رەسىم:
رەسىم:
مەككە ۋە مەدىنە دىگەن قەيەر ؟








مەككە ۋە مەدىنە دىگەن قەيەر ؟
مەككە ۋە مەدىنە دىگەن ئاسىيا قىتئەسىدىكى قىزىل دېڭىز بىلەن پارىس قولتىغى ئارىسىغا جايلاشقان ئەرەپ يىرىم ئارىلىدىكى (ھازىر سەئۇدىئەرەبىستانى دەپ ئاتىلۋاتقان دۆلەتتىكى) ئىككى شەھەرنىڭ نامى بولوپ بۇلارنىڭ تارىخى ئىسلام دىنى ۋە ئىنسانىيەت تارىخى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق مەسىلەن :
مەككە : ئىنسانىيەتنىڭ تۇنجى ئاتىسى ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئادەملەرنىڭ بىرىنچى ئانىسى ھەۋۋا ئەلەيھەسسەلام جەننەتتىكى خاتالىغى سەۋەپلىك بىرىنچى قېتىم يەرشارىغا جەننەتتىن چۈشكەن جاي مەككە شەھەر ئەتراپىدىكى ئەرەپات تىغىدۇر. بۇ جايدا ئادەم ئەلەيھىسسالامغا بىرىنچى ۋەھى كەلگەن ۋە ئاللاھ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ تەۋبىسىنى قۇبۇل قىلغاندۇر.
ئاللاھ بۇھەقتە قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ: <<بىز (ئادەمگە): ''-ئى ئادەم !سەن خوتۇنۇڭ (يەنى ھەۋۋا)بىلەن جەننەتتە تۇرۇڭلار!جەننەتتىكى
نەرسىلەردىن خالىغىنىڭلارچە كەڭتاشايەپ -ئىچىڭلار، بۇ دەرەخقە يېقىنلاشماڭلار(يەنى مىۋىسىدىن يېمەڭلار)، بولمىسا (ئۆزەڭلارغا)زۇلۇم قىلغۇچىلار
دىن بولۇپ قالىسىلەر'' دېدۇق< 35>. شەيتان ئۇ ئىككىسىنى تېيىلدۇردى (يەنى مەنى قىلغان دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يىگۇزۇپ خاتالاشتۇردى)، .
تۇرۇۋاتقان جەننەتتىن چىقاردى. (ئادەمگە، ھەۋۋاغا، ئىبلىسقا) '' بىر-بىرىڭلار بىلەن ئۆچەكەشكەن ھالدا (جەننەتتىن يەر يۈزىگە)چۈشۈڭلار، يەر
يۈزىدە ۋاقىتلىق (ئەجىلىڭلار توشقۇچە) يەرلىشىڭلار ۋە (نېمەتلەردىن) بەھرىمەن بولۇڭلار'' دېدۇق<36>. ئادەم پەرۋەردىگارىدىن بىرقانچە-سۆز
تەلىم ئالدى(يەنى گۇناھىنىڭ كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئوقۇيدىغان دۇئا ئۇنىڭغا ئىلھام ئارقىلىق بىلدۇرۇلدى)، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قۇبۇل
قىلدى .ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەكمۇ قۇبۇل قىلغۇچىدۇر(بەندىلىرىگە)ناھايىتى مىھرىباندۇر>> سۈرە بەقەرە 35-36-37-ئايەتلەر.
ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋبىسىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇزاتنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشى
ئۈچۈن ئادەم ئەلەيھىسسالامغا بىر ئۆي بىنا قىلىشقا بويرۇپ ئۇنىڭغا، مۇشۇنىڭغا قاراپ ئىبادەت قىلساڭلا ماڭا ئىبادەت قىلغان بولىسىلەر
دەپ جەننەتتىن بىر ئاق تاشنى چۈشۈرۈپ بەرگەن ،ئادەم ئەلەيھىسسالام بۇ ئاق تاشنى ئوتتۇرغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بىر ئۆي بىنا قىغاندۇر.
مانا بۇ ئۆي'' كەبە'' دۇر ئۇنىڭدىكى ''ھەجرىل ئەسۋەد'' تېشى ئاللاھ جەننەتتىن چۈشۈرگەن ھېلىقى تاشتۇر.
ئولۇغ ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: << ھەقىقەتەن ئىنسانلارغا( ئىبادەت ئۈچۈن) تۇنجى سېلىنغان ئۆي (يەنى بەيتۇللاھ) مەككىدۇر، مۇبارەكتۇر،
جاھان ئەھلىگە ھېدايەتتۇر>> سۈرەئالىئىمران 96-ئايەت.
