查看完整版本: [-- ئەڭ پاكىز نەرسە بىلەن ئەڭ مەينەت نەرسە --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> تاغدىن-باغدىن -> ئەڭ پاكىز نەرسە بىلەن ئەڭ مەينەت نەرسە [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

banda 2011-03-26 21:41
ئەڭ پاكىز نەرسە بىلەن ئەڭ مەينەت نەرسە
     ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ئەزىز قېرىنداشلار، شۇنداق بىر ھېكايىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنغۇم كېلىپ قالدى. بۇ ھىكايە بەكمۇ مەزمۇنلۇق بولۇپ، ھەرقانداق بىر كىشىنى ئويغا سالماي قالمايدۇ، ئەلۋەتتە دەسلىپىدە مەنمۇ ئوقۇغان ۋاقتىمدا شۇنداق ئويلىنىپ قالدىم ھەمدە ئۆزۈمنى شۇ ئىككى ئەزايىمدىن ئىبارەت بۇ نېمەتكە قانداق قارىدىم، ئۇنى پاك تۇتالىدىممۇ يوق ھەم ئەتراپىمدىكىلەرگە شۇ نېمەتلەرنى ئاسراشىنى، پاك تۇتۇشىنى تەۋسىيە قىلالىدىممۇ يوق دىگەنلەرنى ئويلىدىم. مانا بۈگۈن سىلەر بىلەن تۈنجى بولۇپ پىكىرلىشىشنى مەقسەت قىلىپ شۇ ھىكايەمنى سىلەرگە سۇنماقچى بولدۇم.
ھىكايەمنى مىھرىبان ۋە شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن.
ياغاچچى بىلەن پادىشاھ

