باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3078 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: ئۇيغۇر نامىنى قوللىنىشنىڭ باش - ئاخىر     (غالىب بارت ئەرك)
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5657
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 84
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە84دانە
ئۆسۈش: 250 %
مۇنبەر پۇلى: 1042 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-10
ئاخىرقى: 2012-03-25
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-21 20:55

ئۇيغۇر نامىنى قوللىنىشنىڭ باش - ئاخىر     (غالىب بارت ئەرك)

ئۇيغۇر نامىنى قوللىنىشنىڭ باش - ئاخىر
غالىب بارت ئەرك
<<ئۇيغۇر>> دىگەن بۇ نام دۇنيادا نۇپۇسى سەككىز مىليوندىن ئارتۇق تۈركىي تىل سېستىمىسىدا سۆزلىشىدىغان ، قەدىمكى مەدەنىيەتلىك شەرق خەلىقىنىڭ نامى. ھازىر دۇنيادا 30نەچچە دۆلەت ئالىملىرى ئۇيغۇر مىللىتىنى تەتقىق قىلماقتا.
مانا ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ئالدىدا تۇرۋاتقىنى <<ئۇيغۇر>>نامى قانداق مەنىگە ئىگە ؟قاچاندىن بېرى قوللىنىلغان؟ دىگەندەك نۇرغۇن مەسىللەر تېخى جاۋاپسىز .
بىز تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىمىز.
<<ئۇيغۇر نامىنىڭ قاچاندىن باشلاپ قوللىنىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان نەق يازما خاتىر يوق ،شۇنداقتىمۇ بىز بەزى مەنبەلەرگە ئاساسەن يورۇتۇپ بىرىشىكە تىرىشىمىز.11-ئەسىردە ياشىغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى ماھمۇد كاشغەرىنىڭ <<تۈركىي تىللار دىۋانى>>دا بىزنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ :<< ئۇيغۇر بىر ئەلنىڭ نامى ،ئۇنىڭ بەش شەھىرى بار ،بۇ زۇلقەرنەيىن تۈرۈك خاقانى بىلەن پۈتۈم تۈزگەندىن كېيىن سالدۇرغان. زۇلقەرنەيىن ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلاشقاندا تۈرۈك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى تۆت مىڭ ئادەم ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن ،ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن. زۇلقەرنەيىن بۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە ئىنان خۇدخۇراند -- بۇلار باشقلارغا مۇھتاج بولماي ئۆز ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن . ئۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. قاچان خالىسا شۇ چاغدا ئېتىپ يىيەلەيدۇ>>دەپتۇ.
ئاتاقلىق ئالىم ماھمۇد كاشغەرى خاتىرىلىگەن بۇ رىۋايەت بىزگە <> ئۇيغۇر >> نامىنىڭ مىلادىيەدىن تۆت ئەسىر بۇرۇن بارلىقىنى ،بەلكى ئۇنىڭدىن بۇرۇن مەۋجۇدلۇقىنى ئىسپاتلاپ بەردى . مەشھۇر ئىستىلاچى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن مىلادىيەدىن تۆت ئەسىر بۇرۇن دۇنياغا كېلىپ دۇنيانى تىترەتكەن تارىخى شەخس. << ئۇيغۇر >> نامىنىڭ پەيدا بۇلۇشىنى ئىسكەندەرگە باغلاپ رىۋايەت قىلىش ئۇيغۇرلانىڭ تارىخ خاتىرىلەش ئەنئەنىسىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ بۇ نامىنىڭ پەيدا بولغان يىلىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ،ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىندىن ئىبارەت مەشھۇر ئىستلاچى ياشىغان دەۋرنى خاتىرىلەپ يىل دەۋرىدىن مەلۇمات قالدۇرغان. ئۇيغۇر نامىنى ئىسكەندەرگە باغلاشتىكى مەقسەت بۇ دۇنياۋى ئىستىلاچىغا ئائىت ۋەقەلەرنىڭ يىراق جايلارغىچە تارقىلىدىغانلىقىنى ،ئۇزاق زامانلارغىچە تىلغا ئېلىنىدىغانلىقىدىن بولغان. بۇ رىۋايەت يەنە بىزگە خاقانىيە ئاھالىسىنىڭ مۇڭغۇلىيە ۋادىسىدىن كۆرە ئوتتۇرا ئاسىيادا مىلادىيەدىن خېلى زامانلار بالدۇر مەۋجۇتلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. كىشلەر ئېسىدە رىۋايەت سۈپىتىدە مەڭگۈ ساقلىنىدىغانلىقىن ئىبارەت .رىۋايەتنىڭ مەقسەتلىرنى داۋام قىلساق << ئۇيغۇر >> نامىنى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن قويغان بولۇشى ناتايىن. لېكىن دۇنياغا مەشھۇر ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن تىلىدىن << بۇلار باشقلارغا مۇھتاج بولماي ،ئۆز ئوزۇقىنى ئۆزى تىپىپ يەيدىغانلار >> ئىكەنلىكى قايىللىق بىلەن دىگۈزۈش ، ئەمەلىيەتتە ئۆز نامىدىن پەخىرلىنىش ھەم خاسيىتىنى نامايەن قىلىشتىن ئىبارەت. رىۋايەتتە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركلەر بىلەن ئوخشاشلىقى بەلكى ئۇلارنىڭ جەڭگىۋار بىر قىسىمنىڭ نامى بولغانلىقى ، بۇ تەڭداشلىقىنى ماھمۇد كاشغەرىنىڭ ئۆزى ھەم ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى باشقا بايانلىرى تەرىپىدىنمۇ ئىسپاتلانغان. بۇ رىۋايەت يەنە بىزگە ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 4-ئەسىردە ياكى ئونىڭدىنمۇ بۇرۇن بىر قىسمىنىڭ شەھەر مەدەنىيتىگە ئۆتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىي داستانى << ئوغۇزنامە >> مۇ بىزگە 106 - قۇرىدا مۇنداق مەلۇمات بىرىدۇ :<< مەن ئۇيغۇرلارنىڭ قاغانىمەن >>. << ئوغۇزنامە >> رىۋايەت خاراكتىرىنى ئالغان تارىخ بولۇپ ئەپسانىمۇ ئارلىشىپ كەلگەن. ئەسەر تەخمىنەن 13 - ئەسىرلەردە قەلەمگە ئېلىنغان بولسىمۇ ۋاقىت ناھايىتى  قەدەىمكى دەۋرگە بېرىپ تاقىلىدۇ. بۇ تارىخي داستاندا ئۇيغۇر نامىنىڭ بېرىلىشى مەسىلىسى ئوغۇزخان تىلىدىن بايان قىلىنىدۇ. كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار ئوغۇزخاننى ھون تەڭرىقۇتى باتۇر دەپ ئاتايدۇ. بىز بۇ قاراشنى قۇۋۋەتلىسەك ئوغۇزخان مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 3 - ئەسىردىكى تارىخي سەخش بولۇپ << ئۇيغۇر >> سۆزى شۇنىڭدىن بۇرۇنلا مەۋجۇت بولغان بولىدۇ. سەۋەبى ئوغۇزخان قىپچاق، قارلۇق ،قاڭقا ،قالئاچ ناملىرىنى بەرگەن بولسىمۇ << ئۇيغۇر >> نامىنى ئوغۇزخاننىڭ قويغانلىقىنى دىمىگەن ،لېكىن << ئۇيغۇر >> نامى ئۇلار قۇدرەتلىنىپ كۈچلۈك دۆلەت قۇرغاندا ھەممە قەبىلە ئۇرۇقلارغا بايرىقى ئاستىغا جەملەنگەندە ئاندىن زاھىر بولغان. ئوغۇزخانمۇ ئۇيغۇرنىڭ ، كۈچ - قۇدرەت تاپقانلارنىڭ قاغانى بولغان. بىز بۇ تارىخي داستاندىن << ئۇيغۇر >> نامىنىڭ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 3 - ئەسىردىن بۇرۇنلا مەۋجۇتلىقىنى مەنە جەھەتتىن << ئۇتقۇچى ،كۈچلۈك ،قۇدەرەتلىك >> مەنىسىدە ئىكەنلىكى ئايان بولىدۇ ھەمدە بىرەر مىللەتنىڭ ئەمەس سىياسىي گەۋدىنىڭ دۆلەت نامى بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نەمەتۇللا موجىزى -- << تەۋارىخى مۇسقيبۇن >> ناملىق ئەسىرىدە ( 1854 - يىلى يېزىلغان ) ياركەند ، خوتەن ئەھلى بۇ زامانغىچە بەش مىڭ سەككىزيۈز ئەللىگ يىل --- ياشغانلىقنى يېزىش ئارقىلىق ئەجدادلىرىمىزنىڭ يەكەن ، خوتەنلەردە ياشىغلى 5850 يىل بولغانلىقىنى يازىدۇ. ئۇنداق بولغاندا ئەجدادىمىز ھازىرغىچە تەخىمىنە ئالتە مىڭ يىل بولغان بولىدۇ.
