ئىمدى............سىېن ئا.......!تۇشتىنما ؟
[/quote]
ئەسىىلامۇئەلەيكۈم:

بۇ قانداق گەپ ئەمدى؟! بىر قارىسام ئىملادا خاتالىق باردەك يەنە بىر قارىسام بىز ئاتۇشلۇقنىڭ بولۇپمۇ ئاتۇش ئاغۇ يېزىمىزنىڭ تەلەپپۇزىنى دوراۋاتقاندەك بىلىندى؟! ئاغزىمىدا دىگەندە سەل دورىيالىغاندەك قىلغان بىلەن ماۋۇ يېزىقتا ئانچە دىيەرلىك ئىپادىليەلمەي قالىمىزچۇ؟!!!!
ئىملادا خاتالىق بولسا تۈزۈپ قوياي :<ئەمدى.......سەن ئاتۇشلۇقما؟!>..ئەگەر تەلەپپۇزىمىزنى دورىغان بولسا مەنمۇ جاۋاپ بىرىۋىتەي ئەمسە:<ھە، نىم دەيسى؟! مېن ئاتۇشلۇق دەيما؟!)
بىز ئاتۇشلۇقلار ئادەتتە سەن دىگەن ئاتالغۇنى كۆپرەك ئىشلىتىپ قويىمىز بولۇپمۇ ھەممىڭلار كۆپ دورايدىغان تەلەپپۇزنى قوللىندىغان ئاغۇ يىزىمىدا بۇ<سەن>ئاتالغۇسىنى بەكمۇ كۆپ ۋە كەڭ دائىرىدە ئىشلتىدۇ. ھەتتا كىچىك بالىلارمۇ چاچ-ساقاللىرى ئاقىرىپ كەتكەن چوڭلارنىمۇ <نىم دەيسە ھوووووي>دەپ چاقىرىپ قويىدۇ. بۇ باشقا يۇرۇتتىكىلەرگە بەلكىم ھۆرمەتسىزلىك ۋە قوپاللىق بىلىنىشى مۇمكىن ئەمما شۇ يىزىمىزغا نىسىبەتەن ئۇمۇملىشىپ كەتكەن ئادەتتىكى ئىش ھىسابلىنىدۇ. باشقا يىزىللىرىمىزدا ھەم شەھەر ئىچىدە ئۇنچە بەك ئەمەس.<سىز، سىلى، ئۆزلىرى>دىگەن ئاتالغۇنىمۇ ئىشلىتىپ قويىمىز. مانا مەن كۆپىنچە سىز ۋە سىلى ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىمەن. <سىلى> نى ئاساسەن تەنە گەپ قىلىپ قالسام ئىشلىتىمەن ئەمما ئائىلەمدە <سەن>دىگەننى ئىشلىتمەن.<سەن>ئاتالغۇسىنى ئاتا-ئانامغا ئىشلەتكىنىمدە باشقىلار ھەيرانلىق ھىس قىلسا (<سەن>دىگەن شىرىن سۆز، <سىز> دىگەن سۆرۈن سۆز)دەپمۇ قويىمەن......
[ بۇ يازمىنىanjura 2011-03-21 19:45قايتا تەھرىرلىدى ]