باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3516 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: ئۆلگەندىن كېيىنكى ئىشلار
شاتتاي
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 364
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 184
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە184دانە
ئۆسۈش: 2161 %
مۇنبەر پۇلى: 3237 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-21
ئاخىرقى: 2012-05-02
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-22 10:32

ئۆلگەندىن كېيىنكى ئىشلار

ئۈلۈمىڭىزدىن كېيىنكى ئائىلىڭىزگە ۋە باللىرىڭىزدا يۈز بىرىدىغان ئىشلارنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟

مىنىڭ بۇ ئىشلارنى ئويلاپ يۈرگەنگە خىلى زامانلار بولغان بولسىمۇ ئەمما ئاددى ئوي-پېكىرىمنىڭ قۇلى بوپ كەتكەچكە «خۇدا »بار دەپ مەجبۇرىي كاللامدىن سىقىپ چىقىراتتىم . مەن خۇدانىڭ پەزلىتى ۋە مېھرىبانلىقىنى تۇنۇپ يەتكەنسىرى ئويلىغان پېكىرىلىرىمنىڭ خۇدا يولىدا ئىكەنلىكىنى ھەم خۇدانىڭ پەزىلىتىنى تېغىمۇ چوڭقۇر ھىس قىلغانلىقىمنى بىلدىم.
ھاياتلىق ئادەمگە بىر قىتىم كېلىدىغانلىقىنى ھىس قىلغان ۋاقتلىرىم دەل مىنىڭ ئۈمۈتسىزلىككە يول ئالغانلىقىمنىڭ تۇنجى قەدىمى ئىكەن.چۈنكى ئۈمۈتسىزلىك دەل ھاياتلىقتىكى تىنىقىڭىزنىڭ ھامان توختايدىغانلىقىنى تەسەۋۇر قىلغانلىقىڭىز .
ئەمىسە مەن تەسەۋۇرلىرىمنى باشلىدىم ،بۇ يىزىشىم مەلۇم نوقتىدىن ئېيتقاندا مەن كۆرگەن ھەم ئاڭلىغان ئىشلارنى خىيال قىلىپ تۇرۇپ بارماقلىرىمنى مىدىراتتىم، خالاس .

