باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2748 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: خوتۇنلارغا 19ماددىلىق تۇزۈم
دوستلىشىش
samanyoli
ھەربىر قىيىنچىلىقنىڭ  كەينىدە بىر ئاسانچىل ..
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1230
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1230دانە
ئۆسۈش: 5590 %
مۇنبەر پۇلى: 16284 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2011-10-20
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-22 14:34

خوتۇنلارغا 19ماددىلىق تۇزۈم

مۇشۇ تور دىگەنمۇ قىزىق دۇنيادە ،ھەر خىل ھەرياڭزا گەپلەر ئۇچراپ تۇرىدىكەن ،،،،،كۆچۈرۈپ قويدۇم ئەمدى،مۇنبەرداشلىرىم بىلەن بىللە كۆرەي دەپ،،،،،،


مۇشۇ كۈنلەرە خوتۇنخەقنى باشقۇرماق بەكلا تەسلىشىپ كېتىپ بارىدۇ. ئەجدادلىرىمىز خوتۇن دېگەننى ئارا كۈندە بىر قامچىلاپ يىكتەك قىلىپ باشقۇرۇپتىكەن، بىزگە كەلگەندە بۇ ئەنئەنە بۇزۇلدى. ئۇرساڭ خوتۇن زومىگىرى دەيدۇ، ئۇرمىساڭ قول قىچىشىپ ئادەمنى شۈك ئولتۇرغىلى قويمىغان.

زامان تەرەققىي قىلغانسېرى،ھەممە ئادەمنىڭ كاللىسى ئېچىلىپ سەگەكلىشىپ كەتكەنسېرى، خوتۇننى ئۆزۈڭنىڭ دېگەن يېرىگە ئاپارمىقىڭ، كىرپىك كۆتۈرۈپ قارىيالماس قىلىۋەتمىكىڭ ئوڭاي ئەمەسكەن. شۇڭا ، خوتۇننى تۈزۈم ئارقىلىق باشقۇرۇش بىردىنبىر ياخشى چارە بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشلەۋاتقان ئىدارە-ئورۇنلارمۇ بىزنى تۈزۈم ئارقىلىق راۋرۇس ئادەم قىلىدۇ ئەمەسمۇ؟ بۇ تۈزۈممۇ شۇنىڭغا تەقلىد قىلىندى.

خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ يېڭىلاش ، ئاۋام پۇقرانىڭ ئائىلە ئىنتىزامىنى تەرتىپكە سېلىپ، ئائىلىلەرنىڭ نورمال تەرتىپىنى ساقلاش ۋە ئاياللارنىڭ ئائىلىۋى تۇرمۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەزكۇر «تۈزۈم» تۈزۈپ چىقىلدى.مەزكۇر تۈزۈم چوڭ- كىچىك شەھەر، ناھىيە بازارلىرىدىكى باشباشتاق، تۇرمۇشى تەرتىپسىز ياش چوركانلارغا تەتبىقلىنىدۇ؛ ۋۇجۇدى پاك، سەمىمىي، مۇلايىم، كۆيۈمچان، ۋاپادار ئاياللارغا ماس كەلمەيدۇ. ئەھلى مەزلۇملىرىمىز ۋاقىپلانغاي:

1. خوتۇن كىشىنىڭ ئېرىنى سۆيۈش ۋە ئۇنى قەتئىي ھىمايە قىلىش، ئېرىنىڭ يېتەكلىشىگە مۇتلەق بويسۇنۇش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. ئائىلىۋى مەشغۇلات ۋاقتىغا قاتتىق ئەمەل قىلىش، ئەتىگىنى سائەت 6 دە ئورنىدىن تۇرۇپ ناشتىلىق تەييارلاش (ئۆلچىمى ھەر بىر ئائىلە ئەزاسى ئۈچۈن بىر كوي)، ۋاقىتنى كېچىكتۈرمەسلىك- ھورۇنلۇق قىلماسلىق، كەچتە سائەت 11:30دىن كېيىن ئۇخلاش ۋە ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى يۈز يۇيۇش ۋاقتى 3 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك؛ بىر كۈن جاپالىق ئىشلىگەن ئېرىنىڭ بەدىنىنى تۇتۇپ قويۇش، بالىنىڭ قىيا-چىيا قىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇ جەھەتتە لىڭتاسمىلىق قىلماسلىق، غۇدرىماسلىقى لازىم. مۇلازىمەت سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىش مەنئىي قىلىنىدۇ، ھېيت-بايرام ۋە ئارام كۈنلىرى دەم ئېلىش چەكلىنىدۇ.