بەزىبىر تارىخچىلار مىلادىينىڭ ھارپىسىدىكى ۋەقەلەردە ئۇچرايدىغان 呼结 نامىنىمۇ ئۇيغۇر نامىنىڭ باشقىچە تەلەپپۇز تەرجىمىسى دەپ قارايدۇ. چەت ئەل مەنبەلىرىگە مۇراجىئەت قىلىپ كۆرسەك مىلادىيە ئىككىنچى ئەسىردە ياشىغان گېرىك ئالىمى تولمىي -- << جۇغراپىيە >> ناملىق كىتابىنىڭ << سېرىس ئېلى >> بابىدا << ئوكخورداش ، ئوكخورداي >> ناملىرىنى خاتىرىلىگەن ، تەتقىقاتچىلارنىڭ ئومۇمىي پىكرىگە قارىغاندا سېرىسى ئېلى خوتەن ، قەشقەرلەرنى مەركەز قىلغان ھالدا تارىم ئويمانلىقىنى كۆرستىدىكەن. يەنە بىر قىسىم ئالىملارنىڭ پىكرىگە قارىغاندا يۇقىرىقى ئىككى نام << ئۇيغۇر دەرياسى ،ئۇيغۇرلار >> دىگەننى كۆرىسىتىدىكەن.
تەيۋەندە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇر ئالىمى پروفىسسور ئابدۇللا تىمەن ئوغلى ئەپەندى دىيارىمىز قوشنا ئەل بولغان ھىندىستاننىڭ مەنبەلىرىگە ئاساسلىنپ مۇنداق دىگەن : << ھىندىستان تارىخى ماتىرىياللىرىدا مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى تۈركلەرنىڭ تەڭرىتېغىنى مەركەز قىلىپ دۆلەت قۇرغان خانلىق تېررىتورىيىسىدكى ئاھالىسى ھازىرقى شىمالىي شنجاڭدا تارقاق ئولتۇراقلىشىپ شەھەر تۇرۇمۇشى كەچۈرگەن. لېكىن تۈرك نامىدا ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئاتىغان >>.
تەيۋەنلىك ئۇيغۇرشۇناس ئالىم ليويتاڭ << ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات >> ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ : << تۈرۈك ۋە غەرب ئالىملىرىنىڭ خاتىرىلىرىگە ئاساسلانغاندا تاڭ سۇلالىسىدىن ئىلگىرى يېغىلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى شىنجاڭ رايونىنى يادرو قىلغان ھالدا غايەت چوڭ خانلىق قۇرغان >>. مەيلى قانداق بولمىسۇ يۇقىرىقىلارغا ئاساسلانغاندا << ئۇيغۇر >> نامىنى مىلادىيەدىن خېلىلا ئىلگىرى پەيدا بولغان ھەمدە ھازىرقى شىنجاڭنى مەركەز قىلغان ھالدا ياشىغان << ئۇيۇشقان >> بىر ئىنسانلار توپىنىڭ ۋە سىياسىي نامى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىغان. بىز ئۆمۇر ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلغان گېرمانىيىلىك ئاتاقلىق ئالىم گۇبائىن خانىم مەرھۇم زوردۇن سابىر ئەپەندىگە مۇنداق دەيدۇ : << ئۇيغۇرلار ئۇلۇغ قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرسى ،ئارىيانلار ھىندىستاندىن ياۋۇرپاغا كۆچۈپكېلىشتىن 500يىل بۇرۇن ئۇيغۇر دۆلىتى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ تىل - يېزىق مەدەنىيىتى بار ئىدى>>.
دىمەك تارىخىي پاكىتلار بىزگە ئىنىق كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇكى ،ئۇيغۇرلار ناھايىتى مىللەت بولۇپ تارىختا شىنجاڭنى مەركەز قىلغاندا كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا پائالىيەت ئېلىپ بارغان ناھايىتى جەڭگىۋارلىق بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدا سەمەرلىك روللارنى ئوينىغان. << ئۇيغۇر >> نامىغا كەلسەك بۇ نامنىڭ قاچان بارلىققا كەلگەنلىكىنى ھەققىدە بىۋاستە ئىنىق تارىخىي پاكىت بولمىسىمۇ بۇ نامنى ئەڭ كېيىن دىگەندىمۇ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 4 - ئەسىردىن بۇرۇن بارلىققا كېلىپ قوللىنىشقا باشلىغان دىگەن ئىلمىي پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويۇش مۇمكىن.
ئۇيغۇر نامى ئەنە شۇنداق مىلادىيەدىن ئىلگىرىلا پەيدا بولۇپ دۇنيادىكى مۇھىم ئەل نامى بولۇپ قالدى. لېكىن مىلادىينىڭ ھارپىسىدا ياكى مىلادىيىنىڭ بېشىدا بۇ نام ئەسىلىدىكى شان - شۆھرىتىنى يوقاتقان، ئىلگىرىكى شۆھرىتنىڭ ئەكسىچە تارىخنامىلەر كۆرۈلۈشى يوقنىڭ ھىسابدا بولۇپ قالدى، بەلكىم ئىنتايىن كىچىك سىياسى گۇرۇھ ياكى بىرەر قەبىلىنىڭ نامى سۈپىتىدە ساقلىنپ قالغان بولسا كېرەك
  شۇنداقلا جۇڭگۇ مەنبەلىرىدە  . << ئۇيغۇر >> نامى مىلادىيىنىڭ بېشىدىن تاكى 6-ئەسىرگىچە يەنى تۈرۈك ھاكىمىيەتلىرى ئوتتۇرىغا چىققۇچە ناھايىتى ئاز 袁纥دىگەندەك ناملاردا خاتىرىلىنپ ناھايىتى ئاز كۆرۈلدى .
مىلادىيە 7-ئەسىرگە كەلگەندىلا ئاندىن ئۇيغۇر نامى قايتىدىن تارىخىي ،سىياسىي سەھنىدە ئۆزىنى نامايان قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار دەسلەپتە تۈرۈك ھاكىمىيىتىدىن مۇستەقىل تۇرۇش ئۈچۈن قارلۇق ،باسمىل ،سىرتاردۇش قەبىلىلىرى بىلەن بىرلىشىپ تۈرۈكلەرگە قارشى كۆرەش ئېلىپ باردى. گەرچە ئۆز ھاكىمىيىتىنى تۇرۇغۇزۇشقا مۇۋەپپەق بولغان بولسىمۇ كۆپ چاغلاردا تۈرۈكلەرنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلار مىلادىيىنىڭ 740-يىللىرى ئەتىراپىدا ئۆز ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ چىقىشقا ،تۈرۈكلەرنى ئۆز ھاكىمىيىتىگە ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولىدۇ. بۇ ھاكىمىيەت شەرقتىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ.
شۇڭىمۇ فىرانسىيەلىك شەرقشۇناس رېنى گوسسوت << يايلاق ئىمپىرىيىسى >> ناملىق كىتابىدا ،ئاۋىستىرىيىلىك ماككرىىس << ئۇيغۇر ئىمپىرىيىسى >> ناملىق بۇ كىتابىدا بۇ ھاكىمىيەتنى << ئۇيغۇر ئىمپىرىيىسى >> دەپ ئاتىغان. بۇنداق دىيىش ئاساسىز ئەمەس ئىدى ،چۈنكى جۇڭگۇدا ئەڭ ئۇزاق ھۆكۈم سۈرگەن تاڭ سۇلالىسى ئوڭلۇڭ - سۈيگۇن توپىلىڭىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا باج - سېلىق تۆلەشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. بۇ يەردىكى دىققەتكە سازاۋەر يەنە بىر نوقتا ئۇيغۇرلانىڭ خەنزۇ مەنبەلىرىدىكى回纥نامى بولسا 回鹘 غا ئۆزگەرتىلدى. سەۋەبى مىلادىيە 789-يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتى تاڭ سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ شۇنداق يېزىشنى تولەپ قىلغان. بۇ ئىككى خىل ئاتالمىنىڭ تەلەپپۇزى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ مەنە جەھەتتىن ئۆز نامىنىڭ ، شۆھرىتىنىڭ مۇۋاپىق ئەكىس ئەتتۈرلىشنى كۆزلىگەن، تارىخىچىلار << ئۇيغۇرلارنىڭ شۇڭقارغا ئوخشاش جەسۇر ۋە چىۋەر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن >> ئۇيغۇر << دىگەن نامىنىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى 回纥 دىگەن سۆزنى回鹘 دىگەن سۆزگە ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىدى >> دەپ  قارايدۇ. بىز بۇلاردىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۆز نامىغا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز ۋە ئۇ ئۆزگەرتىش بىلەن يۇقىرىدا كۆرگەن ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن بىلەن باغلانغان رىۋايەتنىڭ مەلۇم مەنبەداشلىقى بار دەپ ئويلايمىز.