بۇرۇنقى زاماندا بىر ياغاچچى كىشى بولغان ئىكەن، ئۇ كىشى نامرات بولسىمۇ، ئەمما ناھايىتى بىلىملىك،كەڭ قورساق، ئاق كۆڭۈل كىشى ئىكەن. ئۇ ھەر دائىم ئوغلىغا مۇنداق نەسىھەت قىلىدىكەن:
-ئوغلۇم، بىرىنچى بولۇپ ئۆزۈڭنى ياراتقان ئىگەڭنى تۇنۇغىن، ئۇنى ھەر قانداق چاغدا ئەسلىسەڭ، ئۇ يېنىڭدا ھازىر بولىدۇ. مەيلى سەن قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان بولغىن، مەيلى سەن كەمبەغەل بولۇپ كەتكىن ياكى سەن ناھايىتى خاتىرجەم تۇرمۇشتا بولغىن، سەن ئۇنىڭغا ئاسىي بولمىساڭلا، سەن ئۇنى تاشلاپ قويمىساڭلا، ئۇ سېنى ھەرگىز تاشلاپ قويمايدۇ، سېنى خار قىلمايدۇ.
ئىككىنچى بولۇپ ئاتا-ئاناڭنى قاخشاتقۇچىلاردىن بولما، ئاتا- ئاناڭغا ياخشىلىق قىلغىن، ئۇلار ياشىنىپ قالغاندىمۇ ئۇلارغا مېھرىبانلىق قىل، كۈيۈنگىن، ئۇلارنىڭ دۇئاسى ساڭا تاغدەك يۆلەك بولىدۇ.
ئۈچىنچى بولۇپ سەن گەرچە نامرات بولساڭمۇ، ئۆزەڭدىنمۇ نامراتلارغا ياخشىلىق قىلغىن، چۈنكى سېنىڭ قولۇڭدىكى نەرسە ھەرگىزمۇ سېنىڭ ئەمەس. سەن ساڭا بېرىلگەن نېمەتلىرىڭگە شۈكرى قىلغۇچىلاردىن بول،-دەپ تەربىيە قىلىدىكەن.
بىر كۈنى بۇ كىشى ئىش قىلىپ ئولتۇرسا، ئويىگە بىر كىشى كېلىپ پادىشاھنىڭ ئەمرىنى ئېيتىپ، ئوردىغا ئېلىپ مېڭىپتۇ. ياغاچچى ئوردىغا كەلگەندىن كېيىن، پادىشاھ ئۇ كىشىگە بىر توخونى بېرىپ، ئۇنى سويۇپ بېرىشكە بۇيرۇپتۇ ھەمدە :
_ بۇ توخونى سويۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ پاك، يەنى ئەڭ پاكىز ئەزاسىنى ماڭا ئېلىپ بەر!-دەپتۇ.
ياغاچچى توخونى سويۇپ گەپ قىلمايلا پادىشاھقا توخونىڭ يۇرىكى بىلەن تىلىنى ئېلىپ بېرىپتۇ-دە، ئۆيىگە قايتىپتۇ. يەنە بىر قانچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، پادىشاھ ياغاچچىنى يەنە ئوردىغا چاقىرتىپ توخۇ سويۇشقا بۇيرۇپ:
-بۇ قېتىم ماڭا توخونىڭ ئەڭ مەينەت ئەزاسىنى كېسىپ ئېلىپ بەرگىن،-دەپتۇ.
ياغاچچى توخونى سويۇپ بولۇپ يەنە گەپ قىلماستىن، توخونىڭ يۈرىكى بىلەن تىلىنى ئېلىپ پادىشاھقا بېرىپتۇ. پادىشاھ ھەيران قېلىپ سوراپتۇ:
-ھەي ياغاچچى، ئۆتكەندە توخونىڭ ئەڭ پاك ئەزاسىنى ئېلىپ بەرگىن دىسەم، يۈرىكى بىلەن تىلىنى بەرگەن ئىدىڭ، بۇ قېتىم ئەڭ مەينەت يېرىنى ئېلىپ بەر دىسەم، يەنىلا يۈرىكى بىلەن تىلىنى ئېلىپ بەردىڭ، بۇ نېمە ئۈچۈن؟
ياغاچچى پادىشاھقا جاۋابەن:
- ئەي شاھىم، مەن بىر ئاددى ياغاچچى، سىلى دېگەن بىر پادىشاھ، مەن سىلىنىڭ بۇيرۇقلىرى بويىچە قىلىپ بەردىم. چۈنكى ئېغىزدىن ھەر قانداق نەرسە كىرىدۇ-دە، ئۇ يۈرەكنى بۇلغايدۇ. ئەگەر ئاغزىمىزنى، تىلىمىزنى پاك تۇتساك، ھالال-ھارامنى ئايرىپ يېسەك ، ئۇ چاغدا يۇرىكىمىزمۇ پاك تۇرىدۇ. شۇڭا مەن سىلىگە مۇشۇ ئىككى ئەزانى ئېلىپ بەردىم،- دەپ ئۆيىگە كېتىپ قاپتۇ.
دېمەك، بۇ ھىكايىدىن شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدىكىن، ئىنسان ئۆز نەپسىنى پاك تۇتۇشى، يېگەندىمۇ، ئىچكەندىمۇ، سۆزلىگەندىمۇ ناھايىتى قاتتىق دىققەت قىلىش كېرەكلىكى، ئۆز كۆڭۈل خاھىشىغا بېرىلىپلا، قىلغۇم بار ئىدى، ئەتكۈم بار ئىدى، يېگۈم بار ئىدى، ئىچكۈم بار ئىدى، كىم كۆرۈپتۇ مېنى دېگەندەك ئۆز مەيلىمىز بويىچە ئىش قىلمايلى، شۇنداقلا ھەم پەرزەنتلىرىمىزگە ئىگە بولۇپ، ئۇلارغا گۈزەل ئەخلاقنى، پاكىزلىقنى كىچىكىدىن باشلاپ ئۈگىتەيلى.
رەسۇلۇللا سەلەللاھۇ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىنساندا بىر پارچە گۆش بار، ئۇ بۇزۇلسا پۇتۇن بەدەن بۇزۇلىدۇ، ئۇ تۇزەلسە پۈتۈن بەدەن تۈزۈلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ يۈرەك.
ئەبى مالىك ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەلەللاھۇ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر.
بۇ يەردىكى پاكىزلىق پەقەت، تاشقى قىياپەتتىكى پاكىزلىقنىلا كۆزدە تۇتمايدۇ، بەلكى ئۇ ھەممە جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەنبە :ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى


arzuyum 2011-03-26 22:21
ۋەئەلەيكۇم -ئەسسالام ، ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك تېمىكەن ،بىزنىڭ ئاخىرەتتىكى ئەھۋالىمىزنىڭ ياخشى -يامان بۇلۇشىمۇ .
مۇشۇ پاكىز -مەينەتلىككە مۇناسىۋەتلىك ،

cayyara 2011-03-26 22:37
ۋەئەلەيكۇم -ئەسسالام . ناھايتى ياخشى تېما بۇلۇپتۇ بۇ ، مەن بۇ مۇنبەرگە كىرىپ تۇنجى بۇلۇپ كۆرگەن تېما ھەم تۇنجى يازغان ئىنكاسىم ،شۇنداق ياخشى تېمىدىن بەھىرمەن بولغىنىمدىن خوشالمەن .مېغىزلىق مەزموننى خاتىرلىۋالدىم

oylinish 2011-03-26 23:09
مىسرانىم مەلىكىسىنىڭ كەڭسايغا زىيارەتكە كەلگىنىنى تەبرىكلەيمىز!