2. خوتۇن بولغۇچى تەربىيلىنىپ تۇرۇشى، ئاشپەزلىك تېخنىكىسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن سىرت، يەنە ئۆينى ئالىي مېھمانسارايلارنىڭ ئۆلچىمى بويىچە رەتلىك تۇتۇشى ، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر تېبابەت ساۋاتلىرىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.

3. خوتۇن بولغۇچى ھەر ۋاقىت ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى، ئائىلىدە رەتسىز ، قالايمىقان كىيىنىپ يۈرمەسلىكى(ئۇخلاش كىيىمى بۇنىڭ سىرتىدا)؛ سىرتقا چىققاندا، ساڭگۇل-سۇڭگۇل، ئالا-بۇلىماچ كىيىملەرنى كىيىپ يۈرمەسلىكى، «ئاشخانىغا كىرگەندە ئۇستا ئاشپەز، ئاشخانىدىن چىقىپلا لېۋەن يارلار» بولۇشى كېرەك.

4. خىزمەتتە بولسا، ھەر ئايلىق ئىش ھەققى، مۇكاپاتى ۋە بارلىق كىرىملىرىنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم تولۇقى بىلەن ئېرىگە تاپشۇرۇشى ھەم بۇنىڭغا قارشى ئىدىيىدە بولماسلىقى، يوشۇرۇن پۇل ساقلىماسلىقى؛ ھەر كۈنلۈك چىقىمى 10 كويدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى (ھېيت-بايرامدىن سىرت)كېرەك.ئەركىشىدە ئايالىنىڭ چىقىم ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇرۇش، سۈرۈشتە قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ.

5. ئەرنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئورنىدا كۆرۈپ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، ئاسرىشى ، ھۆرمەتلىشى لازىم. ھەدىسىلا بىرتەرەپلىمە ھالدا ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن كەتمەن چېپىپ ئائىلىنىڭ ئىناق كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزىشىگە رۇخسەت يوق.

6. ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى نەزەردە تۇتۇپ ئايالنىڭ تۈرلۈك ناملاردىكى قاتار چايلارغا قاتنشىشى قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ.

7. ئائىلىدە ئەرنىڭ مۇتلەق نوپۇزى گەۋدىلىنىشى، ئىچىش- چېكىشىگە زىيادە چەك قويۇلماسلىقى، يېرىم كېچىدە ياكى تاڭ ئاتقاندا كەلسە كۆپ سۈرۈشتە قىلىنماسلىقى لازىم. ئايال بولغۇچى «كۇرىيە فىلىم»لىرىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، ئەشۇ فىلىملاردىكى ئايال پېرسۇناژلارغا ئوخشاش ئېرىگە ساداقەتمەنلىك كۆرسىتىشى لازىم.

8. ئېرىگە خالىغان ۋاقىتتا تېلېفون قىلىپ، ئەر بولغۇچىنىڭ خۇش كەيپىنى بۇزۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. تېلېفون بەرمىسە بولمايدىغان ئىش چىققاندا تېلېفون قىلىشى، تېلېفوندا پەقەت ئاساسىي مەقسەتنىلا سۆزلىشى لازىم. تېلېفوندا سۆزلەشكەن ئومۇمىي ۋاقتى بىر مېنۇتتىن ئاساسەن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

9. ھە دېسىلا ئاغرىپ قېلىپ، ئائىلىنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتىغا، ئىقتىسادىغا زىيان يەتكۈزىشىگە رۇخسەت يوق. داۋاسى يوق (مەسىلەن، راك دېگەندەك) كېسەلگە مۇپتىلا بولغاندىن باشقا كېسەللىكەرنى كۆپ ھەرىكەت قىلىش، ئاز تاماقلىنىش بىلەن داۋالىشى، ئىڭراپ يېتىۋالماسلىقى لازىم.

10. خوتۇن بولغۇچى ئۆز پەرزەنتىنى كۈندە مەكتەپكە ئېلىپ بېرىش ۋە قايتۇرۇپ كېلىش ۋەزىپىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشى، ھەرقانداق سەۋەبلەر بىلەن كېچىكتۈرمەسلىكى؛ ئارام كۈنلىرىمۇ «نۆۋەتچىلىك » مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئائىلىۋى تاماقنىڭ مول بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، پەرزەنتىنى سىرتتا ئوينۇتۇش(تاكسىغا ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ)، ياكى قېينانىسىغا ھەمراھ بولۇشى كېرەك.

