باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 575 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مەجبۇرىيەت بوسوغېسىدا
ئەركەتۈرۈك
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2013
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 556
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە556دانە
ئۆسۈش: 6390 %
مۇنبەر پۇلى: 10943 سوم
تۆھپىسى: 6 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-17
ئاخىرقى: 2012-02-25
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-25 00:31

مەجبۇرىيەت بوسوغېسىدا

مەجبۇرىيەت بوسوغېسىدا( ماقالە)
                                                      
        ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .......... ئەزىز قىرىنداشلار ! ئاللاھ ھېدايەتسىز قالغانلارنى ھېىدايەت قىلسۇن ..! ھېدايەت قىلغانلارنى تەۋپىققا يىتەكلىسۇن ...!
ئاللاھ نىڭ نېئمەتلىرىنى بىز ساناپ بولالمايمىز . ئۇنىڭ تۈرى ، رەڭگى ، شەكلى ، ھېكمىتى .... ئىشلىقىلىپ ھەممە جەھەتتېكى تەڭداشسىز كاتتىلىغى بىزگە ئاللاھ نى تونۇشنى ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپتۇ . بۇننى پەقەت ئاللاھ ھېدايەت قىلغان قەلىب ئېگىلىرىلا ھەقىقى بىلەلەيدۇ .
        تور لېينىيىسى ئاللاھ نىڭ بىزگە بەرگەن سانسىز نېئمەتلىرىنىڭ ئېچىدىكى پەقەت بىر خالاس . ئەمما ئاللاھ بەرگەن بۇ نېئمەت ئەتراپىمىزدىكى يانا باشقا نۇرغۇنلىغان ، ئاللاھ نىڭ رازىلىقى ۋە شۈكرانېسى ئۈچۈن  ئۆز ھەققىگە ھەقىقى ئېگە بولالمايۋاتقان نېئمەتلەردەك ، تۈرلۈك باتىل ، جاھېل ، نادان ، ئىنسانىيەتكە ئاپەت بولۇۋاتقان ئاڭ ئىددىيەدىكى ناچارلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقىدىن خالىي بولالمايۋاتماقتا ...
        قارايدىغان بولساق تور بەتلىرىدىكى شەھۋانى مەزمۇن قىلىنغان ، ئىنسانىي ئەخلاقنى ، مىللي ئەنئەنىلەرنى ، ئېسىل مەدىنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ، تور بوشلىقىنىڭ مەنىۋى ئاتمىسفۇرا قاتلىمىنى بۇلغاۋاتقان ئىشلار ، مۇنازىرە مۇنبەرلىرىمىزدە خېلى ئاۋۇپ قالدى . تور دۇنياسىدا يات ، غەيرى دىننى - ئەجنەبىلەرنىڭ قىلغانلىرى ئاز كەلگەندەك ، خەلقىمىز ئېچىدىمۇ تۈرلىك باتىل ئىتىقاد ، خاتا كۆز قاراشلارنى تارقىتىش ، پىتنە - پاسات ، تەپرىقىچىلىك پەيدە قىلىشلار ۋە ھەتتا ئىسلامغا ئوچۇقتىن ئوچۇق ھاقارەت قىلىش ، توھمەت قىلىش ، جۈملىدىن قەستەن دۈشمەنلىشىدىغانلار خېلى باش كۆتۈرۈپ چېقماقتا ... بۇ ئىش بىزدەك بىر قىسىم مەسئۇلىيەتچان مۇسۇلمانلاردىن سەگەك بولۇپ ، خەلقىمىزنىڭ ئىتىقادى ھاۋاسىنى قوغداشنى تەلەپ قىلماقتا ...         
        شۇڭا بۇ جەھەتتە ھەر بىر مۇسۇلمان قىرىندىشىمىز ئۆزىنى تەربىيلەش بىلەن بىرلىكتە قولىدىن كېلىدىغان ھەرقانداق ساھەدە ، خەلقىمىزگە مەسئۇل بولۇش ، ئۇلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ، توغرىسىنى ئېيتقاندا ئۆز مەجبۇرىيىتىنى قەتئى ئادا قىلىشى لازىم . بۇنىڭدا كىم قانچىلىك خىزمەت قىلالىسا ، شۇنچېلىك يەتكۈزۈش ، يېزىش ، تەرجىمە قىلىش ، تەييارنى يوللاش ، يەتكۈزۈش ئارقىلىق بولسىمۇ ، ئەمىلى كۈچ چېقىرىشى لازىم .
