باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1997 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇيغۇر ئېلىدىكى جەدىدچىلىك
دوستلىشىش
arkaturuk
ئەركەتۈرۈك
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2013
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 555
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە555دانە
ئۆسۈش: 6420 %
مۇنبەر پۇلى: 10973 سوم
تۆھپىسى: 6 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-17
ئاخىرقى: 2012-09-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-23 11:11

ئۇيغۇر ئېلىدىكى جەدىدچىلىك

 
ئۇيغۇر ئېلىدىكى جەدىدچىلىك



ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي يېتەكچىسى، دىن ۋە مىللەتنىڭ پىداكارى، ﻫازىرقى زامان ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنىڭ شانلىق ئىپتىخارى، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى ئوت يۈرەك دىنىي ئالىم ئابدۇلقادىر داموللام ئۇيغۇر ئىلىدە جەدىتىزم (يېڭىلىق) ﻫەرىكىتىنىڭ يېگانە بايراقدارى ئىدى.


مەرﻫۇم ئابدۇلقادىر داموللام جاﻫالەت تۇمانلىرى ئىچىدە بۇرۇختۇم بولۇپ قالغانئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆزىنى ئىلىم - مەرىپەتكە ئېچىش يولىدا ﻫاياتىنى ئاتىغان ۋە ئاخىرى شۇ يولدا جېنىنى قۇربان قىلغان ئۇلۇغ ئالىمدۇر.

جەدىتچىلىك ﻫەرىكىتىنىڭ بايراقدارى مەرﻫۇم ئابدۇلقادىر داموللام ئىسلام دۇنياسى جىددىي خىرىسقا دۇچ كەلگەن 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا "تاتار مەدەنىيەت ئويغىنىئىشى"ﻫەرىكىتى ئەۋجىگە چىققان شەﻫەرلەردە ئىلىم تەﻫسىل قىلغان ۋە ئاشۇ ئىدىيىۋى دولقۇنلاردا كۈرەش غايىسىنى مۇستەﻫكەملىگەن. ئۇ ۋاقىتتا ئۇ نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ناﻫايىتى ئېنىق چۈشەنگەن ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ سەمەرقەند، ئۇفالاردامۇدەررىسلىك قىلىش جەريانىدا، دەرسلىك سۈپىتىدە تۈزگەن "ئاقائىد زۆرۈرىيە" ناملىق ئەسىرىدە ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېگەن
:

ئىنساننىڭ خار ۋە زەبۇن بولۇشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟
ئىككى نەرسىدۇر: بىرى جاﻫالەت ۋە نادانلىق؛ئىككىنچىسى تەپرىق ۋە ئىختىلاپتۇر.
ئىززەت، ئابروي، قۇۋەت نېمە بىلەن بولىدۇ ؟
ئىلىم - مەرىپەت، ئىتتىپاقلىق بىلەن بولىدۇ.

جەدىتىزم ئىدىيىسىنىڭ تىكلىنىشى

   
ئابدۇلقادىر داموللام ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيىلەرنى ئايلىنىش، كۆزىتىش جەريانىدا تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق ئاخىرقى ﻫېسابتا يۇرتىنىڭ، مىللىتىنىڭ كۈلپەتلىك تەقدىرىنى ئوڭشاش ئۈچۈن چوقۇمئىشنى مائارىپتىن، مەدەنىيەتتىن باشلاش زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يەتكەن. ئۇنىڭ بۇ خىل ئىسلاﻫاتچىلىق ئىدىيىسى، يەنى يېڭىلاش - جەدىتچىلىق ئىدىيىسى مەشﻬۇر ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرى جامالىددىن ئافغانى ۋە شەيخ مۇﻫەممەد ئابدۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق تېخىمۇ قۇۋەت تاپقان. ئۇ 1907 - يىلى ئانا يۇرتى - قەشقەرگەقايتىپ كەلگەن. كۆپ يىللار چەتئەللەردە يۈرگەن بۇ ئالىمنىڭ قەشقەردەك جاﻫالەت تۈتەكلىرى ئىچىدە بۇرۇختۇرما بولۇپ قالغانشەﻫەردە ئۆز غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىشى ئۇنچە ئاسان ئەمەس ئىدى. ئالدى بىلەن چوقۇم نوپۇز تىكلەش، تەسىر پەيدا قىلىش، ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولۇش كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قەشقەر مەشﻬۇر مەدرىسىلەرمۇ كۆپ، دىنىي ئۆلىمالارمۇ كۆپ قەدىمىي شەﻫەر بولغاچقا، ﻫەدېگەندىلا نوپۇز تىكلەش قىيىن ئىدى."