11. خوتۇن بولغۇچىنىڭ ئائىلىنىڭ تازىلىقىغا مەسئۇل بولۇش مەسئۇلىيىتى بار. ئۆينىڭ تازىلىقى بىر كۈندە ئىككى قېتىم تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىدۇ.

12. ھيت-بايرامدىن باشقا كۈنلىرى خالىغانچە تېلېۋىزور كۆرۈشكە رۇخسەت يوق، ئېرى ياكى بالىلار بىلەن تىزگىنەكنى تالىشىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ؛ ئۆيدە قالايمىقان ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىشقا ۋە تېلېۋىزور كۆرۈش زۆرۈر بولغاندا، ئېرى ياقتۇرمايدىغان كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىدىن باشقىلىرىنى تاللاپ كۆرۈشكە بولىدۇ.

13. يات ئەرلەرگە(9ياشتىن-70ياشقىچە) قاراش ۋاقتى ھەر قېتىمدا 3سېكونتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، بىر ئەرگە قارىغان ئومومىي ۋاقتى بىر كۈندە ئۈچ قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئوغۇل ساۋاقداشلىرى بىلەن خەت يېزىشماسلىقى، كۆرۈشمەسلىكى ۋە توردا ئۇچراشماسلىقى؛ باشقا ھەرقانداق ئەرلەرنىڭ ئالدىدا تېلىقىپ كۈلمەسلىكى، غىلجىڭلىماسلىقى ۋە قېرىنداشلىرىدىن باشقا ئەرلەر بىلەن يالغۇز ئۇچراشماسلىقى كېرەك.

14. سېرىق كىنو-تېلېۋىزىيە لېنتىسى، قىمار ۋە زەھەر بىلەن ئۇچرىشىشقا بولمايدۇ؛ تاماكا چېكىشكە، ھاراق ئىچىشكە ۋە قالايمىقان ئاياللار بىلەن دوست بولۇشقا ، ياكى ئېرى ياقتۇرمايدىغان ھەرقانداق ئىش بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ. مۇبادا مۇشۇنداق قىلمىشى بايقىلىپ قالسا، دەرھال نىكاھدىن ئاجرىشىشى شەرت، شۇنىڭدەك ئاجراشقاندىن كېيىنكى بارلىق مال-مۈلۈك ئەرگە تەۋە بولىدۇ، خوتۇن بولغۇچى قاقسەنەم قىلىنىپ ئۆيدىن قوغلىنىدۇ.

15. خوتۇننىڭ بىرەر ئىش توغرىسىدا ئېرىگە دادلىنىشى ئىككى مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. دەرد تۆككەندە ئاۋازىنى پەس، مۇلايىم چىقىرىشى كېرەك.

16. ئەر تەرەپ خوتۇننىڭ پارچە خىراجىتى، گىرىم بويۇملىرىنى سېتىۋېلىشى ئۈچۈن، ئائىلىنىڭ كىرىمىگە ۋە ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، ھەر ئايدا مۇۋاپىق خىراجەت بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش؛ ئائىلىدە تاماق، تازىلىق ئىشلىرى ، ئېرىگە بوي سۇنۇش، كۆرۈنۈش- قىياپىتى ۋە مۇلازىمەت پوزىتسىيىسى قاتارلىق بەش تەرەپتىكى ئەھۋالىنى باھالاپ، ھەر بىر تۈرگە 20 نومۇردىن، جەمئىي 100نومۇر بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش؛ خوتۇن بولغۇچى ئالدى بىلەن ئۆز-ئۆزىنى باھالاش ۋە ئاخىرىدا ئېرى خۇلاسە قىلىپ نومۇر قويۇش كېرەك.

17. خوتۇننىڭ باھالاشتا ئېرىشكەن نومۇرى 90 غا يەتسە، ئېرىنىڭ ئەمەلىي ئىش ھەققىنىڭ %5 نى، ئەگەر 85 كە يەتسە، %4نى ، 80نومۇرغا يەتسە، %3نى مۇكاپات تەرىقىسىدە خوتۇنىغا بېرىش، 80 نومۇرغا يەتمىسە لاياقەتسىز ھېسابلاپ بىر پۇڭمۇ بەرمەسلىك؛ ئەگەر ئۇدا يېرىم يىلغىچە لاياقەتسىز بولۇپ، ئۆلچەمگە يېتەلمىسە، ئۆزلۈكىدىن نىكاھدىن ئاجرىشىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئەگەر ئۇدا ئىككى يىل لاياقەتلىك بولۇپ باھالىنىپ، ئۆلچەمگە يەتسە ۋە نەتىجىسى 90 نومۇرغا يەتسە، «ياخشى» ئايال دېگەن شەرەپلىك نامنى بېرىپ، مۇكاپاتنى %1 تىن %10كىچە ئۆستۈرۈپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئىككى كۈنلۈك ئارام بېرىش-تىنىۋېلىش پۇرسىتى بېرىش كېرەك. بۇ ئارام كۈنى شۇ ۋاقىتتىلا ھەم شۇ يىلىلا ئىناۋەتلىك بولىدۇ. ھەممىنى يىغىپ بىراقلا ئارام ئېلىشقا بولمايدۇ.