        ئاللاھ كىمگە قانچېلىك ئىقتىدار ۋە شارائېت بەرگەن بولسا ئۇ كىشىدە شۇنچېلىك مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەن بولىدۇ . بىر ئادەمنىڭ قولىدا بارى ئۇنىڭ غەلبىسى بولمىغاندەك ، ئۆز ئىلكىدە يوقلىقى ئۇنىڭ مەغلۇبىيېتى ئەمەس . بەلكى بۇ ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن سىناق .  شۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز لازىمكى ئاللاھ بەرگەن ھەر بىر نېئمەتنىڭ كەينىدە بىر سۇئال - سوراق بار ......! ھەر بىر قىسمەتلىرىنىڭ كەينىدە يەنە بىر ئۈندەش بار !!!!!!!!!!!!!
ئاساسلىق گەپكە كەلسەك :
        بىزنىڭ بۇگۈنكى كۈنگىچە مەۋجۇتلىقىمىزنى ساقلاپ كەلگەن ئامىل دەل ئىتىقاد ئىدى . ئىتىقاد ئىچىدىكى ئەڭ ئاخىرقى تاللىشىمىز ھەم ئەلۋەتتە ئىسلام ئىتىقادى بولغان ئىدى . دىيارىمىزغا ھېدايەت تېپىپ بۈگۈنگېچە باشتىن كۆچۈرگەن 1000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ، ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى بۇرغۇنلىغان بەخىتلىك ئىنسانلار قاتارىدا ئەجدادلىرىمىزمۇ ئۆز بەختىنى تاپالىغان ئىدى .
        ئىنسانىيەت تارىخىدا غەرىپ دۇنياسىنىڭ ماددىيەتتىكى نەتىجېلىرى بىلەن ئۆز ئازغۇنلىقىلىرىنىڭ مەسخۇشتلىقىدا بىلجىرلاپ ، ئىنسانىيەت روھېيىتىنى ۋەيران قىلىپ تاشلىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم . ئوخشاشلا ئاللاھ  تەرەپتىن كەلگەن ۋەھېنى ، نەفسې - خاھېشلىرىغا بوي سۇندۇرۇپ ، تالايلىغان ئىنسانلارنىڭ ئازغۇنلىقىغا سەۋەپچى بولغان ، يەھۇدى ۋە ناسارالار گوروھى ، ئاللاھ ۋە دىن نامىدىن توقۇپ چىققان سەپسەتىلىرى بىلەن دۇنيادا قىلمىغان زۇلۇم - سېتەملىرى قالماي تەكرار - تەكرار شەرمەندە بولۇپ كەلدى . ئەمما ئۇلارغا بولغان نەپرەت ۋە غەزەپ ئاخىرى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ دىنىغا بولغان خاتا يۆنۈلىشتىكى ئاداۋەتكە بىرىپ يەتتى .
        دىن ،  ئىتىقاد ، روھ  قاتارلىق ئىنساننىڭ مەنىۋىيەتلىرىدىن مەجبۇرى ھەيدەپ چىقىرىلغان بۇ ئامىللارنىڭ  ئورتاق ئاتالغۇدىكى ئىستېمال قىلىنىشى نەتىجېسىدە ئىسلام دىنىمۇ ، بۇ خىل ھۇجۇمدىن خالى بولالمىدى . چۈنكى دۇنيانىڭ ھەممە يەرلىرىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش ، ئارىمىزدىكى ئاتالمىش نەفسانىيەتچى ، مۇنافىق ، پوپسىمان موللېلىرىمىزنىڭ شالتىقى بىزنى ۋە دىنىمىزنى ئۇ ئازغۇن يەھۇدي ، ناسارا ، بۇددىست ۋە باشقا باتىل زالىملار بىلەن بىر قاتاردا بارلىق ھوقوق ۋە ئىمتېيازلىرىمىزدىن ئايرىپ ، دۆۋلەت - جەمىيەت ، قانۇن - سىياسەت ، ھەتتا ئىژتىمائى ھايات ۋە كۈندېلىك تۇرمۇشلىرىمىزدىنمۇ چەكلەپ ، زەھەرلىك نەرسېلەر قاتارىدا قاتتىق باستۇرۇلدى .