مىلادىيە 840 - يىلغا كەلگەندە بۇ << ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى >> تۈرلۈك ئىچكى نىزاھلار ، تەبىئىي ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن ئاجىزلاشقاندا تاڭ سۇلالىسىنىڭ ياردىمى ۋە ئۆزگەرتىشى بىلەن قىرغىزلار ھۇجۇم قىلىپ بۇ ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۋەتتى. تېرىتورىيە دائىرىسىدىكى خەلق ئۈچكە بۆلۈنۈپ بىر بۆلىكى شۇ زىمىندا قالدى ( قىرغىزلارنىڭ ھاكمىيىتىگە ئۆتتى ).  بىر بۆلىكى جەنۇپقا - سەددىچىن ئىچىگە كۆچۈپ تاڭ سۇلالىسىغا بېقىندى. ئۇلارنىڭ نوپۇسى 300مىڭ ئەتىراپىدا بولۇپ ئۇزاققا قالماي ئوگە تېگىن ۋە ئارمۇزد تېگىن باشچىلىقىدىكى بۇ بۆلەك پۈتۈنلەي تۈگىدى. يەنە بىر بۆلەك - تەخمىنەن 200نوپۇس - << غەربكە >> قاراپ كۆچتى. ئۇلار گەنسۇ ئۆلكىسىگە كەلگەندە يەنە ئىككىگە بۆلۈنۈپ ،بىر بۆلىكى گەنسۇ ئۆلكىسى دائىرىسىدە قېلىپ كېيىنچە مۇشۇ زىمىنى مەركەز قىلىپ << گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى >> دىگەن ھاكىمىيەتنى قۇردى، يەنە بىر بۆلىكى تۇرپان - قارا شەھەر دائىرىسىدە پائالىيەت ئېلىپ باردى. بۇ ئەسلى ئۇيغۇرلار بۇ جاينىڭ تارىخىدا رول ئوينىيالمىدى. بەشبالىقىنى مەركەز قىلغان << ئۇيغۇر ئېلى >> (بەزىبىر مەنبەلەردە ئون ئۇيغۇر ئېلى دىيىلگەن ) قۇرۇلغاندا ئاھالىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان. ئۇيغۇرلارنىڭ قايتىدىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ يىپەك يولىدىن ئىبارەت بۇ خەلقئارا سودا - مەدەنيەت ئالاقە يولىنى كونتىرول قىلغانلىقى شەرق بىلەن غەربىنڭ تۈرلۈك ئالاقىلىرىدە ۋاستىلىك رول ئوينىغانلىقى تۈپەيلى بۇ نام قايتىدىن مەشھۇر بولدى، دۇنيا بۇ نامىنى قايتىدىن تونىدى. << ئۇيغۇر ئېلى >> دە مەدەنىيەت - ئىقتىساد گۈللىنىپ ئەينى ۋاقىتتا شەرقتە ئەڭ مەدەنيەتلىك خەلقلەرنىڭ بىر بولغان. شۇڭا ئەلچى ۋاڭ يەندى بۇ ئەلنىڭ باياشات - پارۋانلىقىنى ، بىرمۇ كەمبەغەلنىڭ يوقلۇقىنى يازدى، شائىر مازۇچاڭ ياشانغانلىرىدا ساۋاتسىزلار يوقلۇقىنى يازىدۇ.
مىلادىيە 13 - ئەسىردە مۇڭغۇللار شەرقتىن غايەت زور قۇدرەت بىلەن كېڭەيمىچىلىك قىلىشقا باشلىدى. 1209-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىدىقۇتى پارچۇق ئارات تېگىن ئۆز ئېلىنى يېرىم مۇستەملىككە ئايلاندۇرۇپ قويغان قىتانلارنىڭ نازارەتچىسنى ئۆلتۈرۈپ مۇڭغۇللارغا بېقىندى. مۇڭغۇللار باش كۆتۈرۈپ چىققان بۇ چاغلاردا مەدەنىيەت جەھتتىن ناھايىتى قالاق ئورۇندا ئىدى، شۇڭا ئۇيغۇرلار ئۇلارغا مەدەنىيەت ئوقۇتقۇچىسى ،ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە يېتەكچى بولدى. گەرچە ھاكىمىيەتنى موڭغۇللار ئىگىلىگەن بولسىمۇ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلەر ئۇيغۇرلار بولدى. ئۇيغۇرلارنىڭ نام - شۆھرىتى موڭغۇللارنىڭ قەدىمى يەتكەن - يەتمىگەن يەرلەرنىڭ ھەممىسىدە مەشھۇر بولدى. دۇنيادا بۇ نامنىڭ شۆھرىتى پەلەككە يەتتى.
ئەمدى بىز مۇشۇ تارىخىي دەۋردە ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ نىمە دىگەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى: ئۇيغۇر ئېلى ھاكىمىيىتى بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئىككى خانلىقتىن بىرى خاقانىيە ( قار خانىلار ) سۇلالسىنىڭ خان جەمتىدىن بولغان ماھمۇد كاشغەرىنىڭ << تۈركىي تىللار دىۋانى >> دىكى بايانلىرىنى كۆرەيلى :
<< مەن تۈركلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەنلىرىدىن ،پىكرنى روشەن بايان قىلالايدىغانلىرىدىن. تۈرۈك ،تۈركمەن ،ئوغۇز ،چىگىل ،ياغما ،قىرغىزلارنىڭ سۆزلىرىنى ،قاپىيىلىرنى ئېنىقلاپ چىقىپ ئۇلاردىن پايدىلاندىم ،ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ساپ تۈركچە >>. ئاتاقلىق ئالىمىمىز ماھمۇد كاشغەرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ،قەبرىسىنىڭ قەشقەر ئوپالدا ئىكەنلىكىنى دۇنيا ئېتراپ قىلىدۇ، ئۇنداقتا ماھمۇد كاشغەرى نىمە ئۈچۈن ئۆزىنى << تۈرۈك >> دەيدۇ ؟ ھەمدە ئۇيغۇر تىلىنى ساپ تۈركچە دەيدۇ ؟ بۇ ئەمەلىيەتتە ماھمۇد كاشغەرى ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەرنى بىر خەلق دەپ قارىغانلىقىنىڭ مۇھىم ئىسپاتى ئەمەسمۇ ؟ مەيلى تۈرۈك خانلىقى دەۋرىدە بولسۇن كېيىنىكى چاغلاردا بولسۇن ،ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەر ئۆزلىرىنى بىر خەلق دەپ ئاتىغان ئۇيغۇر تىلى ساپ تۈركچە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ تىل ،ئۆرۈپ - ئادەت ،تېرىتورىيە ،ئىقتىسادى بىرلىك بار ئىدى. ئالىم ئەسىرىدە خاقانىيە دائىرىسىدىكى ياشغۇچى ئەجدادلىرىمىزنى << خاقانىيە تۈركلىرى >> دەپ ئاتايدۇ. ئەكسىچە ئۇيغۇر ئەلىدىكىلەرنى << ئۇيغۇرلار >> ،<< تات ئۇيغۇر >> دەپ ئاتايدۇ. تات ئۇيغۇر --- ئاتاش ئارقىلىق ئۇلارنى مۇسۇلمان تۈركلەردىن پەرقلەندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. تات --- ئاتالمىسىنى قوللىنىش بىر مىللەتنى ئېتىقاد جەھەتتىن پەرقلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلامدۇ قانداق ؟ ماھمۇد كاشغەرىنىڭ زاماندىشى خاقانىيىنىڭ سىياسىي ،مەدەنىيەت ،جامائەت ئەربابى يۈسۈف خاس ھاجىپ --- قۇتادغۇ بىلىك --- ناملىق ئەسىرىگە نامەلۇم ئاپتۇرلار تەرىپىدىن يېزىلغان مۇقەددىمىدە مۇنداق دىيىلىدۇ. (20-19 )--- تۈركىستان ئەللىرىدە بۇغراخان تىلىنىچە تۈرۈك لۇغەتىنچە  بۇ كىتابتىن ياخشىراق ھەرگىز كىم ئەرسە تەسف قىلمادى --- پۈتۈن تۈركىي خەلىقلەر ياشايدىغان يەرلەردە بۇغراخان تىلىدا تۈركىي سۆز بىلەن ( ھىچكىم ) بۇنىڭدىن ياخشىراق كىتابنى يازغىنى يوق---
33. قۇر ئاي ئول بۇ كىتابقا قەبۇل بولدۇقى
بۇ تۈركلەر تىلىندە ئەجەپ كۆردۇكى
( يا، يا بۇ كىتاپنى قوبۇل قىلغۇچى ، بۇ تۈركچە ئەسەرگە ئەجەبلەنگۈچى )
73.قۇر ئەرەبچە ،تەجىكچە كىتابلارنى ئوكۇش
 بىزنىڭ تىلمىزچە بۇ يۇمغى ئوقۇش
( بىزنىڭ تىلمىزدە بۇ يالغۇز شۇلا.)
75. قۇر بۇ تۈركچە قوشۇغلارنى تۈزەتتىم ساڭا
ئوقىدا ئۇنۇما دۇئا قىل ساڭا
( بۇ تۈركچە قوشاقلارنى تۈزدۈم ساڭا ،
ئۇقۇردا ئۇنتۇما دۇئا قىل ماڭا )