18. خوتۇن بولغۇچى ئائىلىنىڭ ئەدەپ-ئەھكاملىرىغا رىئايە قىلىشى، ئەدەپتىن چىققان بارلىق ئىشلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا ئېرىگە دوكلاد قىلىپ، تۇيۇق يولغا مېڭىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى لازىم . ئېرىنىڭ ئالدىدا ئۆز-ئۆزىنى تەنقىت قىلىش، ئۆز-ئۆزىنى كاچاتلاش روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

19. مەزكۇر «تۈزۈم» ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ ،ئۇنىھەر بىر ئائىلىدىكى ئەر نازارەت قىلىپ يۈرگۈزىدۇ ھەمدە ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى ئەردە بولىدۇ. ئەگەر يۇقۇرقى «تۈزۈم» گە قارىتا باشقىچە پىكىر ۋە گۇمانىي قاراشلار بولسا،مۇئەللىپ بىلەن ئالاقىلاشسە بولىدۇ.

ئادرېسى: زالىملار كوچىسى، سوغكۈلكە مەھەللىسى، قاتتىق قول ئەر قورۇسى.

ۋاقتى: يولۋاس يىلىنىڭ كۆكلەم پەسلى
مەنبە-پاكنۇر مۇنبىرى
ھەر بىر قىيىنچىلىقنىڭ كەينىدە بىر ئاسانچىلىق  بار
ئامانشاھ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1939
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1103
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1103دانە
ئۆسۈش: 1260 %
مۇنبەر پۇلى: 12065 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2011-10-21

ئاشخانىغا كىرگەندە ئۇستا ئاشپەز، ئاشخانىدىن چىقىپلا لېۋەن يارلار ....
ھا ھا ھا.. ماۋۇ جايلار  بەك قىززىق بىلىندى ماڭا ، قىنى بۇ ئاياللار كۆرمىدىمۇ نىمە ؟       
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم  مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىغىمدىن.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5215
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 10
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە10دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 125 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-26
ئاخىرقى: 2011-05-30
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-22 20:22

  
قوزام
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3625
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 570
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە570دانە
ئۆسۈش: 510 %
مۇنبەر پۇلى: 6210 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-06
ئاخىرقى: 2011-10-18
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-22 20:26

  ئامان شاھ سىزنى ئىزدەي دەپ تۇرۇپ تۇم ھەنىم بولسا كىرىپ سىز  توي قىلىسىز ئەمەسمۇ.ھى ھى ھى
بولغۇسى ئايالىڭىز غا بىر كۆرسۇتۇپ قۇيسىڭىز ..........  ھى ھى ھى
ئۆتمەنامەرت كۆرىكىدىن سۇسىنى ئاقتۇرسىمۇ ،
يىمەنامەرت ئاشىنى ئاچلىق سىنى ئۆلتۇرسىمۇ.
ئامانشاھ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1939
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1103
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1103دانە
ئۆسۈش: 1260 %
مۇنبەر پۇلى: 12065 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2011-10-21
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-22 20:32

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى end نىڭ 2011-03-22 20:26 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
  ئامان شاھ سىزنى ئىزدەي دەپ تۇرۇپ تۇم ھەنىم بولسا كىرىپ سىز  توي قىلىسىز ئەمەسمۇ.ھى ھى ھى
بولغۇسى ئايالىڭىز غا بىر كۆرسۇتۇپ قۇيسىڭىز ..........  ھى ھى ھى

شۇنى دەيمەن، ئەجەپ ۋاقتىدا ئىلان قىلىندى دىسە...ھى ھى ھى
تەليىم باركەن جۇمۇ..
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم  مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىغىمدىن.
دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ!!!
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 967
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە967دانە
ئۆسۈش: 640 %
مۇنبەر پۇلى: 10402 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-14
ئاخىرقى: 2011-10-20
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-22 20:48