بىچچارە ئازغۇن ، نادان خەلىق ، ئۆز قولى بىلەن ئۆز بەختىنى نابۇت قىلىپ تاشلايدىغان تالاي - تالاي ئىشلاردا ، ئېزچىل ئاكتىپ رول ئوينىدى . قۇرئاننى كۆيدۈردى ، مەسجىدلەرنى چاقتى . لىكىن خەلىق ئۇزۇن ئۆتمەي بۇنداق ئاكتىپلارنىڭ ئاخىرقى خارلىقلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى ۋە خاتالىقلىرىنى تونۇدى .
        دىمەك : ئاللاھ نىڭ ئىرادىسى ھەممىدىن غالىپ كېلىپ ئىسلام ئۆز پېتى سالامەت داۋام قىلىپ كەلدى . ھەر زامان - ھەر ماكاندا ئاللاھ ئۇنى ھېمايە قىلىدىغان قوغدايدىغان بىر تۈركۈم جامەئەتنى ھېچ بىر قەۋدىن ئايرىۋەتمىدى . نەتىجېدە تەكرار ئىلىپ بىرىلغان بىسىم ۋە تۈلۈك سۈيقەتلەرمۇ بىزدەك مۇسۇلمان ئەۋلادلارنى يوقۇتالمىدى . ھەم يوقۇتالمايدۇ .
        بىزنىڭ ئىسلامغا ئىتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان دىننى تارىخىمىزنىڭ ئۇزۇنلىقى ، مۇكەممەللىكى ،ۋە ئىتىقادلىق ئەجدادلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجېسىدە ، ئاللاھ نىڭ ئىرادىسى بىلەن بىز بۈگۈنگە ئۇلىشىپ كەپتۇق . بۇ جەرياندا ئىسلام بىلەن بىزنىڭ ھەر بىر ئۆرپ - ئادەت ، ئىش ھەركەت ، ئاڭ -تەپەككۇرلىرىمىز زىچ بىرلىشىپ ئايرىپ بولغۇسىز دەرىجىدە بىرىكىپ كەتتى . گەرچە تۈرلۈك بىدئەت ، ۋە خاتا كۆز- قاراشلار ئارىغا قىسىلىپ كىرىۋالغان بولسىمۇ ، نادانلىرىمىزنىڭ بىلىمسىزلىكى ۋە جاھىللىقىدىن ھېلى ھەم داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ، ھەقىقەت ھامان غالىپ كەلدى ۋە كېلىدۇ ...!  

        بىز بۈگۈن دۇنياغا قارايدىغان بولساق خەلقىمىزنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەنئەنىلىرىدىن ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى باشقا خەلىقلەرگە قارىغاندا ھەر جەھەتتىن ماختالغۇدەك دەرىجىدىكى مەدىنىيەت ، سەنئەت ۋە ئۆرپە - ئادەتلەرنىڭ ئېگسى ئىكەنلىكىمىزنى بايقايمىز . ئەڭ ئاددىسى مىللى ئۇسۇلمىزلا دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ مىللى ئۇسۇلىدىن ساغلام ، نەفس ، چۇڭقۇر مەنىلەرگە باي ، شەھۋانېيلىقتىن خالىقى جەھەتلەردە ئالدىنقى قاتاردا تۇرالايدىكەن . ئۇنىڭدىن باشقا تاماق يىيىشتىكى ئەڭ ئاددى ئەخلاقلىرىمىزمۇ خېلى كامىلكەن . )بىز بۇ يەردە بۇ توغۇرلۇق سۆزلىسەك بۇ يەر تارلىق قىلىدۇ . بۇ ھەم ئايرىم بىر تېما .(