--- قۇتادغۇ بىلىك --- داستانىغا يېزىلغان مۇقەددىمە قانداقلا بولمىسۇن مىلادىيە 13 - ئەسىردىن بۇرۇن يېزىلغان. مۇقەددىمىنىڭ خاقانىيە خاقانلىرىغا مەدھىيە ئوقۇشى ھەمدە ئۇلارنى --- شەرقىنىڭ مەلىگى ،ماچىنلار بەگى --- دەپ مەدھىيىلىشى ھەمدە ئۇلارنى بىلىم سۆيۈشتە--- دۇنيادا بىرلا - ئاجۇندا يەگ-- دىيىشلىرى سۆزىمىزگە دولىل بولىدۇ . ئەسەردە تۈرۈك ئىبارىسى ئېتنىك نام سۈپىتىدە قوللىنىلغان.
ئەمدى بىز -- ئۇيغۇر ئىلى -- تېرىتورىيىسىدە ياشغان ئاتاقلىق ئالىم سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭنىڭ نىمە دەپ يازغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى : بەش بالىغلىغ سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ تاۋغاچ تىلىنتىن تۈرۈك ئۇيغۇر تىلىنچە ئىكىلەيۇ ئەۋىرمىش - بەشبالىقلىق سىڭقۇ تۇتۇڭ خەنزۇ تىلىدىن تۈرۈك - ئۇيغۇر تىلىغا ئىككىنچلەپ تەرجىمە قىلغان. ئالىم -- ئالتۇن يارۇق --- نى تەرجىمە قىلغاندا مۇنداق يازىدۇ : بىش بالىغلىغ سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ ياڭىردى تۈرۈك تىلىنچە ئەۋىرمىش - بەشبالىقلىق ساڭقۇ سەلى تۇتۇڭ قايتىدىن تۈرۈك تىلىغا تەرجىمە قىلىغان. ئالمىنىڭ پارچىسى تېپىلغان يەنە بىر تەرجىمە ئەسىرىدە : ئون ئۇيغۇر ئەلىنتە كىنكى بوشوغۇتلۇق بىس بالىقلىغ سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ تاۋغاچ تىلىنتىن ئىكىلەيۇ تۈرۈك تىلىنچە ئاقتارمىش -- مەدھىيىلەنگەن ئون ئۇيغۇر ئېلىنىدە كېيىن ئوقۇمۇشلۇق بولغان بەشبالىقلىغ سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ خەنزۇ تىلىدىن ئىككىنچىلەپ تۈرۈك تىلىغا تەرجىمە قىلغان>>.
سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ 10 - ئەسىردە ياشىغان ئالىم ،ئۇنىڭغا ئوخشاشلا 8~9 ئەسىرلەردە ياشىغان دەپ پەرەز قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئالىمى پېرتانراكشتمۇ ئۆز تىلىنى << تۈرۈك تىلى >> دەپ ئاتىغان.
ئوتتۇرا ئەسىردە ھۆكۈم سۈرگەن << خاقانىيە >> ۋە << ئۇيغۇر ئېلى >> تېرىتورىيىلىرىدە ياشىغان خەلق ئۆز تىلىنى ئورتاق ھالدا << تۈرۈك تىلى >>، ئۆزلىرىنى بولسا << تۈرۈك >> دەپ ئاتىغان. ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ھاكىمىيەتلىرىنى << خاقانىيە >> ۋە << ئۇيغۇر ئېلى >> ( ئون ئۇيغۇر ئېلى دەپمۇ ئاتىغان ) دەپ ئاتاشقان. ماھمۇد كاشغەرى خاقانىيىلىكلەرنى << خاقانىيە تۈركلىرى >> دەپ ئاتىغاندەك ، سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ << تۈرۈك - ئۇيغۇر >> دەپ ئاتىغان. خۇددى ماھمۇد كاشغەرى << ئۇيغۇر بىر ئەلنىڭ نامى >> دىگىنىدەك << ئۇيغۇر >> سىياسىي نام ئىدى، يەنە بىر جەھەتتىن جۇغراپىيلىك نام ئىدى. لېكىن خەلقنى ئۇيغۇر دەپ ئاتىمىغان ، ئۇلارنىڭ تىلى بولسا << ئۇيغۇر تىلى بولسا >> ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۈركلەرنىڭ تىلى ئىدى. ئۇلار موڭغۇللارغا خىزمەت قىلغان چاغلاردا مۇسۇلمانلاردىن ئۆزلىرىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن دۆلەت نامى بويىچە ئۆزلىرىنى << ئۇيغۇر >> دەپ ئاتاشقان.  مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا بۇ جۇغراپىيلىك ئۇقۇمىغا ئىگە سىياسىي نامدۇر. شۇڭىمۇ مىرزا ھەيدەر كورگانى --- تارىخىي رەشىدى -- ناملىق كىتابىدا ئاقسۇنىڭ شەرقىدىكى رايۇنلارنى --- ئۇيغۇرىستان --- دەپ يازغان.
بۇ ئىككى خانلىق تېرىتورىيىسىدىكى ئاھالە بىردەم تۈرۈك ،بىردەم ئۇيغۇر بولۇپ قالىدۇ؟ ئۇنداقتا ماھمۇد كاشغەرى ،يۈسۈف خاس ھاجىپ ،سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ ،پىرتانراكشمۇ ئۇيغۇر تۈرۈك يەنى باشقا مىللەت بولۇپ قالمامدۇ؟ بۇ مەسىلىگە يۈننەن ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ تارىخشۇناسلىرى --- جۇڭگۇدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى --- ناملىق ئۈچ توملۇق كىتابىدا ئورخۇن - يەنسەي ۋادىسدا تاشقا ئويۇپ قالدۇرۇلغان تارىخىي ئابىدىلىرىمىزگە ئاساسلىنىپ -- مەڭگۈ تاشتا مۇنداق دىيىلىگەن :توققۇز ئۇيغۇر ،بىز بىلەن بىر مىللەت ،تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئوخشاش بىر مەنبەدىن كېلىپ چىققان تارماقتۇر ،شۇڭا مەڭگۈ تاشنىڭ بايقىلىشى بىزگە شۈبھىسىز جاۋاب بەردى --- دىگەن يەكۈننى چىقارغان. ۋ .سامۇرىن تاڭ دەۋرىدىكى تارىخ كىتابلىرىغا ئاساسلىنىپ --- ئۇيغۇر --- دىگەن بۇ نام كۆپ ھاللاردا سىياسىي ئاتالغۇ سۈپىتىدە قوللىنىلغان ، ئىنتايىن ئاز چاغلاردا مەلۇم قەبىلە ياكى مەلۇم پارچە تۇپراقنى كۆرسەتكەن ،كېيىنچە بىر خەلق تىلىنىڭ نامىغا ئايلانغان، ئۇنى ئىشلىتىپ قەدىمكى تۈرۈك تىلىنىڭ بىر خىلىنى پەرقلەندۈرگەن >> دەپ يازىدۇ.
خەنزۇلارنىڭ ئاتاقلىق تارىخچىسى << ھون تارىخ >> ، << تۈرك تارىخ >> ۋە << ئۇيغۇر تارىخى >> دەك كىتابلارنىڭ ھەمدە كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ ئاپتورى بولغان پروفىسسور لىن گەن << تۈرۈك تارىخى >> ناملىق كىتابىدا << ئۇيغۇر = تۈرك >> دىگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بىز بۇ نۇقتىلارنى چۈشىنىشىمىزدە ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ بىردە ئۆزلىرىنى تۈرك دىسە بىردەك ئۇيغۇر دەپ ئاتاشتىكى مۇددىئاسىنى چۈشىنەلەيمىز.
مىلادىيە 10-ئەسىردە ئىسلام دىنى خاقانىيە سۇلتانى بۇغراخان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ كەڭ كۆلەملىك غازاتلار ئارقىسىدا تەدرىجى ئىسلامىيەت خاقانىيدە ئومۇملىشىدۇ. لېكىن خاقانىيە ئۇيغۇر ئېلىنى ئىسلاملاشتۇرۇشقا ئۈلگۈرمەيلا يىمىرىلىدۇ. ئالدى بىلەن قىتانلانىڭ ئاندىن مۇڭغۇللارنىڭ ئىستىلاسى بۇ ئىككى مۇستەملىكە ۋە يېرىم مۇستەملىكىگە ئايلاندۇرىدۇ. ئەمما شۇ ئىستلاچىلار يەن مەدەنىيەتلىك ئەجدادلىرىمىز تەرىپىدىن ئاسسلىماتسىيە قىلىندۇ. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆپچىلىك ئاھالىنى ھېسابقا ئالمىغاندا مۇڭغۇللار بىلەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا دىن ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولۇپ قالىدۇ. ئەنە شۇنداق تارىخى دەۋردە چىڭگىزخان ئەۋلادى بولمىش توغلۇق تۆمۈرخان مىلادىيە 1348 - يىلى تەخىتكە چىققاندىن كېيىن مۇڭغۇللارنىڭ ئەمەس بارلىق مۇسۇلمان بولمىغان تۈركلەرنى مەجبۇرىي ھالدا ئىسلام دىنىغا كىرگۈزدى. شۇندىن باشلاپ ئانا تۇپراق ئالتۇن دىيارىمىزدا ياشايدىغان ئەجدادلىرىمىز ئارىسىدىكى ئېدىئولوگىيە پەرقىمۇ تۈگىدى. ئەلۋەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلقلەر ئارىسىدىكى تىل شىۋىسى پەرقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا بىرلىككە كەلدى. شۇندىن باشلاپ ئەلشىر نەۋائى << مۇھاكىمە تىل لۇغەتتىن >> ئەسىرىدە ۋە زۇھۇرىددىن مۇھەممەد بابىرنىڭ << بابۇرنامە >> سىدە بىر نەچچە جايدا << ئۇيغۇر >> ئىبارىسىنى تىلغا ئالغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا << تۈرۈك >> نامى ئۇمۇمىي نامغا ئايلىنىدۇ. خەلقى ئۆزىنى << تۈرۈك >> ياكى مۇسۇلمان دەپ ئاتاش بىلەن بىرگە يۇرتنىڭ نامى بىلەن خوتەنلىك ،قەشقەرلىك ،لوپلۇق ،تارانچى ،دولانلىق دىگەندەك ناملاردا ئاتايدۇ. بۇ خىل ھالەت ياكى مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئالدىنىقى يېرىمىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ. مۇشۇ ئەسىرىدىكى ئالىملاردىن ئابدۇقادىر داموللا ،ھۈسەيىنخان تەجەللىلەرمۇ ئۆزلىرنى << تۈرك >> دەپ ئاتىغان، خەنزۇچە مەنبەلەردىمۇ 1884 - يىلىدىن ئىلگىرى مۇسۇلمانلار يۇرتى ( 回疆 ( دەپ يازغان ھەمدە ئەجدادلىرىمىزنى تۇڭگانلادىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن 缠头دەپ ئاتىغا.