مەن ئۆلدۈم ، ھەر قانداق نەرسە مەن ئۈچۈن بەرىبىر... ھەر قانداق نەرسە مەن ئۈچۈن  يوقلۇق ،مەن ئۆلدۈم، لېكىن «جان»نىڭ قەيىرىمدىن چىققانلىقىنى بىلمدىم ،ھاياتلىقىمدا ئاڭلىشىمچە «جان» كۆزدىن چىقىدۇ دېسە، يەنە بىركىملەر ئىغىزدىن چىقىدۇ دەيدىكەن ئەمما شىرىن جان ئۈلۈمگە باش ئەككەندە تېپىرلاشلىرىڭىزدىنمۇ خەۋەرسىز قالىدىكەنسىز ! مەن ئۆلگەندە ئانامنىڭ ،ھەدەمنىڭ ، سىڭلىمنىڭ ئەركەك بىر تۇققۇنۇم ئاكامنىڭ مۇڭلۇق ئېڭراشلىرىدىن شىرىن مۇھەببىتىمنىڭ مىۋىللىرى بولغان ئىككى ئوغلۇمنىڭ ھەم جىنىمدىن ئارتۇق كۆرىدىغان قىزىمنىڭ مەن ئۈچۈن ئەلەملىك ياش تۆكىۋاتقانلىقىنى نەچچە ئون يىللىق ھەمىراھىم شىرىن سۆھبەتلىرىمنىڭ ،ساپ مۇھاببىتىمنىڭ گۇۋاچىسى قەدىرلىك ئايالىمنىڭ نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي باللىرىنى باغرىغا بىسىپ بوقۇلداپ يىغلاپ، ھاياتلىقىمىزدا ئۆتكۈزگەن گۈزەل ئەسلىمىلەرنى كىنو لىنتىسىدەك كۆز ئالدىغا كەلتۈرىۋاتقانلىقىنى ،دوس –بۇرادەرلەرنىڭ ئاچچىققا تولغان قەلبىنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلەلمەي، ئانچىكىم كىچىك ئىشلارنى ئويلاپ :مىنى رەنجىتكەن بولغۇيمىتىم دەپ ئوھ سىنىشلىرى ،ئۇلارنىڭ ، ئاچچىق مۇڭلىرى بىلەن يىغلاۋاتقان پەرزەنتلىرىمگە قاراپ  بىچارە بالىلار داداڭلار ھەقىقەتەن ياخشى ئادەم ئىدى دەپ تەسەللىي بىرىشلىرى ، يىراق-يىقىندىكى ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ دەرۋازامدىن كىرىپلا :ۋاي قىرىندىشىم، ۋاي تۇققۇنۇم، ئاكامنىڭ ئوغلى ،ھەدەمنىڭ ئوغلى ،ھەجەپمۇ ياش كەتتىڭ دەپ ئۈلۈمىمنى ئاۋاتلاشتۇرۇشلىرى ،خۇلۇم-خوشنىلارنىڭ ھەسىرەتلىك ياشلىرىنى سىغدۇرالماي سىرغىپ چىققان ياشلىرىنى قول ياغلىرقلىرى بىلەن سۈرتىشلىرى
قارى –قۇرئان بۇرادەرلەرنىڭ مەن ئۈچۈن خۇداغا «سالھ» بەندىلىكىمگە گۇۋالىق بىرىۋاتقانلىقى ،بەزى ئىپى –جىپىدە جۈملە تۈزەلمەيدىغان تۇنۇش –بىلىشلەرنىڭ «خۇداغا ياراپتۇ» دېيىشلىرى، نامىزىمنى چۈشۈرۈش ئالدىدا چوڭ ئوغلۇمنىڭ ؛دادام ھاياتلىقىدا ئالدىڭلاردىن توغرا ئۆتكەن يەرلىرى بولسا ،ياشلىق قىلىپ خاتا سۆزلەپ قويغان يەرلىرى بولسا مېھرىبان خۇدانىڭ نامى بىلەن كەچۈرىۋىتىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن،شۇنداقلا دادامنىڭ ھاياتلىقىدا ئالدى –بەردىسى بولسا مەن چوڭ ئوغلىنى ئىزدىشڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن ! كۆپچىلىكنىڭ دادامنىڭ ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن سەمىمىي دۇئا قىلىشىنى سورايمەن؟ كۆپچىلىكنىڭ بىردەك بىز رازى دېيىشلىرى ... دامۇللامنىڭ جەسىدىمنىڭ يىنىدا تۇرۇپ ؛قىرىنداشلار ئۈلۈم ھەممىزگە بار ،ھىچقانداق مەخلۇق ئۈلۈمدىن قىچىپ قۇتۇلالمايدۇ «ھەر قانداق مەخلۇق ئۈلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر»شۇڭا ھاياتلىقىمىزدا ئۇ دۇنياغا بىرگە كېتىدىغان ئەمەللىرىمىزنى تەييارلاپ قۇيايلى ! ئۇ ئەمەللەرنى قانداق تەييارلايمىز ؟