        دۇنيادا ئەيپ - نوقسانسىزلىق ئاللاھ تىن باشقىدا ھامان مەۋجۇت . دىنى جەھەتتىكى بىر قىسىم كەمچىللىكلىرىمىزنى ھېساپقا ئالمىغاندا بىزنىڭ دىيارىمىزدىكى مەزھەب ، سۈلۈك ، ئېقىم ، جەھەتتىكى بىرلىكىمىز باشقا ھەر قانداق يەردىكى بىر ماكاندا ياشايدىغان خەلىقلەرنىڭكىگە سىلىشتۇرساق ، بىز يەنىلا ناھايىتى ئىتتىپاق ياشىغان ، بىر ئېقىم ، بىر مەزھەپ بىلەن دەۋىر سۈرگەنلەر قاتارىدىن ئىكەنمىز ( مەن بۇنى چەتئەللەردە يۈرۈپ ئۆزكۆزۈم بىلەن كۆرۈپ ، چۇڭقۇر ھېس قىلغاندىن كېيىن دەۋاتىمەن. يانا بىرى مېنىڭ بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇۋاتقىنىم بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىز ئەمەس ، بەلكى مەدىنىيەت قاتلىمىمىزدىكى شانلىق سەھېپىلەر ئەلۋەتتە......! )
        ئەمما بىز ئەنە شۇنداق ئىلغار مەدىنىيەتلىك ئەجدادلارنىڭ بەخىتلىك ئەۋلادلىرى تۇرۇپ ، بۈگۈن ئەڭ نۇمۇسلۇق ۋە ئەڭ خار قېسمەتلەردە ، بېغەملەرچە ياشاۋاتماقتىمىز . بىزنىڭ نادانلىقىمىز شۇ دەرجىگە بىرىپ يەتكەنكى ، دۇنيا بىزگە قاراپ نەسلىمىزدىن گۇمان قىلغۇدەك ھالغا كەلدى . بۇنىڭغا ئەنە ئەتىراپىمىزدىكى بىر قىسىم ھارام نەسەپ ، شالغۇتلىرىمىزنىڭ سۆز - ھەركەتلىرى يىتەرلىك دەلىل بولايدۇ .
        ئۇلارغا ئوخشاش ۋەتەن - خەلىقنىڭ غېمىدىن ، ئۆز غېمىنى ئەلا بىلىدىغان ، ئازغىنا مەنپەئەت ئۈچۈن ھەممە نېمىسىنى تەقدىم قىلىشتىن يالتايمايدىغان ، ئۆزىنىڭ ئادىمى ، ئىنسانى ، مىللى ۋە  دىننى كىملىكىنى كېرەكسىز ھېساپلاپ ، ئىككى پۇلغا سېتىپ خەجلەيدىغان مەنىۋى پاھېشە ، قەلبى زىناخور مەلئۇنلار ......... ھامان بىر كۈنى قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ .
        ھازىر بىز دۇچ كېلىۋاتقان مەسېلە دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر مىللەت ۋە قەۋملەرنىڭ دۇچ كەلگەن مەسىلىسىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر ۋە مۇرەككەپ ، دۇنيادا بىزدەك سىناققا دۇچ كەلگەنلەر ئاز بولمىسىمۇ ، لىكىن بىزدەك ئىنكاس قايتۇرغانلار ھېچيەردە يوق دېسەك، ھەرگىزمۇ ئاشۇرۋەتكەن بولمايمىز .
        مانا مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە توپىلاڭدىن تورغاچ ئوغۇرلايدىغان شەيتانلار ،ئارىمىزدا ئاز ئەمەس . بىزنىڭ بۈگۈن ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ يولىنى تاشلاپ تۇرۇپ ، ئۈمۈت كۈتۈۋاتقان تاغۇتلىرىمىز ، ئۆز ۋاختىدىكى روس ، ئىنگىلىز ، شىۋىت ۋە ئەتراپىمىزدىكى يانا باشقا ھەر قانداق تۈلكە ۋە قاۋان - توڭگۇزلاردىن نەچچە ھەسسە ياۋۇز ۋە نىيېتى قارا . بۇ تارىختا تەكرار ئىسپاتلانغان ئاچچېق ھەقىقەت . قانلىق ساۋاق ...!!!  