<< ئۇيغۇر >> دىگەن بۇ نام مىلادىيە 1350 - يىللاردىن 1935 - يىللارغىچە ئۇنتۇلۇپ ئۇنىڭ ئىزىغا << تۈرك >> دىگەن ئەسلى نام قوللىنىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىلەن بىرگە  ئۆزلىرىنى يۇرت نامى بىلەن پەرقلىق  ئاتىغان، مۇسۇلمان دەپ ئاتاشمۇ بىر خىل مىللەت تۈسىنى ئالغان. ئۇنداقتا << ئۇيغۇر >> دىگەن بۇ مىللەت نامى قانداقچە قايتىدىن پەيدا بولۇپ قالدى ؟
بۇ مەسلىنى ئالدى بىلەن خەلقئارا ۋەزىيەتكە باغلاپ چۈشىنىش مۇمكىن. مىلادىيە 20 - ئەسىردە دۇنيا ۋەزىيتىد ئاجايىپ ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. مەنچىڭ ئىمپىرىيىسى ئاغدۇرلۇپ جۇڭخۇا مىنگو قۇرۇلدى. چاروسىيە ئاغدۇرۇلۇپ تۇنجى سوتسىيالىستىك ئىمپىرىيە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قۇرۇلدى. سوۋېت ئىمپىرىيىسى بارلىققا كېلىشى بىلەنلا ئۆزىنى پۈتكۈل دۇنيادىكى ئېزىلگۈچىلەرنىڭ باشلامچىسى دەپ ئېلان قىلدى ھەمدە تۈرلۈك ئاماللار بىلەن غەربىي تۈركىستاننى ھاكىمىيتىنى ئاستىغا ئالدى .پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيانى مەڭگۈ ئىشغالىيەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن گۇرۇھلارغا بۆلۈپ ئىدارە قىلىش زۆرۈر بولۇپ قالدى. بۇ خۇددى -- ئۇيغۇرلار يىڭىدىن بارلىققا كەلگەن مىللەت گەۋدىسى بولۇپ ، ئۇ تەسەۋۋۇر ئىچىدىكى تارىخىي ئەنئەنە ۋە يېقىنىقى سىياسىي ئىھتىياج تۈپەيلىدىن يەرداشلىقىنى بىرىكتۈرۈپ باشقىلار تەرىپىدىن كەشىپ قىلىپ چىققان --- دىيىلگەنگە ئوخشاش مەلۇم پەرقلەرنى ئاساس قىلىپ يېڭى مىللەتلەر ياساپ چىقىلدى. نەتىجىدە ئۇيغۇر ۋە ئۆزبەك بارلىققا كېلىپ تۈرك نامى ئوتتۇرا ئاسيادىن سىقىپ چىقىرىلدى.
ئۇنداقتا  << ئۇيغۇر >> ئاتالمىسى قانداقچە بۇ يېڭى مىللەتكە نام قىلىپ قوبۇل قىلىنىدى ؟ قازاق ئاكادىمىك ئا . ت . قايدارۇۋ --- 1921 - يىلى س .مالوۋنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تاشكەنتتە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قۇرۇلتىيى ئېچىلدى. يىغىن قاتناشچىلىرى ئەزەلدىن مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر دىگەن مىللەت نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ھەمدە شىنجاڭدىكى بارلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئورتاق نامى قىلىشنى بىردەك قوللىدى --- دەيدۇ. بۇ يىغىن 1921 - يىلى 6 - ئايدا ئېچىلغان بولۇپ شۇ نۇقتىنى ئىلمىي ھالدا پەرەز قىلىش مۇمكىنكى يىغىندا روس ئۇيغۇرشۇناسى مالوۋ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسىلىقىتىكى شۆھرىتىدىن پايدىلىنىپ --- ئۇيغۇر --- نامىنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىپ شەرھىلەپ ،يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنى قايىل قىلغان. چۈنكى مالۇۋ ئاكادىمىك رادلوۋنىڭ شاگىرتى بولۇپ ئونۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان چېغىدىن باشلاپ تۈرك تىلى تەتقىقات گۇرۇپىپىسىغا قاتناشقان. 1909 - يىلىدىن 1911 - يىلىغىچە ، 1913 - يىلدىن 1915 - يىلىغىچە شىنجاڭ ۋە گەنسۇدا ئۇيغۇرلارنىڭ ( سەرق ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) تىل ۋە فولكلورىنى تەكشۈرگەن. 1916 - يىلى تۈرك فلولوگىيىسى بويىچە  ماگىستىر بولغان. 1917 - يىلىدىن كېيىن قازان ، پېتىربورگ ،تاشكەنت قاتارلىق جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەردە تىل - ئەدەبىياتىدىن دەرس ئۆتكەن. 1939 - يىلى روسىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئاكدىمىكى بولغان. ئۇ ھاياتىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت نۇرغۇن كىتاب ،ماقالىلەرنى ئېلان قىغان.
ئۇيغۇر نامى ئەنە شۇنداق ئوتتۇرىغا چۈشۈپ قانۇنلاشقان. 1924 - يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا نوپۇس تەكشۈرۈشتىن باشلاپ بۇ نام كۆرۈلۈشكە باشلىغان. ئۇنداقتا بۇ نام قانداقچە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن شىنجاڭغا كۆچۈپ كەلدى ؟ بۇ نام قانۇنلاشقاندىن كېيىن مەتبۇئات ،تەشۋىقات ۋاستىلىرىدە ئېلان قىلىنىش بىلەن بىرگە ئالىي ئىلمگاھلاردا قوللىنىلدى؟ مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ نۇرغۇنلىغان زىيالىلىرىمىز ئىلم ئېلىش ئۈچۈن سوۋېتىقا چىقىپ تەدرىجىي بۇ نامنى قوبۇل قىلىدى. مىللەتپەرۋەر ،مەرىپەتپەرۋەر شائىرلىرىمىز مەمتىلى توختىھاجى ئوغلى تەۋپىق ۋە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر نامىنى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قوبۇل قىلغان. بۇ مەسىلىگە قارىتا شىۋىيسارىيىلىك داڭلىق دىپلومات ،ئۇيغۇرشۇناس دوكتۇر گۇننار ياررىڭ مۇنداق دەيدۇ : 20 - ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدا تۈرۈك نامىنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر نامى دەسسىدى. بۇ ئاتالغۇنىڭ تەشەببۇسچىسى س . ئە ماۋلۋ (قەشقەرگە قايتا بېرىش ==قا قاراڭ)، ئۇ ئەسىرىدە ئۇيغۇر نامىغا مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاتالمىسى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىدۇ.