samran 2011-03-26 23:14
ئىسىل تىمىكەن نادىرلاپ قويسا بولغۇدەك

taranqi217 2011-03-27 00:02
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى قوزام نىڭ 2011-03-26 22:37 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ۋەئەلەيكۇم -ئەسسالام . ناھايتى ياخشى تېما بۇلۇپتۇ بۇ ، مەن بۇ مۇنبەرگە كىرىپ تۇنجى بۇلۇپ كۆرگەن تېما ھەم تۇنجى يازغان ئىنكاسىم ،شۇنداق ياخشى تېمىدىن بەھىرمەن بولغىنىمدىن خوشالمەن .مېغىزلىق مەزموننى خاتىرلىۋالدىم

كەڭ ساينىڭ تەرە قىياتىغا گەپ كەتمەيدۇ جۇمۇ............
بەش سۆرەتتىن قارىغاندا نەفىسە قىرىندىشىمىزدەك ئىسىل تىمىلارنى تولدۇر ۋىتىدىغاندەكلا تۇرسىز........

موتو 2011-03-27 11:52
ناھايتى ئېسىل تىما

asanat 2011-03-27 12:47
ۋەئەلەيكۇم ئەسالام تەربىۋيى ئەھمىيتى يۇقىرى تىما يۇلاپسىز.

arkaturuk 2011-03-27 18:05
ئاللا رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم  

cayyara 2011-03-27 20:39
مەن مىسرانىم مۇنبىرىدە بار ئەمما  مەلىكە ئۇنۋانى ئالمىغان تېخى  ،مېنى خاتا تونۇپ قاپسىز ،مىسرانىمدىكى ئىسمىم  
<< سەييارە >>

cayyara 2011-03-27 20:50
 

كەڭ ساينىڭ تەرە قىياتىغا گەپ كەتمەيدۇ جۇمۇ............
بەش سۆرەتتىن قارىغاندا نەفىسە قىرىندىشىمىزدەك ئىسىل تىمىلارنى تولدۇر ۋىتىدىغاندەكلا تۇرسىز........
[/quote]
كەڭ سايغا بىر كىشلىك تۆھپە قوشۇشقا تىرشىمەن ،بۇ مۇنبەرنى بەك ياقتۇرۇپ قالدىم ،ئاز كۈنگە قالماي سىلەر بىلەنمۇ تونۇشۇپ قالارمەن ،بەك مىھماندوسكەنسىلەر

sanam^jan 2011-03-28 18:41
كوپ رەھمەت. ئاللا ئىگەم قولىڭىزگا دەت بەرمىسۇن .قەلىمىڭىزگە بەركەت بەرسۇن...

kiliq 2011-03-28 18:55
كەڭسايلىقلار!  مەن قىلچ ، كەڭسايدىكى 2 3 توخو پوقىنى ھىساپقا ئالمىغاندا سىلەرنى ياخشى كورىمەن ، تارانچى 217 سەن بىلەن دوست بولغۇم بار .  

general 2011-03-28 22:51
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 12قەۋەتتىكى kiliq نىڭ 2011-03-28 18:55 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
كەڭسايلىقلار!  مەن قىلچ ، كەڭسايدىكى 2 3 توخو پوقىنى ھىساپقا ئالمىغاندا سىلەرنى ياخشى كورىمەن ، تارانچى 217 سەن بىلەن دوست بولغۇم بار .  

قەدىمىڭلارغا مەرھابا!
2 3 دېگىنىڭلار (ئوتتۇز ئىككى)مۇ ياكى ئىككى ئۈچ دېمەكچىمۇ؟ پەش قويغۇلۇق.

kiliq 2011-03-28 23:22
ئىككى ، ئۇچ  دىگىنىم ،   گېنىرال بۇرادەر  ياخشى تۇردۇڭلارمۇ .  غەيرەت828 نەگە كەتتى .

rabiya 2011-03-30 00:28
ئاللاھ رەھمەت قېلسۇن بەك ئېسل ھىكايىكە  ماڭا بەك تەسىر كىلدى

123456789 2011-03-30 18:18
ئەقىللىق  كىشىكەن .

