نەق مەيداندىن كۆرۈنۈش
نەق مەيدان قامال قىلىنىپ تەكشۈرىلىۋاتىدۇ
ئۇرۇلغان ئاپتوبۇسنىڭ ئىچكى قىسمى
ئۈرۈمچىدە ئاممىۋى ئاپتوبوس بىلەن يولوچىلار پويىزى سوقۇلۇپ كەتتى
3-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 7 دىن 7 مىنوت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى غەربىي تاغ سولاقخانىسىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا، 531-يول ئاپتوبوسى بىلەن ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن غەربىي ۋوگزالىغا ماڭغان يولوچىلار پويىزى سوقۇلۇپ كەتكەن، نۆۋەتتە كۆپلىگەن ئادەملەر ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغان، نەق مەيدانغا ساقچىلار، 120 جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى يېتىپ كەلگەن، ۋەقە ھازىر بىر تەرەپ قىلىنىۋېتىپتۇ.