مەنمۇ <ئۆزتۈركلەر>نى قوللايمەن. ئۇ كىشى ئېيتقاندەك:<كېسەلنى يوشۇرساڭ،ئۆلۈم ئاشكارا>. ئۇ يازمىسىدا ئېيتىلغان شۇ ئوقۇغۇچىلارنى مەخسۇس ئىزلەپ زىيارەت قىلغىنى يوق،بەلكى سىز بىلەن ماڭا بەزىدە ئۇچراپ قالىدىغان ئىشلارغا ئوخشاش تەبىئىي تۈردە يولۇققان ئىشلارنى يېزىپتۇ.بۇ ھەرگىزمۇ چېڭدۇغا ئوقۇغىلى بارغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى شۇنداقكەن دېگەنلىك ئەمەس.
ئۇ يەرلا ئەمەس،ئەتراپىمىزدىمۇ بارغۇ بۇنداقلار...
مۇشۇ يازمىغا يېزىلغان رەددىيەلەردىن مەلۇمكى،بۇ يازمىنىڭ مۇنبەرگە چىققىنىدىن چىڭدۇدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۆزئارا ۋاقىپلاندى دېگەن گەپ.شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا ئويغىنىش بولسا ئەجەپ ئەمەسقۇ؟<ھېچكىم بىلمەيدۇ دېسەك،مانا بوپتۇ ئاشكارا> دەپ ئويلاپ،ھۇشىنى تاپار.
ئاتا-ئانىلار ئەنسىرىسە ھەق. ئەنسىرىگەن ئىكەن بالىلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ مەسئۇلىيەتچان بولىدۇ.بۈگۈنكى بەختىيار زاماندا مىللىي ئۆزلۈكنى ساقلىغان ھالدا تىرىشىپ ئوقۇپ،ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ يۈزىنى چۈشۈرىدىغان ئىشلارنى سادىر قىلماسلىقنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.(بۇرۇندىنلا شۇنداق قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ.)