خۇدانىڭ باشتا سورايدىغىنى 5ۋاق ناماز !نامىزىڭلار بولمايدىكەن جەننەتتىن تەمەيىڭلار بولمىسۇن ! دەپ ئۈنلۈك خىتاپ قىلىشلىرى، نامىزىمغا كەلگەن يىراق –يىقىنلارنىڭ بىر قىرات ساۋاپ بىلەن رازى بۇلىشىپ قەبرەمگە بىرىشماي يەنە بىر قىرات ساۋاپتىن قۇرۇق قىلىشلىرى، يەرلىكىمنىڭ ئانچىكىم قاتتىق چىقىپ قالغانلىق تۆپەيلى بەزەن نادان ئۇيغۇرلىرىمنىڭ باشقىچە كۆز قاراشتا بولغانلىقى؛ھەي بۇ بالىنىڭ ئاخىرەتلىكى تازا ياخشى بولمامدۇ نېمە؟ توۋا دەيلى بۇرادەر، توۋا دەيلى دەپ ياقا تۇتۇشلىرى، ئوغلۇمنىڭ مەن ياتىدىغان يەرلىككە كۆزلىرى ئالاق-جالاق بولغان ھالدا چوڭلارنىڭ زورلاشلىرى بىلەن قاپ-قاراڭغۇ گۆرگە يىتىپ بىقىشلىرى ، جەسىدىمنى قۇيۇپ بولۇپ خام كىسەكلەر بىلەن ھىم ئىتىپ ، يەتتە كەتمەن تۇپىنى يەرلىك قازغۇچىنىڭ تاشلاپ بۇلىشى بىلەن قارىمنىڭ مۇڭلۇق «تەبارەك»نى ئۇقۇشلىرى ، مەن بىلەن شۇنچە ئۇزۇن ياشىغان كىشىلەرنىڭ مىنى يالغۇز تاشلاپ قۇيۇپ قايتىشلىرى ،ئوغلۇمنىڭ قانداق قىلىشىنى بىلمەي قەبرەم بىشىغا يىنىش –يىنىشلاپ ئارقىغا قاراشلىرى ، جەسىدىمنىڭ ،روھىمنىڭ، يالغۇز قەبىرىدە مۇنكىر-نىكىرنىڭ سورىقىغا خاتىرجەم تۇرۇشلىرى،ئۇرۇق تۇققان ،دوس بۇرادەرلەرنىڭ مىنى كۆمۈپ قۇيۇپ مەردانە قەدەملىرى بىلەن ھويلامغا دادىل كىرىشلىرى ، مۇللامنىڭ بالا-چاقىللىرىمغا سەبىر قىلىش توغرىسىدا ۋەز ئىيتىشلىرى ، مەن ھاياتلىقىمدا «تەقۋا»بولغانلىقىم ئۈچۈن ھىچقانداق بەلگە سىلىنمىغان بالا ۋاقامنىڭ ،ئۇرۇق –تۇققانلىرىمنىڭ ،يىراق –يىقىندىن كەلگەن دوس –بۇرادەرلەر تەرىپىدىن ئۈلۈم ئىگىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەي قىلىشلىرى ، يۇرتىمىزدىكى چوڭلارنىڭ ھىچقانداق مەرىكە ئۆتكۈزۈلمەيدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن «بۇ قانداق زامان بوپ كەتتى ،توي-تۆكۈن نەغمە بىلەن ، ئۆلۈم –يىتىم يىغا- زارە بىلەن بولىدىغان تۇرسا دەپ ھازىرقى ياش-قارىم –مۇللىلاردىن قىيداشلىرى، شۇنداق قىلىپ ئۆلگەنلىكىم ئۆلگەن بۇلۇپ ،يىتىم قالغان بالا –ۋاقام  ھەسرەتتە قالغان بولسىمۇ  جاھاننىڭ يەنە ئەسلىگە كىلىشلىرى، ئارىدىن بىريىل ئۆتۈپ تىللا تۈكۈلىدىغان دەرەخنىڭ قۇرىغانلىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلىشقان ئۆي-ۋاقامنىڭ تۆت –تەرەپكە بويۇن سۆزۇشلىرى ، ھاياتلىقىمدا مېھرىم بىلەن  ئەركىلەتكەن ، ماشىنام بىلەن مەكتىپىگە تۆت ۋاق تۇشىغان پەرزەنتلىرىمنىڭ كۈندىن –كۈنگە سېغىنىشلىرى، ئانامنىڭ كۆز ياشلىرىنىڭ يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك ،تامچە-تامچە بۇلۇپ مەڭزىلىرىدە داغ قالدۇرۇپ قىلىشلىرى، ھېيىت –ئايەم ،بايراملاردا ئۇرۇق-تۇققان ،دوس-بۇرادەرلەرنىڭ ئۆيۈمگە كىلىپ مۇڭلۇق قىرائەتتىن كېيىن ؛ئاز بولۇپ قالدى دەپ سەمىمىي كۆڭۈللىرىنى بىلدۈرۈشلىرى، سۈيۈملۈك بالا –ۋاقامنىڭ بۇنداق بايراملاردا خوشھاللىقا تولىدىغان ئائىلىنىڭ بىردىنلا غىرىبانە كەپگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى چۈشىگە كەلتۈرمىگەنلىكى ھەققىدە ئويلىشىپ قايغۇرۇشلىرى، شۇنداق قىلىپ رەھىمسىز پەلەكنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشلىرى ، چاقماق –چىقلىدى ،ھاۋا گۈلدۈرلىدى،قاتتىق يامغۇر يىغىشقا باشلىدى ،يىرىم كىچىدە كىچىك ئوغلۇمنىڭ قاتتىق يىغلىشىدىن چۈچىگەن ئايالىم چىراقنى ياندۇرۇپ ئىنتايىن چۈچىدى ،چۈنكى بالام قىززىپ كاۋاپ بوپ كەتكەن ئىدى ...