查看完整版本: [-- ئۈرۈمچىدە ئاممىۋى ئاپتوبوس بىلەن يولوچىلار پويىزى سوقۇلۇپ كەتتى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> شىنجاڭ خەۋەرلىرى -> ئۈرۈمچىدە ئاممىۋى ئاپتوبوس بىلەن يولوچىلار پويىزى سوقۇلۇپ كەتتى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

duxman 2011-03-24 15:51
[attachment=9594]
نەق مەيداندىن كۆرۈنۈش
[attachment=9595]
نەق مەيدان قامال قىلىنىپ تەكشۈرىلىۋاتىدۇ
[attachment=9596]
ئۇرۇلغان ئاپتوبۇسنىڭ ئىچكى قىسمى
[attachment=9597]

ئۈرۈمچىدە ئاممىۋى ئاپتوبوس بىلەن يولوچىلار پويىزى سوقۇلۇپ كەتتى

3-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 7 دىن 7 مىنوت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى غەربىي تاغ سولاقخانىسىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا، 531-يول ئاپتوبوسى بىلەن ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن غەربىي ۋوگزالىغا ماڭغان يولوچىلار پويىزى سوقۇلۇپ كەتكەن، نۆۋەتتە كۆپلىگەن ئادەملەر ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغان، نەق مەيدانغا ساقچىلار، 120 جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى يېتىپ كەلگەن، ۋەقە ھازىر بىر تەرەپ قىلىنىۋېتىپتۇ.

تاھىربەگ 2011-03-24 16:07
ئاپتۇبۇستا مەكتەپكە ماڭغان ئوقۇچىلار كۆپ دىگەندەك قىلۋاتاتتى ....  

مەھمۇدىيە 2011-03-24 16:23
مۇنبەر كىكى توپى يوق تۇردۇ باللار نۇمۇرنى قالدۇرڭلار

shungqar 2011-03-24 18:08
.....
ئۇ پويىز شىئەندىن كۈيتۇنغا ماڭغان يولۇچىلار پويىزى ئىكەن

ئەلى 2011-03-24 19:01
بىر  ئىش  كاللامدىن  ئۆتمىدى،پويىز  ئاپتوموبىلنى  سوقۇپتىمۇ  ياكى  ئوپتومۇبىل پويىزنى  سوقۇپتىمۇ؟
ئىككىلىسىنىڭ ماڭىدىغان يولى بىر بولمىسا قانداق قىلىپ سوقۇلۇپ كېتىدۇ؟

wolf 2011-03-24 21:05
ئاپتۇبۇس ئىگزىدىن پەسكە چۈشكىچە تۇرمۇز بۇزۇلۇپ ئاپتۇبۇس كونتىرۇللۇقىنى يۇقۇتۇپ پۇيىز يولىغا كىرىپ رىلىسقا سۇقۇلۇپ توختاپ قاپتۇ . بەختكە قارىشى شۇ چاغدا پويىز كىلىپ قىلىپ ئاپتۇبۇسىنى سۇقۋىتىپتۇ...................................

taranqi217 2011-03-25 01:36
ئۇ كۆپلىگەن ئادەمنىڭ سانى قانچىدۇ.........
بىزنىڭ مۇشۇ يىرىمىز ئىسىلمىدۇ........مۇشۇنداق ئىشلار بەك مەخپى تۇتۇلىدۇ........
نىم بولسا بولسۇن ،ھەركىم بولسا ئامان بولسۇن!
ئەمدى ئۇرۇمچىدە كوچا ئاپتۇبۇسلىرىنى يىڭىلاش يۇقۇرى دولقۇنغا كۆتۇرۇلسە بولاتتىشغۇ..........

anwar1118 2011-03-25 02:05
قانچىلىك قىرندىشىمىز قايتىش بۇپتۇ ..ئېنىق بىلىدىغانلار بۇلسا خەۋەرلەندۇرسەڭلار.

uyokuguqi 2011-03-25 21:13
بۇ ۋەقە يۈز بەرگىلى خېلى بولدى تا ھازىرغىچە ياردار ۋە باشقا ئادەملەرنى ئېنىقلىيالماي يۈرەمدا ئىش ئۈنىمى تۆۋەن

پارتىيە 2011-03-25 21:25
تۈنۈگۈن ئۆلگەن ئادەمنڭ سانىنى 10 دەپتىكەن،ئابتۇبۇستا 70 دەك  13 ياشنىڭ تۈۋىنىدە باللار كەن،ھەممىسى ئۇيغۇر ئۇقۇغىچىلار كەن

abdul 2011-03-25 21:38
ھەي نمە ئىش بۇ


查看完整版本: [-- ئۈرۈمچىدە ئاممىۋى ئاپتوبوس بىلەن يولوچىلار پويىزى سوقۇلۇپ كەتتى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.051158 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us