ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
ئىككى كۈن ئىلگىرى ،سىلەرگە مەسلىھەت سالمايلا مۇنبەرنىڭ ip ئادرىسىنى كۆرۈش ئىقتىدارىنى ئېچىپ قويغانتىم،بەزى مۇنبەرداشلار تاقاپ قويۇش توغرىسىدا ئىنكاسلارنى يوللىدى.بىراق بەزى مۇنبەرداشلار بولسا مۇنبەر بۇ ئىقتىدارىنىڭ ئوچۇق تۇرىشى توغرۇلۇق ئۆزىنىڭ پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
مەنمۇ بىر نەچچە كۈن قاراپ بېقىپ تاقىغۇدەك بولسا تاقىۋېتىمەن دەپ ئىنكاس قالدۇردۇرغان ئىدىم،بۈگۈن مۇشۇ ئىش توغرۇلۇق سىلەردىن مەسلىھەت ئېلىپ باققۇم كېلىپ قالدى...
تاقامدۇق ياكى داۋاملىق ئوچۇق تۇرسۇنمۇ قىنى بىر مەسلىھەتلىشىپ بىرلىككە كېلىپ باقايلى!!!
مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ماڭا يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ ،مۇنبەرگە كۈچ چىقىرىۋاتقان باشقۇرغۇچىلارغا ھەمدە مۇنبەرگە ھەقسىز جاپا چېكىپ تەرجىمە ۋە ئىجادىي تېمىلارنى يوللاپ كېلىۋاتقان بارلىق ئەزالارغا سەمىمىي رەھمىتىمنى ئېيتىمەن!!!
كەڭ ساينىڭ ئەگىر -توقاي يوللىرىدا ئالغا ئىلگىرلەپ ماڭساق ،كۈنلەرنىڭ بىر كۈنلىرىدە پىكىرلىرىمىز بىر يەردىن چىقىپ قالغۇسى!!!