ئۇيغۇر ئاتالغۇسى شىنجاڭدا زادى قاچاندىن باشلاپ قانۇنلىشىپ قوللىنلىدى ؟ بۇ ھەقتە خارۋورت ئۇنىۋېرىستېتىنى پۈتتۈرگەن تۇرپان ئەكىسپىدىتسىيىگە قاتناشقان جاسيان لودېس << 1933 -يىلى شىنجاڭغا كەلگەن سوۋېت دىپلوماتى ئاپىراسيۋ شىنجاڭ مىلىتارىسى شىنجاڭ سەرىپىگە بەرگەن تەكلىپ ئىچىدە تارىم ۋادىسىدىكى ئامىللارنى 20-يىللاردىكى لېنىن ئاساس قىلغان سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ مىللەت تەۋلىكىنى تىل - تارىخ قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن ئۇيغۇر دەپ ئاتاش تەكلىپنى بەرگەن بولۇشى مۇمكىن >> دەيدۇ. شۇ چاغلاردا قەشقەرنى مەركەز قىلغان ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان << شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتى >> بەلكىم سوۋېت ئىمپېرىيسى چۆچۆتۈپ قويغان بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى شۇ زاماننىڭ ھىيلە - مىكر شاھى ،ئەشەددىي فاشىست شېڭ شىسەي ئۆز ھاكمىيتىىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن قىزىل فاشىست سىتالىندىن ئىبارەت دۇنياۋى شەخىسكە ئۆزىنى سادىق ئىت قىلىپ كۆرىسىتپ ،بولشىۋېك بولغان ئىدى.
سوۋېت ئىمپېرىيىسى نۇرغۇنلىغان بولشىۋىكلارنى ئەۋەتىپ ئۇنىڭ ھاكمىيىتىنى مۇستەھكەملەشكە غايەت زور تۆھپىلەرنى قوشتى. 1934 - يىلى جاھانگىرلىككە قارشى ئۇيۇشما قۇرۇپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن << چەنتۇ >> دىگەن نامنى << ئۇيغۇر >> دەپ ئۆزگەرتىش 2 - نۆۋەتلىك ئاۋام خەلق قۇرۇلتىيىدا قانۇنلاشتۇرۇلغان . قۇرۇلتايدا ئۇيغۇر دىگەن نامنى خەنزۇچە تەلەپپۇز تەرجىمىسى مەسىلىسى ئوتتۇرغا چۈشۈپ 威武儿دىگەندەك لاھىيەلەرمۇ بار بولغان ، بۇنىڭ مەنسى بولسا << ئالىيجاناب ،جاسارەتلىك ،تەڭرىنىڭ ئامراق پەرزەنتى >> دىگەن مەنىنى بەرگەن . بورھان شەھىدى << شىنجاڭنىڭ 50يىلى >>ناملىق ئەسىرىدە << مەن يۇۋىنبىن بىلەن مەسلىھەت قىلىشپ 维吾尔دەپ يازايلى دىيىشكەن ئىدۇق ،ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ يىغنىغا سۇنۇپ ماقۇللانغاندىن كېيىن .ئۇيغۇرلارنىڭ نامىنىڭ رەسمىي يازما شەكلى قىلىنغانىدى. شۇنىڭدىن ئىتبارەن ئۇ بارا - بارا كەڭ قوللىنىلدى >> دەپ يازىدۇ. 维吾بولسا مېنى ھىمايە قىل دىگەن مەننى بىلدۈرىدۇ. بۇ نام ئەنە شۇنداق ئوتتۇرىغا چۈشىدۇ. قۇرۇلتاي مەزگىلىدە مىللەتلەرنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىش بولغان . بورھان شەھىدىنىڭ ئەسلىمىسىگە ئاساسلانغاندا << بۇلۇت >> ئورنىغا << قىرغىز >> << نوغاي >> ئورنىغا << تاتار >> بېكىتىلگەن. << جۇڭگۇ >> ئاتالمىسى << خىتاي >> دەپ تەرجىمە قىلماي ئاھاڭ بويىچە ئاتاشمۇ بېكىتىلگەن، تاكى 1949 - يىلىغىچە خەنزۇ نامى ئورنىغا << خىتاي >>دىگەن نام قوللىنىلغان.
خۇلاسە قىلغاندا ئۇيغۇر نامى كېيىن دىگەندىمۇ مىلادىيىدىن تۆت ئەسىر ئىلگىرىكى دەۋردىنمۇ بۇرۇن بارلىققا كەلگەن بولۇپ كۆپ ھاللاردا سىياسىي ئاتالغۇ ،دۆلەت نامى سۈپىتىدە قوللىنىلغان ،ئىنتايىن ئاز ساندىكى چاغلاردا قەبىلە نامى بولۇپمۇ قوبۇل قىلىنغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئورخۇن - ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نامى بولغان . تەخمىنەن مىلادىيە 1350 - يىللىرى ئەتراپىدا ئىشلىتىشتىن قالغان. مىلادىيە 1921 - يىلى 6 - ئايدا تاشكەنتتە زىيالىيلار قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇرشۇناس مالۇۋنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قارار قوبۇل قىلىنىپ شىنجاڭدىكى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قىسمەن ئاھالىنىڭ نامى سۈپىتىدە بېكىتىلگەن، 1924 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشتىن باشلاپ قوبۇل قىلىنغان، قوللىنىشقا باشلىغان. شىنجاڭدا بولسا شېڭ شىسەي مۇستەبىت ھاكىمىيتى قۇرۇلغاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى مەسلھەتچىلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قوبۇل قىلىنپ 2 - قېتىمىلىق ئاۋام خەلق قۇرۇلتىيدا (1934 - يىلى)قانۇنلاشتۇرۇپ قوبۇل قىلىنغان ھەمدە كەڭ تەشۋىق قىلىنغان. بۇ نام نېمىشقا شۇنچە تېزلا ئومۇملىشىپ كېتىدۇ ؟ سەۋبى ئېنقكى نۇرۇغۇنلىغان سوۋېت مەسلىھەتچىلىرى شىنجاڭدا خىزمەت قىلغاندىن باشقا نۇرۇغۇنلىغان ياشلار سوۋېت ئىتتىپاقىدا بىلىم ئالغان. ئۇلارنىڭ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلغان ،يەنە كېلىپ << ئۇيغۇر >> نامى قەدىمكى يازما يادىكارلىقلاردا كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈن ناھايىتى تېزلا قوبۇل قىلىنىپ ئومۇملاشقان. ئەينى چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە شىنجاڭ ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنى ۋاستە بىلەن قارالاشتۇرۇشتۇرۇشمۇ رول ئوينىغان.
ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ناھايىتى كۆپ مەسىلىلەر ھەل بولدى. ئەمما ئاساسلىقى ئىككى خىل ئاجىزلىققا يول قويۇلدى، ئۇلاردىن بىر ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن ئۇيغۇر نامىنى تەڭلەشتۈرۈپ ئۇيغۇرلانىڭ پۈتكۈل تارىخىنى ئۇيغۇر ناملانغان ئاشۇ گەۋدىسىنلا ئىزدەش. يەنە بىر ئاجىزلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي يازما يادىكارلىقلارنى ئاساسى سۈپىتىدە پايدىلانماسلىقتا كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئاجىزلىقلار ئۇيغۇر ئالىملارنىڭ ئۈزلۈكسىز يېتىشىپ چىقىشىغا ئەگىشىپ ئۆزگەرگۈسى !!!!!!
پايدىلانغان ماتېرىياللار :
ماھمۇد كاشغەرى << تۈركىي تىللار دىۋانى >> شىنجاڭ نەشىرىياتى 1980 - يىل ئۇيغۇرچە نەشىرى 1 - توم 151 - ،2 - بەتلەر
<< ئوغۇزنامە >> مىللەتلەر نەشىرىياتى ئۇيغۇرچە نەشىرى 1980 - يىل 30 - بەت
موللا نىمەتۇللار موجىزى << تەۋارىخى مۇسقىييۇن >> ئۇيغۇرچە مىللەتلەر نەشىرىياتى 1982 -يىل 26 - بەت
ليۇ يىتاڭ << ئۇيغۇر تەتقىقاتى >> 1977 -يىل تەيۋەن خەنزۇچە نەشىرى 11 - ، 27 - بەت
زوردۇن سابىر << ياۋروپاغا سەپەر >> ، << تارىم >> 1988 - يىل 5 - سان 106 - بەت
<< ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى >> شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1989 - يىل ئۇيغۇرچە نەشىرى 92 - بەت
يۈسۈف خاس ھاجىپ << قۇتادغۇبىلىك >> مىللەتلەر نەشىرىياتى 1984 - يىلى ئۇيغۇرچە نەشىرى 92 - بەت
تارىم ژۇرنىلى 1986 - يىلى 2 -سان تۈركلوگ ئىسراپىل يۈسۈپ تەييارلىغان ماقالىگە قاراڭ
<< جۇڭگۇدىكى مىللەتلەر تارىخى >> مىللەتلەر نەشىرىياتى 1990 - يىلى خەنزۇچە نەشىرى 2 - قىسم 63 - بەت
گراتىن << ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى >> ناملىق ماقالىسىدە كەلتۈرگەن نەقىل << شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاخباراتى >> 1992 - يىلى 5 -سان 14 - بەت ، 11 - بەت
<< قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى ئىلمىي ژۇرنىلى >> ئۇيغۇرچە 1993 - يىلى 4 - سان 75 - بەت
بورھان شەھىدى << شىنجاڭنىڭ 50يىلى >> ۋە << شىنجاڭ تارىخىي ماتېرىياللىرى >> ئۇيغۇرچە 28 - توپلامغا قاراڭ.
مەنبەسى :  ( بۇرۇنقى ) ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور بېتى

