بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى anjura نىڭ 2011-03-20 22:10 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:
كىمدۇ بۇ ئەمدى؟! ئادەم قورقاتماڭ-ھە كۆۋرۈك قېرىندىشىم. ياخشى ئەنجۈرە دەپ ئەنجۈر دىگەن خەتنىڭ ئاخىرىغا <ە> قوشۇمچىسىنى قوشۇپ ئاياللىقىمنى ئىپادىلەپ قويغىنىم بولمىسا ماڭا مۇش، تاياق-توقماق ئاتىمەن دەيدىغان ئوخشايسىز؟!

بۇرۇن يۇرتىمىزدا تور تاقىلىپ كەتكەن مەزگىللەردە ئىچكىر ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار يىغىلغان بىر قانچە مۇنبەر بار ئىدى شۇ مۇنبەرلەردە <ئەنجۈر> دىگەن ئىسىم بىلەن كىرسەم مانا ماۋۇ كۆۋرۈك قېرىندىشىمىزدەك مىنى ئوغول بالا دەپ قالغانلار ئاز چىقمىغاچقا ئىسمىمنى ئۆزگىچە <ئەنجۈرە> دەپ قويۇۋالغان ئىدىم. ئەمدى بۇ مۇنبەردىمۇ ئىسمىمنى،جىنىسىمنى ئېنىق دەپ قېرىنداشلار ئالماشتۇرۇپ قويماڭلار دەپ تىما يوللىسام بولامدۇ قانداق؟!
بۇ مۇنبەردە مەن تېخى ئەنجۈرەسىدىن مەنلا بار ئوخشايمەن دىسەم ئەنجۈرىدىنمۇ بار ئىكەن ئەمەسما؟! لىكىنزە بۇ تاھىرجان يۇرۇتداش ئەنجۈرنى بەكلا ئەرزان سېتىۋىتىپ بارامدۇ قانداق؟! بىر يۈەئەنگە تۆتنىمۇ ساتامسىز؟! مەكتەپكە بىرىپ كىلىش يولىدىكى قونالغۇ بولغان ئۈرۈمچىدە بىر، ئىككى كۈن تۇرۇپ قالغىنىمدا بىر كويغا بىر دەپ ئەنجۈر سېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىمەن. ئۇ ئەنجۈرلەرنىڭ سۈپىتى ئۇنچە بەك ياخشى دىيەرلىكمۇ ئەمەس ئىكەن بولمىسا(ۋاقىت ئۇزىراپ كەتكەچ شۇنداق بولۇپ قالغان).........
.......