قانداق قىلىش كېرەك ئۇيان قاراپ بۇيان قاراپ مىنىڭ ھاياتلىقىمدىكى ماشىنىسى بار يىققىن ئۆتكەن بۇرادەرگە تېلفۇن ئالدى ،ئۇ سەمىمىي دوستۇم ھەر ھالدا مېھرى –دوسلۇقىمىزنىڭ يۈز- خاتىرىسىنى قىلىپ ئۇچقاندەك كىلىپ بالامنىڭ سەللىمازا ساقىيىشىغا ۋاقتىدا ياردەم بەردى ،جاھان كۈندىن –كۈنگە تارىيىپ كېتىۋاتاتتى ،بىچارە مەزلۇم ھاياتلىقىمدا ئېغىر –يىنىك ئىش قىلمىغاچقا دەمالىققا خىلى ۋاقىتقىچە كۈنەلمەي كەلدى ،ۋادىرىغا ! ئامال قانچە ئاخىر ھاياتلىقىمدا دېگەن ھەم دانىشمەنلەرنىڭ ئۈزۈندىلىرىنى ئىسىگە ئىلىپ غەيرەتكە قەدەم ئالدى ، قاتتىق قار ياغقان بىركۈن جانىجان ئامىراق قىزىم ئېغىر ئاغرىپ قالدى ، ئۇ قىزىمنىڭ ئاغرىقى دەمالىققا ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ھەم نۇرغۇن پۇل كېتىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان بىچارە ئايالىم ،ساتمىغان ئۆي ۋاران ،قۇي –كالا ، قەرزى ئالمىغان دوس بۇرادەر ،ئۇرۇق –تۇققانلار قالمىغان ۋاقىتتا تەغدىرگە تەن بىرىپ خۇدادىن تېلىمەسلىككە ئامالى قالمىدى ،ئىھ خۇدا ماڭا ياردەم قىل يولدۇشۇمنىڭ كۆز قارچۇغى مىنىڭ يۈرەك –پارەم بولغان قىزىمنىڭ قۇتۇلدۇرىۋال ،قىزىم  ئۆيگە كەلگەنىڭىزى قىززىتمىسى زادىلا چۈشمەي تاڭ ئاتقۇچە يۆتىلەپ چىقاتتى ،تالادا شېۋىغان ئارلاش قاتتىق بوران چىقىۋاتاتتى ،قار كۆزنى ئاچقۇسىز ھالەتتە ئۇدانەچچە كۈن يېغىۋاتاتتى ،قىزىمنىڭ ھالى بارغانچە يامانلىشىپ كېتىۋاتاتتى ،مەن بۇ دۇنيادىن خوشلاشقانىڭىزى ئاناممۇ نەچچە ياش ئارتۇق قىرىپ كەتكەن ئىدى ،ھەدەمنىڭ ،سىڭلىمنىڭ ،ھەتتا ئاكامنىڭمۇ بۇنچىلىك كۆپ پۇلغا ئامالى يوق ھالدا ئېغىر سۈكوناتقا چۆككەن بىشىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇراتتى ،قىزىمنىڭ تىنقى بارغانچە ئاستىلاۋاتاتتى ...
قىلىن قار باسقان قەبىرە ئۈستىگە غەلىتە بىر نۇر پەيدا بولدى ،ئۇ نۇر شۇنداق يۇرۇق ھەم تەپتى بار ئىدىكى ئۇنىڭ ئالدىدىكى قارلارمۇ شاپپىدە ئىرىپ سۇ ھالىتىگە كەلگەن ئىدى ،بۇلۇتسىز ئاسمان قاتتىق چىقىلدى ،پۈتۈن دونيا قايتا يۇرىغاندەك خۇددى بۇ كىچە ،كىچە بولمايدىغاندەك يۇپ-يورۇق بوپ كەتكەن ئىدى ،يەر قاتتىق سىلكىندى قەبرە بىشىدىكى تۇپا ئاستا-ئاستا چىچىلىپ گۆرنىڭ ئىغىزى ئىچىلدى .....
شۇنداق قىلىپ ئۆلىمىمدىن كىينىكى ئىشلارنى پەرەزى يىزىپ ئاخىرلاشتۇرغاندا كۈزۈمنىڭ تالغانلىقىنى بىلىپ ئارقىمغا قارىسام تاتلىق قىزىم بىر خىل پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتاتتى ،ئايالىم خۇپتەننى ئىخلاس بىلەن ئۇقۇۋاتاتتى .
تۈگىدى.