123456789 2011-03-30 19:57
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 12قەۋەتتىكى kiliq نىڭ 2011-03-28 18:55 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
كەڭسايلىقلار!  مەن قىلچ ، كەڭسايدىكى 2 3 توخو پوقىنى ھىساپقا ئالمىغاندا سىلەرنى ياخشى كورىمەن ، تارانچى 217 سەن بىلەن دوست بولغۇم بار .  

ھۈرمەتلىك  قىلىچ  ئەپەندى  ،  2 ، 3  توخو  پوقىنىڭ  ئىسمىنى  ئوچوق  قىلىپ  شەرھىلەپ
قويوڭ  ،  يەنە  خاتالىشىپ  تىما  ،  ئىنكاسلىرىڭىزغا   دەخلى  تەروز   يەتكۈزۈپ  قويمايلى .

era13 2011-04-02 18:31
مەنپەئەتلىك تېما !

سەبۇر 2011-04-02 20:04
روھ ساغلام، تەن سالامەت بولغاندا ئەسلى،
پاكىز بوپ ياشايتى ئۆزمىزنىڭ نەسلى.
قان بىلەن يۇغۇرلۇپ كىرگەن ئىللەتلەر،
بۇلغىمىسۇن قەدەمنى ئالدىغا باسىلى.

dulbarqin310 2011-04-11 13:21
ھەقىقەتەن نادىرلاشقا تىگىشلىك

hiyalqi 2011-04-15 16:21

qolpan 2011-05-26 17:11

ayzinnat 2011-06-16 16:05
ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك تىمىكەن.

ئابدۇل~ئەزېز 2011-06-25 00:46
    

مىرئادىل314 2011-07-29 18:12
بەك ياخشى يېزىپ سىز

مۇزلىغان 2011-08-14 23:19
  

abdu@0997 2011-08-24 19:31
ۋە ئەلەيكۇم  ئەسسالام  بۇ  ئنسانلانى خېلى ئۇيغا  سالگۇدەك       

arslantikin 2011-08-31 12:06
buyuk allah hammimizni pak halal narslarini yiyixka nisip kilsun

ئارمانىم 2011-09-05 14:30
ناھايىتى ئسېل تىمىكەن

مىللىتىم 2011-09-16 00:17
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئاللا رەخمەت قىلسۇن قېرىندىشىم !  ھەقىقەتەن نادىر تىمىكەن   

جەڭگاھ 2011-09-19 19:26
بەك مەنىلىك تىما يوللاپسىز.ئىپادىلەشمۇ شۇنداق ئىخچام ھەم بەك ئوبرازلىق بولۇپتۇ.راست ئەمەسمۇ تاشقى مەينەتچىلىك،ھەتتا بەدەننىڭ ئىچىدىكى مەينەتچىلىكلەرنى تازىلاپ چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ،ئەمما كۆڭۈلدىكى،يۈرەكتىكى مەينەتچىلىكنى تازىلاش ئاسان ئەمەس.

كەپسېز 2011-09-20 21:13
   ياخشې تېما كەن

alxirxahzada 2011-10-06 21:12
ئاللا رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم  

فىردەۋىس1 2011-11-15 11:07
مەن سىزنىڭ  تىمىڭىزدىن  ھەقىقەتەن  سۆيۆندۇم  .   ئاللا    قولىڭىزغا   دەرد  بەرمىسۇن  ،  قىرىندىشىم .  ئاللا   رەھمەت  قىلسۇن .       بۇندىن  كىيىن داۋاملىق  يەنە  ياخشى   ئەسەرلەرنى  ئەۋەتىپ تۇرۇڭ .  

1-قېتىم 2012-01-28 17:32
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى samran نىڭ 2011-03-26 23:14 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئىسىل تىمىكەن نادىرلاپ قويسا بولغۇدەك

laili311 2012-02-01 18:55
يائىشى مەزمۇنلاركەن،رەھمەت،تىخىمۇ تىرىشىڭ.

پولات1985 2012-02-01 19:11
ئىسىل تىمىكەن

قارناق 2012-02-02 17:29
    

unqa 2012-03-16 22:28
مەزمۇنى ئىسىل تىمىكەن ، ئاللاھ  رەھمەت قىلسۇن .

نەمرۇللا 2012-05-05 10:35
ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن.

艾斯卡尔 2012-08-28 19:20
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى


查看完整版本: [-- ئەڭ پاكىز نەرسە بىلەن ئەڭ مەينەت نەرسە --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.068917 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us