بولىدۇ.
ئۈچىنچى بولۇپ سەن گەرچە نامرات بولساڭمۇ، ئۆزەڭدىنمۇ نامراتلارغا ياخشىلىق قىلغىن، چۈنكى سېنىڭ قولۇڭدىكى نەرسە ھەرگىزمۇ سېنىڭ ئەمەس. سەن ساڭا بېرىلگەن نېمەتلىرىڭگە شۈكرى قىلغۇچىلاردىن بول،-دەپ تەربىيە قىلىدىكەن.
بىر كۈنى بۇ كىشى ئىش قىلىپ ئولتۇرسا، ئويىگە بىر كىشى كېلىپ پادىشاھنىڭ ئەمرىنى ئېيتىپ، ئوردىغا ئېلىپ مېڭىپتۇ. ياغاچچى ئوردىغا كەلگەندىن كېيىن، پادىشاھ ئۇ كىشىگە بىر توخونى بېرىپ، ئۇنى سويۇپ بېرىشكە بۇيرۇپتۇ ھەمدە :
_ بۇ توخونى سويۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ پاك، يەنى ئەڭ پاكىز ئەزاسىنى ماڭا ئېلىپ بەر!-دەپتۇ.
ياغاچچى توخونى سويۇپ گەپ قىلمايلا پادىشاھقا توخونىڭ يۇرىكى بىلەن تىلىنى ئېلىپ بېرىپتۇ-دە، ئۆيىگە قايتىپتۇ. يەنە بىر قانچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، پادىشاھ ياغاچچىنى يەنە ئوردىغا چاقىرتىپ توخۇ سويۇشقا بۇيرۇپ:
-بۇ قېتىم ماڭا توخونىڭ ئەڭ مەينەت ئەزاسىنى كېسىپ ئېلىپ بەرگىن،-دەپتۇ.
ياغاچچى توخونى سويۇپ بولۇپ يەنە گەپ قىلماستىن، توخونىڭ يۈرىكى بىلەن تىلىنى ئېلىپ پادىشاھقا بېرىپتۇ. پادىشاھ ھەيران قېلىپ سوراپتۇ:
-ھەي ياغاچچى، ئۆتكەندە توخونىڭ ئەڭ پاك ئەزاسىنى ئېلىپ بەرگىن دىسەم، يۈرىكى بىلەن تىلىنى بەرگەن ئىدىڭ، بۇ قېتىم ئەڭ مەينەت يېرىنى ئېلىپ بەر دىسەم، يەنىلا يۈرىكى بىلەن تىلىنى ئېلىپ بەردىڭ، بۇ نېمە ئۈچۈن؟
ياغاچچى پادىشاھقا جاۋابەن:
- ئەي شاھىم، مەن بىر ئاددى ياغاچچى، سىلى دېگەن بىر پادىشاھ، مەن سىلىنىڭ بۇيرۇقلىرى بويىچە قىلىپ بەردىم. چۈنكى ئېغىزدىن ھەر قانداق نەرسە كىرىدۇ-دە، ئۇ يۈرەكنى بۇلغايدۇ. ئەگەر ئاغزىمىزنى، تىلىمىزنى پاك تۇتساك، ھالال-ھارامنى ئايرىپ يېسەك ، ئۇ چاغدا يۇرىكىمىزمۇ پاك تۇرىدۇ. شۇڭا مەن سىلىگە مۇشۇ ئىككى ئەزانى ئېلىپ بەردىم،- دەپ ئۆيىگە كېتىپ قاپتۇ.
دېمەك، بۇ ھىكايىدىن شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدىكىن، ئىنسان ئۆز نەپسىنى پاك تۇتۇشى، يېگەندىمۇ، ئىچكەندىمۇ، سۆزلىگەندىمۇ ناھايىتى قاتتىق دىققەت قىلىش كېرەكلىكى، ئۆز كۆڭۈل خاھىشىغا بېرىلىپلا، قىلغۇم بار ئىدى، ئەتكۈم بار ئىدى، يېگۈم بار ئىدى، ئىچكۈم بار ئىدى، كىم كۆرۈپتۇ مېنى دېگەندەك ئۆز مەيلىمىز بويىچە ئىش قىلمايلى، شۇنداقلا ھەم پەرزەنتلىرىمىزگە ئىگە بولۇپ، ئۇلارغا گۈزەل ئەخلاقنى، پاكىزلىقنى كىچىكىدىن باشلاپ ئۈگىتەيلى.
رەسۇلۇللا سەلەللاھۇ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىنساندا بىر پارچە گۆش بار، ئۇ بۇزۇلسا پۇتۇن بەدەن بۇزۇلىدۇ، ئۇ تۇزەلسە پۈتۈن بەدەن تۈزۈلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ يۈرەك.
ئەبى مالىك ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەلەللاھۇ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر.
بۇ يەردىكى پاكىزلىق پەقەت، تاشقى قىياپەتتىكى پاكىزلىقنىلا كۆزدە تۇتمايدۇ، بەلكى ئۇ ھەممە جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەنبە :ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى

باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+2(تاھىر) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • alaneng kudertega exenman