جەدىتىزم ﻫەرىكىتىنىڭ باشلىنىشى


ئابدۇقادىر داموللام قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن چاغ دەل قەشقەردەيېڭىچە ئىپتىدائىي مەكتەپلەر ئاندا - ساندا يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان، ئەنئەنىۋى ئىسلام مائارىپىنىڭ ئوقۇتۇش مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلىنى ئىسلاﻫ قىلىش مەسىلىسى ئانچە - مۇنچە تىلغا ئېلىنىۋاتقان بىر چاغ ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيە قاتارلىق جايلاردىكى يېڭى مائارىپنىڭ ۋەزىيىتى بىلەن پىششىق تونۇشۇپ، جەدىتىزملىق ئىدىيىسى مۇكەممەل شەكىللەنگەن ئابدۇلقادىر داموللام يېڭىچە پەننىي مائارىپنىڭ ﻫامىيلىرى ۋە باشلامچىلىرى بولغان ئاكا - ئۇكا مۇسابايىفلارنى قىزغىن قوللىغان، ئۇلار بىلەن مۈرىنى ‏ - مۈرىگە تىرەپ بىر سەپتە تۇرغان، مەدرىسىلەرنىڭ دوگما تەلىم - تەربىيە ئۇسۇلىنى، قارىغۇلارچە يادلاتقۇزۇشنى ئاساسقىلىدىغان ئوقۇتۇش شەكلىنى، دەۋر تەلىپىگە ماس كەلمەيدىغان دەرسلىكلەرنى ئىسلاﻫ قىلىپ، يېڭىچە مائارىپ ئىدىيىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ۋە ئوقۇتۇشئۇسۇلى، ئوقۇتۇش مەزمۇنى ۋە ماتېرىيالى جەﻫەتلەردە بىر يۈرۈش ئىسلاﻫات ئېلىپ بېرىشنى نىيەت قىلدى. شۇ مەقسەتتە "سەرپ - نەﻫۋى" ( مورفولوگىيە ۋە سىنتاكسىس)، "تەسﻬىلىل ﻫىساب" (ماتېماتىكا ئىلمى)، " جۇغراپىيە ئىلمى"، " ئاقائىد جەۋﻫەرى"، نېگىزلىك ئەقىدىلەر"،"مۇتالىئە ﻫىدايەت ( باشلامچى ئوقۇشلۇق)، "بىدايەتتۇس سەرپ" (لېكسىكىدىن دەسلەپكى ئاساس)، بىدايەتۇن نەﻫۋى"، " تەلىمۇس سىبيان" ( بالىلار تەربىيىسى)، "تەجۋىد تۈركى"، مىفتاﻫۇل ئەدەب" قاتارلىق دەرسلىكلەرنى تۈزۈپ تاش مەتبەئەدەباستۇرۇپ مەكتەب - مەدرىسىلەرنى دەرسلىكلەر بىلەن تەمىنلىگەن.

ئابدۇلقادىر داموللامنىڭ ۋاپاتى

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلى، پىداكار مۇتەپەككۇرى، ئوت يۈرەك ئالىم ئابدۇلقادىر داموللام 1924 - يىلى 8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تاپ سەﻫەردەئۆز ئۆيىدە ياللانغان قاتىل تەرىپىدىن قەستلەپ شېﻬىد قىلىنغان. ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈنزور يوقىتىش ﻫېسابلانغان بۇ قاتىللىق ۋەقەسى پۈتكۈل ئوتتۇرائاسىياغا پۇركەتكەن. ئاۋامچەكسىز قايغۇ ﻫەسرەتكە چۆمگەن، شائىرلار ئازابلىق ﻫېسسىياتى بىلەن مەرسىيەلەرنى يېزىشقان.

مەنبە : ئىسلام مۇنبىرى
ئەسسالام قېرىنداش يولۇڭ تۈز بولسۇن ،
ياخشى ئىش ئىزلىرىڭ ئىبرەت بوپ قالسۇن .
باشلىغىن دوسلارنى ياخشى يوللارغا ،
بۇنىڭدىن دوسلارمۇ ھەق يولنى تاپسۇن.
دوستلىشىش
ئەر~خان
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6559
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 4
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-19
ئاخىرقى: 2011-03-23

تەڭرىنىڭ ئىنسانغا كۆپتۇر تارتۇقى ،
ئەقىل ۋە ئەدەپتىن يوقتۇر ئارتۇقى .
ئەقىل ۋە ئەدەپ ھەر ياشنىڭ جامالى ،
ئۇنىڭسىز بولماس ھاياتنىڭ كامالى .
پەزىلەت كۆپ ئېرۇر بۇ ئالەم ئارا ،
ئىلىمدۇر ھەممىدىن ئەليۇل ئەلا.
ئىلىمدۇر بىباھا ،قازسا پۈتمەس كان ،
ئىلىمدىن باشقىسى كىمگە ئەسقاتقان ؟
ئىلىملا نىجاتلىق بىرەر مەڭگۈلۈك ،
بىلىملىك ھاياتتۇر ،جاھىللار ئۆلۈك .
ئى ياش بىل جاھىللىق نومۇستۇر بىشەك ،
نادانلىق زۇلىمىغا رازىدۇر ئېشەك


ئابدۇقادىر داموللا شېئىرلىرى
دوستلىشىش
تاھىربەگ
يا بولغۇنۇڭ كەبى كۆرۈن، يا كۆرۈنگىنىڭ كەبى بول
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2837
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2837دانە
ئۆسۈش: 5890 %
مۇنبەر پۇلى: 34646 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-09-04
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-23 17:14

داموللام شەھىد بولدى ،
ياتار جايى بىھىش بولدى ،
داموللامغا قەشقەرلىك ،
كۆپ يىغلاپ بىھۇش بولدى ....
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