بارلىق مەخلۇقاتتىن تامامەن ئايرىم ھالدا كائىناتنىڭ ئەڭ ئۈستىگە جايلاشقان ئۆز ئەرشىگە ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە ئورۇنلاشقان ئاللاھ غا
كائىناتقا نىسبەتەن بىرتال چىكىتكە توغراكەلمەيدىغان بۇ يەرشارىدائۇنىڭدىكى ئىنساندىن ئىبارەت كىچىك ئاجىز مەخلۇقنىڭ بىۋاستە ئىبادەت
قىلىشى مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش ئىدى، ئاللاھ بۇنى يۇقۇرقىدەك ''ھەجرىل ئەسۋەدنى'' ۋە ''كەبە'' نى بىناقىلدۇرۇش ئارقىلىق ئاسان
قىلدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنى بىۋاستە كۆرۇشنى تەلەپ قىلىپ ،تۇر تېغى ئاللاھنىڭ جامالىنىڭ ئازراقلا نۇرىغا بەرداشلىق بىرەممەي
ئىرىپ كەتكەن ۋەقەلىك سۈرە ئەئرافنىڭ 143 -ئايىتىدە كەلگەن بولۇپ قېرىنداشلارنىڭ ئوقۇپ تەپەككۇر قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسى بىلەن يۇزبەرگەن، بۇت ۋە ئۇنىڭغا چوقۇنغۇچى كاپىرلارنى تازىلاش ۋەقەسى بولغان تۇپان بالاسىدا ''كەبە
سۇ ئاستىدا ئىرىپ كەتكەن ۋە ئۇنىڭ ئۇرنى تامامەن قۇم ئاستىدا قالغان مەككە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلار تامامەن سەھرا غا ئايلانغان،
نۇھ ئەلەيھىسسالام بىلەن 80دەك كىشى نۇھ ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بۇيرىغى بىلەن ياسىغان پارخۇتتا قۇتۇلۇپ ئاخىرى ھازىرقى ئىراقتا
جايلاشقان بابىل شەھرى ئەتراپىدىكى جۇدى تېغىغا كىلىپ توختىغان ۋە تۇپان بالاسىنىڭ سۈيى تۇگەپ يەر-زېمىن قۇرىغاندا بۇجايدا ياشاپ *
ئىنسانلارنىڭ ئىككىنچى قېتىم بۇجايدىن تارىلىش تارىخىنى مەيدانغا چىقارغان، ۋە كېيىنكى كۈنلەردە بۇ جايدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام
دۇنياغا كەلگەن ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا پەيغەمبەرلىك كەلگەندىن كېيىن ئاللاھ ئۇزاتقا ۋەھى قىلىپ ئايالى ھاجەر بىلەن قۇچاقتىكى
ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى پەرىشتە جىبرېئىلنىڭ باشلىشىدا قىزىل دېڭىز بويىدىكى مۇئەييەن بىر چۆلدىكى مۇئەييەن بىرجايغا
تاشلىۋىتىشكە بۇيرىدى. بۇ چۆلدىكى بۇجاي بولسا ئەينى چاغدا ئادەم ئەلەيھىسسالام ''كەبە''نى بىنا قىلغان جاي ئىدى. ئۇ چاغدا بۇنى .
ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيتتى. ھاجەر بۇ چۆلگە تاشلىۋىتىلىشى ئاللاھنىڭ بۇيرىقى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن بۇنىڭغا
تامامى خۇشاللىقى بىلەن رازى بولدى ، چۆلدىكى تەشنالىقتا سۈ ئىزدەپ ساپا مەرۋە تۆپۇلىكى ئارىسىدا يۇگۇردى ، شۇ -ئەسنادا ئاللاھ
ھاجەرگە زەمزەم بولىغىنى يەردىن ئېتىلدۇرۇپ چىقىرىپ بەردى ، كېيىن بۇ جايغا چۆلدە پادا بېقىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەرەپلەر كۆچۈپ
كىلىشنى ھاجەردىن تەلەپ قىلدى ۋە ئۇلەر ئورۇنلاشتى ، كېيىن ئاللاھ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىىسالامغا
''كەبە''نى قايتا سېلىشقا بۇيرىدى، ۋە '' ھەجرىل ئەسۋەد'' تېشىنى ئاللاھ قايتا ئاتا قىلدى. ئىبراھىم ئلەيھىسسالام ''كەبە''نى سالغىچە ئاللاھ غا
ئىبادەت قىلغان جاي (زەمزەم قۇدۇقى بىلەن كەبە ئارىسىدا) '' ماقام ئىبراھىم'' دەپ ئالاھىدە جاي بولدى. كېيىنكى دەۋىرلەردە ''كەبە'' نۇرغۇن
قېتىم قايتىدىن يېڭىلىنىپ شۇ ئۆز ئورنىغا سېلىندى.
ھازىرقى ''كەبە '' يەنىلا ئاشۇ ئۆز ئورنى بولغان مەككە شەھرىدىكى ھەرەم مەسجىدى مەيدانىنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان ئىگىزلىگى 16- مىتىرلىق
تۆت چاسا ئۈستى يېپىق بىنا بولۇپ بۇنىڭ بىر بۈرجىكىگە '' ھەجرىل ئەسۋەد'' تېشى ئورنىتىلغاندۇر. دىمەك '' كەبە''ئادەم ئەلەيھىسسالام
دەۋرىدىن تارتىپ تاكى قىيامەتكىچە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەتتە يۈزلىنىدىغان قىبلىسى ۋە ئاللاھ نىڭ يەرشارىدىكى ئىنسانلارنى ئۆزىگە ئىبادەت
قىلىش ئۈچۈن بەلگىلەپ بەرگەن بىر ئورۇن بوپقالدى ،شۇنداقلا ئاللاھنىڭ يەرشارىدىكى بىر ھۆججىتىدۇر.