‹بارلىق ئەمەللەر نىيەت بىلەن بولىدۇ...›ھەدىس شە& ..
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4954
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 612
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە612دانە
ئۆسۈش: 1670 %
مۇنبەر پۇلى: 4755 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-02-26

Re:ئۇيغۇر نامىنى قوللىنىشنىڭ باش - ئاخىر     (غالىب بارت ئەرك)

ھەقىقەتەن ئېسىل تىما! قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن! مەن بۇنى ئېلگىرى ئوكيان تورىدا كۆرگەنىدىم يەنە بىر قىتىم ۋاقىپلاندۇرغانلىقىڭىزغا تەشەككۈر!
‹ئىنسان پەقەت ئۆزقىلمىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ›سۈرەنەجمە-39ئايەت
ياردەم مەزمۇنى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1191
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1084
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1084دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 12044 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-26
ئاخىرقى: 2012-03-30
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-21 21:49

....ئىلمىي ئاساسىي كۇچلۇك ئەسەركەن .«ئويغۇر »دىگەن ئىسىمدىن مەھمۇت بوۋىمىزنىڭ «تۇركىي تىللار دىۋانى»دىكى  «تۇركىي مىللىتى »دىگەن ئاتالغۇنى ياخشى كورىمەن.
ئانداقتا سوراپ باقسام بەزىلەر «تۇرۇك »دەپ ئالىدۇ .مەنچە بولغاندا «تۇركىي »دەپ ئېلىنغىنى توغرىمىكىن دەيمەن .چۇنكى «تۇرۇك »دىگەن سوزنىڭ مەنسى ھازىرقى تىلىمىزدا ئۇقىمىغان ،بىلىمسىز ..دىگندەك مەنا بېرىدىغۇ دەيمەن ....خاتا بولسا تۇزۇتۇش بەرسەڭلار ....
كەچۇرۇڭلار ئۇرۇشمايمەن!!!!
Rm
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2670
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 14
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە14دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 80 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-05
ئاخىرقى: 2012-03-25
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-21 22:14