كونا  تېما~~~
سىلەر بىزگە نېمىنى تىلىسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!ئامىن!!!
mp3
hudayim bar himim yuk
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5863
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 669
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە669دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 7012 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-24
ئاخىرقى: 2011-10-12
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-22 22:20

سىزدىن سۇراي ساقام سىز 10 ماددسىنى يۇرگىزەلسىڭىز ئاپرىن. قىنى شۇنداق ئۇغلانلىرىمىز ياشسۇن.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6663
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 54
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە54دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 820 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-23
ئاخىرقى: 2011-10-20
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-23 12:02

  


ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى end نىڭ 2011-03-22 20:26 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
  ئامان شاھ سىزنى ئىزدەي دەپ تۇرۇپ تۇم ھەنىم بولسا كىرىپ سىز  توي قىلىسىز ئەمەسمۇ.ھى ھى ھى
بولغۇسى ئايالىڭىز غا بىر كۆرسۇتۇپ قۇيسىڭىز ..........  ھى ھى ھى

شۇنى دەيمەن، ئەجەپ ۋاقتىدا ئىلان قىلىندى دىسە...ھى ھى ھى
تەليىم باركەن جۇمۇ..
ئۇنداقتا   سىلەر  مەڭگۈ  خۇتۇنسىز  قالغۇدەكسىلەر!
ئۆلۈم ھايات جۈملىسىگە ئۇرۇلغان چىكىت!!!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2066
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 121
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە121دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 1392 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-18
ئاخىرقى: 2011-10-20
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-23 13:10

ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:
بۇ تىمىنى يەنە كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدى دىسە؟! ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭدا تور ئىتىلىپ قېلىپ ئىچكىردە ۋە چەتئەلدە ئېچىلىدىغان بىر قانچە مۇنبەر بار ئىدى. شۇ مۇنبەرلەرنىڭ بىرى بولغان داڭلىق مۇنبىرىدە ئىچكىر ۋە چەتئەلدە مۇساپىرچىلىقتا يۈرگەن ھەر خىل ئېقىمدىكى قېرىنداشلار يېغىلىپ ئۇ مۇنبەردە ئۆز-ئارا ھال-مۇڭدا بولۇشاتتۇق.ماڭا مىھرى شۇنداق ئىسسىق بىلىنەتتى ھەم مۇنبەرگە كىرىشنى شۇ مۇنبەردىن باشلىغان دىسەممۇ بولىدۇ. شۇ ۋاقىتلاردا بۇ تىما داڭلىقتا كىمدۇ بىر قېرىندىشىمىز تەرىپىدىن يوللانغان ئىدى شۇنداق كۆپ ئىكاس چۈشۈپ قىز-ئوغوللار ئىككى تەرەپكە بۆلۈنۈپ مۇنازىرلىشىپ كەتكەن. ئازغىنە بىر مەزگىلدىن كىيىن بىر قىز قېرىندىشىمىزمۇ ئەرلەرگە 21  ماددا دەپقۇ دەيمەن ئىشقىلىپ بىر قانچە ماددىنى ئارتۇق تۈزەپ يوللاپتىكەن ئۇندىن كىيىن ئۇ مۇنبەر تېخىمۇ بەك قىززىپ كەتكەن ئىدى كىيىن شىڭجاڭدا تور ئېچىلىپ ئازغىنە كۈنگە قالماي ئۇ مۇنبەر تاقىلىپ قالدى شۇ پىتى ئېچىلمىدى.مۇنبەرداشلار چېچىلىپ كەتتۇق. بۇ مۇنبەردە كونا مۇنبەرداشلاردىن بىر قانچىنىمۇ ئۇچراتتىم. باشقا مۇنبەرلەرىمۇ ھەم شۇ.......
ئاللا خالىسا ئەرلەرگە تۈزۈلگەن تۈزۈمنى ئىزدەپ تاپالىسام يوللاپ قويار مەن........
INSAN HAYATIDIKI AJALLIK ILLAT TAKABBURLUK
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4096
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 132
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە132دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 1360 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2011-10-12
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-23 17:33

nima disam bolar  arlar ayallarga  tuzum tuzuxtin ilgiri,ozliri ning masulyat, buruq,wa ulgiliri togrisida    az-tola  sawak birip otaligan bolsa kandak yahxi bolar idi? ailini bir warak ak kagazga ohxatsak,aila baxligi bolgan axu arlarning xu kagazga kandak izlarni kalduruxi   wa nimilarni yizixida    ipadilinidu