مەنبە-ئەلكۈيى مۇنبىرى -ugenguqi تورداش يازغان ئىكەن ، قارسام ياخشى تېما ئىكەن ، چۈنكى مەنمۇ دائىم ئۈلۈمنى ئويلاپ تۇرىمەن .......
alaneng kudertega exenman
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1201
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 235
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە235دانە
ئۆسۈش: 410 %
مۇنبەر پۇلى: 3692 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-26
ئاخىرقى: 2011-06-15

ھەي  قىرىندىشىم ئۆلۈمنى ئۆيلىماڭا ، ھايات غەنىمەت دەپتىكەن.
INSAN HAYATIDIKI AJALLIK ILLAT TAKABBURLUK
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4096
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 279
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە279دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 1490 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2012-05-10
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-22 14:05

yazgan timingizga kop rahmat
كۈلىۋەر دۈشمەنلىرىم!
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1636
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 791
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە791دانە
ئۆسۈش: 1430 %
مۇنبەر پۇلى: 9593 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-08
ئاخىرقى: 2012-05-05
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-22 14:10

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى sawirqan نىڭ 2011-03-22 12:44 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ھەي  قىرىندىشىم ئۆلۈمنى ئۆيلىماڭا ، ھايات غەنىمەت دەپتىكەن.

پەقەت ئاقىل ئادەملا ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئويلايدۇ!
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+2(saifulla) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • سىلەرگە ئىشىنىمەن ، چۈنكى سىلەر قېرىنداشلىرىم ،
    سىلەرنى سۆيىمەن ، چۈنكى سىلەر ۋەتەنداشلىرىم.
    قوزام
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3625
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1479
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1479دانە
    ئۆسۈش: 590 %
    مۇنبەر پۇلى: 8515 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-11-06
    ئاخىرقى: 2012-05-09
    4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-22 14:17

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى sawirqan نىڭ 2011-03-22 12:44 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
    ھەي  قىرىندىشىم ئۆلۈمنى ئۆيلىماڭا ، ھايات غەنىمەت دەپتىكەن.
     
      ئاQ نىڭ ئۆزى كەنسىز.
    ئۆتمەنامەرت كۆرىكىدىن سۇسىنى ئاقتۇرسىمۇ ،
    يىمەنامەرت ئاشىنى ئاچلىق سىنى ئۆلتۇرسىمۇ.
    دوستلىشىش
    تاھىربەگ
    تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
    دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 11
    ئومۇمىي يازما: 2473
    ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2473دانە
    ئۆسۈش: 5440 %
    مۇنبەر پۇلى: 30411 سوم
    تۆھپىسى: 179 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-06-06
    ئاخىرقى: 2012-05-11
    5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-22 16:32

    سەۋىرچانكىيۇ
    ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6628
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 6
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە6دانە
    ئۆسۈش: 30 %
    مۇنبەر پۇلى: 80 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-03-22
    ئاخىرقى: 2011-04-16
    6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-22 17:24

    بىز ئۆلسەك يوقاپ كەتمەيمىز بەلكى ھەققى ھاياتلىققا كېتىمىز
    ئاللاھنىڭ قۇلى
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1442
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 474
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە474دانە
    ئۆسۈش: 640 %
    مۇنبەر پۇلى: 5373 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-02
    ئاخىرقى: 2012-05-04
    7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-22 17:31

    ىىلى تەسىرلىك يېزىپسىز كۈزۈمدىن ياش ئاقتى
    ‹بارلىق ئەمەللەر نىيەت بىلەن بولىدۇ...›ھەدىس شە& ..
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4954
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 1
    ئومۇمىي يازما: 612
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە612دانە
    ئۆسۈش: 1670 %
    مۇنبەر پۇلى: 4755 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-12-17
    ئاخىرقى: 2012-02-26
    8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-22 17:35

    ‹ئىنسان پەقەت ئۆزقىلمىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ›سۈرەنەجمە-39ئايەت
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1201
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 235
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە235دانە
    ئۆسۈش: 410 %
    مۇنبەر پۇلى: 3692 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-08-26
    ئاخىرقى: 2011-06-15
    9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-22 17:37

    بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى sawirqan نىڭ 2011-03-22 12:44 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
    ھەي  قىرىندىشىم ئۆلۈمنى ئۆيلىماڭا ، ھايات غەنىمەت دەپتىكەن.
     
      ئاQ نىڭ ئۆزى كەنسىز
     
    ئەمسە بىشىڭدىكى ياغلىققا ئىسىلىپ ئۆلۋال. قانداق نىمە ماۋۇ. ئادەمنى چۈشكۈنلەشتۈردىغان ئىشلار ئازما ما جاھاندا؟ كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ دىگەن گەپنى ئاڭلىمىغانما؟ ياشىماق تەس كەلگەن بولسا تامغا ئۈسۈپ ئۆلۋال .