راس.......... بىر مىللەتنىڭ تەرەقىياتى ،ھەرگىزمۇ باشقا بىرسىنىڭ ئەمەس شۇ مىللەتنىڭ ، ئۆزىنىڭ قولىدا....
باشقىلا مىللىتىم ئۈچۈن داپ جان كۆيدۈرۈپ بىزگە ئۈچۈن قۇلايلېق يارتىپ مھنەت قېلىۋاتسا .........
بۇ ھەقىقەتەن . ئويلىنىشقا تىگىشلىق مەسىلە............
rm
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4115
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 25
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە25دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 205 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-30
ئاخىرقى: 2011-06-20
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-21 22:50

ناھايىتى كۆپ بىلىم ئالدىم ، كۆپ رەھمەت ، مۇشۇ مەسلىگە بۇرۇنمۇ كۆپ دۈچ كەلگەن ، بۇ ماقالە بىزگە ئەتراپلىق چۈشەنچە بېرىدىكەن . نۇرغۇن تارىىخى مەسلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالغىلى بۇلىدىكەن . بۇرۇن ئۇيغۇر--ئۇيىغۇر ، ئۇيۇشقۇچى دەپلا بىلەتتۇق ، مانا ئەمدى تېخىىمۇ كۆپ بىلىملەرگە ئىگە بولدۇق .
       گەرچە ئۇيغۇر ،قازاق ، تۈرۈك  .....قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنى تۈركىي مىللەتلەر دېسەكمۇ لىكىن بۈگۈنكى كۈندە پەرق  بەك چوڭ ، مەيلى چىراي تۇرق، ئۆرپ ئادەت، كۆزقاراش ، تىل قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردە پەرق خېلىلا چوڭ دەپ قارايمەن.
   بىزنىڭ مەھەللىدىكىلەر گاھى شۇنداق دەيدۇ ، مەن قارا تۇرۇك ئادەم  مەكتەپتە ئۇقۇمىغان ، ئۇ قارا تۇرۇك ئادەمكەن ، ھېچنىمە بىلمەيدىكەن .........دېگەندەك. ھازىر تۇرۇك سۆزى سەلبىي مەنىگە ئىگە بۇلۇپ قالدى
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 2355
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2355دانە
ئۆسۈش: 5240 %
مۇنبەر پۇلى: 29036 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-30
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-21 23:23

ياخشى ماقالە ئىكەن ....  
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1340
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1340دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 15240 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2012-03-30
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-21 23:27

رەھمەت كوپ بىلىمگە ئىگە بۇپ قالدىم ،،،  مىنىڭ بىر سۇئالىم بار ، بىلمىدىم ئىزدىنىپ باققانلار بارمىكىن ، تۇركى تىللار دىۋانى تىلى بىلەن ئوخشاش بىر دەۋىردە تۇركىيەدە مەيدانغا كەلگەن ئەسەرلەرنىڭ تىلى قانچىلىك پەرىق قىلىدىغاندۇ ، يەنى پەرىقى ھازىرقىدىن كۇچلۇكمۇ ئاجىزمۇ دىمەكچى؟
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 925
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە925دانە
ئۆسۈش: 3260 %
مۇنبەر پۇلى: 11612 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2012-03-30
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-21 23:59

    ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز ، رەخمەت سىزگە .
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...
دوستلىشىش
قۇتلان
ئۈمۈت بىلەن ياشىغن ھەركۇن......
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 326
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 80
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە80دانە
ئۆسۈش: 665 %
مۇنبەر پۇلى: 1203 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-17
ئاخىرقى: 2012-03-30
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-22 01:29

تېما يوللىغان دوستىمىزغا كۆپ تەشەككۈر، بىلشقا تىگشلىك نۇرغۇن بىلملەرنى بىلۋالدىم،
ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ قۇتقۇز غايىپتىن قەھرىمان كەلگۈچە
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1412
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 343
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە343دانە
ئۆسۈش: 290 %
مۇنبەر پۇلى: 3740 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-01
ئاخىرقى: 2012-03-29
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-22 03:01

Re:ئۇيغۇر نامىنى قوللىنىشنىڭ باش - ئاخىر     (غالىب بارت ئەرك)

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى rayhan نىڭ 2011-03-21 21:49 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
....ئىلمىي ئاساسىي كۇچلۇك ئەسەركەن .«ئويغۇر »دىگەن ئىسىمدىن مەھمۇت بوۋىمىزنىڭ «تۇركىي تىللار دىۋانى»دىكى  «تۇركىي مىللىتى »دىگەن ئاتالغۇنى ياخشى كورىمەن.
ئانداقتا سوراپ باقسام بەزىلەر «تۇرۇك »دەپ ئالىدۇ .مەنچە بولغاندا «تۇركىي »دەپ ئېلىنغىنى توغرىمىكىن دەيمەن .چۇنكى «تۇرۇك »دىگەن سوزنىڭ مەنسى ھازىرقى تىلىمىزدا ئۇقىمىغان ،بىلىمسىز ..دىگندەك مەنا بېرىدىغۇ دەيمەن ....خاتا بولسا تۇزۇتۇش بەرسەڭلار ....


بۇ يەردە بىر نەرسە ئايدىڭ بولمىغاندەك تۇرىدۇ ................... "تۇرۇك" دىگىنىڭىز خاتا ئاتالغۇ بۇنداق گەپ يوق
ئەسلى " تۈرك " دىسىڭىز توغرا بولىدۇ ..............
بۇ خۇددى " ئۇيغۇر " دىيەلمەي " ئۇرغۇي " دەپ  ئاتىغانغا ئوخشاش خاتا گەپ
كۆپچىلىكنىڭ " تۈرك " دەپ توغرا ئاتىشىنى ھەم توغرا يىزىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ...............................
بەدەل تۆلەش بولمىسا ئېرىشىشمۇ بولمايدۇ