        يانا بىر ھەقىقەت شۇكى ئىنساننىڭ كىملىكى ، دۇنيادىكى ۋەزىپىسىنىڭ نېمىلىكى ، ھايات يولىدىكى ئىش - پائالىيەتلىرىنىڭ ئۆلچېمى ، ئۇنىڭ كېيىنكى نەتېجىسى ، ۋە ئەڭ ئاخىرقى تەقدىرى قاتارلىق مەسىلىلەردە غەرەزسىز ، بۇلغانمىغان ، ساپ ئەقلىمىز ۋە پاك تۇيغۇلىرىمىزدىن ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ بىزگە بەرگەن ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت بۇ كاتتا نېئمىتىنىڭ ھەقىقىتىنى ئېقرار قىلماي تۇرالمايمىز !
        ئاخىرىدا بىز ئەڭ ئايدىڭلاشتۇرۇۋىلىشىمىزغا تىگىشلىك بولغان زۆرۈر ھەقىقەت : بىزنىڭ دىننى ، مىللي ، ئىنسانى ۋە ھەققانى رىزىقلىرىمىزدىن مەھرۇم ھالدا ، دۇچ كېلىۋاتقان بارلىق مەسىلىلىرىمىزدىن ئۆزېمىزنى قاچۇرۇپ ، كۆزىمىزنى يۇمۇپ ياشاۋاتقانلىقىزدۇر !
        بىز دۇنيادىكى ئۆزېمىزگە ئوخشاش تەقدىرداشلار ئېچىدە باشقېلار قىلغاننى قىلىپ قاملاشتۇرالمىدۇق . ئىرادىمىزنىڭ سۇسلىقى ۋە پىسخىكىمىزدىكى ئاجىزلىق ، سەۋەپلىك ئۇنى قەتئى داۋاملاشتۇرۇشتىن ۋاز كەچتۇق . ئەسلىدە ئىرادە ھەر قانداق ئاتوم بومبېسىدىنمۇ كۈچلۈك قۇرال ئىدى . ھېكمەتلەردە دېيىلگەنكى : ھەر قانداق ۋەھشې زالىم پادىشا قەتئى ئىرادېلىك مەھبۇسقا قايىل بولماي تۇرالمايدۇ ..!
        بىز شۇنداقتىمۇ ھازىرقىدەك بېشىمىزنى ئېچېمىزگە تىقىۋىلىپ ، ھەتتا ئۆز - ئۆزېمىزنى ئالداپ ، ھەق - ناھەقنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ بەرسە ، يالغاننى - راست دەپ بۇرمىلاپ كۆرسەتسە ، ياق ! ئۇنداق ئەمەس ؛ مانداق ! دەيدىغانلاردىن بولالمىساقمۇ ، بۇنداق قايمۇقۇپ يۈرمەسلىكىمىز ئۈچۈن ، ھېچ بولمىسا مۇشۇ مەسېلىلەردە ئەتراپلىق ئويلۇنۇپ ، ھەقىقەتنى ھەقىقى بىر تونۇۋىتىپ ؛ دىلىمىزدە بولسىمۇ بىر ئىقرار قىلىۋىتىپ ؛ ئۆتمۈشىمىز ۋە ھازىرىمىزدىن ، توغرا بىر خۇلاسىگە كېلىۋىتىپ ؛ ئاندىن كېيىن ئۆزرە ئېيتقان ھالدا نۇمۇسسىزلارچە ياشېغان بولساقمۇ ، ھېچ بولمىسا ئاللاھ بەرگەن ئەقلىمىز ، قەلبىمىز ، ۋە دىنىمىزگە ئازراق يۈز كېلەلەيتتۇق . ئەمما بىز ...... ؟
     
‏) ئاشىق ماقالېلىرىدىن پارچە (
2007 - يىلى 27 -  ئۆكتەبىر . ئىستانبۇل


ئەسسالام قېرىنداش يولۇڭ تۈز بولسۇن ،
ياخشى ئىش ئىزلىرىڭ ئىبرەت بوپ قالسۇن .
باشلىغىن دوسلارنى ياخشى يوللارغا ،
بۇنىڭدىن دوسلارمۇ ھەق يولنى تاپسۇن.