بەيتىل مۇقەددەس چۇ؟
بەيتىل مۇقەددەس ، بولسا ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئەرەپ يېرىم ئارىلىنىڭ يوقۇرى تەرىپىدىكى قىزىل دىڭىزنى ئوتتۇر دېڭىزغا تۇتاشتۇرىدىغان :
سۇۋەيس قانىلى تەرەپتىن باشلاپ ئىراق، تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا دېڭىز قاتارلىقلارنىڭ ئارىسىدىكى پەلەستىنگە ئورۇنلاشقان مۇقەددەس جاي
ئەقسا مەسجىدى بولۇپ ، بۇ مەسجىددە ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسسالام ، سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ، داۋۇد ئلەيھىسسالام قاتارلىق پەيغەمبەرلەر
دەۋرىدىكى مۇسۇلمانلارغا ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ دەۋرىدىمۇ بىرمەزگىل مۇسۇلمانلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن قىبلە قىلىنغان ''يوغان سەخرە'' يەنى تاش بار
بۇ تاش ئۇستىگە ھازىر قۇدۇسنىڭ سىمۇۋۇلىغا ئايلانغان ''قۇببەتۇسسەخرە'' يەنى تاش ئۇستىدىكى گۇمبەز جايلاشقان.
بۇجاي نۇھ ئەلەيھىسسالام دىن كېيىنكى بارلىق پەيغەمبەرلەر ئىبادەتگاھ قىلغان ۋە پەيغەمبىرىمىز مىراج ۋەقەسىدە ئاسمانغا ئۆرلىگەن جايدۇر ۋە
ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاسمانغا چىقىپ كەتكەندە ئاسمانغا ئورلىگەن جايدۇر. پەيغەمبىرىمىز ئەلەيھىسسالام دىن كەلگەن سەھىھ ھەدىرلەردە
قىيامەت مەيدانىنڭ مەركىزى مۇشۇ جايدا بولىدۇ ئەھلى جەننىتىلەر مۇشۇ جايدىن جەننەتكە يۇزلىنىپ مۇشۇ جايدىن ئاسمانغا ئورلەيدۇ.
دىمەك ئىنسانلارنىڭ يەرشارىغا بىرىنچى قەدەم باسقان يېرى مەككە بولسا ئىنسانلارنىڭ دۇنيادىن ئەڭ ئاخرىدا ئايرىلىدىغان يېرى بەيتىل )
مۇقەددەستۇر.
ئاللاھ قۇرئاندا بەيتىل مۇقەددەس (يەنى ئولۇغ قىلىنغان ئۆي) توغرىسىدامۇنداق دىگەن :<< ئاللاھ (بارچە نۇقسانلاردىن)پاكتۇر، ئۇ (مۇھەممەد
ئەلەيھىسسالامغا)قۇدرىتىمىزنىڭ دەلىللىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، بەندىسىنى ( يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى )بىر كىچىدە مەسجىدى
ھەرامدىن ئەتراپىنى بەركەتلىك قىلغان مەسجىدى ئەقسا غا ئىلىپ كەلدى.>> 17-سۈرە ئىسرا 1-ئايەت.
مەدىنە قەيەردە؟
مەدىنە مەككىدىن بۇرۇنقى قاتناش ۋاستىلىرى بىلەن 12 كۈنلۈك بۈگۈنكى قاتناش ۋاستىسى بىلەن بىركۈنلۈك (تەخمىنەن 500كىلۇمىتىر) ;
يىراقلىققا جايلاشقان ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستانى دەپ ئاتالغان دۆلەتكە تەۋە بىر شەھەر پەيغەمبىرىمىز ئلەيھىسسالام كۆچۈپ كىلىشتىن
بۇرۇن يەسرىپ دەپ ئاتالغان ، پايغەمبىرىمىز ''مەدىنە'' يەنى شەھەر ياكى مەدىنىيەت مەركىزى دىگەن نامنى بەرگەن ،دىمىسىمۇ ئىنسانىيەتكە
ھەقىقى مەدىنىيەت نىڭ نىمىلىكىنى -ئۇگەتكەن ساھابىلارئەنە شۇ شەھەردە ياشاپ ئىسلام دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققان. بۇ جايدا رەسۇلۇللاھ غا ۋەھى
چۈشكەن نۇرغۇن جايلار بار. رەسۇلۇللاھ نىڭ مۇبارەك جەسىدى مۇشۇ جايدا قويۇلغان، ھەرەمگە بارغانلار مەدىنە شەھرىگە بېرىپ رەسۇلۇللاھ غا
سالام بىرىدۇ. رەسۇلۇللاھ ناماز ئوقۇغان جايلاردا ناماز ئوقۇيدۇ
[ بۇ يازمىنىarkaturuk 2011-03-23 10:50قايتا تەھرىرلى ]