بۇ تىما 2006-يىلى 8- ئايدا ئىسلام مۇنبىرىگە يوللانغان
ئاللاھ تائالا ئاۋۋال ئىنسانلارغا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇغىنى،ھەممىنى ياراتقۇچى ئىكەنلىگىنى بىلدۇردى، ئەگەر ئاللاھ تائالا
بىلدۈرمىگەن بولسا ئىدى، ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن مەلۇم دەۋر كىيىن ئېزىپ كەتكەن ئىنسانلار ئۆزىنىڭ پەيدا بۇلىشى ،يارىتىلىشى توغرىسىدا خىلمۇ-خىل پەرەزلەرگە چۈكۈپ ،ئۆز كۆڭۈللىرىدە ئىلاھنى ھەر خىل پەرەز قىلىشىپ ھەر خىل
ئېتىقاتلارنى شەكىللەندۈرگەن بولاتتى. ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق بولدى !ئۇلۇغ ئاللا ھەر دەۋر ھەر زاماندا ھەر قەۋىمگە پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ ئۆزىنىڭ بىردىنبىر ئىلاھ ئىكەنلىكىنى بىز ئىنسانلارغا بىلدۇردى . دىمەك ئاللاھ بىلدۇردى ،بىز بىلدۇق.
دىمەك ئىنساننىڭ ھىدايەت تېپىشى ئۈچۈن ئاللائۆز ھىكمىتى بىلەن خالىغان ئىنسانلارغا بىلدۇرگەن بولىشى ، ئاندىن ئىنسان ئاللاھ بىلدۇرگەننى تەپەككۈر قىلىپ تونىغان بولىشى كېرەك بولىدۇ.
سىزبايانلىرىڭىزدىمۇ ئاۋۋال ئاللانىڭ سىزنى مەلۇم تۇنۇش ئاساسىغا ئىگە قىلغانلىغىنى ، ئاندىن سىزنىڭ ئۆز تەپەككۈرىڭىز ئارقىلىق ئاللاھ توغرىلىق ئىزدەنگەنلىكىڭىزنى، مەلۇم بىر تەساددىپى يۇلۇققان ۋەقەنىڭ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكى تۈگۈننى
يىشىشكە سەۋەپ بولغانلىغىنى بايان قىلىپسىز. دىمەك ئاللا سىزنى ئەۋۋال ھىدايەت قىلىشنى ئىرادە قىلدى، ئاندىن سىز
ھىدايەتنى تاپتىڭىز . ئاللا ھىدايەت قىلمىغان بولسا ئىدى ھەممىمىز ئازغۇچىلاردىن بولار ئىدۇق.
مېنىڭچە سىز تېمىنىڭ ئىسمىنى خاتا قويۇپسىز، < ئەخلاقنىڭ بۇزۇلىشىدىن ئاللانىڭ مەۋجۇتلىقىغا نەزەر > دىسىڭىز ئەخلاقنىڭ بۇزۇلىشىىمۇ ئاللانىڭ مەۋجۇتلۇغىنى تۇنۇيدىغان باشقا يوللارغا ئوخشاش بىر يول بولالايدۇ دىگەن مەنا چىقىدۇ.
سىز بايانلىرىڭىزدىكى جىن- شەيتان مەسىلىسىنى تىلغا ئالماي تۇرۇپ نۇقۇل ھالدا جەمىيەتتىكى ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ، ياكى شۇ بۇزۇق ئەخلاققا باشچىلاپ شۇڭغۇپ ئۆزىڭىز ئۆز بېشىڭىزدىن ئۆتكۇزۇش ئارقىلىق ئاللانى بىرەر دەلىلى بىلەن تۇنۇپ يىتەلەمسىز ، ئەگەر شۇ ئۇجىن -شەيتان ھادىسىسى يۇلۇقمىغان بولسا!
بۇ يەردە سىزنىڭ ئاللاھنى تۇنۇپ يىتىشىڭىزدە تۇرتكىلىك رول ئۇينىغان ئەڭ ھالقىلىق مەسىىلە ئەخلاقنىڭ بۇزۇلىشى ئەمەس بەلكى جىن شەيتاننىڭ مەۋجۇتلىغى . سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە ناھايىتى ئايان ، سىز بەلكىم ئالدىراقسانلىق
بىلەن تېمىغا خاتا ئىسىم قويغان بۇلىشىڭىز مۇمكىن. ماقالە ئىسىمى < جىن- شەيتان ھادىسىسىدىن ئاللانىڭ مەۋجۇتلۇقىغا
نەزەر> دىيىلسە ئەڭ مۇۋاپىق .
چۈنكى سىزگە ئەڭ تەسىر قىلغىنى ئەخلاقنىڭ بۇزۇلىشى ئەمەس بەلكى جىن -شەيتان ھادىسلىرى.
جىن شەيتان ھادىسىسى سىزنىڭ ئاللاھنى تۇنىشىڭىزغا سەۋەپ بولدى. ھەرگىزمۇ ئەخلاقىنىڭ بۇزىلىشى ئەمەس .
سىز بۇرۇن ئاللاھنىڭ مەۋجۈتلىغىدىن گۇمانلانغاندىكىن ئەلۋەتتە جىن شەيتاننىڭ مەۋجۇتلىغىدىنمۇ گۇمانلىناتتىڭىز.
ئاللانىڭ جىن شەيتاننى ياراتقانلىغى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەنلىكىنى بىلەتتىڭىز -بىراق گۇمانلىناتتىڭىز ،
بۇ ماددىۋى دۇنيادىن ھالقىغان روھنىڭ بارلىغىدىن گۇمانلىناتتىڭىز. بۇ ھادىسىنى بايقىغان ۋاقتىڭىزدا ..........
بۇ يەردىكى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەسىلە شۇ بولىشى كېرەككى -- جىن شەيتان ھادىسىسىدىنمۇ ئاللانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى
بىلگىلى بۇلامدۇ؟
ئۆز رەھمىتى بىلەن ھەممىمىزنى ھىدايەت قىلغان ئاللاغقا چەكسىز ھەمدۇسانالار بولسۇن ،ئىمانىمىز بىلەن كىتىشكە نىسىپ
قىلسۇن، ئامىن.